ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 315 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئېلان :چۈشلىرىمگە كىرمە !
دوستلىشىش
ۋاپادارىم912
جىم تۇرما يۈرەك
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 36
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
تۆھپىسى: 144
پۇلى: 777 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 199
ياخشى باھا: 461
توردا: 44(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-03-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-23 23:57

ئېلان :چۈشلىرىمگە كىرمە !

    ئېلاندىن خوشۇم يوقمۇ ئەمەس ،ئۇمۇ بىلىشنىڭ بىر شەكلى ،لىكىن يەۋەرسە ھەسەلمۇ ئەمەن تېتىيدۇ دەپ مۇشۇ قايتا -قايتا3قېتىم  دەپ ئىچىمنى پۇشۇرىدىغان ئېلانلاردىن تولىمۇ بىزارمەن ،لىكىن تىلى چىقىشىغا ئەگىشىپ بالام ئېلانلارنى قويماي كۆرۈدىغان ،ھەتتا ياد ئالىدىغان بولدى ..
ھەي ،دېخانلار ،ھەي دېخانلار ،
مەن بولمىسام سىلەرگە نەدە لەغمەن ،ئاق نانلار .

    مانا ،بۇ بالامنىڭ دائىما يادلايدىغان ،ياخشى كۆرۈدىغان ئېلانى ،نەچچە كۈن ئاۋۋال دادام تاماق ۋاقتىدا قاتتىق يۆتىلىپ كېتىپ قەي قىلاي دەپ سۇخانىغا مېڭىۋىدى پىيالىسىدە تۈگرە يەۋاتقان بالام خىيالىدا يوق :ئاجايىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىپنى يە چوڭ دادا ،دېگەن كۈلۈپ تېلىقىپ قالدۇق ،مانا بۇيېشى  2دىن ئاشقان  ئېلانخۇمار بالىنىڭ قىلىقى .
بالامغا ياردىمى بولسۇن دەپ ھەر كۈن كەچ 7يېرىمدا مەركىزى 4-قانالدا قويۇلىدىغان قويۇلىدىغان 30مىنۇتلۇق ئېقىم مەسىلىلىرى مۇلاھىزىسىنى كۆرگەندىن سىرىت ۋاقىتتا باشقا قاناللارنى كۆرۈپمۇ قويمايمەن ،
تۆنۈگۈن چۈشتىن كىيىن بالىلار بىلەن سوقما تاش ئوينايلى دەپ قىززىقچىلىقتا 6سائەت ئويناپ سەل ھاردۇق يېتىپتىكەن ،ئۆيگە كېلىپ تور ئېچىشقىمۇ خۇش مادار يوق بالام بىلەن -2قانالدىكى ئېلان ،خەۋەر ،كىنولارنى قويماي كۆرۈپ ئايالىم ۋە بالام قويماي كۆرۈۋاتقان كورىيە فىلىمى قويۇلىۋاتقاندا ھارغىنلىقتا ئۇيقىغا كېتىپتىمەن .چۈشلىرىمدا يەنە سوقما تاش ،تاڭ تاڭ تاڭ قىلىپ ئۇرىلىۋاتقان ،چۈشىۋاتقان تاشلار ،قىززىق يېرى بۇ ئېلانلارغا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرى يەتمىگەندەك ھەتتاكى بورتتىكى  ھەر بىر تاشنىڭ ئۈستىدە 1-15كىچە نومۇر يانلىرىغا بىللە قىلىپ ئېلان ئىسىملىرى يېزىلغۇدەك ..دوستۇم ئىككىمىز  ئېلان ئۆلتۈرىمىز دەپ  سوقما تاشلارنى چوڭ كىچىك تاش دەپ ئايرىماي  ئالماشتۇرۇپ ئۇۋىرىۋىپتۇق ،چۈش دېگەن ئاجايىپ نەرسە دە ،خۇددى ئېتەكلار ياقا بولدى  ياقىلار ئېتەك دېگەندەك! چۈشلىرىمدە پۈتۈن ئېلان سۆزلىرىنى ئاستىن ئۈستىن قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ئوقۇۋاتقۇدەك ....

    گۇمىگەي كاپسۇلىنىڭ سېگىنالى ياخشى ،يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە بىمالال سۆزلىشەلەيسىز ،بۇ كاپسۇلنى ئىچ گۆرلىككە مىيىتنىڭ يېنىغا كۆمۈپ قويسىڭىز سىگىنالنىڭ توشاقلىقىدىن ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئاۋازلارنى بىمالال ئاڭلىيالايسىز ...13-نومۇرلۇق تاش سېرىدىنگە چۈشۈپ كەتتى .
   مەشرەپ كارتىسىنى ئىشلىتىپ بەل پۇتۇم تالمايدىغان ،بوغۇملىرىم ئاغرىمايدىغان بولدى ،بەل پۇت ئاغرىقىنى داۋالاشتا ،مەن مەشرەپ كارتىسىغا ئىشىنىمەن ،بەلدە سۈيى يوق ،ۋايجانغا كۈيى يوق بۇرادەرلەرنىڭ مەشرەپ كارتىسىنى ئىشلىتىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن 14-نومۇرلۇق تاش ئۇگۇلدىن زوڭزىيىپ چىقماسما ،بىر كارتىغا ئىشەنگىچە خۇداغا ئىشەنسەڭچۇ گۇي دەپ  تاڭڭىدە قويۇپ چۈشۈرىۋەتكۈدەكمىز .
ئالىمجان ،بالام ،ئۆيدە توڭلاتقۇ قالماپتۇ ،تۇتىڭە ما 1 سومنى ،غاچچىدە چىقىپ مەھەلىدىكى ماگىزىندىن بىر نەپەر توڭلاتقۇ ئېلىپ كىرىڭە بالام ،بوۋىڭىز ئۆزى چېلىپ تۇرسۇن ناغرىنى ،
مانا ،جەۋھىرى تائام ماركىلىق توڭلاتقۇ ،بۇ توڭلاتقۇدا پولو ئەتسىڭىز  ئاجايىپ ئوخشايدۇ دەپ 11-نومۇرلۇق تاش بەئەينى ئەرۋاھ تىرىلىپ چىققانداق تۇيۇقسىز قاڭقىپ چىققان  ،دوپلاپ ئۇگۇل دەپ شاققىدە چۈشۈرىۋەتتى دوستۇم .
  
مېنى سويغىن ھەي بالا  ،
دۇئا قىلغىن ھەي بوۋاي .
قېنى بېلە پىچاقنى ،
تەكبىرىڭنى مەن ئېيتاي
تەقۋادارلارغا تەبلىغ:ئىشەنچىلىك توخۇ يەي دېسىڭىز ئۆغلانلىرىمىز زەبىي قىلغاندا ئۆزى تەكبىر ئېيتىپ ،مەن رازى دەپ رازىلىق بېرىدىغان ئۈلكەر تەقۋادار  شاكىلاتلىق توخۇلىرىنى ئىستىمال قىلىڭ .توخۇنىڭ سۈرىتى بار 15-نومۇرلۇق تاشنى بىگەر ئۇرۇپ ئۇگۇلغا چۈشۈرىۋەتتىم ...
بورتخانىدا ،كورتخانىدا ،تورتخانىدا ،ساڭنادا ھامىلدار بولالمىغاندا بىز يەنىلا ئۆغۇزخان ئې د ۋ د نى ئىشلىتىمىز ،ئوغۇزغان ئې ۋ د  سىدا ھەر قانداق بۇزۇق لېنتىلارمۇ ھامىلدار بولالايدۇ ،ساغلاملىقتىكى ھەمرا - بۆرەكنىڭ سۈرئىتى بار 12-نومۇرلۇق تاش ئاپىراتىنى سېرىدىن  چۈشۈپ كەتتى.
4567سېرىدىننىڭ يېنىدا سىجېزا بولۇپ قاتار تۇرغۇدەك ،7نومۇرلۇق تاش 4-نومۇرلۇق تاشقا -باتۇق سېغىزى چايناڭ دېسە 4-نومۇرلۇق تاش ئىشەنچىلىكمۇ دېگۈدەك .
خاتىرجەم بولۇڭ دەپتۇ 5-نومۇرلۇق تاش،بۇلار مۇسۇلمانچە !
شۇنىڭ بىلەن 4-نومۇرلۇق تاش تەمكىن ھالدا : مالايسىيا  شىنۇاشەن دوختۇرخانىسىدىن كەپتۇ ئەرچاپ ئىچىملىكى ،سەئۇدى ئەرەبىستان مېھرى شەپقەت دوخـۇرخانىسىدىن كەپتۇ باتۇق سېغىزى ،ئۇنى دەيدۇ بۇنى دەيدۇ دەت تۆككەنگە يەتمەيدۇ،يەڭلار باللىرىم ،چاينىغىن خوتۇن !
تاڭ تاڭ تاڭ قىلىپ كەينى كەينىدىن 4 تاش ئالغۇدەكمەن .
-ئاجايىپ ھامىلدار بولدى يا خوتۇن  ،ئاجايىپ ماركىلىق ئىچ كىيىمنى كەيگەندىن كىيىن ئاجايىپ ھامىلدار بولىدۇ دە .ئاجايىپ كۇسىرىنى كەيسىڭىز ئاجايىپ بىر ياڭزا ھامىلدار بولۇسىز .
ھۇ تېتىقسىز ئېلان دەپ سەكرەپ چىقىشىغا ئەرجېزا قىلىپ 2-نومۇرلۇق تاشنى ئېلىۋەتتى دوستۇم .
-ئادەم قانداق بولغاندا گوموروي بولۇپ قالىدۇ ،ئۇزۇن مۇددەت بورت ئوينىسا ،تالاغا قاراپ قالسا ،گوموروي كاپسۇلى يېمىسە ،تەرەت قىلغاندا چالما ئىشلەتمىسە ۋەھاكازالار .....1-نومۇرلۇق تاش ئىنجىمەرۇقتەك تۇرغان ئىدى ،ئاغىنەم 8-نومۇرلۇق تاشقا ئالدى شار دەپ شاققىدە ئۇرۇپ ئېلىۋاتتى .
پەرزەنىتلىك بولالماسلىق كېسىلىنى داۋالىتاي دېسىڭىز شىرئەلى سودا شەھەرچىسىنىڭ 3- قەۋىرىتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئۆي جاھازىلىرىنى سېتىۋىلىڭ،نەنزىگو  بوئەي دوختۇرخانىسىدىكى شى دوختۇر ئۇيغۇر ياش ئەر خوتۇنلىرىنىڭ بالا تاپالماسلىق مەسلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن "بارلىقىم ئۇيغۇرلار ئۈچۈن" باش تېمىسىدكى چ چ دا تومۇر تۇتۇپ داۋالاش ،توختام تۈزۈپ تۇغدۇرۇش پائالىيىتى قانات يايدۇردى ،شى دوختۇر شۇنداق كاپالەت بېرىدۇكى ناۋادا ھامىلدار بولالمىسىڭىز ،ئۆزۈم تۇغىمەن .10 نومۇرلۇق تاشقا تەسۋىرىي ئويۇلغان ئېلان رەسىمىنىڭ سېرىقلىقىغا  قاراپ خۇيۇم تۇتۇپ سوگەر ئۇرۇپ بەك چىرايلىق چۈشىرىۋەتتىم .
روھىيەت نېمىگە زار بولسا شۇنى كۆزگە تۇتىيا قىلىدىغان ئىش ئىكەن دەپ تۇيۇقسىز گەپ باشلىدى سېرىدىننىڭ يېنىگە قىستىلىپ تۇرغان 9-نومۇرلۇق تاش ،
90-يىللاردا ئۆي تاملىرىغا ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا- ئان،ا بوۋاي- موماي- قېرىنداشلارنىڭ رەسىمىنى ئاساتتۇق ،2000-يىللاردا قۇرئان ئايەتلىرىنى ئاسىدىغان بولدۇق ،ئويلايمەن ،تاڭلا تۆت كۈندىن كىيىن ئۆيلىرىمىزگە 32ھەرىپىمىزنى ئېسىپ قويارمىزمىكىن تاڭ ..
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تولىمۇ ئازاپلاندىم ،لىكىن بورت-سوقما تاش ئويناشتىن مەقسەت تاش ئېلىش ، تاش ئالماي بولمايدۇ دە ،بەلەن ئېلان دەپ ساقىنى ئاستا ئۇرۇپ 9-نومۇرلۇق تاشنى ئۇگۇلغا قىستاپ،قىستاپ ،نىقتاپ  چۈشۈرىۋەتتىم .
كېلىن بالام ،بوۋاقتىن بىرنى يۈتۈپلا كىردىڭىزما ،ئىككى قات بولۇپ قاپسىزغۇ ؟
-ياق ئانا ،ئوغوللىرى ئىككىمىز چاڭلىيۈەنگە چايغا بېرىپ  شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە قورسىقۇم يوغىناپ  ھامىلدار بولۇپ قالدىمغۇ تاڭ ؟
ھە ،مۇنداق دەڭ ،مەن تۇل خوتۇن ئۇ ياقلارغا بارمىسام بولغۇدەك جۇمۇ .60تىن ئاشقاندا سىزىك بولۇپ يۈرمەي يەنە ،ھى  ھى ھى !
3-نومۇرلۇق تاشتىن چىققان مۇشۇ سادالارغا قاراپ كۈلۈپ تېلىقىپ قالغان دوستۇم بىقىنلىرى تۇتۇپ تۇرۇپ جاگەر بىلەن بۇ تاشنى ئېلىۋەتتى دە بېرلىيات ئۈستىلىدە يالغۇز قالغان 8-نومۇرلۇق خىباغا قاراپ بورتخانىنى كۆتۈرىۋەتكۈدەك يۇقىرى ئاۋازدا ؛
-كىشلىك ھاياتتىكى تۇنجى قەدەم خىيبادا ،خىيالچان تىلەكلەر خىيبادا ،گۈزەل ئەستىلىك چاغلار  خىيبادا ،ئىشچان يىللاردىكى  ئۇنتۇلماس مىنۇتلار خىيبادا ،قاردەك گۈزەل تېلەكلەر خيىيبادا .. سوقما تاش ئويناشتىكى ئاخىرقى نىشان خىيبادا .ئاھ خىيبا دەپ شۇنداق ئۇردىكى 8-نومۇرلۇق تاش ئەرفەن -ئىككى قاڭقىپ سېرىدىنگە ئېلىۋەتتى ...
كۆزىمىزدىن يوقاتقان ئېلانلاردىن مۇستەسنا تىنىچقىنە قالغان تاشسىز بېرلىيات ئۈستىلىگە قاراپ دوستۇم ئىككىمىز  قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇدەكمىز ..
ۋاھ ھا ھا ھا ھاھا ،،،ۋاي پوق پۇراپ كەتتى پۈفىي .....شۇنداق ئەندىكىپ ،سەسكىنىپ ئىتتىك ئويغىنىپ كەتتىم ،ئۇ ف ،يۇقارقىلار چۈشۈم ئىكەن ،چۈشۈمدە كۈلگەنلىرىم سىرىتقا چىقىپ كەتكەن چېغى ،كورىيەنىڭ "مېھىرلىك كۆڭۈللەر "فىلىمىنى كۆرىۋاتقان بالام ،جۈنيىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتمىدىڭ دەپ زۇۋانىمنى ئەتمەك بولۇپ يالىڭاچلاپ يۈزۈمدە ئولتۇرىۋالغان ئىكەن ...ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق ،ھەي ئاجايىپ چۈشلەر ،ھەي قىززىق ۋاپادارىم ....


شەھرى بورتالادا ئۆرۈلدى ..




چېكىنىش- ۋاز كېچىش ئەمەس !
ۋەتەن - ئىمان بىلەن بىر جان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
تۆھپىسى: 34
پۇلى: 181 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 141
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-26 21:23

ۋاپادارىمنىڭ يېقىننىڭ ياقى ئۇيقۇسى ياخشىلانغان ئوخشايدۇ، خېلى بولغان بۇنداق چۈشىمىگىلى.