يەر شارى تورى خەۋىرى: روسىيە نامايىشچىلىرى 24-دېكابىر كۈنى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەمدىكى كۈچ كۆرسىتىش ۋە نامايىش پائالىيىتى تەشكىللەپ، روسىيىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى دۇما سايلىمى نەتىجىسىگە بولغان قارشىلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغان. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سابىق پرىزدېنتى گورباچيېفمۇ بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتنىشىدىكەن. 23-دېكابىر ئۇ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋە پۇتىننى ‹نومۇسسىز›،‹كىشىنى ئوسال ئەھۋالغا قالدۇرىدىغان ئادەم› دەپ ئەيىبلىگەن ۋە بۇندىن بۇرۇن پۇتىننى ئاكتىپلىق بىلەن قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن نومۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ‹كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى› نىڭ 23-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 24-دېكابىردىكى نامايىشنىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، گورباچيېف روسىيىدىكى بىر لېبىراللار گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كرېمل سارىيىنى تارىختىن بۇيان بولۇپ باقمىغان ئەڭ قاتتىق سۆزلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ ‹ مەن پۇتىننىڭ روسىيىدىكى بىر قاتار نامايىشلارغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولمىغانلىقىغا قاتتىق ھەيران بولدۇم ۋە ئۈمىدسىزلەندىم، مەن بۇرۇن ئۇنىڭ ئەڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرىدىن ئىدىم، ئۇ ھوقۇق يۈرگۈزگەندە، مەن مەيلى قايسى جايدا بولاي، مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ياكى سىرتىدىكى ئىشلاردا بولسۇن، ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئۇ قوللاپ كەلگەنىدىم، ئەمما ھازىرچۇ...؟› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ ئۆكۈنىشىنى ئىپادىلىگەن.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، گورباچيېف يالغۇز پۇتىننىلا ئەمەس يەنە مىندىلىيېۋنىمۇ تەنقىدلىگەن. ئۇ مىندىلىيېۋنىڭ ئاۋام ئوتتۇرىغا قويغان ‹ ئىشەنچلىك ئەيىبلەشلەر› گە قارىتا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۇنىڭ سىياسىي ئىشلىرىغا زور دەرىجىدە پاسسىپ تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 24-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان قارشىلىق كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر قېتىملىق سىنىقى بولۇپ قارالغان. گورباچيېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بەلكىم كوللىكتىپ يىغىن تەشكىللەپ، سۆز قىلىشى مۇمكىنكەن، نۇرغۇن مۇخبىر، يازغۇچىلار ۋە ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆز قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. (خالىسە ئەھمەد)