يېڭى يىل ھارپىسى
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
قار ياغماقتا
لەپىلدەپ.
ئاق قار - ئاق چېچەك،
قۇت - بەخىتتىن بېرىپ-
خۇش خەۋەر.
يۇمىلاق سائەت،
ئېسىقلىق-
تۇرىدۇ تامدا،
كۆزلىرىنى ئوماققىنە پاقىرتىپ.
<< 0 >> گە
ئىستىرىلكىسىنى سېكىنۇتنىڭ،
پەيكان قىلىپ،
ئاتماققا بەتلەپ.
ئاق قار- ئاق چېچەك،
چۈشمەكتە،
لەرزان،يېنىككىنە لەپىلدەپ
پاكلىق ئىچىدە ئۇ-
سۈرۈپ سەلتەنەت.
قەلبىمدە بىر ئارمان،
ئايرىۋاشلاپ كونا ھاسامنى،
ئۆزەم سۆيگەن يېڭى قەلەمگە،
يازماق بولدۇم-
يېڭى روھ بىلەن
يېڭى يىلنىڭ ئاپئاق كۆكسىگە،
نەقىش قىلىپ-
گۈزەل تاڭلارنى!