گۈل خۇمار خەلقىم
ئوخشىتار ئىنسانلار گۈزەلىنى گۈلگە،
تەستىقلار بۇ ھالنى قەلبىممۇ مېنىڭ.
ۋايىغا يەتكەندە ئوماق ياشلىقىڭ،
گۈل يەڭلىغ جىلۋىدار ئوبرازىڭ سېنىڭ.
گۈللىنىپ يۈكسەلگەن ئانا تۇپراقنى،
زوقلۇنۇپ ئوخشىتار گۈلزارغا شائىر.
ئەدىبمۇ ياراتسا رەڭدار ئەسەرلەر،
دەيدىغۇ << ئىجادىم ئەيلەندى زاھىر!>>
تارىخنىڭ بېتىدە،خەلق شادلانغان،
دەۋرىنى گۈللەنگەن دەۋىر دەيدىكەن.
قارخان سەلتەنەت قۇچقان چاغلارنى،
كىشلەر توزىماس بىر گۈل دەيدىكەن.
ئەجدادلار ئەزەلدىن غالىپ ئوغلىنىڭ،
قەھىرمان كۆكسىگە گۈللەر قادىغان.
تەمبۇردا مۇقامنى چالسا نەفىسە،
شاھ رېشىت قولىنى گۈل دەپ ئاتىغان.
دېمەككى،ئەزەلدىن خەلقىمىز ئامراق،
جىمىكى ئىشلارنى گۈلدەك قىلىشقا.
شۇڭلاشقا چىمەندىن دوپپا كىيىدۇ،
ئەر - ئايال،قېرى -ياش ھەممىسى باشقا.
<<سالام؟>>دەپ ئۆيلەرگە كىرسەڭ مۇبادا،
تاملىرى بىزەلگەن گۈللۈك گىلەمدە.
يۆلەنسەڭ گوياكى گۈلدەك تەۋرىنەر،
زەدىۋال شۇنچە ئۇز ئىككى مۈرەڭدە.
قىزلارنىڭ ياغلىقى،ئەڭنىمۇ گۈلدۇر،
ئۈستىۋاش ئاجايىپ گۈلگە پۈركەنگەن.
ئوسمىسى،خېنىسى قىلار مەھلىيا،
بەئەينى جاھانغا گۈلدەك تۆرەلگەن.
ئىشچاننىڭ كەتمەن ۋە سايمىنىغىمۇ
قاراپباق چىرايلىق نەقىش ئويۇلغان.
نە نەقىش،ھەممىدە گۈلنىڭ ئەندازى،
پىچاققا،غىلاپقا گۈللەر تېرىلغان.
ئالدىڭغا قويۇلغان پولۇمۇ راڭدار،
يەپ بولۇپ قارىساڭ لېگەندىمۇ گۈل.
قول سۈرتۈپ بولغىچە رومالغا قارا،
توقاچقا گۈل چېكەر،پىيالە تۈگۈل.
بىنالار سەتھىدە نەقىشلەر كۈلەر،
دېرىزە ئالدىمۇ گۈلدىن بەھرىمەن.
ھويلىنىڭ ئەتراپى گۈلگۈن بىر ئالەم،
مەستخۇش بولۇپ سايرايدۇ بۇلبۇل شادىمان.
ھە،شۇنداق خەلقىمىز گۈلنى سۆيىدۇ،
ھەر ئىشقا گۈللەردىن ئورنەك ئالىدۇ.
ھە،تېخى يەتتىگە كىرمەي باللىرى،
باھاردا گۈللەرگە چۆنەك ئالىدۇ.
ئۈمۈدۋار خەلقىمىنىڭ ئۇلۇغ غايىسى-
ئىستىمەك جاھاننى گۈللگە پۈركەشنى.
گۈللەرگە چىن ئاشىق بۇ ئىشچان خەلق
ئىزدەيدۇ ئايغىمۇ گۈللەر تېرىشنى.
مەنبە؛ << ئۆمەرجان نىيازى شېئىرىللىرى >>دىن
[ بۇ يازمىنىئۈمىديار 2011-12-26 18:35قايتا تەھرىرلىد ]