ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 474 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ‹‹گۈللەر...›› سېنىڭ نامىڭدىن سۆزلەر
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 367 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 332
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-20
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-26 19:46

‹‹گۈللەر...›› سېنىڭ نامىڭدىن سۆزلەر

     ‹‹ گۈللەر›› سېنىڭ نامىڭدىن سۆزلەر  
                   (ئوبزور)               
  قاراخان
            شائىر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ‹‹گۈللەر سۆزلەيدۇ››  ناملىق    توپلىمىدىكى    قانتېپەر شېئىر-بىېيتقا بولغان ئامراقلىقتىن شېئىر مىللىتىنڭ  ھېرىسمەن -ھەۋەسكارى بولۇشتىن چەتتە تۇرالمىدىم .شۇڭا ئۆزۇم خوپراق شئىر -نەزمە پۈتەلمىسەممۇ پۈتكەنلەردىن كۈتكەنلىرىم ئەلگە ئورتاق  بولسۇن دىگەچكە يەككە  تۇرالمىدىم ... 1500يىلنىڭ ئالدىدىكى جەزىبىدار كۈي ‹‹تۇرا ناخشىسى››دىن ھازىرقى ‹‹تۈگىمەس ناخشىا ››غىچە،تەنلىرىمىز ياپراق بولغۇدەك قانچىلىغان ئىزتىراپلىق شېئىرلاردىن بەھىرلىنىپ گوياكى تويۇنغان ئېرىتمە ھالىتىگە كېلىپ قالساقمۇ تىلىمىزدا دىلىمىزدا ،ئويىمىزدا ، بويىمىزدا يەنىلا شېئىرنىڭ غەلۋە ،پۇراقلىرىدىن خالى بولالمايدىكەنمىز. بىزگەشۇنداق شېئىر كېرەك؛ - قۇلىقى پۈتۈكنى ، دىلى ئۈزۈكنى،ياكى ‹ئۆلۈمتۈك› نى ،ئۇسۇلغا سالالايدىغان،بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك:ئىللىق مېھرىدىن مېھرىمىزگە مېھىر ئاتا قىلالىغان مېھرىۋان ئانىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك :‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت›لىرى بىلەن ‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت › لىرىمىزنى ،زىيادە ئەتكەن غەمگۇزار ئاتىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك: سۆيگۈ دېڭىزىدىن  سۆيدۇرگۇ ئىلتىپات ئېتىپ تەشنالىقىمىزنى بويسۇندۇرغان  ۋاپادار گۈلنىگارىمىزغا ئوخشاش، بىزگە ھەتتا شۇنداق شېئىر كېرەككى ، تەڭرىنىڭ دەرگاھىدىن ھەر بىرىمىزگە نېسىپ بولۇپ ئەكس سىياقىمىزنى ئىزھارئېتىپ تۇرغان ھالال پەرزەنتىمىزگە ئوخشاش!
        مەن دەل شۇنداق شېئىرلار  بىلەن  ئېلىم ئەلدەك ،مۈشكۇللىرىم ھەلدەك ، ئاتقان ئوقلىرىم دەلدەك ئولجا ھېسلارغا  ئەسىر  بولىمەن . قاچانلاردا ئا.س.پوشكىننىڭ ‹‹گۈل›› دىگەن شېئىرىنى ئوقۇپ ئۇنى غايىۋانە ھالدا ئۆزۈمنىڭ قىسمەتلىرىگە تەققاسلاپ كەتكەنلىگىمنى : يەنە قاچانلاردا  مۇھەببەتكە تۇتقۇن شائىر ئابدۇللا ئارىپوۋنىڭ ‹‹سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ ››دىگەن شېئىرلىرىغا جاۋابەن  بوينۇمنى قىسقانلىغىمنى:‹‹مەرھابا ئىنسانغا زوق بەرگەن باھار››-دىگەن  شېئىرنىڭ مۇئەللىپى ئەي  چىڭنىڭ ‹‹دايەنخې -سەن  مېنىڭ ئانام››-دىگەن شېئىرلىرىنى تەكرار-تەكرار ئوقۇپ  ،ئۆزۈمنىڭ كىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىگىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن ئەسلەپ  يەنە نە  ئۈچۈندۇر سەۋەپسىزلا پەسلەپ قالغانلىغىمنى قىياسىمغا ئېلىپ مىجەزىم يىرىكلىشىپ قالغانىدى. ئاقىۋەت ‹‹ئالمىدەك  يۈرەككە ئالەمچە سۆيگۈ،، تارتۇق ئەتكەن‹‹تۇپراق››-دىگەن شېئىردىن كۆڭلۇم تەسكىن تېپىپ ئەسلىمگە  قايتقاندەك بولدۇم . ئۇنىڭدا شۇنداق دىيىلگەن ئىكەن:
        ..........
  ‹بىر يەردىن بىر تال چۆپ يۇلۇپ كۆرگىنە
  باغرىمدىن  سۆكۈلەر  ئۇنىڭ   يىلتىزى ...›

       مانا بۇ  قەلىمى چاپقۇر ، زېھنى تاپقۇر  شائىرنىڭ ئانا تۇپراق ۋە يېشىل گىياھقا قوشۇلۇپ چىقارغان ساداقەت كۈيىنىڭ  ‹13-مۇقامى›!؟ ‹‹گۈللەر سۆزلەيدۇ›› 34-بەتكە قارالسۇن.... مەسلەكداش ۋە ئوقۇلداش  ئابلىكىم خېۋىرنىڭ ‹‹مەۋجۇدىيەت ۋە 21-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى››-دىگەن ماقالىسىدا :‹‹.....شۇنداق قىلىپ  ۋەتەنپەرۋەرلىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇكەممەل يېزىلىپ بولغاندەك قىلىدۇ ،بۇنىڭ ئۆگزىسىنى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ياپتى ››-دىيىلگەن بولسا ‹‹تۇپراق›› -دىگەن شېئىر دا ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۆگزىسىدىن دەل تۈڭلۈك ئېچىلدى دىيىشكە بولىدۇ.ئەگەر ئۇنداق ئەمەس دىيىلسە شائىرنىڭ ‹‹ئۇۋا››-دىگەن شئىرىدىكى ئېزگۈ ھېسلاردىن  ھۆپۈپنىڭمۇ نىمىشقا ئۆز ماكانىنى ئەزىزلەيدىغانلىغىنىڭ تەكتىگە تېخىمۇ چوڭقۇر يېتەلمىگەن بولاتتۇق .ئەلۋەتتە.
       بىز شائىرنىڭ  دەريا -كۆللەرنى ،دېڭىز- ئوكيانلارنى، ماكان تۇتقان مەخلۇقلار بىلەن بىرلا يەر شارى ياكى ئاۋات شەھەرلەرنى ماكان ئەتكەن ئالى مەخلۇقلار نىڭ نەپسى خاھىش،ئەيش-ئىشرەت ئۈچۈن تۆلىگەن قۇربانلىقلىرىغا  دارىتمىلاپ ،سېلىشتۇرما قىلماق بولغان   ئىبرەت -ئشارىسنى ،قەلبىمىزگە تاقىماق بولغان ئىنساپ ئىزنىگى  دەپ ئېتىبارىمىزغا ئالالايمىز.
    - ‹‹ ئانا بېلىقنىڭ بېلىجانغا قىلغان ئۈگۈت››-لىرىدە:
      ........
   ‹‹باغرىمىز ئاق ،بۇژغۇن ئاپپاق ،تاڭ ئاپپاق.
  تامچە ئاپپاق ،ئېقىن ئاپپاق ،يەر ئارا.
  ئويلاپ باقسام ھەممە ئاپپاق ،ھەي بىراق ،
  ئادەملەرنىڭ نىيەتلىرى قاپقارا.››--

      دىمەك،شائىرنىڭ قەلىمى بىردە قۇرۇقلۇق بوستاننى ،بىردە ئەرش -ئەلا ئاسماننى ،بىردە دەريا  -ئوكياننى تىلغاپ ،ئاسماندىن- يەرگىچە، يوقلىقتىن- بارلىققىچە،ھەممىنى سۆزلەپ بىزنىڭ دىلىستانىمىزنى بىردەك ئىلكىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ توسۇن  قەلىمى تەبئەتتىكى ھەر بىر شەيئىنىڭ يۈرىگىدە بىمالال يورغىلايدۇ. شورپا يۈزىدىن ،شائىر سۆزىدىن مەلۇم دىگەن شۇ بولسا كېرەك ،بىز توپلامنىڭ قوينىدىكى ھەر بىر سۆزدىن تارتىپ تىنىش بەلگىلەرگىچە، ئۇنىڭ بىزگە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا  دەپ كېتەلمىگەن ھېسلىرىغا ھەمنەپەس بولۇپ قايسى بىر شائىرنىڭ :‹‹سەپىرىمدە سەن ھامان مېنىڭ ،نىگاھىڭدا مەن ھامان سېنىڭ››-دىگەن مۇڭلۇق  كۈيىگە ئازاپلىق ئازاپتا شۇڭغۇپ كىرىمىز . شائىرنىڭ ئانا تەبئەت بىلەن بىر  تەن، بىر گەۋدە بولغان يەنە قانداقتۇر بىر خىل ھېسلىرىنى -بالايى -ئاپەتنىڭ يىلتىزى بولغان ئاچكۆزلۈك،  ،رەزىللىك ھەم بىر توغرام گۆش ئۈچۈن بۇلبۇلنى سويۇپ يەيدىغان ۋەھشىلىكىگە قارىتىلغان  مۇنۇ دىلئازارىدىنمۇ  كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس !
      .............
   ‹‹كىيىك ئەمەس ئاتقىنىڭ ،بالاڭ ئىنسان ،
   بالاڭ ئەمەس ۋە بەلكى ئاناڭ ئىنسان .
   ئاڭدىن ئۆتۈپ تەگدى ئوق تەبئەتكە ،
   نەپسى مىنگەن ئەقلىگە ساراڭ ئىنسان.

      ‹‹كىيىك مەرسىيەسى››نىڭ يۇقۇرقى بىر پارچىسى بىزگە ئانا تەبئەتكە بولغان ۋىجدانى مەسۇلىيەتنى ئەسلەتسە ،‹‹شۇڭقارلىرىم ئىگىز ئۇچ››بىزگە ئۇچار -قاناتلارغا  ئۇچالماي قالغان ئارمانلىرىمىزنى قانداق تېڭىشنىڭ نازۇك ھالقىلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بولۇپمۇ بىزنى كېچىسى جۆيلۇگەك ،كۈندۈزى سۆزلۇگەك قىلىپ قويىدىغان ‹‹تۇن تىۋىشلىرى›› گە  تېگىش قىلىپ باقساق  يۈرۈكىمىز باشقىچە دۈپۈلدەيدۇ...
    ........
‹‹تومۇرىمىز تۇتاشتۇر كۈلكىسىگە دائىما،
مىڭ ئەسىرگە تەڭ بەلكى مېنىڭ مۇشۇ بىر كۈنۈم،
قاچماق بولغان ۋاقىتنىڭ مەن بارمايمەن رايىغا ،
ئۇچار مىڭ يىل بوشلۇقتا بىر كۈندىكى مىڭ ئۈنۈم ......

     گەرچە بۇ شېئىردىكى مۇبالىغىدىن بىز سەل شەكلەنسەكمۇ ئۇنىڭدىكى چىن ھېسسىياتنىڭ تەبئى تەپتىدىن يەكلەنمەيمىز . شائىرنىڭ مىللەتنىڭ قەلبى ھېساپلانغان ئانا تىلىمىزغا  زىننەت ، ،نەقىش ئەتكەن شېئىرى تىللىرى  پاساھەت ،بالاغىتى بىلەن بىزنىڭ ھامىلىق قىلىشىمىزغا مۇھتاج بولىۋاتقان  تىل مەدەنىيىتىزگە ، روھىمىزغا جاسارەت تېنىمىزغا قان،ھارارەت  بەخش ئەتكەچكە يۈرەكلىرىمىز  زەم -زەم بۇلاققا ئەركىن چىلاشقاندەك گوياكى ئادەمدەك ياشاش كۈيلىرى ، قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراۋاتقاندەك ، بىر خىل سېزىمگە نائىل بولۇپ، مەجھۇل بەختنىڭ مېغىزىنى  بىرلىكتە چاققاندەك ھوزۇرلىنىمىز . 
    بىز ئارقىدىنلا يەنە چىنلىق ،ياخشىلىق ،گۈزەللىك  كۈشەندىسى بولمىش ‹‹ئۆسەكچى››نىڭ ،قېنىغا سىڭىپ كەتكەن‹ھەسەت›،‹پىتنە -پاسات›قىيانلىرىغا نەزەر سالساق  يۇلتۇزدەك چاقنىغان قاپقارا كۆزلەر ئالدىدا تۈندەك ،ئۆڭكۈردەك ، قاپقارىغا بەنلەنگەن سۆيگۈسىز كۆڭۈللەرنىڭ قان تۆكمەي جان ئالىدىغان دەججال پەيلىنى كۆرگەندەك بولىمىز...
     ‹‹قىلىچ يەپ تۇرىدۇ سۈپ-سۈزۈك ئاسمان،
     يامغۇرچى بۇلۇتلار قان قۇسار يەرگە .
     تېگىدۇ بۇ قىلىچ  مىلتىقلار ئاسقان،
    باغرى ئوت پىداكار ،ۋىجدانلىق ئەرگە.

           بىز قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رەسۋا قىياپىتىنى يۇقۇرقى قۇرلاردىن سەزگەن ۋاقتىمىزدا  شائىر دەرھال شۇنداق سۇئال قويىدۇ :
         ‹‹كىمدۇر  بۇ قىلىچلىق بىگانە بىزگە ،
          دوستلىرىم ،
         سەن ماڭا شۇنداق دىمەكچى ،
         باياتىن خۇنخور دەپ يازغىنىم سىزگە ،
         ئىزىدىن چۆپ ئۈنمەس  جاللات ئۆسەكچى››

      بۇ ئۈزۈك قۇرلاردىن ئاغزىدا كۈلكە -چاخچاق ،قوينىدا پالتا-پىچاق كۆتىرىپ يۈرگەن گېپى تولا ،يۈزى يوق ، دىلى جىن ،تىلى ئالۋاستى  ئۆسەكچىلەرگە قانداقمۇ زەردە قىلماي تۇرالايمىز؟ چۇنكى ،     ‹‹تۈندىكى شىۋىرلاشلار››-دىمۇ:
         ‹‹ئەجەللەرگە ئوخىشاپ كېتەر پىتنە -ئىغۋالار،
         نەشتىرىدە كېتەر دائىم دىلنى يارىلاپ››-دىيىلگەن ئەمەسمىدى؟

ئىنسان تەبئىتىدىكى قىزغىنىشمۇ  بىر خىل كېسەل، شۇڭا بىزدە ئالا  بولغاندىن  ‹‹ئالا››  بولغان يامان دىگەن ھېكمەت بار . بىز شائىر بىلەن بىرگە ‹‹ھەسەت›› -ئوقلىرىنىڭ دەردىگە بىرلىكتە دەرمان بولۇپ كۆرەيلى:
    ..........
      ‹‹پارلاپ تۇرغان چېقىن سۆزۈڭ  بۆلۈنگەن ماڭا ،
     ئەجەپ بۈگۈن ئۇندىن كۈلدى  باشقا  قۇلاقلار .
     قانداق بېسىپ بەرسەم بولار كۆڭلۈمنى ئاڭا ،
     ئۇنى يۇيۇپ تازىلاركىن قايسى بۇلاقلار؟

   قىزغانچۇق خۇدانىڭ مەرتلىكىدىنمۇ قىزغىنىدۇ -دىگەندەك بىر مەنزىرە بۇ شېئىردىن تەپچىپ تۇرىدۇ. شائىر  يارىنىڭ ھەر بىر تىنىقلىرىنىمۇ ئۆزگىلەرنىڭ ياۋا قۇلاقلىرىدىن قاچۇرۇشتەك ئىنسان تەبئىيىتىدىكى ئىچكى تۇيغۇلارنى قېزىپ بىز بىلەن تەڭداش پەللىدە تۇرۇپ ئوچۇق ئىپادە قىلغان بولسا،‹‹ھەسەت››تە؛
       ‹‹شاتلىقىنىڭ  يىلتىزى رەشىكتىن سولار ،
       سولدۇرما گۈللەرنى يا قادىر مەۋلان؟!››-

-دەپ رەھمانغا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئۈچ پەرزەنتىگە ھەم ئانا ھەم ئاتا بولالىغان بىر ناتىۋان مەزلۇمنىڭ ۋاپا، ۋىجدان ،ئەقىدە ئىخلاسىغا پايغان بولغان  يۈرىگىنى شائىر يىڭنە بولۇپ كىرىپ بىگىز بولۇپ چىقىدىغان لەرزىدە ‹‹قۇياش ئانا ھەققىدە داستان››-دىگەن شېئىرى ئارقىلىق  مۇنداق يورۇتىدۇ ؛
.........
دۆڭ كۆۋرۈك تەرەپتە تار بىر ھويلىدا ،
  بىر قۇياش ئانا  بار مەن تونۇيدىغان.
  ئاجايىپ خىسلەت بار ئۇنىڭ بويىدا ،
  دىللارنى بالقىتىپ تىغ يونۇيدىغان ››-

  بىز شائىرنىڭ تىلغا  توشاق  تىنىقلىرىنى تەسىتىقلاپ  تۇرغان ئاخىرقى مىسرالاردىكى ‹دىللارنى بالقىتىپ تىغ يونۇيدىغان ›-دىگەن مىسرالىرىنىڭ مېڭىمىىزگە قانداق قۇيۇلۇپ كەتكەنلىگىنى سەزمەيلا قالىمىز .ئەقىلگە سىغقۇدەك سۆزىنى قىلالىغان ئاقىلنىڭ سۆزىگە ھەركىمنىڭ چىن پۈتكۈسى كېلىدۇ،بىز شائىرنىڭ؛
    ‹‹ئۈرۈمچىگە كەلدى يەنە يېڭى بىر يىل››-دىگەن شېئىرىدىكى:
     ‹‹بىر رەنايىم ھەزىللەشتى (ياشىسۇن ھەزىل)
     ئۇيقۇ بىلمەس مونيىقىمغا تىلىدى ئۇيقۇ.
     ئاشىق ئۈچۈن قەلب دىگەن ئۇلۇغ بىر مەنزىل ،
     يېنىپ تۇرغان تۇيغۇ دىگەن ئاجايىپ تۇيغۇ..›،-

دىگەن مىسرالىرىغا قارىساق  شائىرنىڭ شېئىرى تىلدىن كۆنەلگۈ ئۇيۇتۇپ ،شېئىرى پىكىردىن قېتىق ياساپ ئۇنى بىزنىڭ مەنىۋى ئۇسسۇزلۇقىمىزغا خۇش كەتتى قىلغانلىقىنى  سېزىمىز .
........
تومۇرۇڭدا ئاققان<>تىپ قان،
ۋۇجۇدۇمدا چىچەكلىدى جان .
ئايدىن ئاققان، قۇياشتىن ئاققان ،
دىلغا ئۆچمەس ئالەم ئوت ياققان .
سېنى پۈتمەس ئىپتىخارىمدىن -
ئىبارەت دەپ بىلدىم ئايسۇلۇ››.

-دىگەن شېئىرنىڭ  دىلىمغا سۈزۈكلۈك  بەخش ئەتكەن ئېسىل دۇردانىلىرىدىن  پاكلىق ۋە سۆيگۈ مىسالى  بولمىش ئايسۇلۇنىڭ شىكەستىلەنگەن يۈرىكىمگە خۇددى گۆشكە سېپىلگەن تۇزدەك كارامىتى بىلەن سىڭىپ كىرىپ بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغان يۈرۈگۈمنى ساقلاپ قېلىشى ، سۈلكۈتۈمنى تەڭشىگەندەك تەسىراتقا چۆمۈلدۈردى. بولۇپمۇ  ئۇنىڭ ‹‹قۇياش روھى››دىكى  ‹زەررە›،‹جەننەت›،   ‹قورغان› ‹ئايەت›،‹ھېكمەت› ‹تەڭرى›دەك -دىگەنگە ئوخشاش ئسىتىئارە ،ئىبارىلەر ،گۈزەل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر  بىلەن پۈتكەن مىسرالىرى ئۇلۇغلۇقنىڭ ،ئېسىل پەزىلەت نۇرانە خىسلەتنىڭ  چەشمىلىرىنى قەلبىمىزگە تەكشى پۈركىگەنلىگىنى تولۇق ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا باشقىلار بىلەن بۇ شېئىردا ئورتاقلىققا باش قوشالمىساقمۇ  توماس ئېللىيوتنىڭ ‹‹ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىگىنى جاھىللىق بىلەن ساقلايدىغان شېئىردىن باشقا سەنئەت بولمىسا كېرەك ››-دىگەن سۆزى بىلەن خەستە كۆڭلۇمنى   بەزلەشكە مۇۋەپپەق بولالىدىم. چۇنكى بۇ شېئىرلار
شائىرنى ماڭا ، ماڭا بولسا ئۆزۈمنى تونۇتتى . بىز توپلامنىڭ ھەر بىر سەھىپىلىرىدە  يەردىن قېلىن ،دېڭىزدىن تېرەن ،تاغدىن ئىگىز  پىكىر تەسەۋۋۇرلارنى  ئۇچرىتىپ تۇرىمىز .مەسىلەن:
          ‹‹يېڭىلگەنلەر ئەرۋاھ بولسا ،   يەڭگەنلەر تەڭرى›› -دىگەن ئەقلى يەكۇندە ئاخىرلاشقان ‹‹پەرياد چېكەر كېزىپ يۈرگەن ساياق بىر ئەرۋاھ››-دىگەن شېئىرنىڭ ؛

        -  ‹‹ئاتامنىمۇ ،ئانامنىمۇ چېكىپ تۈگەتتىم ،
           ئۇزلۇقىنى سويۇۋالدى كۆزۈمدىن دۇنيا .
           ئادەملىكتىن چىقتىم ،يىراق يەرلەرگە كەتتىم ،
           مىللىتىنى ساتقان يۈزسىز ساتقۇندەك گويا .

-دىگەن‹‹سەپرا ›› قۇرلىرىدا شائىرنىڭ ئىچى تۇتۇن ،تېشى پۈتۈن ھالدا مەيدانغا چىقىپ ، بىر قىسىم تۇيۇق يول، ئەيش-ئىشرەت كوچىسىدا خۇدىنى يوقاتقان ئوغۇل-قىزلىرىمىزنىڭ  بىرى بەڭگە خۇمار بىرى رەڭگە خۇمار بولغان  پاجىئەلىك قىسمەتلىرىگە شەھىدانە قىسمەتداشلىقىنى تەڭكەش ئەتكەنلىكتىن بىز خۇددى قىشتىمۇ  ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك ئىسسىق -سوغۇق ئېقىمنىڭ پاسىلىدا تېڭىرقايمىز. جۈملىدىن مەن قاينامنىڭ تېگىدە  قاينام بارلىغىنى ‹‹دىل  ئەمرى ›› دىن بىلگەن چېغىمدا ‹‹دەرەخ ۋە يىلتىز ،نۇر ۋە سايىلەر››گە،قاراپ  قايسى بىر ئەزىم دەريادا تەنھا ئۈزۈپ كېتىۋاتقان نۇسرەتلىك غەۋۋاسقا ئوخشاش  ھېسلارغا  ئەسرا بولدۇم.
          زەبەردەست شائىر ئۆمەر ھەييام ھەم ‹‹ئزدىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش››كە نەمۇنە تىكلىگەن مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ رۇبائىلىرى بىزگە تىل يەتمەيدىغان  يەر يوقلىقىنى دەلىللەپ بەرگەن بولسا شائىرنىڭ بىر قىسىم رۇبائىلىرى بىزگە ھەممە گەپنى مۇپەسسەل دىيەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما كۆڭلىمىزدىكى گەپنىڭ تۈگۈنىنى يېشىم تاپقۇزغاچقا  كۆيۈككە كۆيۈك داۋاكەن دىگەنلەر كۆڭلۈمدىن تولۇق كەچتى  .‹‹سۈتتەك ئاق
دىدىڭىز  قارامنى ئانا،نۇردەك ساق دىدىڭىز يارامنى ئانا . ئالەمنىڭ چىرايى ئېسىڭىزدە يوق ،كۈلكەمدىن ئالدىڭىز ئارامنى ئانا››  ‹‹ھەممە ئۈن بار ئالەم ئارا پەقەت بىر ئۈن يوق ،ھەممە بۇي بار  ئاڭقىپ تۇرار پەقەت بىر بۇي يوق .  جېنىم ئانا ئىزدەپ كەتتىم سىزنى باغلاردىن ، يۈرۇكىمنى تەشتى گۈللەر ئېتىپ ھەسرەت، ئوق.››  49-.(گۈللەر سۆزلەيدۇ) بەت،270-بەتلەرگە قارالسۇن؟          قەدىمى‹‹كرورەن گۈزىلى››،جەسىدىنىڭ ياپونىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا  كرورەن قىزغىنلىقى كۆتىرىلىپ تارىخ بىلەن بۈگۈننىڭ ئارىسىدا  بوراندىن كۈچلۈك داۋراڭ كۆتىرىلگەندە شائىر خەنجەردىن ئىتتىك قەلىمىنى ئالقاندا ئوينىتىپ تۇرۇپ ‹‹ئاھ ،كرورەن››-دىگەن شېئىرىنى يېزىپ كۆڭلىمىزدىكى ھاياجانغا ھاياجىنىنى  قوشتى. بۇشېئىردىكى پىكىرنىڭ سالمىقى ماڭا نېللى ساكسنىڭ(گېرمانىيە) ‹‹ئاھ،جېنىم ئانا››-دىگەن لىرىك شېئىرىنىڭ ھەسرىتىدىن يەڭگىل تۇيۇلمىدى ، ماڭا شۇندىلا بارنى قەدىرسىز چاغلاپ،يوقنى قەدىرلىمەككە كۆنگەن قاششاق كۆڭلىمىزنىڭ بىر بۇلىڭىغا چىراق يېغىلغاندەك بولدى:
      ‹‹ئەقلىمىزنىڭ قايسى بەتلىرى
      سېنىڭ بىلەن بولغاندۇر پىنھان؟
      زامانلارنىڭ قايسى خەتلىرى،
       سېنىڭ بىلەن تاپشۇرغاندۇر جان.

   بۇشېئىردىكى ئىدىيىۋى ،بەدئىى مەنزىل شائىرنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئىچكى تۇيغۇسىنى خۇددى دېڭىزغا مەنسۇپ بولغان زۇمرەت تامچىدەك ئايرىلماس مۇئەييەنلىككە  قوشىۋەتكەن . ئۇنىڭدىن يۈكسەكلىك بىلەن تىرەنلىك يىراقتىكى يالقۇن بىلەن يېقىندىكى ئۇچقۇن  باغدىكى بۇلبۇل بىلەن تاغدىكى زاغ ،گۈلسۇرۇخ بىلەن ئەمەن بىر بىرىدىن رۇشەن ئايرىلىپ تۇرغانلىقتىن تەقدىرىمنى قولۇمغا ئالغاندەك خۇرسەن  بولدۇم. يۈرۈكىدىكى ئۆز  قايغۇسىنى ئەمەس ئەل قايغۇسىنى ،ئەل دەردىنى  كۆتىرىپ چىقىپ بىزگە ئەسلى جاراھەتنىڭ نىمىلىكنى ھېس قىلدۇرالىغان شائىرىمىزنىڭ دېڭىزدىكى يەلكىنىنى گوياكى شامال چىققان ھالقىلىق پەيتتە كۆتۈرۈشۈپ بەرگەندەك خۇرسەن بولدۇم.ياپراقنىڭ چۆكۈپ تاشنىڭ لەيلەپ قالىدىغان ئاداققى مەنزىرىسىگە شاھىد بولالايدىغان ئالدانماس يۈرەكنىڭ  تىمتاس قۇدرىتىدىن تېخىمۇ خۇرسەن بولدۇم!
      شائىرنىڭ مەن بىلەن ئۆزگە ئوتتۇرىسىدىكى  مۇۋازىنەت -تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ  قېلىش ئۈچۈن  بوغىزىغا كېلىپ قالغان گەپلىرىنى دېدىل ئىپادە  قىلالىشى سۈكۈتنىڭ خېرىدارى بولغىنىدىن ئەۋزەل ئۈنۈم  ياراتقان . ئۇنىڭ ئۇسلۇپ جەھەتتە ئەنئەنىۋى شەكىلنى ئانچە  ئىززەتلەپ كېتەلمىگەندەك ھالەتتە يېزىلغان بىر قىسىم شېئىرلىرى بىز گە يەنىلا بىر قىسىم ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتا يېزىلغان شېئرلاردىنمۇ بەكرەك  ھوزۇر بېرەلەيدۇ . بىز ئۇنىڭ زىمىستان بىلەن  باھارغا قىلغان شائىرانە  مۇئامىلىسىدىن ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋە تەبئەتتىن  ھالقىپ كەتكەن  مەغرۇر‹‹كۆرەڭلىكى ››ىنى كۆرۈپ ،ئىلگىرى ئېرىشىپ  باقمىغان شېئىرى ئىشرەتكە  ئاياغ باسىمىز.
        ئۆزى يېڭىلىق يارىتىشقا ،ھەم باشقىلارنىمۇ ئاشۇ يېڭىلىققا قارىتىشقا  ئىستىتىك تىل بىلەن پىچىرلىيالىغان شائىر ئۆزىنىڭ قۇياش بىلەن ئاينىڭ بۇرچىنى ئادا قىلىۋاتقانلىغىنى بىزگە  تەكىتلەپ كەتمىسىمۇ بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سېزىمىمىزدە  ھەممە نەرسە ئايدىڭ ئاشكارە بولىدۇ.شائىرنىڭ تىل نۇقتىسىدىن  پەن بىلەن دىننىڭ ئسىتىھكامىغا تەڭ بۆسۈپ كىرەلىگەن‹‹جەننەت كۆڭۈل دىلدارىم ،باشلا مېنى جەننەتكە ››دىگەن لىرىك قىيانى ھەم ‹‹ئېچىنىش ››-دىگەن  شېئىرىدىكى پىراق-پىغانى گوياكى كۆزۈمنى ئويۇپلا  قولۇمغا ھاسا تۇتقۇزۇپ قويغاندەك شېرىن ئازاپنىڭ تەمىنى تېتىت قانلىقتىن  خاھىشىمدىكى ئەگرىلىكتىن خالاس قىلىندىم .
    شائىر گۈل قولىدا گۈل ئاچقان  قىسمەتلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئاتلىسىدىكى  ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوربىتىسىدا ئارمانسىز ئىپادە قىلىپ توپلامنى قولىغا ئالغان ھەرقانداق بىر ئىشتىياق ئەھلىنى نائۇمىدتە قويمىغان.
    ئۇنىڭ‹‹ دوستۇمغا ››،‹‹ياشلىقنى يىگۈزدۈم يىللارغا ››‹‹تاغ ناخشىلىرى››دىكى 22 شېئىرى بۆلەك (ستروفا)غا قارايدىغان بولساق ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا-باشقا ئىكەنلىگىدىن ‹‹سەندىكى ھەر گىياھ ماڭا بىر مەككە ،تالمايمەن تېۋىنىپ شامۇ-سەھەردە ››-دەپ،چاچراپ قوپىمىز . قىسقىسى، شائىر تەسۋىرگە ئالغان ‹‹گۈللەر...››ئانا تۇپرىقىمىزنىڭ قوينىدا باراقسان بولۇپ ئۆسكەن ، ئۇنىڭ قوينىدا تارام-تارام يىلتىز تارتقان ھاياتى كۈچنىڭ سىمۋولى
بولۇپ بىز  بۇ ‹‹گۈللەر..››نىڭ يۈرەك سۆزلىرىدىن ئانا تىلىمىزنىڭ ، سولغۇن دىلىمىزنىڭ گۇڭۇر- مۇڭۇرلىرىنى ، مىللىتىمىز روھىيىتىنىڭ ئاددى ۋە مۇرەككەپ بولغان بايانلىرىنى تىڭشايمىز . بۇگۇللەر يەنە مىڭ يىللاردىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەقىدە ۋە يوسۇندا   سۆزلەيدۇ ، بۇ گۈللەر سولسىمۇ خۇشبۇي ھىدى دىماغلاردا مەڭگۈ   قالىدىغان  ،  توزىماس گۈللەردۇر . شائىرنىڭ تىل ھۈجەيرىسى ،  تەبىئەت بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇساپىنى ‹‹چىمەن ياپراقلىرى››دىكى،  ۋالت ۋىتمان(ئامېرىكا)نىڭ* ،ئىجتىمائىيەت بىلەن بولغان مۇساپىسىدىن مىڭ ھەسسە  ئارتۇق يېقنلاشتۇرالىغان .
      ئەپسۇسكى جانغا پاتقان مىڭ سۆز ،قاندا ئاققان بىر سۆز دەپ ئالەمچە   سۆيۈنۈش ئىلكىدە تۇرغان  دەقىقىلەردە  قادىلىپ قارىسا سۈتتىنمۇ‹ قارا ›كۆرۈنگەندەك بىر ھال بىزنى تەشۋىشكە سالىدۇ .ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن توپلامنىڭ 91 يېرىدە تەكرارلانغان ‹‹مىڭ ››سۆزىنىڭ  ئالۋۇنى  ، بىراق بۇ سۆز  بىزنى تېرىكتۈرمەيدۇ ،زېرىكتۈرمەيدۇ.   شائىر بۇ سۆزنىڭ  تاناۋىنى خېلى تارتقان. شائىرنىڭ ئاشۇ ‹‹مىڭ››- سۆزى خۇددى ئۆزى تەسۋىرلەپ ئۆتكىنىدەك بىر خىل ئويىمىزغا مىڭ خىل ئوينى ئۈندۈرمە  قىلىپ بېرەلىگەن . مەسىلەن:
       ‹‹مىڭ نەشتەر››،‹‹مىڭ ئۈن ››،‹‹مىڭ دوللار››، ‹‹مىڭ تازىم›› ،‹‹مىڭ پەرياد ››،‹‹مىڭ چىگىش››، ‹‹مىڭ كۈندۈز ››،‹‹مىڭ تومۇز››.دىن ئىبارەت ‹‹مىڭ››لار ئالدىمىزدا  سانسىز  نۇر زەررىلىرىدەك جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
بۇ ئاپتورنىڭ بىر خىل بىشارەتنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان   خاسىيەتلىك يېشىل  سان  تىپىمۇ ؟ياكى مىڭغا چاپلاشقان    شەرتسىز رېفلىكىسلىك سۆز ئويۇنىنىڭ نۇقسان تىپىمۇ؟  ئەمما مەن بۇ ساننى   تارىخىمىزنىڭ مىڭ ئەسىرلىك ئونۋېرسال   چۈشىگە ھەم مىڭ يىل بۇرۇنقى مەھمۇت بوۋىمىزدىن ھازىرغىچە بولغان پۈتۈن ۋە كەسىر قىسمەتلىرىمىزنى  يادىمىزغا ئېلىشقا  ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان  مەخپى سېپىرغا ئوخشىتىپ باقتىم.  
      يەنە بىر تەرەپتىن :      ئەشئاردىكى ‹‹ئوتۇغات››،‹‹مازۇزمەن››‹‹بودۇن››،‹‹تەۋەز››،‹‹گۇگۇسۇن››‹‹ۋاھان››‹‹جوسۇن››، ‹‹چىرتەر››،‹‹چىڭكىرىش››...دىگەندەك بىر يۈرۈش   تىل، تېئىرمىن ،ئاتالغۇ  ۋارىيانتلار  پارس ،قازاق ،نېمىس، ئېنگىلىز ،ئۇيغۇر ،تۇركچە  سۆزلەرنىڭ  تەركىپلىرىدەك تۇيۇلۇپ  مېنىڭ شېئىرلارنى ئەقىللىق كىتاپخانلىرىمغا  داڭلاپ چىقىشىمغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ شېئىرلارنى خىيالەن چۈشىنىپ  مۆلچەرگە يەتمىگەننى مۈمكىنچىلىككە يەتكۈزۈشۈمگە  قىيىنچىلىق تۇغدۇرالمىدى. شۇڭا بۇ توپلامنى شېئىرى ئاتالغۇلارنىڭ  مىڭ يىللىق لۇغىتى ياكى تىلىمىزنىڭ ،دىلىمىزنىڭ  مىسلىسىز ئىپادىگە تولغان قامۇس دەستۇرى  دىيىشكە  ھەركىم ئالدىدا ئىشەنچىم بارلىغىدىن شۈبھىلەنمىدىم. چۈنكى شائىر بۇ  تارتمىلىق  ھەم تېتىملىق شېئىرلىرىنى  بىر قىسىم  شائىرلاردەك ‹‹مەيلى ئۈگەت  مەيلى باق ، مەيلى سەتلە چەتكە قاق ،ئۆرلىمەيمەن بىر بالداق  دەيدىغىنىم ۋىتۋالداق››*- دەپ يېزىپ كېتىشكە تامامەن چامى يېتىپ ئاشسىمۇ ئەمما شائىر ئۇيغۇر تىلىنىڭ  كامالەت قۇدرىتىنى  ئۆزىگە خاس رەۋىشتە بىر تونۇتۇپ قويۇشقا ئۇتۇقلۈق تەۋەككۇل قىلغان .ئۇنىڭ شېئىرىيەت مەنزىلىدىكى بەدئى تىل كارامىتى ئۆز ھوسۇلىنىڭ ئەجىرسىز قولغا كەلمىگەنلىگىنى تەستىقلىيالايدۇ .مەن بۇ توپلامنى ھازىرقى زامان ئاتاقلىق شائىرلىرىنىڭ  بىر قىسىم ئىجادىيەت سەمەرىلىرىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويسام، ئۇ مېنىڭ  نىل دەرياسىنى كۆرمەي بۇلاققا ھەيران قالغانلىغىمنى ئەمەس  بەلكى ئۇنىڭغا  بېرىلگەن  باھايىمنىڭ  ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىگىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا  ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشۇم خالاس.
     بىزنىڭ نامرات كاللىمىز  ئانا تىلىمىزنىڭ  يىگانە نوپۇزىغا  خىرىس بولىدىغان ھەرقانداق ئەپسانىۋى چۆكۈرۈشنى  قوبۇل قىلالمايدىغان پاكىز ئىدراكنى مانا مۇشۇ توپلامنىڭ قوينىدىن تاپالايدۇ. خۇلاسە شۇكى بۇ توپلام تىل بىلەن دىلنىڭ مۇكەممەل شېئىرى- شەرھى ،رئىال ئىستەك بىلەن ئىدئىال يۈرەكنىڭ -  رامكا سۈرئىتى ،ئانا تەبئىەت ۋە ئانا ۋەتەن قوينىدىكى  تىلسىم شەيئىلەر بىلەن ئۈنسىز پىچىرلىشىشنىڭ - سەھنىسى ، تەبئى ۋە سۈنئى كۈلكىمىزنىڭ - سىنئالغۇ لېنتىىسدۇر.
     شۇڭا مېنىڭ زەكى شائىرغا شۇنداق دىگۈم بار :‹‹ ئەي ئاۋام خەلقىمنىڭ  ئىستىداتلىق شائىرى ! سىز ئالدىمغا بىر دەستە گۈلنى ۋە گۈل ھەققىدە يېزىلغان بىر پارچە شېئىرنى قويدىڭىز ،ماڭا پەقەت بىرىنىلا تاللاش ھوقۇقى بەردىڭىز ، مەن بىر دەستە گۈلنى تاللىدىم. چۈنكى ئۆز قولىڭىز بىلەن تىزغان بۇ بىر دەستە گۈل-مەن ئۈچۈن ‹‹گۈل›› ۋە گۈل ھەققىدە يېزىلغان  ۋە يېزىلىدىغان  بارلىق شېئىرلارنىڭ ئىلھام مەنبەسى ئەمەسمۇ؟!*
      تامام.
ئىلاۋە:   
  *ئاخىرقى بۇ بىر ئابزاست نەسرى بۆلەك  بەگمەت يۈسۈپنىڭ ‹‹ئاق بوز ئات ››ناملىق نەسىرلەر  توپلىمىدىكى  ‹‹ۋاقىتنامە››نىڭ ، 33-بۆلكىدىن  ئېلىندى.
  * ئابلىز ھېزىموۋنىڭ                ‹‹تەتۈر  كىرپىك›› تىن ،ئۈزۈندە.
 * چەتئەل ئەدەبىياتى  2-قىسىم ۋالت ۋىتمان بۆلىگى.

        2008-يىلى8-ئۆكتەبىر.  بورتالا...
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-03 16:31قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
تۆھپىسى: 46
پۇلى: 542 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 93
ياخشى باھا: 492
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-01-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 10:26

سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
يا ئاقمايدۇ،تاشمايدۇ.
ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ.

                    - توختاجى ئوغلى تەۋپىق
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 367 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 332
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-20
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 11:33

    تەلكىنىڭ داۋانىدىن كارۋان توختىماي ئۆتتى ،
  سۇلايمان يىغلىغان بىلەن ھېلاخۇن يىغلىماي ئۆتتى...
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 367 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 332
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-20
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 11:58

 ؟!.....
[ بۇ يازمىنىqarxan 2011-12-27 18:21قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 400
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە400دانە
تۆھپىسى: 46
پۇلى: 542 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 93
ياخشى باھا: 492
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-01-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 14:09

ئاساسەن توغرا دەيسىز،سىز ئېيتقان ناخشا ئالدىنقىسىنىڭ داۋامىغۇ-دەيمەن؟!
ۋەتەن - ئىمان بىلەن بىر جان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
تۆھپىسى: 34
پۇلى: 176 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 136
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2012-01-19
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 17:40

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك شائېرلىرىمىزنىڭ چىقىشى ئەمدى تولىمۇ تەسلىشىپ كەتتى.
دوستلىشىش
شاشبالا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1156
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 2 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 2
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-25
ئاخىرقى: 2011-12-31
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 20:22

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى شامال نىڭ 2011-12-27 10:26 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سايرامنىڭ كۆلى دەيدۇ،
يا ئاقمايدۇ،تاشمايدۇ.
ھەركىم ھەر نېمە دەيدۇ،
دەرت كەلمەيدۇ بىلمەيدۇ.
  - توختاجى ئوغلى تەۋپىق
.......

ﺷﺎﻣﺎﻝ، ﺳﯩﺰﻧﻰ «ﺷﺎﻣﺎﻝ ﺩﺍﺭﯨﭗ» ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻼﺧﯘﻥكۆككۆزنىڭ ﻗﻮﺷﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭘﻼ، ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺟﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺴﯩﺰ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘ ﻗﻮﺷﺎﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ:

ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﻰ ﺩﻩﻳﺪﯗ،
ﻳﺎ ﺋﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺗﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ،
ﻳﺎﺵ-ﻗﯧﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﻗﻤﺎﻳﺪﯗ.

ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ:

ﺳﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﯚﺯﯛﯓ ﻛﯩﭽﯩﻚ، ﺩﻩﺭﺩﯨﯔ ﺗﻮﻻ،
ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﻳﺴﻪﻥ، ﺳﺎﮬﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺷﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ.
ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﯖﻨﻰ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻼﺭ،
ﺋﯘﻣﺘﯘﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺎﻟﻤﺎﻳﺴﻪﻥ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 58 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 58
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-01-20
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 21:22

قاراخان يەنى يارمۇھەممەت تۇرسۇن ئەپەندى مەن سېنىڭ دۈشمىنىڭ ئەمەس بەلكى دوستۇۇڭ بولۇپ قىلىشىم مۈمكىن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇنۇ ئوبزوردىكى بايانلار ھەققىدە ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ قالىدىغان بولدۇم. لېكىن باشتا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى <<سۆز ئوينىتىش شەكلىدە ئۆزۈمنىڭ راست>>  دەيدىغان بولمىغۇر قاراشتىن نېرىراق تۇرارسەن. چۈنكى سەن كىچىك بالا ئەمەس، يەنە سەن ئەقىلسىز ئادەممۇ ئەمەس. يەنە سەن دىتسىز ئادەممۇ ئەمەس. سەن ئوقۇتقۇچى بولغان نۇقتىلارنى ھېس قىلىپ كېتەلەيدۇ دەيمەن.
ئەمدى بۇ ئوبزوردىكى بەزى بايانلار ھەققىدە سەمىڭگە سېلىپ ئۆتمەكچى بولغىنىم قۇلاققا يېقىملىق ئاڭلانغان باشقىلارنىڭ بايانلىرىدىن ئوغرى باغدىن ئالما ئوغۇرلىغاندەك قارا قويۇق ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش بۇ بىر ياخشى پەزىلەت بولمىدا كېرەك. بەلكىم بۇنى بىر پەزىلەتسىز ئادەم سادىر قىلغان بولسا پىسەنت قىلمىساق بولىۋىرەتتى. بىراق سەندەك بىر پەزىلەتلىك ئادەم سادىر قىلسا غەزەپ قىلماي سۈكۈت قىلىش بۇ بىر خۇمسىلىق بولىدۇ. مۇنۇ قۇرلارغا قارا
<<<<<بىزگەشۇنداق شېئىر كېرەك؛ - قۇلىقى پۈتۈكنى ، دىلى ئۈزۈكنى،ياكى ‹ئۆلۈمتۈك› نى ،ئۇسۇلغا سالالايدىغان،بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك:ئىللىق مېھرىدىن مېھرىمىزگە مېھىر ئاتا قىلالىغان مېھرىۋان ئانىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك :‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت›لىرى بىلەن ‹دۆلەت ›ۋە ‹سۆلەت › لىرىمىزنى ،زىيادە ئەتكەن غەمگۇزار ئاتىلارغا ئوخشاش، بىزگە شۇنداق شېئىر كېرەك: سۆيگۈ دېڭىزىدىن  سۆيدۇرگۇ ئىلتىپات ئېتىپ تەشنالىقىمىزنى بويسۇندۇرغان  ۋاپادار گۈلنىگارىمىزغا ئوخشاش، بىزگە ھەتتا شۇنداق شېئىر كېرەككى ، تەڭرىنىڭ دەرگاھىدىن ھەر بىرىمىزگە نېسىپ بولۇپ ئەكس سىياقىمىزنى ئىزھارئېتىپ تۇرغان ھالال پەرزەنتىمىزگە ئوخشاش! >>>>>
سەن مۇشۇ قۇرلارنى ئۆزۈم يازغان، باشقا بىر ئورۇندىن كۆچۈرۈپ ئەكەلمىگەن دىيەلەمسەن؟ دېيالمەيسەن. ئەگرەر دىيەلىسەڭ دىلىڭ كۆيمىسىمۇ تىلىڭ كۆيىدۇ. ككپ گەپ ئاقىل ئادەم ئۈچۈن ئىشەككە ئارتىلغان يۈك بىلەن باراۋەر. بۇ بايانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ئارتۇق چۈشەنچە بەرمىسەممۇ بولار. دېمەك بۇ قۇرلارنى قەيەردىن سوقۇپ كەلگىنىڭ مۇشۇلارنى ئوقۇۋاتقاندا ساڭا ئاينىڭ نۇرىدەك روشەن بولدى. لىكىن بەزى نەرسىلەرنى كۆچۈرۈپ. ئۆزگەرتىپ ئىشلىۋالغىلى بولغان بىلەن يەنە بەزى نەرسىلەرنى ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما ئاقىلغا ئىشارە دېگەن چۆچەكنىڭ روھى بويىچە ئىشارە قىلدىم. بۇنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ ھېس قىلالمىغان بولىۋالساڭ كۆڭلۈڭگە كەلسىمۇ مەيلى سېنى چوقۇم تۆت پۇتلۇق ھالەتتە چۈشەيمەن.  سەۋرچان بولارسەن...................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 58 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 58
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-01-20
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 21:24

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى sadak0909 نىڭ 2011-12-27 17:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك شائېرلىرىمىزنىڭ چىقىشى ئەمدى تولىمۇ تەسلىشىپ كەتتى.

بۇنداق نادانلارچە پىكىر قىلماڭ ئەقىللىق قېرىندىشىم.   ھەر دەۋرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ شائىرى    يازغۇچىلىرى بولىدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 243
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە243دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 367 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 332
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-20
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-27 22:31

سۈكۈت قىلغىن ‹؟› دوستۇم ! مەن چارىپاي قىياپىتىدە قاياشىمنىڭ  چۈشىگە كىرىشتىن ئاۋۋال ‹‹سوقۇپ ››كەلگەن ئامانەتلىرىمنىڭ  ھەممىسىنى تورداشلارغا ئاشكارە قىلغۇچە  ئېسىڭگە كېلىۋال ، تاماق پىشقۇچە ساقلىغان ئادەم ،سوۋۇغىچىمۇ ساقلىسا  لەززىتىنى تېتىيالايدۇ ، ئالدىراپ قىزىق تاماققا ئۆزەڭنى ئۇرما ؟ئاچقاندا يىگەن ئۆپكىنىڭ تەمى ئاغزىڭدىن ئۇزاققىچە كەتمەيدىغانلغىنى تەرىپلەشكە ۋاقىت چىقرىپ بېرىمەن ،باشقۇرۇشنىڭ  مۇھەببەت ،ئەركىلىتىشنىڭ ئاپەتلىگىنى ماڭا زورۇقۇپ چۇشەندۈرمە ،  مەن دەل شۇ دوگما چشەنچىنڭ  قۇربانلىقى بولغان ئەركىن ئادەممەن ،كىمنىڭ قازىنى يوق خام  يىگىنىنى ،كىمنىڭ تۈگمىنى يوق دان يىگنىنى  ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا  تاپشۇرۇپ تۇراي،  ئەسەر تورداشلار بىلەن تولۇق  يۈز كۆرۈشۈپ بولغاندا  پىلىكىنى سىلاپ خەمىكىنى  كىمدىن  چاڭلاشتۇرغانلىغىمنى دىيىشەرمىز ؟!
[ بۇ يازمىنىqarxan 2011-12-27 22:44قايتا تەھرىرلىدى ]