مەسچىت تۇرسا يۈتمەس دەپتىمەن
قايناپ چىقتى مەسچىت ئىچىدىن ،
بىزلەر بىلەن تەڭتۇش بىر بالا .
قۇلاق سېلىپ قايناشلىرىغا ،
ياقا چىشلەپ دېيىشتۇق توۋا .
چاپىنىنى سېلىپ نامازغا ،
تۇرغان ئىكەن بۇرادىرىمىز .
قوپقىنىدا دۇئادىن كىيىن ،
يوقىلىپتۇ چاپان دېرەكسىز .
كارى چاغلىق بىرەر چاپاننىڭ ،
توۋا دەيمەن ياراتقان ئاللاھ .
نېمە بولدى ئادەملىرىڭگە ،
مەسچىتتىمۇ ئوغۇرلۇق قىلسا .
ئۇ ئايلىنىپ مەسچىت ئىچىدە ،
بىلەلمەپتۇ يىغلاش-كۈلۈشنى .
جامائەتمۇ دەپتۇ :ئوغرىلار ،
ئۇنتۇشتۇڭمۇ بىر كۈن ئۆلۈشنى !
بۇ ئىشلاردىن نامازخانلارنىڭ ،
بولۇپ قاپتۇ كۆڭلى بىر قىسما .
سېسىتىدۇ ئەمەسمۇ پۈتۈن -
-بىر يەشىكنى بىر سېسىق ئالما .
ساقلاپ باققىن بۇرادەر دېدۇق ،
بىز ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرىپ .
بولدى دەپلا ماڭدى چاپانسىز ،
سومكىسىنى دوۋلىغا ئېسىپ .
مەسچىت تۇرسا يۈتمەس دەپتىمەن ،
دەپ ماڭدى ئۇ توۋا -مىڭ توۋا .
«توۋا» ،«نەپرەت» دېگەن سادالار ،
سىڭىپ كەتتى كونسۇل كوچىغا .
2011-يىل 28-دېكابىر مۇشۇ تاپ :شەھرى ئۈرۈمچىدە يېزىلىپ بېقىلدى .