دەرصزصنصڭ سصرتصغا بصر پصيالە گۈرۈچ چېچصپ قويۇڭ
قىش كەلدى. ھاۋا بەكمۇ سوغاق، ئىسسىق ئۈيۈمدە، پارنىڭ ئىسسىقىدا، كالتە يەڭ ئولتۇرغان ۋاقتىمدا، سىرتتىكى نۇرغۇن يايمىچىلارنىڭ بىر كويلۇق ياكى ئىككى كويلۇق نەرسىلەرنى ھارۋىسىغا تىزىپ قويۇپ، كۈندىلىك تىرىكچىلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن كەچكەنلەرگە ئىلتىجالىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرىنى كۆرگەندەك بولىمەن. مۇمكىن بولسا، ئېشىنالىسام، شۇ نەرسىلەردىن كۈندە دىگۈدەك سېتىۋالسام، ئۈزەم يىمىسەممۇ، ئېھتىياجلىقلارغا بەرسەم دەپ ئويلاپ كېتىمەن. بەزىدە ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن ۋاقتىمدا، ئۈتۈپ كېتىپ بۇلۇپ، يەنە ھەي توختا دىگەن نىدا بىلەن كەينىمگە قايتىپ، بىر كويلۇق ماتاڭ، بىر ئىككى كويلۇق قوناق، نان ، سامسا ياكى باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالىمەن، كوچىدىلا مەززە قىلىپ يەپ كېتىمەن.مەن بىرنى ئالسام، باشقىلارمۇ بىرنى ئالسا، شۇنداق قىلىپ، ئۇلار ئىتتىكرەك سېتىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ، باللىرى بىلەن جەم بولسا، تۇرمۇش بېسىمى بولمىسا، بۇ نۆلدىن تۆۋەن يىگىرمە ئوتتۇز گىرادۇسلۇق بۇ سوغاقتا، كىممۇ سىرتتا شۇ نەرسىلەرنى ساتىمەن دەپ ئولتۇرسۇن. قايسى بىر يىلى رامىزاندا ئىپتارغا يېقىن بىر جايغا بارىدىغان ئىش چىقتى، ئاپتۇۋۇزدا ئىپتار ۋاقتى بوپ كەتكۈدەك، يانچۇقۇمدا يەيدىغان نەرسە يوق ئىدى، شۇ چاغدا، قارىسام، يىراق بولمىغان بىر جايدا بىر ئاپاش ماتاڭ سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۈچنى ئالدىم، 10 كوي بەرسەم قايتۇرىدىغان پاچە پۇل تاپالمىدى، سورىسام، بۈگۈن بەش كويلۇقمۇ سودا قىلالمىغانتىم، ھەم كېچىكىپرەك چىقىپ قاپتىمەن بازاغا دىدى، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك بولدى، ئويلىدىم، ئەگەر مەن شۇ ئاپاش بولغان بولسام، ئۆيدە ماڭا قاراشلىق باللىرىم بولسا، مەن قانداق قىلار بولغىتىم، ھەي تۇرمۇش. .... بىر يصلص يازدا يۇرتتا ئىسسىقنىڭ دەستىدىن ئۆيدىن چىقماي ئارام ئېلىپ ئولتۇرغان ئىدۇق، دادام بىر چاغدا بىر داس قېتىق كۈتۈرۈپ كىرىپتۇ، ھەممىمىز ھەيران قالدۇق،« دادا نىمانداق جىق ئالدىڭىز، بۈگۈنچە ئىككى -ئۈچ قاچا ئېلىپ، ئەتە يەنە ئالساق بولاتتى ئەمەسمۇ، يېڭىنى يىسەك،...» دىسەم، دادام، « شۇ قارىسام، بىر شۇ ئايال قاپتۇ قېتىق ساتىدىغان، قالغانلار كىتىپ بوپتۇ، ئىككى ئۈچ چىنە ئالسام، قالغانلىرىنى ساتىمەن دەپ يەنە ئىسسىقتا ئولتۇرغۇدەك، شۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ، بۇ ئىسسىقتا ئىتتىك ئۆيىگە كېتىۋالسۇن دەپ، ھەممىنى سېتىۋالدىم، بىر قاچا ئىچىدىغانلار ئىككى قاچىدىن ئىچىپ، جىقراق ئىچەرسىلەر قېتىقنى، ئىسسىق ئاپتاپتا پايدا قىلىدۇ ... » دىگەن ئىدى، كۆڭلۈم شۇنداق بىر ئىللىق سېزىمغا تولغان ئىدى. بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ تىلەمچىلەرگە پۇل بەرمىسە قانداق بولار دەپ ، لېكىن، پۇل بەرمەي ئامال يوقتە، چۈنكى،بىز دىگەن شۇنداق كۆڭلى يۇمشاق، ئاقكۆڭۈل خەق تۇرساق..لېكىن، ئويلاپ قالىمەن، مۇشۇ پۇل بىرىشنى مۇنداق باشقا بىر ھالەتكە ئۆزگەرتىپ باقساق دەپ، مەسىلەن : ئاۋال بىر نان ياكى بىر كويلۇق ماتاڭ ياكى بىر كويلۇق گېزىت ياكى ئىشقىلىپ، بىر كويغا كېلىدىغان بىر ئۇيغۇرنىڭ تاۋىرى، ئاۋال شۇنى سېتىۋېلىپ، ئاندىن تىلەمچىگە بەرسەك، بۇنداق بولغاندا، شۇ كوچىدا ھالال مېھنىتى بىلەن سودا قىلىۋاتقانلارغا سودا قىلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدىكەنمىز، شۇنداقلا، تىلەمچىمۇ شۇنى يىسە قوسىغى تويىدىكەن، ھەم سودا قىلىدىكەنمىز، ھەم ساۋاب تاپىدىكەنمىز، ھەم پۇل ئوبۇرۇتقىمۇ ياخشى بولىدىكەن، تىلەمچىلەرنى مانچە خۇتۇنى بار، ئۇلار تاپقان پۇلىغا قىمار ئوينايدۇ دەپ ئۇلارغا تاپا تەنىمۇ قىلمايدىكەنمىز. ئىشقىلىپ، كۆپ جەھەتلەردىن پايدىسى بولىدىكەن.سىلەرچە قانداق ؟؟؟؟ بۇرۇن كىتاپلاردا ئاق قۇشقاچلەر ئۈرۈمچىدە قىش ۋاقتىسى قارا قۇشقاچقا ئايلىنىدۇ، ئىس تۈتەكنىڭ دەستىدىن دەيدىغان، دىمىسىمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بىرى، بۇلۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ ياشاۋاتقاندىن بىرى شۇنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. كۈندە دىگۈدەك نەچچە قۇشقاچلار نە نەلەردىن ئۇچۇپ كېلىپ، بەزىدە كەپتەرلەرمۇ بار، دەرىزەمنىڭ رىشاتكىسىغا، تۈمۈر توسۇقلارنىڭ ئارىسىدىن كېلىپ قونىدۇ، چۈنكى، دەرىزەمدە بىر سۇلياۋ تاۋاق قۇيۇلغان، ئۇنىڭغا ئسىمدە بولسىلا، بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويىمەن، بۇرۇن باشلانغۇچتا تەبىئەت دەرسىدە« قۇشلار ئىنسانلارنىڭ دوستى» دىگەن ئىدى، سۈيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىز، دىمىسىمۇ قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئادەمگە ھۇزۇر بىرىدۇ، شۇنداقلا، بۇ قارا قىشتا، قاتتىق سوغاقتا، جاندىن ئۆتىدىغان بۇ قەھرىتان ھاۋادا، قېلىن قار ئاستىدا قۇشلارنىڭ ئۇزۇق تېپىپ يىيىشى بەكمۇ قىيىن، بەكمۇ تەس، مېنىڭچە بىر پىيالە گۈرۈچ بىر كوي ياكى بەش موچەن،ئۇنىڭدىن ئارتۇق كەلمەس، دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. بىز ئىنسانلار، قۇشلار، ھايۋانلار، دەل دەرەخلەر...ئىشقىلىپ، جاھاندىكى بارلىق نەرسىلەر، كائىناتتىكى پۈتكۈل شەيئىلەر بىر بىرى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، بىزدە ئاجىزلارنىڭ ھەققى بار، قۇشلارغا كۈيۈنۈش، ھايۋانلارغا كۈيۈنۈشمۇ ئوخشاشلا بىزنى جەننەتكە ئېرىشتۇرىدۇ، بىرەيلەن رىۋايەت قىلۇر: « بىر پاھىشە قۇدۇق بېشىدا ئۇسساپ كەتكەن بىر ئىتنى كۆردى، قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلىقىنى قاندۇردى، ياراتقۇچى ئۇنىڭ مۇشۇ ياخشى ئىشى ئۈچۈن، ئۇنى جەننەتكە كىرگۈزدى » ، بۇ رىۋايەتتە، بىر تەرەپتىن ياراتقۇچىنىڭ بەكمۇ مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىنسانلارنى ياخشى ئصش قىلىشقا ئۈندەش، پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ ياخشىلىق قىلىش،ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشنى مەخسەت قىلىدۇ. سىز بىنادا ياشاڭ ياكى داچىدا ياشاڭ، ياكى بىنا ئەمەس ئۆيدە ياشاڭ، قۇربىتىڭىز يەتسىلا دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىغا بىر پىيالە گۈرۈچ چېچىپ قويۇڭ، قۇشلار شۇ گۈرۈچلەرنى يىگەندە، دەرىزىڭىزنىڭ سىرتىدا ۋىچىر-ۋىچىر سايرىغاندا، سىز شۇ سايراشلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، كۆڭلىڭىز ۋاللىدە ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۆزىڭىزدىن مەمنۇن بوپ قالىسىز، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپمۇ ياخشى ئىش قىلغان ،ساۋابلىق ئىش قىلغان بولىسىز. بۇ ساۋاب سەۋەبلىك، سىز تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارغا، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىقلارغا، بايلىقلارغا ئېرىشىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس، ئىشلىرىڭىز قۇتلۇق بولسۇن.بەختىيار تۇرمۇش ھەممىمىزگە يار بولسۇن.