ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 321 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يېزا مائارىپىنى كۈتىۋاتقان قىسمەتلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
تۆھپىسى: 46
پۇلى: 239 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 63
ياخشى باھا: 114
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-30 22:10

يېزا مائارىپىنى كۈتىۋاتقان قىسمەتلەر

يېزا مائارىپىنى كۈتىۋاتقان قىسمەتلەر
(ماقالە)
2000-يىللارنىڭ بېشىدا باشلاغان ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ ناھىيە ۋە يېزىلاردىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ)سىنىپلار بارلىققا كەلدى.   
    باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى نوقتىلىق (كۈچەيتىلگەن سىنىپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سىنىپلار باشلانغۇچنىڭ تۆتىنچى ياكى بەشىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوخشاش(پارالېل)سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنپ،ئىمتىھان نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپتە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ياتاقتا ياتقۇزۇپ،ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.   
     تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى نوقتلىق(كۈچەيتىلگەن)سىنىپلار بولسا ھەرقايسى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈردىغان سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ماتېماتىكا ۋە خەنزۇ تىلىدىن يېزا بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنغان ئىمتىھاندىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى بولغان ئوتتۇز نەچچە نەپەر ئەلاچى ئوقۇغۇچىىنى تاللىۋېلىش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.بۇ ئوقۇغۇچىلارنىمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە مەخسۇس بىر سىنىپقا يىغىپ،ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئىچىدىكى ئوقۇتۇش مىتودى ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس تاللىنىپ دەرس ئۆتۈشكە بەلگىلىنىدۇ.تولۇقسىز  ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىلىغا بارغاندا پارلېل سىنىپلاردىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىپ،ھېلىقى نۇقتىلىق سىنىپتىكى نەتىنجسى نىسبەتەن تۆۋەن چىققان ئوقۇغۇچى ئادەتتىكى سىنىپقا شاللاپ چىقىرۋېتىلىپ،ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى نەتىنجىسى ئەڭ يوقۇرى ئوقۇغۇچىلار نوقتىلىق سىنىپقا تاللىۋېلىنىدۇ.   
    مەيلى باشلانغۇچ مەكتەپتە بولسۇن،مەيلى ئوتتۇرا مەكتەپتە بولسۇن،ئادەتتىكى سىنىپلار(باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ ۋە نوقتىلىق سىنىپ دەپ ئىككىگە،ئوتتۇرا مەكتەپتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپ،نوقتىلىق سىنىپ ۋە كەسپىي سىنىپ دەپ ئۈچكە ئايرىلىدۇ)دا قىرىق-ئەللىك نەپەر ئوقۇغۇچى قىستىلىپ ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشىسا،نوقتىلىق سىنىپلاردا ئوتتۇز-قىرىق نەپەر ئوقۇغۇچى ئازادە ئولتۇرۇپ دەرس تىڭشايدۇ.
مائارىپ ئىدارىسى،مائارىپ ياچېيكىسى ۋە مەكتەپ مودېرلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىنىجسى تۆۋەن چىقىپ قېلىپ يۈزۈنى چۈشۈردىغىنى كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسا،يۈزىنى يورۇق قىلىدىغىنى،شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردىغىنى ناھايىتى ئاز ساندىكى نوقتىلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىكى نوقتىلىق تولۇقسىز ياكى نوقتىلىق تولۇق ئوتتۇرغا ئۆتكەن بىر-ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى خالاس.  
    مائارىپتىكى بىلىم ئېلىش جەھەتتىكى بۇ تەڭسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىكنى باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئاددەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئانچە ھېس قىلالمىغان بىلەن،ئەمما تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ئادەتتىكى سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆلتۈرىدۇ.بۇنداق سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنى ئىستىقبالى يوق ئوقۇغۇچى،سىنىپ مودېرى ۋە دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنى بىلىمى يوق ئوقۇتقۇچى،دەپ قاراپ ئۆگۈنىشتە بىراقلا بەل قويۋېتىدۇ.ئۇلار بېرىلگەن ھەرقانداق ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ۋەدىلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.   
     نوقتىلىق سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئاز سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى ئاز تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى ئاز ئىشلەپ،موكاپات ۋە ئۈنۈم ئىش ھەققىنى كۆپ ئېلىپ،شان-شەرەپكە كۆپ نائىل بولسا؛ ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا كۆپ سۆزلەپ،تاپشۇرۇقنى كۆپ تەكشۈرۈپ،ئارخىپنى كۆپ ئىشلەپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىنى ئاز ئېلىپ بارمىقىنى چىشلەپ قالىدۇ. 
    مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەتتىكى سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈدىغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ سىنىپ مودېرلىرى ۋە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۆز سىنىپىدىن ئەلاچى يىتىشتۈرۈشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى يوقاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمدەك،بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇپ،ئادەتتىكى  يۈزىنى يورۇق قىلالمايدىغان ئوقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە قېلىپ،ئۈنۈم ئىش ھەققىدە زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش. 
 ئاخىىرىدا ئەڭ چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئادەتتىكى سىنىپلاردا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلالايدىغانلىقىىغا كۆزى يەتمەي نارازىلىق ھېسىياتىدا دەرسكە كىرگەن سىنىپ مودېرى ۋەئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسىنى تىڭشاپ
ئۇلارنىڭ بىلىم-سەۋيىسىگە ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئستىقبالىغا ئىشەنمەي چوڭ بولىۋاتقان مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان سەبئىي بالىلار.
ھازىر يېزىلاردا ئىدارە-ئورگانلارنىڭ كادېرلىرىلا ئەمەس،ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆز مەكتىبىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.شۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتسا،ناھىيە بازىرىدىكى ئوتتۇررا مەكتەپ مودېرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى ۋىلايەتتىكى مەكتەپكتە ئوقۇتۇۋاتىدۇ.بىر يېزىدا ئىككى –ئۈچ يۈز نەپەر مائارىپچى،ۋە بىرەر يۈز نەپەردىن كۆپ باشقا ساھەنىڭ كادىرى بار بولسا،ئەمما ئۇلارنىڭ شۇ يېزىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتىدىغان پەرزەنتلىرىنى ئىستاستىكا قىلسا ئونغىمۇ يەتمەيدۇ.يېزا مەكتەپلىرىنى ھازىر ئىسمى-جىسمىغا لايىق دېھقان پەرزەنتلىرى مەكتىپى دېسە بولىدۇ.  
ئالدىنقى ئايدا ناھيىدە بىر يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلۇپ،ناھىيە بازىرىدىكى كونا ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ھەرقايسى يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن بىلىم سەۋيىسى يوقۇرى دەپ قارالغان بىر تۈركۈم ئوقۇتقۇچىلار تاللاپ(بۇنداق تاللاپ-يۆتكەش ھەر يىلى بولىۋاتىدۇ)يۆتكەپ كېتىلۋېدى،ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى يۆتكىلەلمەي،ئۆز مەكتىبىدە قالغان بىچارە ئوقۇتقۇچىلارغا قوشلاپ-قوشلاپ ئارتىلدى.شاللىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە شاللىنىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن قالغان مەكتەپ مودېرلىرىنىڭمۇ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ روھى چىقىپ كەتكەندەكلا   لاسسىدە بولۇپ قالدى. 
ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئائىلىلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقى بار پەرزەنتلىرى ۋە ئوقۇتۇش قىزغىنلىقى بار ئوقۇتقۇچىلار شەھەرگە قاراپ ئېقىۋاتىدۇ.يېزا مائارىپىنى،دېھقان پەرزەنتلىرىنى قانداق قىسمەتلەر كۈتۈۋاتىغاندۇ؟!

تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-12-30, 14:36
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-30 22:48

نىم بولدى ؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1160
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 2 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 2
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-28
ئاخىرقى: 2012-01-03
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-31 07:41

راستىنلا  يامان ئىش بوپتۇ ، گەپ يىزا  مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ غەيرىتىدە ....ھەي بىزنىڭ باشلانغۇچتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ....بەك كۆيۈنەتتى.
ۋەتەن - ئىمان بىلەن بىر جان.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
تۆھپىسى: 34
پۇلى: 181 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 141
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-10
ئاخىرقى: 2012-03-08
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-12-31 13:50

يىزىلاردا ناچارراق بولسىمۇ ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شەھەردە بولسا يوقالدى دىسىمۇ بولىدۇ. شېڭ شىسەي شۇنداق دەپتىكەن، بۇمىللەتنى(ئۇيغۇرنى) ساۋاتسىز قالدۇرۇش ئارقىلىق تىزگىنلەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 22 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 22
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-02-04
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:20

مەيلى يېزا مەكتەپلىرىدە  بولسۇن ياكى شەھەرلەردىكى مەكتەپلەردە بولسۇن بىر يامان ئايلىنىش بار .ئۇ بولسىمۇ مائارىپ ئەھلى ئەمەسلەرنىڭ قولىدا ئۇلارنىڭ مەنپەتىنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىپ بارىدۇ.
    تېمىدا ئېيتىلغىنىدەك يېزا مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇغۇچىلاردىن ئايرىلىپ قېلىشى ئەمىلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىشسىزلىق ئازگىلىغا ئىتىرىپ ئۇلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىغىمۇ بەزى سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىپ قويۋاتىدۇ .دىمەكچىمەنكى ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى «تالاغا قاراپ »كەتى .
بوزقىر مەلىكىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 373
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 114
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-02-11
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 00:11

          خۇددى پەيلاسوپ ئابدىقادىر جالالىدىن ئېيىتقاندەك مائارىپچىلار ئارىسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان مائاشچىلار كۆپىيىپ كىتىۋاتامدىكىن !!!!
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 117
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە117دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 153 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 36
ياخشى باھا: 153
توردا: 34(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-03-12
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 01:19

ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ زور بايلىقى مۇشۇ ئەقىللىق كاللىلار!مۇشۇ گۆدەك تەبىئى ئەقىللىق غۇنچىلار !
مۇھىم ئىشنىڭ مۇھىمى بالىلارنى قانداق تەربىلەش!  مۇشۇلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز!!
ئىجتىھاد
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 01:22

.‹كىلەچىگىنى ئويلىمىعان يامان كۇنگە يەم بولار››...كىلەچەك ئەلچىسى بولۇپ قال ئۇستاز؟!