ئاتەشپەرەسلىك دىنى ئوتتۇرا ۋە مەركىزى ئاسىيا خەلىقلىرى مەدەنىيىتى تارىخىدا سالماق ئورۇن تۇتقان يەنە بىر مۇھىم دىننىي ئېتقاد ھېسابلىنىدۇ. شۇنى ئىزاھلاش زۆرۈركى ، ئاتەشپەرەسلىك دىنى مەيدانغا كېلىشتىن ئېلگىرىلا ئوتتۇرا ئاسىيادا ‹تۆت زات› نى ئاساس بىلىش ، ئوتقا ، قۇياشقا چۇقۇنۇش ئەنئەنىسى بولغان . ھېردوتىس ماسساگىتلار ھەققىدە توختالغاندا ، ئۇلارنىڭ گۈلخان يېقىپ ، ئوتنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ، ئوتقا مىۋە تاشلاپ ، مىۋە پۇراقلىرىدىن مەسىت بۇلۇپ ،ناخشا ئوقۇپ ، ئۇسسۇل ئوينايدىغانلىقىنى يازغان . بەزى مەلۇماتلاردا ماسساگىتلارنىڭ قۇياشنى تەڭرى بىلىپ ئېتقاد قىلدىغانلىقى ، ئۇنۇڭغا ئاتاپ ئاتلارنى قۇربانلىق قىلدىغانلىقى ئېيتىلغان . ئوت -قۇياش ، يەر –سۇ –ماسساگىتلار ‹ساكلار› نىڭ سېغىنىش ئوبيېكتىلىرى ھېسابلىناتتى .بۇ ئەسلىدە شامانىزىم ئەنئەنىسىمۇ ئىدى. ئوتنى ئۇلۇغلاش ، ئېسىرىق تاشلاش ، ياغ پۇرتىش ، قاپاق كۆيدۈرۈش ، يىڭى كىلىننى ئوتتىن سەكىرىتىش ، يىڭى قەبرىگە چىراق يىقىش قاتارلىق ئادەتلەر ئارىيانلار نىڭ بىر قىسىمى شېمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن چاغلاردا ساقلانغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ‹رېگاۋىدا› ناملىق قەدىمكى دەستۇرىدا ئىپادىلەنگەن . ئۇنۇڭدا يەنە ، سۇ يار ئىلىپ توختىمىسا ئادەم قۇربانلىق قىلىش ، مۇشۇك يۈزىنى يۇيسا ،سېغىزخان سايرىسا ئۇنىڭ بىشارىتىنى جوراش قاتارلىق ئادەتلەر ئۇچىرايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ساقىندى سۈپىتىدە مەۋجۈت .ئاتەشپەرەسلىكنىڭ ئەنئەنىۋى ئوتقا سېغىنىش پائالىيەتلىردىن خاس دىننىي ئېتىقادقا ئۆزگىرىشى –بۇ دىننىڭ ئىجادىيەتچىسى زارا ئاستىرا ۋە بۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتابى‹ئاۋىستا› بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئاتەشپەرەسلىك دىنىنىڭ شەكىلىنىشى –ئوتتۇرا ئاسىيادا ياۋايىلىق دەۋىرىدىن مەدەنىيەت دەۋىرىگە –سېۋىلىزاتسىيە دەۋىرگە قەدەم قويغانلىقىنىڭ ، دەسلەپكى بوستان مەملىكەتلىرى شەكىللىنىشىنىڭ ۋە دەسلەپكى سىنىپى، ئىجتىمائى ئازاتلىق ئىستەكلىرىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
ئاتەشپەرەسلىك-بۇددىزىم ۋە ئىسلامىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋىرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ساقلاندى . ئىپتالىتلار 5-ئەسىردىن ئېلگىرىلا بۇ دىننى قۇبۇل قىلغانىدى .<ۋىينامە> دە كۆرسىتىلىشىچە ، ئاتەشپەرەسلىك -قەشقەر ، خۇتەن ، قارا شەھەر، قۇچۇ ، ئېۋىرغولدا ساقلانغان .
بۇ پەقەت ئەجدادىمىزنىڭ بىز ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان مىراسى بارىغا شۇكىر قىلايلى ، بولمىسا ھىچنېمە بىلمەس پاڭ بولىدىكەنمىز. شۇل دەۋىرنى تەتقىق قىلغانلىق ھەم يازغانلىق خۇدانىڭ ئالدىدا ساۋاپ بولسا بۇلىدىكى ھەرگىزمۇ گۇناھ ئىش ئەمەس.
جەننەت ئاتا-ئاناڭلارنىڭ ئايغى ئاستىدا.