تاققا-تۇققۇ
(سىناق نۇسخا)
قاراخان
بىر كۈنى تۇيۇقسىز خوشنام كىرىپ كەلدى؛-‹‹ئايالىم تۇغۇلغان كۈنىدە ئېلىپ بەرگەن يىڭنىنى خۈروم ئىشتاننىڭ ئايىغىنى بۈكىمەن دەپ سۈندۇرۇۋاپتۇ ، شۇنى بىللە بېرىپ پاياتلىشىپ بەرسەڭ››-دەپ .شۇنىڭ بىلەن داۋۇت تۆمۈرچىگە بارساق ، توك بازغىنىم بىكار ئەمەس بالىلار كاناي ياساۋاتىدۇ -،سىلەر زەرگەرگە بېرىپ بېقىڭلار ؟-دىدى .زەرگەر ئۇستام مەندە سۈپۈرگە يوق ،يىڭنەڭلەرنى ناۋايغا ئاپىرىپ بېقىڭلار دىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن بۈ يىڭنىنى ئېلىپ يۈرگەنگە كىرا جىق كېتىدىكەن ،ئۇنى ئۆيۈڭگە قويۇپ تۇرۇپ ،ياسايدىغان ئادەمنى ئاۋۋال ئۇقۇشۇپ باقايلى -دىسەم ،مەن چاپىنىمنىڭ تۈگمىسىنى ئېلىۋېتىپ تۇتقۇچ بېكىتىمەن دەيدۇ.ئۇنداق بولسا ئۇننىڭ ئىچىدىن چاشقاننىڭ مايىقى چىققاننى مۈشۈكنىڭ يۈزىگە سېلىپ يۈرمە ، مەن خېلى بولدى ياغاچ پىچاقنى بىلەپ يۈرگىلى ، ئىككى تال جىرىمنى توخۇ غاجىۋەتكەن بولسا ئورنىغا قەلەمچە تىكىپ بەرسۇن. مەن ساڭا دىگەن ھويلاڭغا توخۈ چىچىۋەتسە ئايالىڭ خاپا بولىدۇ شۇڭا توخۇلۇرۇڭغا ‹‹قوزام زاكىسى››دىن بىر بولاق ئېلىپ قوي -دەپ. ئۆزەڭ مۈشۈكنى يۇيسا ئۆلۈپ قالىدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى كىرئالغۇ سېلىپ ئۆلتۈرۈپ قويساڭ چاشقانغا نىمە دەيسەن ؟ ھاجەتخانىنى قۇدۇقنىڭ يېنىغا كولىساڭ ،كالىنى نىمىدە باغلايسەن ، ئۆتكەندە ئىتنىڭ بىر تال تۈكى ئۆيگە كىرىپ قالغانغا نەچچە كۈنگىچە ئۆيىمىزگە پەرىشتە كىرمىدى.1-ئينىڭ 1-كۈنى ناۋايخانىدىن نان ئالما دىسەم ئېلىۋېلىپ ئايالىڭدىن بۇلتۇرقى ناننى نىمىشقا ئالدىڭىز دەپ تىل ئاڭلىدىڭ . پويىزغا بېلەتنى ئېلىپ بەرسەم ئىشىكنىڭ ئالدىدا خوش -خوش دەپ يۈرۈپ پوييىز مېڭىپ كېتىپتۇ دىدىڭ .مەن دائىم قورسىقىم تويغاندا پولونى زادى يىمەيمەن دىسەم ، موزدۇزنىڭ كۇچى بولغاچقا بازغان بىلەن ئايىغىمغا ناھال قېقىپ بەردى . بۇلتۇر بانكىغا قويقان پۇلۇمغا بىر تىرناق ئالغۇچ سېتىۋالسام ، ئەمەت ئىككى تال ياغىچىم بار ئىدى شۇنى كېسىۋالاي دەپ ئېلىپ چىقىپ كېتىپ تېخىچە ئەكىرىپ بەرمىدى .بېلىقنى قوشۇقتا يىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىلتىرىقى كانىيىڭدا تۇرۇپ قالسا ماشىنا ئەكىلىپ تارتقۇزىۋەت دىسەم بېلىق گۆشىنىڭ تۈگرىسگە ھېچنىمە يەتمەيدۇ دىدىڭ .. ئۆتكەندە ئالغان كىر سوپۇندا چىشىڭنى يۇيۇپ پارقىرىتىۋەتكىنىڭنى كۆرەلمەيدىغانلار خېلى باركەن .بىر كىلو سېغىزنى يالغۇز چايناپ بېلىڭ چىم بولۇپ كەتسىمۇ دوختۇرغا بارمامسەن . ساتىراچخانىدا كېسىۋەتكەن چېچىڭنىڭ ئاشقىنىدا ياسىغان توبارىڭنى سىرلىتىپ بەلەن قىلپسەن .يامغۇر ياققاندا قۇرۇق يەرنى تېپىپ تۇرغۇنۇڭ ياخشى ،بولمىسا يىگەن
تالقىنىڭ ئۇسسۇغان يېرىڭگە بارمايدۇ دىسەم ،كۆۋرۈك سالاي دىسەم ئېرىقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى توپىنى خەقلەر توشۇپ كېتىپتۇ ، مەن تام سوققانلارغا دەپ قوياي سىمونتنى جىقراق ئارىلاشتۇرىۋەتسۇن ، بولمىسا مال دوختۇرى كالىنىڭ بوغازلىقىنى ئايرىيالماي قالىدۇ -دىدىڭ. ئۆتكەندە يەرگە چۈشۈپ كەتكەن تۈمىقىڭنى ۋاتۇجى ‹توپا قېزىش ماشىنىسى› دا ،ئالغۇزۇپسەن. سەن ئايرۇپىلاندىن بېشىڭنى چىقىرىپ يەرگە تۈكۈرىۋالغۇچە بىز يولۇچىلار نەچچە قېتىم پەستە ساقلاپ تۇردۇق . ئۇنداق قىلساڭ
تەشكىلگە قانداقمۇ يۈز كېلەلەيسەن ،كىچىكىڭدىن پىت چاققانغا چىدىماي ئۆگزىگە چىقىۋالاتتىڭ ، نان بەرگەن ئادەمنىڭ قولىنى چىشلەيدىغان ئادىتىڭنى تېخىچە تاشلىيالمىغاچقا ،توخۇنىڭ سۈتىنى ئىچىپ تاتلىق كېسەل بولۇپ قالدىڭ،خەقنىڭ بۇقىسىنى چىمدىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ،تۇغۇلغان كۈنۈڭگە سالغان قۇيماقلارنى ئىتلار تالاپ كەتتى . بېلىڭنىڭ تېگىگە سۈيقاش بارمىغانلىغىنى دىمەي دىسەم قېتىقنى پۈۋلەپ ئىچىپسەن ،ئۆستەڭگە سۇغا چۈشكىلى بارغاندا خوش، مېھمانلاردىن كەلسۇن ؟- دەپ، سۇ توختاپ قالغۇچە تۇرۇپسەن . بىر ئاغىنەڭنىڭ تىل تىكەن بولۇپ قالغان كالىسىنىڭ تىل تىكىنىنى ئېلىش ئۈچۈن ئارشاڭدىن كومبايىن ئۇقۇشۇپ بېرىپسەن .ئۆلگەن ئاتنىڭ تاقىسىنى ئىزدەپ ،كەپتىرىڭنى تەپمە ھالال قىلىپ قويۇپسەن ، مېنى قولىغا خېنە قويىۋاپتۇ دەپ ،ياققان قارنىڭ ھەممىسىنى قايناقسۇدا ئېرىتىۋېتىپسەن ،براك ماشىناڭدا ھوشۇق ئويناپ ، تىنىقىڭ توختاپ قالسا ، قاپىقىڭنىى ئاچمامسەن ،يانچۇقىڭغا تاش سېلىۋالساڭ ،تاغقا چىققاندا تاش ئىزدەپ ئاۋارە بولمايتىڭ ،.داۋامى بار
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-20 19:15قايتا تەھرىرلىدى ]