ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 486 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يالقۇن روزى:<< تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 94
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە94دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 199 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 94
ياخشى باھا: 199
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-03-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-02 12:39

يالقۇن روزى:<< تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى

  تۈركىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچۇرىشىش ئىمكانىيىتى ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا 1980-يىلىلارنىڭ بېشىدا باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ . ئەينى چاغدا رېشاد نۇرى گۈنتېكىننىڭ مەشھۇر ئەسىرى << چالىقۇشى >> تۇرسىناي قاسىم ئىجتىھاتى بىلەن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ، بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغانىدى . مۇھەببەت تەلىپى كۈچلۈك ، خاراكتېرى شوخ ، قەيسەر ، جاھىل ، ساھىبجامال قىز پەرىدەنىڭ ئوبرازى 1980-يىللاردىكى يىگىت-قىزلارنىڭ رومانتىك دۇنياسىدىكى يىگانە سىيما بولۇپ قالدى . لىرىكىلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بۇ ئېسىل رومان ئۇلارنىڭ قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇيدىغان كىتابى ئىدى . ئۇلار بۇ روماندىكى پەرىدە بىلەن كامراننىڭ ئەگرى-توقاي مۇھەببەت ھېكايىسىدىن تۈگىمەس زوق ئالاتتى . مۇھەببىتىگە داغ چۈشۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن قېيداپ ، تۈگىمەس ئانىي تېپىش ، تۈرلۈك سىلىقلاشلار بىلەن تولغان ھەسرەت –نادامەتلىك ھاياتقا چىشىنى چىشلەپ چىداپ ياشاشقا مەجبۇر بولغان جاھىل قىز پەرىدە قىزلارنىڭ غورۇرىغا غورۇر قوشقانىدى . <<چالىقۇشى >>قىزغىنلىقىغا ئۇلىشىپلا ، ساباھىدىن ئەلىنىڭ << جۇۋىلىق خانىم >> ناملىق پوۋېستى ، ياشار كامالنىڭ << مەمەت ئاۋاق >> ناملىق رومانى ، نەجافى جۇمالنىڭ << سۇسىز ياز >> ناملىق پوۋېستى ، كەلىمە نادىرنىڭ << سامان يولى >> ، <<ئۆكسۈش >> ناملىق رومانلىرى ، ئەزىز نەسىننىڭ ھەجىۋىي ھىكايىللىرى ، ئۆمەر سەيفىتتىننىڭ << ئاق لالە >> قاتارلىق ھېكايىللىرى ۋە <<پىرمو تۈرك ئوغلى >> ناملىق پوۋېستى ئارقا-ئارقىدىن ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىندى . بۇ ئەسەرلەر قاتمال ئىجادىيەت قارىشىدىن قۇتۇلۇپ ، ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتىنى چىقىش قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىستىكى كۈچلۈك ياش قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيەت قارىشى ۋەيېزىقچىلىق ئۇسلۇبىغا زور تەسىر كۆرسەتتى . بۇ ئەسەرلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەدەبىيات ھەققىدىكى تونۇشنىڭ يېڭىلىنىشىغا ، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قويىدىغان تەلىپىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولدى . 1990-يىللاردا تۈركىيە ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تونۇشتۇرۇلىشى 1980-يىللاردىكىدەك نەتىجىلىك بولمىدى .<<لەۋدىن قەلبكە >>ناملىق بىر پارچە رومان نەشىر قىلىنغاندىن باشقا ،ئاز ساندا ھېكايە ، شېئىر ۋە نەسىرلەر تەرجىمە قىلىندى . ئەمما ئالاھىدە يېڭىلىق ھېسابلىنىدىغان بىر ئىش 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا <<چالىقۇشى >> ناملىق رومان ئاساسدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئانا تىلىمىزغا سۈپەتلىك تەرجىمە قىلىنىپ ، ئۈن-سىن بازىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى بولدى . بۇ فىلىم ئارقىلىق پەرىدە بىلەن كامراننىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى مىڭلىغان –مىليۇنلىغان كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا تولىمۇ جانلىق نامايان قىلىندى . تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى ھاۋاخان ھېيىتنىڭ تەبىئىتى نازۇك ئەركە قىزلارنىڭ خاراكتېرىنى چاقنىتىۋىتىدىغان ئاۋاز پەرىدەدىن ئىبارەت ئۇنتۇلماس ئوبرازنى تېخىمۇ يارقىن تۈسكە كىرگۈزۈپ ، كۆرۈرمەنلەرنى سەنئەتنىڭ سېھىرلىك دۇنياسىغا غەرق قىلدى . فىلىمدىكى مېلودىيەسى يېقىملىق مۇزىكا ، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى ، كونا قاراش بىلەن يېڭى ئىدىيەنىڭ توقۇنىشى ، پەرىدەنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرى ، كامراننىڭ مۇڭلۇق بېقىشلىرى ، كىرىستالدەك ساپ مۇھەببەت . . . . كىشىلەرنى ئۇنتۇلماس تەسىراتلارغا مۇيەسسەر قىلدى . 1990-يىللاردىكى يەنە بىر  روشەن ھادىسە تۈركىيە ناخشا-مۇزىكىلىرىنىڭ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرىدا ناھايتتى كەڭ تارقالغانلىقىدۇر . ھازىرقى زامان تۈركىيە ناخغا-مۇزىكىلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى زامانىۋىلىشش ئارزۇسىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى . بولۇپمۇ ، ئىشلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئوپىراتورلىرىمىز بىلەن رېژىسسورلىرىمىزنى يېڭى نەزەرگە ئىگە قىلدى .

21-ئەسرگە قەدەم قويغاندىن كىيىن ، ئىقتىسادنىڭ گۈللنىشى ، تېخنىكىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تاراتقۇلارنىڭ قاپلاش كۆلىمنىڭ كېڭىيشىگە ئەگىشىپ تۈركىيەنىڭ  ئەدەبىيات –سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچرىشش ئىمكانىيىتى تېخىمۇ زورايدى . ئەدەبىي ئەسەرلەردىن دەسلەپتە << ئېچىنىش>>، << تامغا >> ناملىق رومانلار نەشىر قىلىندى ، ئۇزاق ئۆتمەي ، نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى ئورخان پاموكنىڭ << مېنىڭ ئىسمىم قىزىل >> ، <<يېڭى ھايات >> ناملىق رومانلىرى ، << ئۆمەر سەيففىتتىن ھېكايە –پوۋېستلىرىدىن تاللانما >> دېگەن كىتابلار نەشىر قىلىنىپ ، ئوقۇرمەرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى . بۇ يىللاردا ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرى تازا جانلىنىپ ، غەرب ئەللىرىنىڭ ، تۈركىيەنىڭ ، ئۆزبىكىستاننىڭ ھېكايە فىلىملىرى ئارقا-ئارقىدىن تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى . كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرى تەرەققىياتى خەلقئارا سەۋىيەگە يەتكەن تۈركىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق مەدەنىيەت بازارلىرىدا كۆپەيدى . دەل مۇشۇ چاغدا ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئېشىپ بېرىشغا ماس ھالدا ، تۈركىيەنىڭ دۇنياۋى تەسىر قوزغىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى << بۆرىلەر ماكانى ( كۇرتلار ۋادىسى ) ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق تارقىلىپ ، كىشىلەر ئارىسىدا <<كورتلار ۋادىسى >> قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى . ۋەقەلىكى مۇرەككەپ ھەم جىددىي ، زىدىيەتلىرى ئۆتكۈر ھەم كەسكىن ، دىئالوگلىرى جانلىق ھەم مەنىلىك ، پىرسۇناژلىرى خىلمۇخىل ، مەزمۇنىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ بۇ فىلىم كىشىلەرنى ناھايتتى تېزلا ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى . خاراكتىرى روشەن ھەم رەڭدار پىرسۇناژلار كۆرۈرمەنلەرگە پۈتمەس-تۈگىمەس زوق ئاتا قىلدى . بولۇپمۇ پولات ئەلەمدارنىڭ قارەماققا سۇلغۇن كۆرىنىدىغان ، ئەمما ھوشيار ، جەسۇر ، چەبدەس ، كەسكىن ، تەدبىرلىك ، تەمكىن ، قۇۋ خاراكتىرى ، ۋەتەننى سۆيۈشتىكى قەتئىيلىكى ۋە ئۈزۈل –كېسىللىكى تاماششىبىنلارنى مەستانە قىلدى . ئۇلار بۇ فىلىمدىكى ۋەقەلىكلەرنى بەس-بەستە سۆزلىشىدىغان ، پولات ئەلەمدار ، سۇلايمان چاكىر ، ماماتى ، ئارسىلان بەگ ، مەممەت قاراخانلى ، لەززىيا ، ئىسكەندەر بۈيۈك ، ئەلىف ، ئابدۇلھەي قاتارلىق ئوبرازلار توغرۇلۇق تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرىدىغان بولدى . " كورتلار ۋادىسى " فىلىمى 97قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بولغاچقا ، كىشىلەرنىڭ ئۇ ھەقتىكى سۆز-سۆھبەتلىرىمۇ يىللاپ داۋام قىلدى . ئارقىدىنلا " كورتلار ۋادىسى . ئىراق " ناملىق ئىككى قىسىملىق كىنو فىلىمى پولات ئەلەمدارنىڭ ئوبرازىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتىۋەتتى . پلات ئەلەمدارنىڭ رولىنى ئالغان نىجاتى شاشماس مىليونلىغان مەستانىلىرى بار دۇنياۋى چولپانغا ئايلاندى . ئۇنىڭدىن كېيىن " كورتلار ۋادىسى . پۇسۇ " ( تەرجىمىسى : بۆرىلەر ماكانى ، پىستىرما ) ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىر تەرەپتىن ئىشلىنىپ ، بىر تەرەپتىن تارقىتىلىپ " كورتلار ۋادىسى " قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىۋەتتى . ئېنتېرنېت  تورىنى ئاساس قىلغان زامانىۋى كۆپەيتىش ، تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ قولايلىق بولۇشىدەك ئەۋزەللىك ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى مىڭلىغان-مىليۇنلىغان قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى بىمالال كۆرۈشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى . تاماششىبىنلار " كورتلار ۋادىسى " قىزغىنلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن تۈركىيەدە ئۈزلۈكسىز ئىشلىنىپ قۇيۇلۇۋاتقان كۆپلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەش جەھەتتە ھەيران قالارلىق ئۈنۈم قازىنىۋاتقان تۈركىيەدىكى " ئوسمان سىناۋ ئىستودىيەسى " ، " ئاي ئىستودىيەسى " ( ئاي ياپىم ) قاتارلىق ئىستودىيەلەر بەس-بەستە ئىشلىگەن فىلىملەر ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ ئۈن-سىن بازىرىنى قاپلىدى . " غازاڭ پەسلى " ، " چەكلەنگەن سۆيگۈ " ، " ئەلىفنىڭ كۆز يېشى " ، " ئاچچىق ھايات " ، " ئەزەل " ، " قاچقۇن ئاشىقلار " ، " قىزىم نەدە " ، " ئادانالىق رازۋېدچىك چاكىر " ، " ئاشىقلىقنىڭ جازاسى " ، " تۈركىيە تۈرمىسىدىن قېچىش " ، "فاتىمەگۈلدە نېمە گۇناھ " ، " ئىسمىنى فەرىخە قويدۇم " ، " ئىستانبوللۇق قەھىرمان چاكىر " ، " ئەسىر شەھەر " ، گۈللەنگەن يۈز يىل " ، " كورتلار ۋادىسى . پەلەستىن " ، " ئاسىيلىق " قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى كىشىلەر زور قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈپ ھوزۇرلانغان فىلىملەر بولۇپ قالدى . بۇ فىلىملەرنىڭ ئىچىدە " چەكلەنگەن سۆيگۈ " ( ئەسلىي ئىسمى " ئاشىقى مەجنۇن " ) ، " ئاچچىق ھايات " ، " ئاسىيلىق " ، " ئەزەل " ، " ئەلىفنىڭ كۆز يېشى " ، " قاچقۇن ئاشىقلار " ( ئەسلىي ئىسمى " مەنەكشە بىلەن خېلىل " ) ، " ئادانالىق رازۋېدچىك چاكىر " قاتارلىقلار ئۈن-سىن سودىگەرلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئانا تىلىمىزغا تەرجۆىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى .مانا مۇشۇنداق ئەسلىسىنى ياكى تەرجىمىسىنى بىۋاستە ھالدا توردىن كۆرۈش ۋە ئۈن-سىن دۇكانلىرىدىن سېتىۋىلىپ كۆرۈش نەتىجىسىدە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا " تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى " رەسمىي يوسۇندا شەكىللەندى .بۇ خىل قىزغىنىنلىقنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە بەش-ئالتە يىلچە ۋاقىت بولدى . نۆۋەتتە ، بۇ خىل قىزغىنلىق ئئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ بارماقتا .
<<تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ، تەتقىق قىلىشىمىز ۋە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشىمىزنى كۈتمەكتە . ئۇنداقتا ئاپتۇنۇم رايونىمىزدا ، جۈملىدىن ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە شەكىللەنگەن << تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى ؟ شۈبھىسىزكى ئوخشاش ئەسەر ئوخشاشمىغان تەسىر بەرگەندەك ، تۈركىيە فىلىملىرى ئىجتىمائىي ئەھۋالىمىزغا ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىمىزگە ماس ھالدا ، بىزگە ئۆزگىچە تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى . زوقلقنىش پىسخولوگىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، زوقلىنىش خاسلىققا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە يەنە مىللىيلىككە ئىگە بولىدۇ . مەن << تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> نىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى  تۆۋەندىكى ئالتە جەھەتتىن ئىزاھلاپ چۈشەندۈرىمەن .
بىرىنچى ، يېڭىچە زوق ئىلىپ كەلدى .
تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىزگە ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە زوقىنى " ئىللىقلىق " ۋە " ھەيرانلىق " دېگەن ئىككى سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ . ئۇنداقتا ، ئۇيغۇر تاماششىبىنلىرىدا ئىللىقلىق پەيدا قىلغان سەۋەب نېمە ؟ ئايانكى ، بۇ سەۋەبلەر تۇرمۇش شەكلى ، ئەخلاق ئادەتلىرى ، كىشى ئىسىملىرى ، ئېتىقاد سېستىمىسى ، ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئوخشاشلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئىقتىساد سىستېمىسى جەھەتتىكى ئورتاقلىق ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى مۇئەييەن ئوخشاشلىق زوقلانغۇچىلار پىسخىكىسىدا تەبىئىي ھالدا ئىللىقلىق پەيدا قىلىدۇ . بۇ ھال تاماششىبىنلارنىڭ ئېستېتىك زوق دۇنياسىغا يېڭىچە تەسىر بېرىدۇ . مەلۇمكى تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا كىشىگە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرىدىغان مەزمۇن ۋە كۆرۈنۈشلەر ناھايتتى كۆپ . مەسلەن ، " غازاڭ پەسلى " ( تۈرۈكچە نامى : " ياپراق دۆكۈمى " ) دېگەن تېلېۋىيە تىياتىرى 170نەچچە قىسىملىق فىلىم بولۇپ ، بۇ فىلىم رېشاد نۇرى گۈنتېگىننىڭ " ياپراق دۆكۈمى " ناملىق رومانى ئاساسىدا سېنارىيەشتۈرۈلۈپ ئىشلەنگەن . ئەسلىي ئەسەردە تۈركىيەنىڭ 1950-يىللاردىكى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن . سېنارىيەدە بولسا ، ۋەقەلىك 2000-يىللارنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن . بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ سۇژىتى ئىستانبولغا كۆچۈپ كەلگەن ئەلى رىزاتېكىن ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغان .فىلىمدە قوشنا-قۇلۇم ،خىزمەتداش ، تۈرمىداش ، قۇدا-باجا ، كېلىن –كۈيئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ئەگرى-توقاي ، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر تەسۋىرلىنىپ ، بۈگۈنكى كىشىلەرنىڭ ئائىلە ، نىكاھ ، پۇل قارىشى تەبىئىي يۇسۇندا ئىپادىلەپ بېرىلگەن . ئەنئەنىگە بولغان قىيالماسلىق بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش شەكلىگە ماسلىشالماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئىدىيە توقۇنۇشلىرى جانلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن .ئەسەردىكى پىرسۇناژلار مۇناسىۋىتىدە ئىپادىلەنگەن سۆز-ئىبارىلەر ۋە زىدىيەت –ماجرالارنىڭ دەل ئۆزىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ . بولۇپمۇ قېيىنئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەت-تۇقۇنۇش ، تالاش-تارتىشلارسىز ، بىز قەشقەر ياكى غۇلجىدا ئۇچراتقان مەلۇم بىر ئائىلىدىكى زىدىيەت-ماجرالارنىڭ ئىكرانلاشتۇرۇلۇشىدەك تەسىرات بېرىدۇ.  شۇڭا ، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ئىچىدىكى كۆپلىگەن مەزمۇن ، ۋەقە ، پىرسۇناژ ۋە كۆرۈنۈشلەر بىزگە " ئىللىقلىق " تۇيغۇسى بەخىش ئېتىپ ، ئېستېتىك زوقىمىزنى يېڭىچە تەمگە ئىگە قىلىدى دېيەلەيمىز .
   " ھەيرانلىق " دېگەن سۆزگە كەلسەك ، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سۇژىتى تولىمۇ ئەگرى-توقاي بولغاچقا ، كۆرۈرمەنلەرنى ھېلىدىن-ھېلىغا ھەيرانلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ . مەلۇمكى ، ئەگرى-توقاي سۇژىت زوقلانغۇچىلارنى زوقلاندۇرۇپ ، ھەرخىل تەسىراتلارغا مۇيەسسەر قىلىدىغان مۇھىم ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىك . بەش-ئون يىلدىن بۇيان قويۇلۇپ كېلىۋاتقان كورىيە كۆپ قىسىملىق تېلېۋىيە تىياتىرلىرىنىڭ سۇژىتىدىكى ئەزمىلىك بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق تولىمۇ روشەن ھەم رەڭدار . مەسلەن ، " قاچقۇن ساراڭلار " ، " غازاڭ پەسلى " دېگەن فىلىملەرنىڭ تىنىمسىز ئۆگىرىپ تۇرىدىغان سۇژىتى فىلىمدىكى ئانچە چىن بولمىغان ، تۇرمۇش ئاساسى ئاجىز ۋەقە-ھادىسىلەرنى چاندۇرماي ئۆزگەرتىۋىتىدۇ . سۇژىت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزگىرىشچانلىق ۋە رەڭدارلىق ئىچىدە ھەربىر پىرسۇناژ ئادەمنى بىردەم سۆيۈندۈرسە ، بىردەم نەپرەتلەندۈرىدۇ ، بىردەم ئۆكۈندۈرسە، بىردەم زوقلاندۇرىدۇ . بۇ ئارقىلىق پىرسۇناژلار خاراكتىرىدىكى كۈچلۈك تەرەپلەر بىلەن ئاجىز تەرەپلەر ، ئاقىلانە ھەرىكەتلەر بىلەن ئەخمىقانە ھەرىكەتلەر ئارىلاش ئىپادىلىنىپ كۆرۈرمەنلەرگە چىنلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ . تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى زوقلانغۇچىلارنى مەستانە قىلغان بىر مۇھىم ئامىل .


كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلۋىگە ئاساسەن داۋامى پات ئارىدا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ .
[ بۇ يازمىنىكان-تۈرك 2012-01-03 16:37قايتا تەھرىرلىد ]
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 01:09

ئاخىرىنى كۈتىمىز.كۈچلۈك تەلەپ!!!
كۆزۇڭنى ئاچ