ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 116 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: نەۋرىزە: ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە
دوستلىشىش
نەۋرىزە
تۆھپىكار باغۋەن
دەرىجە: مۆھتىرەم
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 37
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 136 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 86
توردا: 20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-20
ئاخىرقى: 2012-01-12
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-02 23:33

نەۋرىزە: ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە

ئۇيغۇر ئۆرۈپ ئادەتلىرىدىكى 62 خىل تەربىيە



(1)
ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !>> (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . 

(2)
چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل  كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .

(3)
ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم .

(4) چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا "ئالجىغان" ، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان" ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەر چوڭلارنى "دادا" ، "بوۋا" ، "موما" ، "ئانا" ، "ئاكا ، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، "ئەدەبسىز" ، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ
 (5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا "كۆيۈمسىز" ، "مېھرى يوق" ، "باغرى قاتتىق" ، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى "سىز" ، "سىلى " ..... دەپ ئاتىشى لازىم ، "سەن" دېيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق" ، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ .
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم
(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .
(12)
مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ
.
(13)
ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ
.
(14)
مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ
.
(15)
مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ
.
(16)
مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ
.
(17)
مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ
.
(18)
مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ . 

(19)
مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ
.
(20)
مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان
.
(21)
مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم
.
(22)
مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن
.
(23)
يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ
.
(24)
غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ

(25)
مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ
.
(26)
بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ
.
(27)
تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ
.
(28)
مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ
.
(29)
يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ
.
(30)
ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ 

(31)
ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
. a
(32)
يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ
.
(33)
ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ
.
(34)
ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ
.
(35)
كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان
.
(36)
زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ
.
(37)
تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ
.
(38)
نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ

(39)
ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ

(40)
سەيشەنبە ، جۈمە كۈنى يولغا چىقىشقا بولمايدۇ . چۈنكى كۈنلەر ئىچىدە سەيشەنبە قۇتسىز كۈن ، شۇ كۈنى "تۇڭگۇزمۇ مويىنى تاشلىمايدۇ" ؛ جۈمە روھىناتلارنىڭ سېغىنىشلىق كۈنى ، جۈمە كۈنى ئەجدادلار روھىغا دۇئا - تەگبىر قىلماي ، توپا بېشىنى يوقلىماي بولمايدۇ ، دەپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ، بۇ ئىككى كۈندە يولغا چىقىش "يامان بولىدۇ" ، "پىشكەللىككە ئۇچرايدۇ" دەپ قارىلىدۇ
.
(41)
چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ
.
(42)
ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش
.
(43)
يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ
.
(44)
كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ
.
(45)
ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
.
(46)
چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ
.
(47)
كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى "سۇخەنچى ، تەخسىچى...." دەپ ئەيىبلىنىدۇ

(48)
ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
.
(49)
ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
.
(50)
پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
.
(51)
چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ
.
(52)
ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ" ، دەپ قارىلىدۇ
.
(53)
ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ

(54)
ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ

(55)
ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ
.
(56)
زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ
.
(57)
ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ

(58)
ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ

(59)
كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ

(60)
كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن جەمئيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ
.
(61)
قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ
.
(62)
زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جىمىيەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ
.
مەنبە : ئۇيغۇر ئۆرۇپ ئادەتلىرى دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى
. .

 

تېما تەستىقلىغۇچى : bozqir
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-03, 10:15
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
تۆھپىسى: 17
پۇلى: 100 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 34
ياخشى باھا: 100
توردا: 17(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-01-20
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 20:05

نەخ مۇشۇنداق ماتىرياللارغا مۇھتاج بوپ يۈرەتتتىم ،ئەجەپ بەلەن بولدى !!
قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن! رەھمەت سىزگە1  
ئىجتىھاد
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 244
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە244دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 368 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 333
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-20
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 21:13

ئاھ ئۇلۇغ ،ئەزىز يەر ،ئاھ،ئەزىز تۇپراق ،
سەن دائىم يەلكەمدە،
دائىم ۋەسلىمدە .
ئىككىمىز تىنماستىن پىچىرلىشىمىز ،
جاھانگىر ياشلىققا قايتقان پەيتىمدە.
بارمىدۇر بىر كەڭلىك ،
سېنىڭدىن خوپراق ؟
دىگەن شۇ بىر سوراق ھامان قەلبىمدە.......

     ئو.ساۋۇت
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئۇ، سۆزىدىن يانمايدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 502 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 66
ياخشى باھا: 312
توردا: 83(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-01-20
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 11:32

ئەپسۇس، ئىلگىرى يامان ئېلىنىدىغان نۇرغۇن ئىشلار ھازىر ئانچە يامان ئېلىنماس بولۇپ قالدى.

بەك ياخشى تېما بوپتۇ.