ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 346 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: يالقۇن روزى:<< تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى داۋامى
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 98 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 98
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-01-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-03 16:33

يالقۇن روزى:<< تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى داۋامى

   ئىككىنچى ،يېڭىچە قاراش ئېلىپ كەلدى .
<< تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاكتىپ تەسىر يېڭىچە قاراشلارنى ئاتا قىلغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ . " كورتلار ۋادىسى " ، فىلىمىدىكى " بالىلارسىز ۋەتەن بولماس " ، " ئاقىۋەتنى ئويلىغان ئادەم قەھىرىمان بولالماس " ، " جاسارەت ياخشى ئادەملەر تەرىپىدىن جارى قىلدۇرۇلمىسا ، رەزىل ئادەملەرنىڭ قورالى بولۇپ قالىدۇ " ، " ۋەتەن ئۈچۈن نامسىز قەھىرىمان بولۇش تېخىمۇ شەرەپلىك ، " كۈچىمىز تۈگىگۈچە ئېلىشىمىز ، كۈچىمىز تۈگىگەندە ئۆلىمىز " ، " تۈركىيەنى تۈركىيە قىلغان ئۇنىڭ دۈشمەنلىرى " دېگەندەك ئىدىيە ۋە قاراشلار فىلىمدە كونكرېت ۋەقە ھادىسىلەر جەريانىدا ئىسپاتلىنىپ ، كىشىگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات ئاتا قىلىدۇ . << چەكلەنگەن سۆيگۈ  >> فىلىمىدە ئىپادىلەنگەن << ئەخلاققا ئۇيغۇن بولمىغان سۆيگۈ ھىچكىمگە بەخت ئاتا قىلالمايدۇ >> دېگەن ئىدىيە ، تاماششىبىنلارغا ناپاك مۇھەببەتنىڭ ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە ، كىشىلەرنى سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ پاكلىقى ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشقا ، كەيپىياتىنى ئاقىلانىلىك بىلەن كونتىرول قىلىپ ياشاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇشقا ئۈندەيدۇ . << غازاڭ پەسلى >> ، << قاچقۇن ئاشىقلار >> فىلىمىدىكى كىچىك بالىلار ئالدىدا ۋاقىراپ-جارقىراپ جېدەل قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلەيدىغان ، بالىلارغا بەكمۇ كۆيۈنىدىغان ئادەتلەر بىزنىڭ بەزى ئادەتلەنگەن قاراشلىرىمىزدىن پەرقلقنىغانلىقى بىلەن بىزنى ئويغا سالىدۇ . مەسلەن : بىزدە چوڭلارنىڭ ئالدىدا جېدەل- ماجىرا قىلىشتىن ، ۋارقىراپ-جارقىراپ گەپ تالىشىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ئادەتنىڭ ئەكىسچە ، تۈركلەرنىڭ كىچىك بالىلارنىڭ ئالدىدا بۇنداق قىلمىشنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ئادىتى تۈپتىن پەرقلىنىدىكەن . بۇنىڭ قايسىسى توغرا دېگەندە ، مېنىڭچە بىزنىڭكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ توغرا . چۈنكى (1) كىچىك بالىلار چوڭلارغا جېدەل –ماجىراسىنى كۆرسە قورقۇپ كېتىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ يۈرەكئالدى چوڭ بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ . دېمەك ، چوڭلارنىڭ ۋارقىراپ- جارقىراپ ئۇرۇشۇشلىرى بالىلاردا قەلب زەخمىسى پەيدا قىلىدۇ . بۇ ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىدا ئۇنتۇلماس ئاسارەت قالىدۇرىدۇ . (2) بالىلاردا پەرق ئېتىش ۋە ھەق-ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن ياكى يېتىلسىمۇ تۆۋەن بولىدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا گەپ تالاشقاندا تەربىيە ياكى تەنقىد ئاڭلاش يوق گەپ بولۇپ قالىدۇ . تېخىمۇ يامىنى جېدەللەشكەن ئىككى تەرەپنىڭ ئوبرازىغا ئوخشاشلا پايدىسىز . (3) ئەڭ يامىنى ، چوڭلارنىڭ ئادەت- خۇسۇسىيەتلىرى مۇقىملاشقان بولسىمۇ ، بالىلارنىڭ ئادەت-خۇسۇسىيەتلىرى ئۈلگىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولىدۇ . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ، بالىلار ناچار ئۈلگىگە ئۇچرىسا ، پاسىپ تەسىر ئالىدۇ ،بولمىغۇر سۆز-ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالىدۇ . شۇڭا ، بالىلارنىڭ ئالدىدا جېدەللەشكەننىڭ جېدەللىگۈچىلەرگىمۇ ، بالىلارغىمۇ زىيىنى چوڭ بولىدۇ . دېمەك ، تۈركىيە فىلىملىرىدە ئىپادىلەنگەن تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەردىكى بەزى ئىدىيە ھەم ئادەتلەر بىزگە ئويلىمىغان نۇقتىدىن تەسىر ئېلىپ كەلدى . ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ .
  ئۈچىنچى ، يېڭىچە بىلىم ئېلىپ كەلدى .
  بۈگۈنكى دۇنيادا بىلىم پەقەت مەكتەپ – ئاكادېمىيەلەردىلا ئەمەس ، كىتاب ياكى ئۇستازلاردىلا ئەمەس ، بەلكى ھەممە يەردە ، يەنى جەمىئىيەتتە ، تەبىئەتتە ، كىنو-تېلېۋىزىيەلەردە ، ھەتتا دورا-ئوكۇللارنىڭ چۈشەندۈرۈش قەغىزىدىمۇ ئۇچرايدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، تۈركىيە فىلىملىرىمۇ ئۇيغۇر جەمىئىيىتىگە ئاز بولمىغان بىلىملەرنى ئاتا قىلىدى ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . مەسلەن ، << گۈللەنگەن يۈز يىل >> ( تۈركچە نامى :" مۇھتەشەم يۈز يىل " ) دېگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى تارىخىي فىلىم بولۇپ ، ئۇنىڭدا 625يىل دەۋران سۈرگەن ئوسمان ئېمپىريەسىنىڭ 15-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلدە تەخىتتە ئولتۇرغان قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ ھاياتى ۋە ئوردا تۇرمۇشى ئەكىس ئەتكۈزۈلگەن  . بۇ فىلىمدە ئوسمانلىلارنىڭ ئوردا ھاياتى ، ھەرەم تۇرمۇشى ، ئوسمان ئىمپېرىيەسى بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ، فىئودال پادىشاھلىقنىڭ مۇستەبىتلىك ماھىيىتى ۋە ۋارىسلىق شەكلى قاتارلىق بىر قاتار تارىخىي بىلىملەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ، فىلىمنى كۆرۈش ئارقىلىق بۇلارنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . << چەكلەنگەن سۆيگۈ >> ، << فاتمەگۈلدە نېمە گۇناھ >> دېگەن فىلىملەردىن تۈركىيە بۇرژۇئازىيە قاتلىمىدىكىلەرنىڭ چىرىك تۇرمۇشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . تۈركىيە جەمىئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ . بۇ فىلىملەردىن يەنە تۈركىيە جەمىئىيىتىدە قانۇننىڭ ھەر قايسى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالىغا ئايلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . << قاچقۇن ئاشىقلار >> ، << ئاشىقلىقنىڭ جازاسى >> فىلىملىرىدىن تۈركىيە جەمىئىيىتدە جەمەت ۋە گوروھلار زىددىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئۆتكۈرلۈكىنى قىساسخورلۇق ئادىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . << كورتلار ۋادىسى >> فىلىمىدىن تۈركىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى ، ئىچكى- تاشقى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەرنىڭ نەقەدەر ئۆتكۈر ، مۇناسىۋەتلەرنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپلىكىنى كۆرىۋالغىلى ھەم قارا گوروھلارنىڭ تۈركىيە جەمىيتىدە ئويناۋاتقان پاسىسىپ رولىنى ،ئۈلارنىڭ دۆلەتنى ئاجىزلاشتۈردىغان ھەم دۆلەت مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۈچرىتىدىغان بىر مۈھىم ئامىلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بۇلىدۇ .
تۆتىنچى ، يېڭى روھ ئېلپ كەلدى .
تۈركىيە فىلىملىرىدە نۇمۇس ۋە شەرەپ قارىشى كۆپ تەكىتلىنىدۇ . بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئىنكار قىلماقچى بولسا << شەرەپسىز >> دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىپ ئىنكار قىلىدۇ . شەرەپسىز ياشاشنى ئەڭ زور نۇمۇس ، ئەڭ ئېغىر ھاقارەت دەپ بىلىدۇ . بۇنداق روھ پيدا-مەنپەئەت ، ھوقۇق –مەرتىۋە ، مال-دۇنيا ئالدىدا كىشىلىك قىممىتىنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن پايخان قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ، ئادەم ئۈچۈن شەرەپسىز ياشاشتىن ئېغىر ئىش يوق . ئۇلار شەرەپسىز ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى دەپ قارايدۇ . جەمىئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردە دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان شەرەپ نۇمۇس مەسىلىسىگە سەل قاراشتەك بىخۇدلۇققا سېلىشتۇرغاندا ، ئۇلاردىكى شەرەپسىز ياشاشنى كۆڭلى كۆتۈرمەيدىغان پىرىنسىپال روھ زور ئەخلاقىي تەربىيە ھېسابلىنىدۇ .
تۈركىيە فىلىملىرىدە يەنە قەتئىي خاراكتىرگە ئىگە پىرسوناژلار كۆپ بولۇپ ، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ھايات-مامات مەسىلىسىدىن ئۈستۈن قويىدۇ . ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە ھەممىنى بىراقلا دوغا تىكىدىغان بۇنداق خاراكتېر قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ . چۈنكى ، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى لەقۋالارچە بولسىمۇ ئۇزۇن ياشاشتا ئەمەس ، بەلكى ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە جان-پىدالىق كۆرسىتىپ مەردانە ياشاشتا . بۇنداق روھ پولات ئەلەمدارنىڭ ۋۇجۇدىدا ، مۇھەممەتنىڭ ۋۇجۇدىدا ، سۇلتان سۇلايماننىڭ ۋۇجۇدىدا ، خېلىلنىڭ ۋۇجۇدىدا ، ئەلى رىزا تېكىننىڭ ۋۇجۇدىدا دائىم دېگۈدەك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . بۇ پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىدىكى ئەخلاققا ئۇيغۇن ئېسىل پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ . بۇ خىل ئەخلاقىي روھمۇ  ، تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە ئاتا قىلغان يېڭىچە مەزمۇننىڭ مۇھىم بىر قىسىمى .
بەشىنچى ، يېڭىچە ئىنتىلىش ئېلىپ كەلدى .
مەلۇمكى ، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى مەدەنىيەت كاتېگورىيەسىگە مەنسۇپ بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىر دۆلەت ياكى بىر مىللەتنىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ بىر قىسىمى . چۈنكى ، مەدەنىيەت ھادىسىسى بولغان كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئۆزىنىڭ زەرەتلەش خاراكتېرى بىلەن كىشىلەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا يېتەكلەش ، قىزىقتۇرۇش خاراكتىرلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ . مەسلەن ، گۈللەنگەن ئىقتىساد ، رەڭدار جەمىئىيەت ، ئاۋات شەھەر ، گۈزەل مەنزىرە ، سالاپەتلىك قىياپەت ، مەدەنىي شەكىلدىكى ئىنسانىي مۇئامىلە ، يارشىملىق كىيىم –كېچەك ، رەڭگارەڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى كىشىلەرنىڭ شۇ دۆلەت ياكى رايونغا ، شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ياشاش شەكلىگە قىزىقىش ھېسىياتىنى قوزغىماي قالمايدۇ . بۇ خىل قىزىقتۇرۇش ۋە ئىنتىلدۈرۈش كۈچى تۈركىيە فىلىملىرىدە ناھايتتى مول دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . مەسلەن ، ئىستانبولنىڭ سۇ ، تۆپىلىك ، قۇرۇقلۇق ، ئورمان ، بىنا ، يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن تەڭداشسىز ەئۈزەل مەنزىرىسى ، مارمارا دېڭىزىدا لىقشىپ تۇرغان كۆپكۈك سۇ ، بوسفور بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ھەيۋەتلىك ئاسما كۆۋرۈك ، كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىدە چۈمۈلىدەك قاتارلىشىپ ئۈزۈلمەي ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان ماشىنلار ، دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان رومانتىك مەنىگە باي << قىز قەلئەسى >> ، دېڭىز بويىدىكى بىر-بىرىدىن گۈزەل داچىلار ، تىپتىنىچ قەھۋەخانىلار ، تۈركىيە بايرىقىنى لەپىلدىتىپ كۆپكۆك دېڭىز يۈزىدە ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كاتىرلار ، قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ خەنجەردەك ئۇچلۇق مۇنارلىرى ھەرقانداق كىشىدە تۈركىيەگە بېرىپ ، ئۆز ئايىغى بىلەن ئىستانبولنىڭ كوچىلىرىدا ئايلىنىپ بېقىش ، يىراقتا تۇرۇپ ئىستانبول كۆۋرۈكىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىشىنى تاماشا قىلىش ، ساياھەت پاراخوتى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ بوسفور بوغوزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان گۈزەل مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بېقىش ، كونا شەھەر رايونىدىكى ئوسمانلى دەۋرىدىن قالغان خىيالىي كۆرۈنۈشكە ئوخشاش قەدىمىي مەسچىتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سۈرەتكە چۈشۈش ئىستىكىنى قوزغىماي قالمايدۇ . نۆۋەتتە ، دۇنيا مىقياسىدا قوزغالغان << تۈركىيە قىزغىنلىقى >> نىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى دەل تۈركىيەنى ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەۋجگە چىققانلىقى بولماقتا . تەتقىقاتچىلار بۇنداق ئەھۋالنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينايدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتى .
ئالتىنچى ، يېڭىچە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى .
تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە تۆت جەھەتتىن ئۈلگە ئېلىپ كەلدى ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . بۇلار (1) يېڭى سۆز-ئىبارىلەرنى قۇبۇل قىلىش جەھەتتە ئۈلگە كۆرسەتتى . مەسلەن، << شەرەپسىز >> ، << كەچمىش بولسۇن >> ، << مەرھابا >>  ، << قۇلاي بولسۇن >> ، << ئاللاھ راھەتلىك بەرسۇن >> دېگەندەك سۆز – ئىبارىلەر ئانا تىل ئىستېمالىمىزدا قوللىنىشقا تېگىشلىك سۆز-ئىبارىلەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق . << كەچمىش بولسۇن >> دېگەن سۆزنى ئالساق ، گەرچە بۇ ئىككى سۆز ئانا تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بار بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ئىككى سۆزنى بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىدىغان تىل ئادىتى بىزدە يوق . تۈركىيە فىلىملىرىدىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى ، تۈركلەر ئۆلۈمدىن باشقا بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە تەسەللىي بەرگەندە << كەچمىش بولسۇن >> دېيىش ئارقىلىق بۇنداق كۆڭۈلسىزلىك ، بۇنداق ئازاپ ، بۇنداق دەرت –ئەلەم بېشىمىزغا قايتا كەلمىسۇن دېگەن مەنەدە تەسەللىي بېرىدىكەن . بىزدە مۇشۇنداق ئەھۋالدا تەسەللىي ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ، شۇ چاغدىكى ھېسىياتنى يىغىنچاق ھەم دەل ئىپادىلەيدىغان سۆز يوق ، مۇنداقچە ئېيتقاندا ، << كەچمىش بولسۇن >> دېگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ ئورنىنى باسالايدىغان ياكى شۇنىڭغا تەڭداش مەنىدە ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەسەللىي سۆزى يوق . بىز تۈركىيە فىلىملىرىدىن ئۈلگە ئېلىپ << كەچمىش بولسۇن >> دېگەن سۆزنى تۇرمۇش ئەمەلىيىتىمىزدە كەڭ قوللانساق << ئوقۇرمەن >> ، <<كۆرۈرمەن >> دېگەن سۆزلەردەك تېز قۇبۇل قىلىنغان بولاتتى . ئەڭ مۇھىمى ، تىلىمىزنى ئىپادىگە باي قىلىش جەھەتتە بىر مۇھىم خىزمەتنى قىلىۋاتقان بولاتتۇق . (2) ئەسلىي ئەسەرنى سىنارىيەگە ئۆزگەرتىش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى . بىزدە سېنارىيەگە ئۆزگەرتىش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى . بىزدە سېنارىيە يېزىقچىلىقى ئەڭ ئاجىز ساھەنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . بولۇپمۇ ، ئەسلىي ئەسەرنى سېنارىيەگە ئۆزگەرتىش جەھەتتە قاتماللىق مەۋجۈت . بىز رېشاد نۇرى گۈنتېگىننىڭ ئۇيغۇرچە <<دۇنيا ئەدەبىياتى >> ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان << غازاڭ پەسلى >> دېگەن رومانىنى شۇ رومان ئاساسىدا سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن 170نەچچە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقساق ، سېنارىيەلەشتۈرۈش جەھەتتە قانداق پىرىنسىپ ۋە ئىمكانىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئۆگىنەلەيمىز . << تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> يەنە بىز ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئاكتيورلارنى ئېلىپ كەلدى . بىز تۈركىيە فىلىملىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا ئاكتيورلارنىڭ رول ئېلىش جەھەتتىكى تەبىئىي ھەم جانلىق ماھارىتىگە ھەيران بولماي تۇرالمايمىز . << كۇرتلار ۋادىسى >> ، << چەكلەنگەن سۆيگۈ >> ، << ئەزەل >> ،<< قاچقۇن ئاشىقلار >> ، << فاتمەگۈلدە نېمە گۇناھ >> ، << غازاڭ پەسلى >> ، << ئاچچىق ھايات >> قاتارلىق فىلىملەردىكى پولات ئەلەمدار ، خېلىل ، بېھتەر ، ھۈررەم ، ئىسكەندەربۈيۈك ، فاتمەگۈل ، ئەلى رىزا تېكىن ، فەرۋىندە ، مۇھەممەت ، ئەزەل ،سۇلايمان چاكىر قاتارلىق پىرسوناژلارنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىسلارنىڭ ئاكتىيورلۇق ماھارىتىگە ھەقىقەتەن مەپتۇن بولۇپ قالىمىز . بىزدەك كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلىرى ئارقىدا قالغان بىر خەلىققە نىسبەتەن رولنى بۇنداق تەبىئىي ، بىمالال ئېلىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئوبراز يارىتىدىغان مۇنەۋۋەر ئاكتيورلار قىممەتلىك ئۈلگە ھېسابلىنىدۇ ، ئەلۋەتتە . ( 4) تۈركىيە فىلىملىرى بىزگە يەنە بالىلارغا ئىسىم قويۇش جەھەتتە ئۈلگە ئېلىپ كەلدى ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ . بىز ئانا تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركبىدە بار ، ئەمما ئادەمگە ئىسىم قىلىپ قوللىنىش جەھەتتە سەل قارىغان بەزى ئىسىملارنى بالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويۇش جەھەتتە ئۈلگىگە ئېرىشتۇق . مەسلەن ، يامغۇر ، شەبنەم ، دېڭىز ، قىلىچ ، سەنجەر ، ئەدنان ، بېھتەر ، فىردەۋىس، نېھال ، بەشىر ، پەيكەر ، خەيرىيە ، ئەلەمدار ، كەنئان ، قاراخان قاتارلىق ئىسىملار بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنىڭ لۇغەت تەركىبىدە بار بولسىمۇ ، بىز بۇ ئىسىملارنى ئىسىم- فامىلە قىلىشقا دىققەت قىلماي كەلگەنىدۇق . تۈركىيە فىلىملىرى بىزنى بۇ جەھەتتىمۇ ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى .
  ئومۇمەن ، << تۈركىيە فىلىملىرى قىزغىنلىقى >> بىزگە بىز ھېس قىلغان ياكى تېخى ھېس قىلىپ يەتمىگەن كۆپلىگەن ئىجابىي ئامىللارنى ئاتا قىلدى ، دەپ ئىشىنىشكە بولىدۇ .          
دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئۇ، سۆزىدىن يانمايدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 502 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 66
ياخشى باھا: 312
توردا: 83(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-01-18
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 11:43

يالقۇنكام تۈركىيە فىلىملىرىنىڭ نەرىنى ياقتۇرمىغاندۇ دېسەم، ھازىرچە ياقتۇرغان تەرەپلىرىنىلا يېزىپتۇ.
داۋامى باردەك قىلامدۇ نېمە؟
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 46
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە46دانە
تۆھپىسى: 23
پۇلى: 98 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 46
ياخشى باھا: 98
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-01-18
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 18:21

سىزنىڭچە ياقتۇرمىغان تەرەپلىرى بولسا شۇلارنىمۇ يېزىشى مۇمكىن دىمەكچىمۇ؟