.......گە
(ساتىرا)
قاراخان
-ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز -ئوقۇتۇرمىز سېغىز چايناشىمىز باردۇر. -ئا.ئۇيغۇر،1921-يىل
گېزىت -ژورنال ،تېلىۋىزوردا ،ئېلان-ئۇچۇر كۆپ داۋراڭ ،
بىر داۋراڭدا‹‹ سېغىز چايناڭ››- دىگەن گەپ بار بىر ئاڭلاڭ؟
ئۇنى ئاز دەپ تەڭكەش قىپتۇ ئاڭا غىتمەك بىر ئاھاڭ،
شۇندىن بېرى ئەتىراپىمدا سېغىز چاينار ئەركەك زاڭ.
گويا كۆشەك سېلىپ قويغان موزاي كەبئى ماز تايتاڭ،
دىمەك بىزدە جارى بوپتۇ ئېلاندىكى ۋەز -پاراڭ.
‹‹دىڭ-دىڭ››چايناڭ ،‹‹فالۇن ››چايناڭ ،‹‹باتۇق›› يەنە ‹‹زۇم›› چايناڭ؟
رېستۇران ،زال ،مەكتەپتە سېغىز چايناڭ چىقار - داڭ!
سېغىز چايناش ئەمەس بىدئەت ،يوقتۇر قانۇن شەرئىتى ،
قاس چىقىرىپ ،ناز لىنىپ چايناش ئۇنى تەسمىتى؟
ئاڭا كەتكەن كۈچكە ،پۇلغا ،ئاغرىماس يا ئەۋرىتى؟
شۈنچە لەززەت ئالغۇدەك تاڭ ، بارمىكىن يا لەززىتى؟
‹‹ئىچ پۇشۇغى››،‹‹چىش پەرۋىشى››،‹‹ئېغىز ئاسراش›› خىسلىتى!
لېكىن ئۇنى لاۋزىلارچە چايناش ئەمەس زىننىتى ،
ھەممە ئىشنىڭ باردۇر چېكى باردۇر قەدىر -قىممىتى.
كۆكتە،يەردە ،مۇنچىدا سېغىز چايناڭ چىقار-داڭ؟
ئېغىز گەپتىن توختىمىسا ،قولۇڭ ئىشتىن قالمىسا،
سېغىز چايناپ گەپ ساتقاندا ژىڭىقىڭمۇ تالمىسا.
ئاشقان پۇلغا سېغىز تاڭسا ،سەرەڭگە، تۇز تاڭمىسا،
تۈكۈرگەن لەش سېغىزلارغا بىركىم دەسسەپ سالمىسا.
بالىلارمۇ سېغىز ئۈچۈن قاش -قاپاقنى يارمىسا .
‹‹چايناڭ›› دىگەن گەپتىن باشقا گەپكە تىلمۇ بارمىسا،
چىش ئاغرىققا دوختۇرلارمۇ سېغىز بۇيرۇپ ھارمىسا ››.
چوكان سىياق ئەر بولسىڭىز ،سېغىز چايناڭ چىقار-داڭ؟
بىر ئايالنىڭ يېنىدا كۆشەپ يۇرسە يىگىت-ئەر،
ئۇنى ئەگەر‹‹ئەر››دىگەنلەر، جورىسىنى نىمە دەر؟
‹‹مۇزەپپەر››نى ،ئەركىلىتىپ ،دىسە بولماس ‹‹مۇيەسسەر››،
ئېشەك، قېچىر ئاتىلىپ تاي دىيىلسە، تەخەي گەر،
ئەر ئورىلىپ يىپەك ،زەرگە ،ئايال ئاسسا تىغ ،كەمەر.
ھايات شۇنداق داۋام ئەتسە ، نومۇس قىلماسمۇ پەدەر؟
كىچىك ئىش دەپ بۇ ئىشنى يۈرسە ھەركىم بىنەزەر،
رەڭلىك سورۇن ،قاتار چايدا ،سېغىز چايناڭ چىقار-داڭ؟
سېغىز چايناش بىلەن كۈلۈپ كەلمەس ئەرلىك، كېلەچەك،
ئۇنى چايناش زۆرۈر بولسا چاينىسۇن قىز -كېلىنچەك.
ئوغۇل-قىزنىڭ بەلگىسىغۇ خەتنە ،بۇرۇت ، بۇغدىيەك،
بوۋاقلارغا بۆشۈك ئوخشاش ،ئەپسۇس ئوخشامدۇ شۈمەك؟
بوپقالمىسۇن‹‹تۇرسۇنئاي››غا ،‹‹تۇرسۇنەك››لەر ،قوشگىزەك.
سىيىرسىياق ئۆكۈزمۇسەن ؟ ياكى چوكان -سېكىلەك ،
ئوغۇل-قىزغا دورا بوپتۇ تاياق،تەستەك ،بىگىز، بەك،
‹‹كىملىك››ىڭىز ‹‹يالغان ››بولسا ،سېغىز چايناڭ چىقار-داڭ؟!...
2010-يىلى8-ئاينىڭ 8-كۈنى.
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-05 14:03قايتا تەھرىرلىدى ]