چۈش كۆردۈم ، چۈشۈمدە تولىمۇ بەخىتلىك بىر ئائىلە كىشىللىرى خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بولۇپ لەززەت بىلەن كەچلىك تاماق يەۋاتاتتى . ئەر-ئايال ئىككىسى باللىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە ئۈمىدلىك خىياللارنى قىلىۋاتاتتى . ئىككى بالىسى ئۇلارنىڭ ئاغزىغا خۇددى قارلىغاچ بالىسىدەك تەلمۈرۈپ قاراپ ئولتۇراتتى . تۇيۇقسىز ئۇ ئاتا ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىن غايىب بولدى . بىچارە ئانا ھودۇقۇش ۋە ئىزتىراپ ئىچىدە توختىماي يىغلايتتى، قىزى بولسا بار ئاۋازىنى قويىۋىتىپ ۋارقىرايتتى ، ئىزدەيتتى . << خىياللىرىڭنىڭ ئاخىرى قانداق ئىدى دادا ؟ سىز قەيەردە ؟ سىز زادى قەيەردە دادا ؟ >> ، قىز مۇشۇ سوئاللارنى قايتىلايتتى .
تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتىم ، كۆزلىرىمدىن سىرغىپ چۈشكەن ياشلىرىم ياستۇقىمنى باھار شەبنەملىرىدەك نەمدىگەن ئىدى . بۇ ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئائىلەم ئىدى . بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئىدى . بۇ مېنىڭ ئاچچىق كەچمىشلىرىمنىڭ باشلىنىشى ئىدى . كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئېگىز-پەس يوللىرى ئادەمنى ھەر كوچا دوقمۇشىدا تەلمۈرۈشكە مەجبۇر قىلىدىكەن ، ئەمدىلا ھايات ھەقىقەتلىرىدىن ھوزۇر ئېلىپ بەخىتكە شۇڭغۇغىنىمىزدا رەھىمسىزلەرچە غايىب بولىدىكەن . سىلەرنىڭ تۇرمۇشۇڭلارنىڭ ۋەيران بولغىنىغا مانا 4يىلچە ۋاقىت بولدى . بۇ قىسقىغىنە 4يىل مېنى ئۆز قوينىدا يېتىلدۈرۈپ پىشقان چوپچوڭلا بىر قىزغا ئايلاندۇردى . قەلبىمدىكى ئىللىق ئائىلە مېھرىگە تەشنا ھېس-تۇيغۇلار ئوت كەبى يالقۇنجاپ يانماقتا ئىدى ، لېكىن نېمە چارە . بۈگۈن بەكمۇ قورقۇپ كەتتىم ، يۈرۈكۈم ھېلىلا قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى . بىراق بۇ قورقۇنۇشلىرىمنى يەنىلا ئىچىمگە يۇتۇپ تۇراماقتىن باشقا ئىلاجىم يوق . ئىنىم ئاغرىپ قىزىپ ، چىپىلداپ تەرلەيتتى . كۆكىرىپ كەتكەن كالپۇكلىرى توختىماي مىدىرلاپ << دادا >> دېگەن بىرلا سۆزنى يادلايتتى . قوللىرى مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن بولۇپ ، قورقۇنۇشقا سالاتتى . ئۇنىڭ خۇددى ۋەسىيەت قىلىۋاتقاندەك << ئاپا دادام بىلەن يارىشىپ قېلىڭلارچۇ ! دادامنى بىر كۆرەيچۇ ئاپا ، مەنمۇ باشقىلاردەك ....>> دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ پاڭڭىدە يىغلىۋەتتىم . ئاپامنىڭ سارغىيىپ كەتكەن چىرايى ، ھەسرەت ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتقان يۈرىكى ، يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرى ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ تۇراتتى .
دادا ، ئىنىم سىزنىڭ يۈرەك پارىڭىز ئەمەسمىدى ؟ كۆز قارچۇقىڭىز ئەمەسمىدى ؟ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىڭىزغۇ دادا ، سىز قەيەردە ؟ بىزنى نېمىشقا ئاتىلىق مېھرىدىن مەھرۇم قىلىسىز دادا ؟ نېمە ئۈچۈن ؟ بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟ 20يىللىق قەدىناسىڭىزنىڭ جاپا چېكىشىگە ، ئىللىق ئائىلىمىزنىڭ ۋاقىتسىز توزىغان گۈلدەك توزۇپ كېتىشىگە ، بىزدەك سەبى بالىلىرىڭىزنىڭ قەلبىنىڭ جاراھەتلىنىشىگە قانداق كۆڭلىڭىز چىدايدۇ دادا ؟ سىزنىڭ ئاشۇ جاپاكەش قەدىناسىڭىز ئۆيمۇ- ئۆي ئىشىك چېكىپ ، مەھەللىمۇ-مەھەللە قاتراپ يۈرۈپ سىزگە ئەگەشتى ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ سىز ئۈچۈن تارتقان جاپالىرى يەتمىگەندەك ، بىز ئۈچۈنمۇ جاپا تارتىشىغا رازىمۇ سىز دادا ؟
دادا، سىز ئاشۇ پايانسىز دۇنيانىڭ كىچىك قولۋاقلىرىدا ئولتۇرۇپ مېنىڭ ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ توۋلىغان << دادا! سىز قەيەردە ؟ >> دېگەن ئازاپلىق نىدالىرىمنى بەلكىم بىر خىل ئىزتىراپ ئىچىدە ئاڭلاۋاتقاندۇرسىز ، قەلبىڭىزدىكى ئۆكۈنۈش ۋە ئازاپلىرىڭىز چىرايىڭىزغا تەپكەندۇ ، ئۆكۈنمەڭ دادا ، سىز ھامان بىزنىڭ ، سىز چۆلدەرەپ قالغان بۇ ئائىلىمزنىڭ تۆۋرۈكى ھاياتىمىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغۇچى ، دادا ، مەن سىزنىڭ قايتا كېلىپ بىزنى باغرىڭىزغا بېسىشىڭىزغا ، ئائىلىمىزگە قايتا مەسئول بولىشىڭىزغا ، بىزگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىشىڭىزغا تەشنا . سىز قەيەردە ؟ سىز زادى قەيەردە دادا ؟
ئاپتۇرى : رەناگۈل قاسىم
بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 3-يىللىق 3-سىنىپ