ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جياڭ جوشىيغا مەدھىيە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 6
پۇلى: 57 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 12
ياخشى باھا: 57
توردا: 1(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-01-17
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 19:49

جياڭ جوشىيغا مەدھىيە

جياڭ جوشىيغا مەدھىيە


ئا.ئۆتكۈر


★★★★★★★
كەتمەنباينىڭ بايانى: مۇھتەرەم شائىرىمىز ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ بۇ شېئىرىنى تورغا تەييارلىغۇچى تىلىمىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىملاسى بويىچە تەييارلىغان بولۇپ، تورداشلار ۋاقىپ بولغاي.
★★★★★★★
«ئىۋىرغول»نىڭ بايانى:
كۆپىنچىمىز 40-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز تەرىفىدىن چىقىرىلغان «ئالتاي»، «تيانشان» قاتارلىق نەشىرىياتلارنىڭ بارلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلسەكمۇ ئۇلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدۇق. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردىن ئۇلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەنىدىم. ھازىرقى چاغلاردا كۆتۈرۈلگەن تارىخمىزغا بولغان قىزىقىشنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە،بۇ ماتېرىياللارنى تورغا يوللاپ قويغانىدىم. ئەپسۇسكى تېخنىكا، شارائىت ۋە باشقا سەۋەپلەرنىڭ توسقۇنلىقى سەۋەبىيلە، مۇكەممەل تەييارلىيالمىدىم. بۇ جەھەتتە ياردەم قىلىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقىلىشىنى سورايمەن.
تۆۋەندە شۇلاردىن بىرى بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ
  ئۆز ۋاقتىدىكى دۆلەت باشقانى (ئەلباشى) جاڭ كەيشى جانابلىرىغا يازغان قەسىدەسىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم. ئىنشئاللاھ، باشقىلىرىمۇ داۋاملىق سىزلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى. بۇ شېئىر شۇ چاغدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ ۋەتەن، مىللەت قارىشى ھەققىدە مەلۇم چۈشەنچە  بېرەلەيدۇ.
★★★★★★★


جياڭ جوشىيغا مەدھىيە


ئا.ئۆتكۈر



بۇ مەدھىيە شىڭجاڭ ياش سەنئەتچىلەر ئۆمەكىنىڭ داخىلنى زىيارەتلىرى مۇناسىبىتىيلە ياش شائىرىمىز ئۆتكۈر ئەفەندى تەرىفىدىن دۆلەت باشقانىمىز جياڭ كەيشى جانابلىرىغا باغىشلىنىب يازىلمىشتۇر.


قەدىردان داھىمىز ئېھتىرام
  سىزگە،
تيانشان باغرىدىن كۆب سالام سىزگە.

تارىمنىڭ گۈللىرى سىزگە تەشنادۇر،
تۆت مىليون جان بۈگۈن سىزگە ئاشنادۇر.

ياب ياشىل ئېتىزدا كەتمەن ئاۋازى،
چالىنۇر ھەر تاڭدا سەۋگىنىڭ سازى.

دېھقاننىڭ ئۆنجىدەك ئەمگەك تەرىدىن،
لالەلەر ئونمىڭدە كۆبتىن بېرىدىن.

بۇلبۇللار سايرىشىپ بوستاندا كۈلسە،
دېمەكچى داھىمىز بىزگىمۇ كەلسە.

شۇ ئارزۇ، شۇ تىلەك ساۋغامىز سىزگە،
دادىمىز، زارىمىز، قايغۇمىز سىزگە.

كوب يىللىق تارىخنىڭ زالىم قامچىسى،
بىزلەرنى ئازابلاب مانجۇ غالچاسى.

ئىنسانلىق ئىچىدە بى بايان قالدۇق،
ئورتا چاغ ھالىغا بارىب تاقالدۇق.

شولا يوق ياڭ، جىڭنىڭ قارا يۈزلىگى،
جاھالەت كانى بولدى تارىم تۈزلىگى.

شىڭ شىسەي زالىمنىڭ قانلىق ئىزىدىن،
قان ئاقتى تارىمنىڭ سۈزۈك سۈيىدىن.

ئەسلىمىز نەسلىمىز بى بايان قالدى،
بۇ ئەلنىڭ كۆڭلىدە كۆب ئارمان قالدى.

نە ئېرفان، نە ھېكمەت ئەسىرى بولسۇن؟
نە ھۆرلۈك، نە ھەقنىڭ ئىزلىرى قالسۇن؟

ھەممە جان كۈلفەتدە ئاھ-فىغان ئەيلەر،
شۇ يوسۇن ئۆتدىلەر كوب ئېغىر يىللار.

ئۆتمۈشتىن شىكايەت ھەقلىقتۇر بىزگە،
ئەرزىمىز، نالەمىز، دادىمىز سىزگە.

مەملىكەت باغىنىڭ بۇ گۈزەل جايى،
زالىمنىڭ ئورداسى ئاتالدى نامى.
شۇڭلاشقا كۆپەيدى قاششاقلىق يۇرتتا،
ئۇلۇسنىڭ بىلىمى قالدىلەر ئارتدا.

تومۇردا قايناغان ئىسسىق قانىمىز،
قىينالدى ھەمىشە ئەزىز جانىمىز.

ھەر تالانت ئىقتىدار بوشقا خورلاندى،
مەسۇمە قەلبىمىز غەمگە ئورالدى.

گەرچە بىز تۈنلەردىن قۇتۇلساقمۇ ئاھ،
ۋەلېكىن سىزدىن تىلەيمىز پاناھ.

ئېتىزدا يىغىدىن قۇتۇلسۇن كەتمەن،
ئىنسانى ھەق كۆرسۈن بىچارە چەكمەن.

گۈللەنۇر مائارىف ئاچىلسا ئېرفان،
بۇ ئۇلۇغ دۆلەتمۇ تاپۇر كۆب ئەئيان.

بىزلەرمۇ ئۇچايلى ئاسمان قوينىدا،
ۋەزىفە ئۆتەرمىز ۋەتەن يولىدا.

بىلىمىز نەنكىننىڭ ئافتاب تەلەتى.
ئۇ ئىدى سىزدىكى ئەخلاق خىسلىتى.

سىز بىلەن يورۇسۇن مېھنەت تاڭىمىز،
سىز بىلەن گۈللەنسۇن بوستان باغىمىز.

ئېھتىرام سىزگە كۆب سالام سىزگە،
ئېھتىرام تارىخلار كۆپ ئېھتىرام سىزگە.


تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-04, 16:52
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 423
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە423دانە
تۆھپىسى: 45
پۇلى: 23641 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 101
ياخشى باھا: 511
توردا: 120(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-01-19
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 16:59

كۆكبورە ئەپەندى،تاڭنۇر ئەپەندى ئۆتكۈر ئەپەندىنى بىر مەدھىيلىسەڭلار قانداق.نادىرلاش مەندىن.
كۆزۇڭنى ئاچ
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 498
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە498دانە
تۆھپىسى: 91
پۇلى: 715 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 128
ياخشى باھا: 691
توردا: 251(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-18
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 23:06


ئەسلى ئىسمى: جىياڭ جوڭجىڭ  中正
تەخەللۇسى   : جىيەشى 介石
لاتىنچە ئىسمى: جىياڭ كەيشى    Chiang Kai-shek(گۇاڭدۇڭ شېۋسدە 介石 _Kai-shekتەلەپپۇز قىلنغان)
  تۇغۇلغان يۇرتى:جىجياڭ فىڭخۇا
  1908-يىلى ياپونىيەگە ئۇقۇشقا بارغان ھەمدە توڭمېخۇي(同盟会) غا قاتناشقان . 1924-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كىيىن خۇاڭپۇ ھەربي مەكتەپكە مۇدىر بولغان . كىيىن مىللي ئىنقلابي ئارمىيە بىرىنجى ئارمىيسىنىڭ كوماندىرلىق ۋەزىپسنى قۇشۇمچە ئۈستگە ئالغان . 1927-يىلى 4.12 ئەكىسلئىنقلابىي سىياسي ئۆزگۇرۇش قوزغاپ بىرىنجى قېتىملىق كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە مىللىي پارتىينىڭ ھەمكارلىقنى بۇزغان . شىئەن ۋەقە ئۆزگۈرشىدىن كىيىن ياپونغا قارشى تۇرۇش پىكىرنى قۇبۇل قىلغان . 1948-يىلى مىللىي قۇرۇلتاي چاقىرىپ زۇڭتۇڭ بۇلۇپ سايلانغان . 1949-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىستپا بەرگەنلىگىنى جاكارلىغان ھەم شۇيىلى تەيۋەنگە مەغلۇپ بۇلۇپ چىكىنگەن . 1975-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى تەيۋەندە قازا قىلغان .

مۇئەللىپنىڭ بۇ مەدھىيەسى جياڭ كەيشى نىڭ شۇ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە يېزىلغان بولسا كېرەك .
جان قۇشۇم ئۇچقانغا قەدەر
ۋەتىنمگە پىدا بۇلۇرمەن .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 237
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 361 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 326
توردا: 67(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 21:21

شىڭشىسەي سۈرئىتىگە:

تۇرىسەن رەزىل زالىم رەڭگىڭ قېچىپ ،
بىز قالدۇق زۇلمىڭدا ئازاپ چېكىپ .
ئارمانسىز دۇنيادىن ئۆتەر ئىدىم ،
بىر قوشۇق قېنىڭنى  مەن كەتسەم ئىچىپ...

   -تاڭجارىق  جولدىبايىۋ
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 237
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە237دانە
تۆھپىسى: 47
پۇلى: 361 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 84
ياخشى باھا: 326
توردا: 67(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-01-19
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 21:28

ئىمراننىڭ ،ئا.ئۆتكۇر ھەققىدىكى  ئىلتىجاسىغا  مېنىڭ  ئاۋاز   قوشىقۇم بار . باش بەتكە قارالسۇن ؟...
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-10 19:42قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
تۆھپىسى: 43
پۇلى: 176 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 57
ياخشى باھا: 101
توردا: 10(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-01-18
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 16:16

كۆپىنچىمىز 40-يىللاردا ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىز تەرىفىدىن چىقىرىلغان «ئالتاي»، «تيانشان» قاتارلىق نەشىرىياتلارنىڭ بارلىقىنى كۆپىنچىمىز بىلسەكمۇ ئۇلارنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي كەلگەنىدۇق. يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز تەمىنلىگەن ماتېرىياللاردىن ئۇلارنىڭ فوتو نۇسخىسىنى قولغا چۈشۈرگەنىدىم
---------------------------------------------------------------------------
بولسا شۇ  فوتۇ نۇسخۇسىدىكى ۋاقىتنى قەسىدە ئاخىرىغا بەرگەن بولسىڭىز! قەسىدە قانداق زۈرۈرىيەت بىلەن يېزىلغان بولغىيتى؟ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدەك ساددا قەلب،ساددا ئۈمىد...