ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 231 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: لۈكچەكلەر مەكتەپ قىزلار ياتىقىغا كىرىپ پەسكەشلىك قىلدى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 22 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 22
توردا: 2(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-01-18
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-04 22:18

لۈكچەكلەر مەكتەپ قىزلار ياتىقىغا كىرىپ پەسكەشلىك قىلدى

ناھىيىلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى چىقارغان 17-دېكابىر قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلىش دېلۇ ئۇقتۇرۇشى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى،بىر تورداش توردا مۇنۇلارنى ئاشكارلىدى،17-دېكابىر سەھەردە 10 نەپەر جەمئىيەتتىكى ياش گۇاڭشىنىڭ تۇڭبىي ناھىيىسىدىكى گۇەنتوڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۈسۈپ كىرىپ،ياتاقتا ئۇخلاۋاتقان 10 نەپەر قىزغا پەسكەشلىك قىلغان.بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز كۈچلۈك قارشلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۈچ لۆكچەكنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۈچرىغان. تورغا چىقىرىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:17-دېكابىر ،10 نەپەر جەمئىيەتتىكى ياش گۇاڭشىنىڭ تۇڭبىي ناھىيىسىدىكى گۇەنتوڭ ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۈسۈپ كىرىپ،30 نەپەر ئۇخلاۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلغان،كېيىن قىزلار قاتتىق ۋاقىراپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان قىلغاندىن كېيىن ئۇلار قېچىپ نەق مەيداندىن ئايرىلغان،قېچىش داۋامىدا ئۇلار بىرەر ئادەمنىڭمۇ ئۇلارنى قوغلىمىغانلىقىنى بايقاپ قايتا يەنە قىزلار ياتىقىغا ئۈسۈپ كىرىپ قورققىنىدىن تېخى ھوشىنى تاپالمىغان بۇ قىزلارغا قايتا پەسكەشلىك قىلغان،بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىز ئوقۇغۇچى كۈچلۈك قارشلىق قىلغانلىقتىن ئۈچ لۆكچەكنىڭ نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ئۈچرىغان. بۇ تورداش مۇنداق دېگەن:قىز ئوقۇغۇچىلار پەسكەشلىككە ئۈچرىغان،باسقۇنچىلىق قىلىش ۋاقتى ئىككى سائەتكە يەتكەن،ئوقۇغۇچىلار قاتتىق ۋاقىرىغان بولسىمۇ مەكتەپ تەرەپتىن بىرمۇ كىشى نەق مەيدانغا بارمىغان. 12-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن،مۇخبىر شۇ يەردىكى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلاشقان،مەزكۈر ئىدارىنىڭ جىياۋ فامىلىلىك ساقچى ئەمەلدارى مۇخبىرغا گۇەن توڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى قىز ئوقۇغۇچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسىنىڭ راست ئىكەنلىكىنى ئەمما جىنايەتكە چېتىشلىق كىشىنىڭ 9 كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ ساقچى تەمىنلىگەن دېلۇ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا،2011-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 2 لەردە پۇبىي ناھىيىسى گۇەن توڭ بازىرى ئوتتۇرا مەكتىپىدە بىر قېتىملىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە جىنسى تاجاۋۇز قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ،تەن،جاڭ،پىڭ قاتارلىق توققۇز كىشى مەكتەپكە تامدىن ئارتىلىپ كىرىپ،ياتاقتا ئۇخلاۋاتقان قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەشلىك قىلغان،بۇنىڭ ئىچىدە 3 نەپەر جىنايەت گۇماندارى بىر قىز ئوقۇغۇچىغا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان. ئىگىلىنىشىچە،2 نەپەر جىنايەت گۇماندارى 17-دېكابىر شۇ كۈنى قولغا ئېلىنغان،قالغان 4 نەپەر جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى،نۆۋەتتە بۇ دېلۇ يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە شۇنداقلا قېچىپ يۈرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدىمەكتە.
ﻣﻪﻧﺒﻪ:  http://xamal.cn/news.asp?id=1922
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-04, 16:52
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 124
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 232 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 232
توردا: 24(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-01-06
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-06 16:50

قانداق مەكتەپ ئۇ، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى بىلەن كارى يوق.