ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 342 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە(سۈرەتلىك)
دوستلىشىش
ئۈمىديار
ئەرنىڭ غىمى ئەلدە....
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 538
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە538دانە
تۆھپىسى: 93
پۇلى: 759 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 735
توردا: 266(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-05 00:57

شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە(سۈرەتلىك)


شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەردە

شىۋىت مىسىيونىرلىرى ۋە قەشقەردىن يىغىۋىلىنغان يىتىم -يسىر بالىلار
1905-يىلنىڭ ئاخىرلىرى زور تۈركۈمدىكى ئەنگليە ،ھىندىستان سودىگەرلەر گۇروھى ۋە شىۋىتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قەشقەرگە يىتىپ كەلدى.

شىۋېتسىينىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق ھۈكۈمەت ئەۋەتكەن ئورگىنى يوق بۇلۇپ، پەقەت خەلق ئىچىدىكى تەشكىلاتلىرى بار ئىدى، ئەنگليىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانسى ۋاكالىتەن باشقۇراتتى.شىۋېتسىيە قەشقەردە بىر ئېنجل ئۇقۇتۇش مەكتىپى قۇرغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئىگەللىگەن ئورنى 40مودىن ئاشاتتى. تۆت ئەتراپى كىسەك تام بىلەن قورشالغان بۇلۇپ، قېلىنلىقى 80 سانتىمېتىر ، ئېگىزلىكى تۆت مىتېر ئەتراپىدا ئىدى. ھويلا تېمى سىرتىدىكى يوغان بىر تۈپ قېرى سۈگەت ھازىرمۇ بار. ھويلا ئىچىدە ھازىر يەنە ئىككى كۇرپۇس شىۋېتسىيە ئىمارىتى بار بۇلۇپ ،بىر كۇرپۇسنىڭ ئۇزۇنلىقى 15 مېتىر ، كەڭلىكى ئالتە مېتىر كېلدىغان بىر قەۋەتلىك ئۆي؛ يەنە بىر كۇرپۇس ‹‹T›› شەكىللىك قۇرۇلمىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆي ، قالغانلىرى بۇرۇنلا ۋەيران بۇلۇپ كەتكەن

ئەنگىلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى
بۇ بىر قەۋەتلىك ئىمارەتلەر خېلىلا پۇختا بۇلۇپ ، ھويلىسىنىڭ چۇڭقۇرلىقى 1.2مېتىر كىلدۇ، ھويلىغا شېغىل تاش ياتقۇزلۇپ چىققان، يەر يۈزدىن كۆتۈرلگەندىن كىيىن چاسا خىش بىلەن قۇپۇرغان بۇلۇپ ، ئېگىزلىكى ئۈچ مىتىر ئەتىراپىدا كىلدۇ. ئۆينىڭ ئاستىغا پول ياتقۇزۇلغان، ئۆي ئىچى ئومۇمەن كۆپ بۈرجەكلىك ۋە يەلپۈگۈچ شەكىلىك. تېمنىڭ قېلىنلىقى 80 سانتېمىتىر بۇلۇپ، ئوتتۇرسى كەڭلىكى ئىككى مىتېر كىلدىغان كارىدۇر، ئىككى تەرىپى ئولتۇراق ئۆي،ھەربىر ئۆينىڭ ئشلىتىش كۈلمى 16كۇۋادىرات مىتېر بۇلۇپ، تاق قاناتلىق دەرىزە قۇيۇلغان. تامنىڭ بۇلۇڭىغا ئىسىنىش ئۈچۈن دىئامىتىرى 60 سانتىمېتىر كېلدىغان مىس مەش قۇيۇلغان .

كارىدۇردا يەرئاستى ئۆيگە كىردىغان ئېغىز خارابىسى ساقلانغان بۇلۇپ، كەڭلىكى ئىككى مىتىېر كىلدۇ. چاسا خىش بىلەن ئېرىتمە ئارقىلىق سېلىنغان،خېلىلا پۇختا، ھەمدە ئۆي بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. ھازىر كىرىش ئېغىزى تۈكۈلگەن ئەخلەتلەر بىلەن تۇسۇلۇپ قالغان. بۇ شىۋېتسىينىڭ قەشقەردە قۇرغان ئەڭ دەسلەپكى باسما زاۋۇتى بۇلۇپ، ئۈسكىنلىرى ئەڭ ياخشى ئىدى. ئەڭ دەسلەپكى قەشقەر پۇلى مۇشۇ زاۋۇتتا بېسىلغان.

شىۋىتلارنىڭ قەشقەردىكى باسمىخانىسى

شىۋىت باسمىخانىلىرىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار

شىۋىت باسمىخانىسىدا كىتاپ كەسلەۋاتقان ئۇيغۇرلار

ئالدى ھويلىدىكى بىر كۇرپۇس بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىدا تۆت دانە ناھايىتى توم تۈۋرۈك قۇيۇلغان پىشايۋان بار، پىشايۋاننىڭ ئۈستىگە ۋاسا تارتىلىپ،سامانلىق لاي بىلەن سۇۋالغان، ئاندىن ھاك تېشى بىلەن ئېرىتمىنى ئارلاشتۇرۇپ سىرلىغان. تۆت ئېغىز ئۆي چاسا شەكىلدە بۇلۇپ، قوشقاناتلىق دەرىزە قۇيۇلغان، كونىلارنىڭ ئېيتىشچە بۇ ئىنجىل ئۇقۇتۇش مەكتىپىنىڭ ئىشخانسى ئىكەنمىش.

شىۋېتسىيەلىكلەر قەشقەردىكى بۇ باش يىغىلىش نوقتىسى ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر يېڭى شەھەر، قاغىلىق،ئاقسۇ قاتارلىق شەھەر-بازارلاردا تارماق نوقتىلارنى تەسىس قىلدى. باش يىغىلىش نوقتىسىدا شىۋېتسىيەلىك دىن تارقاتقۇچىلاردىن 20 نەچچە ئادەم، ھەرقايسى تارماق نوقتىلاردا بەشتىن ئادەم بار ئىدى. ئۇلار ئاساسلىقى دوختۇرلۇق، دىن تارقىتىش، ئىنجىل ئۇقۇتۇش، تەرجىمانلىق، باسمىچىلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتتى.

كوچىدا دىن تەشۋىق قىلىۋاتقان شىۋىتلار

دىن تارقاتقۇچىلار ئېنجىلنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلپ، شىۋېتسىيە باسما زاۋۇتىدا بېسىپ، ئاندىن خەلق ئارسىغا تارقاتقان. ئۇلار دەسلەپتە دوختۇرلۇقنى ۋاستە قىلىپ، ھەقسىز كىسەل كۆرۈپ دورا بەرگەن. كىيىن دوختۇرخانا تەسىس قىلىپ، غوللۇق دوختۇرلارنى يىتۈشتۈرگەن. بۇنىڭغا ئۇلاپ ئېنجىل ئۇقتۇش ئورنى قۇرۇپ، خەلق ئارسىدىكى ئېگە -چاقسىىز يىتىم باللارنى بۇجايغا يىغىپ مەدەنىيەت ئۈگەتكەن. مانا بۇ ئۇلارنىڭ كاتولىك دىنى تارقىتىشتىكى دەسلەپكى ئوبىكتى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ 60 تىن ئارتۇق ئۇقۇغۇچىسى بۇلۇپ، ئۇلار ئىنجىلنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە تىل ئەدەبىيات، ھىساپ ، جۇغراپىيە، تارىخ دەرىسلىرىنى ئۈگۈنەتتى. ئېنجىل دەرسى ۋاقتىدا،ئۇقۇتقۇچى سىنىپقا پۇت بىلەن بېسىپ چالدىغان رويالدىن بىرنى قۇيۇپ، ئېنجىلنى ناخشا تېكىستى قىلىپ، رويال چالاتتى، ئۇقۇغۇچىلار مۇزىكا ئاھاڭىغا ئەگىشىپ ئىنجل تېكىستلىرىنى ئۇقۇيتى. ئۇقۇتقۇچى ئەستايىدىل بولغانلىقتىن ئۇقۇغۇچىلار ياخشى ئۈگۈنۈپ، ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرگە ياخشى تەسىر قالدۇرغان.

قەشقەردىكى شىۋىتلارنىڭ باسمىخانىسىدا بېسىلغان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىلىپبە كىتابى
قەشقەردە دىن تارقىتىشنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار دىن تارقىتىشنى ئەتراپتىكى ھەرقايسى ناھىيە-بازارلىرىدىكى تارماق نوقتىلارغا كېڭەيتكەن. كاتولىك دىنىنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسى ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىرگە ئۇچرىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شىمالىي شىنجاڭغىمۇ تارقىلىپ بارغان.
ئابلىمىت ئىسمايىل ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: دادام شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرى قۇرغان دوختۇرخانىدا تەربىيلىنىپ چىققان دەسلەپكى دوختۇر ئىدى، ئۇنىڭ دوختۇرلۇق تېخنىكىسى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ، كىشلەرنىڭ چۇڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. ئۇلار دوختۇرلۇق قىلىپ كىسەل كۈرۈپ، ئىگە-چاقسىز باللارنى يىغىپ ئۇقۇتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك خەلق شىۋېتسىيە دىن تارقاتقۇچىللىرىنى ھۆرمەتلەيتى. لىكىن قەشقەردە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتپاقى كىشىلىرى بۇ دىن تارقاتقۇچىلاردىن ئىنتايىن بىزار ئىدى. خەلق ئىچىكى سىرنى بىلمىگەچكە، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق سودىگەرلىرىگە باشقىچە كۆز قاراشتا بولغان. مەسىلەن، قاغىلق ناھىيەسىدە 280 ئائىللىك رۇس سودىگەرلىرى ئولتۇراقلاشقان بۇلۇپ، 733كىشى يەرلىك خەلقنىڭ سىقىپ چىقرىشىغا ئۇچىرىغان. ئىشتىن كىيىن مەلۇم بولدىكى، بۇ دىن تارقاتقۇچىلار دوختۇرلۇق، دىن تارقىتىش ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن مەدەنىيەت جەھەتتىن ھۇجۇم قىلغان، شىنجاڭدىن ئىبارەت غەربىي چوڭ دەرۋازىغا قوشنا بولغان سوۋېت ئىتپاقىغا سىڭىپ كىرىپ، رۇسىيە ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىي مۇۋاپىقىيەت قازانغاندىن كىيىنكى ھەرخىل ئاخباراتلارنى زور مىقداردا توپلىغان.
يەكەندە ئىككى ئورۇندا شىۋېتسىيە ئورگىنى بۇلۇپ، بىرسى ھازىرقى نېرۋا كىسەللىكلىرى دوختۇرخانسى، يەنە بىرسى ناھىيەلىك تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ ئىسكىلاتى ئىدى، بۇ يەرلەر ئۆز ۋاقتىدا كاتولىك دىنىنىڭ ئىنجلنى تەرغىپ قىلدىغان مەكتىپى ئىدى. ئالدىنقىسىنىڭ ئېگەللىگەن ئورنى 50 مو،كىيىنكىسىنڭ ئورنى 40 مو كىلدىغان بۇلۇپ، ئۇ ياڭ زىڭشىن، جىن شورېنلار ھۆكۈمرانلىق قىلۋاتقان ۋاقىتلاردا قۇرۇلغان ئىدى. ھازىر بىر كۇرپۇس قەدىمىي شىۋېتسىيە ئېمارىتى ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ۋەيران بۇلۇپ كەتكەن.
ئىنجل ئۇقۇتۇش مەكتىپى ئىگە-چاقسىز يېتىم بالىلاردىن 100 نەپەر قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، شىۋېتسىيەلىكتىن بەش كىشى، خىزمەتچىلەردىن 30 كىشى بار ئىدى، ئۇقۇغۇچىلار ئۇيغۇر، خەنزۇ ئىدى. ئۇقۇتۇش مەزمۇنى قەشقەردىكى ئىنجل مەكتىپى بىلەن ئوخشاش ئىدى. دوختۇرخانىدا بەش شىۋېتسىيەلىك بۇلۇپ، ئۈچى ئەر، ئىككىسى ئايال ئىدى. ئۇلار بۇ يەردىن 30 نەپەر خىزمەتچى خادىم قۇبۇل قىلغان بۇلۇپ، ئۇلار ئاساسلىقى يەرلىك كىشىلەرنىڭ كېسىلىنى كۈرەتتى.

يېڭى شەھەر ناھىيەسىدىكى جىڭ فىڭشۇ بوۋاينىڭ ئېيتىشىچە، ئىنجىل مەكتىپى جەنۇبي شىنجاڭنىڭ ھەممە ناھىيەسىدە دېگۈدەك بار بۇلۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كىلدىغان جەننەت دېيشەتتى. شىۋېتسىيەلىكلەر يېڭى شەھەر ناھىيەسىدە قۇرغان ئىنجىل مەكتىپىنىڭ 100 دىن كۆپرەك ئۇقۇغۇچىسى بار بۇلۇپ، ئۇلارنى ئۈچ سىنىپقا ئايرىغان، ئىككىسى ئۇغۇللار سىنىپى، بىرسى قىزلار سىنىپى ئىدى، تۆت شىۋېتسىيىلىك ئۇقۇتقۇچى، ئۈچ ئۇيغۇر ئۇقۇتقۇچى،بىر خەنزۇ ئۇقۇتقۇچى بارئىدى. ئۇقۇتۇش تۈزۈمى باشلانغۇچ مەكتەپتىن، تۇلۇق باشلانغۇچ مەكتەپكىچە ئىدى. ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن ئالتىنچى كۈنىگىچە نورمال دەرىس ئۇقۇيتى، يەكشەنبە كۈنلىرى ئىنجىل ئۇقۇيتى.

دوختۇرخاندىكى شىۋېتسىيەلىكلەر بىلەن بەزى خىزمەتچىلەر كۈندۈزلىرى كوچا-مەھەلىلەرنى ئارلاپ، ئاممىغا چوڭقۇر چۈكۈپ كېسەل كۆرسە، كېچىللىرى ئۇلار يەرلىك مىللەتنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋېلىپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئارسىغا بېرىپ دىن تارقىتىشتىن باشقا، ئاخبارات توپلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاق كۈڭۈل پۇقرالار ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىلمىگەنلىكتىن، شىۋېتسىيەلىكلەرگە نىسبەتەن بەزى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ئىدى.

ماقالىنىڭ مەنبەسى: شنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرى(تارىخي ئەسلىمىلەر)30 قىسىم

ماقالىنىڭ توردىكى مەنبەسى: ئەنئەنە بىلوگى

سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى:گۇننار يارىڭنىڭ“ قەشقەردىكى باسما بويۇملار“ ناملىق كىتابى ۋە بەيدۇ تورى

« ئۇلار بىھۇدە سۆز ،بىھۇدە ئىشتىن يىراق بولغۇچىدۇر.»