شىنجاڭ تورى خەۋىرى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ ئاساسلىق كۆرۈش ،ئاسراش ھەققىنى يىغىش يىڭى ئۆلچىمىنىڭ 2012-يىلى 1-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشىنى تەستىقلىغان.
ئىگىلىنىشىچە،ئاپتونوم رايونىمىز سىملىق رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئاساسىي كۆرۈش،ئاسراش ھەققىنى ئېلىش يېڭى ئۆلچىمى توغرىسىدا 2006-يىلى يىل ئاخىردا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى چاقىرغان،ئاپتونوم رايونلۇق مال باھا باشقۇرۇش تارماقلىرى 2007يىلى ۋە 2009-يىلى يىڭى ئۆلچەم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ بولغان،لېكىن ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆزدە تۇتۇلۇپ بەش يىل كېچىكتۈرۈپ يولغا قويۇشنى بېكىتكەن،بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت بويىچە يىڭى ئۆلچەمنى يولغا قويۇشتا ھەممىنىڭ كەينىدە قالغان .
يىڭى ھەق ئۆلچىمى تۆۋەندىكىچە بېكىتىلگەن:ئۈرۈمچى ۋە سانجى رايونلىرىدا ئايلىقى 25 يۈەن،باشقا ھەرقايسى ئوبلاستقا قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ھەرقايسى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردە ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن24 يۈەن،خوتەن شەھىرى،ئاتۇش شەھىرى،ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى ناھىيىلەردە ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن 20 يۈەن،دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيىلەر،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ھەربىر ئۈزەكنىڭ ئايلىقى ئۈچۈن 15 يۈەن ھەق ئېلىنىدىكەن.
بۇندىن باشقا ھەربىيلەر(ئائىلە تاۋاباتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)،ئىنقىلابىي قۇربانلار ئائىلە تاۋابىئاتلىرى،تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر ئىناۋەتلىك كۈچكە ئىگە بولغان گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق ھەق كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىنىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن.سىملىق،رەقەملىك تېلېۋىزىيىسى نام ئالماشتۇرۇش،توختىتىپ قويۇش قاتارلىق رەسمىيەتلىرىنىڭ ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن.
مەنبە: خەۋەرلەر تورى
[ بۇ يازمىنىچۆل~ئوغلى 2012-01-05 17:17قايتا تەھرىرلى ]