ئاناممۇ سەن ، ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن ،
ئاتاممۇ سەن ، ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن .
تەقدىم ساڭا شۇڭا باغرىم ئانا ۋەتەن ،
پىدا ساڭا جانىم ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن .
ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغىسەن ئانا ۋەتەن ،
يوقتۇر ئۇلۇغ سەندىن باشقا ئانا ۋەتەن .
مېھرىڭ بىلەن ياشنار ھايات ئانا ۋەتەن ،
ئىشقىڭ بىلەن سوقار يۈرەك ئانا ۋەتەن .
زۇمرەت كەبى سۈزۈك سۇلىرىڭنى ،
ئابىھايات ، كەۋسەر دەيمەن .
گىياھلىرىڭ چاچقان ھىدىنى ،
خويمۇ خۇشبۇي ئەنبەر دەيمەن .
ساڭا مەھكەم باغلانغاندۇر ئانا ۋەتەن ،
يۈرۈكىمنىڭ بېغىشلىرى .
<< ۋەتەن !>> دەپلا ئاڭلىنىدۇ ،
ھەتتا يۈرەك تىۋىشلىرىمدا .
سېنى سۆيۈپ ، ساڭا كۆيۈپ ئانا ۋەتەن ،
كۈرەشلەرگە ھەم ئاتلىنىمەن ،ئانا ۋەتەن .
چۆللىرىڭدە گۈل ئۆستۈرۈپ ، ئانا ۋەتەن ،
بەختىڭدىن زور شاتلىنىمەن ، ئانا ۋەتەن .
بەختىم ۋەتەن ، تەختىم ۋەتەن ، ئانا ۋەتەن ،
بارلىقىم تەقدىم ساڭا ئانا ۋەتەن .
جان پىدا بولۇپ يوللىرىڭدا ئانا ۋەتەن ،
تەر ئاققۇزۇش ئەھدىم ساڭا ئانا ۋەتەن .
ئاپتۇرى : پاتىمە ئەنۋەر تەخەللۇسى : پەرىشتە
بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 3-يىللىق 2-سىنىپ