تەلىمىيە
- بۇ شېئىرىمنى بورتالا تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپ << تەلىمىيە >> گە بېغىشلايمەن .
يۇرتۇمنىڭ زىننىتى ، كۆركى ، ئىپتىخارى تەلىمىيە ،
بىلىمگە تەشنا دىللارنىڭ غەمگۈزارى تەلىمىيە .
سەن بىلەن يورۇدى دىللار ، شەپقىتىڭدىن نۇر ئېمىپ ،
ھەۋەسكارنىڭ ئۇستازى ، مەدەتكارى تەلىمىيە .
سېنىڭ باغرىڭ ئەجەپ ئىللىق ، خىجىل ھەتتا ئانا مېھرى ،
قەدرىڭ بىلەن ئىنساننىڭ تىلتۇمارى تەلىمىيە ،
تەپەككۇر ئۇرۇقىنى تېرىدىڭ ، ئېچىلدى تۈمەن غۇنچە ،
غۇنچىلارنى ياشناتقان يۇرت باھارى تەلىمىيە .
بىلىم بېرىپ ئەۋلادقا ، يېشىڭ يەتتى سەكسەنگە ،
ئىرپان سۆيگەن ئاشىقىنىڭ زۇلپىقارى تەلىمىيە .
ئاپتۇرى : ئۆمەرجان نىيازى 1990-يىل