بولدى بەس...
(ساۋاقداشلار)غا
قاراخان
بىر سىنىپ ،بىر ياتاق ،بىر يول ئىچىدە،
دىلىڭغا ياق دېسە ئىلىمدىن چىراق .
تېرىقتەك تۈگۈننىڭ ئەسىر ئىلكىدە ،
تاماكا تارتىشتۇق يىرتىشىپ ۋاراق .
ئاق سالدۇق ئۇستازنىڭ ئىككى چېكىگە ،
كېسىلدى ساپ ئەقىل ،قېقىشىپ ھاراق.
قېرىنداش، ئۆچۈرگۈچ ،قەلەم، بور، دوسكا،
دەپتەرگە ،قەلبكە پۈتسىمۇ مەسلەك.
ئوغۇزغا نازلىنىپ تالاشتۇق سوسكا،
خۇمارغا ئايلاندى ئۇيقۇ ھەر ئەسنەك.
كىم قىرلاپ دوپپىنى، كىم ياقتى ئوسما ،
‹‹ئاخىرقى دەرس››نى ئاڭلىدۇق مەستەك...
‹‹ئۆزلۈك››تىن غۇلىغان بىر ساۋاقداشمەن ،
سۆھبىتىم قىززىماس ، يارۇ - يۆلەكسىز؟
مېڭىشىم ‹‹ئۆزگەرگەن›› بەڭگە بەڭباشمەن ،
ئىگەرلىك ئېتىم بار ئۆزۈم دېرەكسىز.
بىر دەڭسەپ كۆرگىنە كىمگە ئوخشاشمەن ؟
سەپ يارغان سەپتە كىم ئىكەن كېرەكسىز !
نە ئۈچۈن بوپقالدىڭ كۈلكە خوشياقماس ،
ئىچىڭنى تىڭشىسام ئەينى بوش تاغار .
تېنىڭمۇ زەيپانە ، ياز يا قىش ياقماس ،
باھاردەك چېھرىڭدىن ئۈششۈك مۇز ياغار .
خورلۇقتۇر -ھورۇنلۇق ،كەسپ ،كار ياقماس ،
كىم چاچراپ تۇرمىسا يۈرىگىم ئاغار.
‹‹قىرىق تال ئۇرۇق ››مىز قىرىق يەرگە خاس ،
‹‹چۈشى››گە، ئۇسسۇزنىڭ كىرگەن سۇ بەلكى.
پاك چوڭقۇر قۇدۇقمىز قىلدىڭمۇ قىياس ،
بۇلاقتەك جۇش ئۇرماق ھەركىمنىڭ ئەركى.
تۈندە شام چىراقسەن ، دېڭىزدا غەۋۋاس،
ئەل ئۈچۈن ئۆرتەنگىن بولساڭمۇ تەركى .
سەن باسقان ئىزلاردىن گىياھ ئۈنمىسە ،
كۆچەتلەر كۆك تامان تارتمىسا تۈز بوي.
سەن سوققان قىرلارغا ئېقىن كۆنمىسە ،
كېلەچەك ،ئىستىقبال ئەپسانە بىر ئوي.
بۇرۇچقا ، نومۇسقا ۋىجدان ئۆڭمىسە ،
بولدى بەس ‹‹مىللىتىم ››دىگەن‹‹لاپ›› نى قوي!؟
2010-يىلى 31-ماي
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-07 18:06قايتا تەھرىرلىدى ]