رەسىم:
رەسىم:
جوڭگو ئامىرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئاسىيا-تىنىچ ئوكيان » يىڭىچە ھەربىي ئىستىراتىگىيىسىگە قارىتا ئەسكەرتىش بەردى.
جوڭگو شىنخۇا ئاگىنتلىقى خەۋەر قىلىپ ئەگەر ئوباما ئامىرىكىنىڭ بۇ رايونىدىكى مەۋجۇتلىقىنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولسا چوقۇم ئاۋال مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى كېرەك.
لېكىن ئامىرىكانىڭ ئۇرۇشخۇمار ئارمىيسى ھەر ۋاقىت تىنىچلىقنى خەتەر ئىچىدە قويۇدۇ ۋە تەھتىد شەككىللەندۈرىدۇ دېدى.
دەرۋەقە ئوباما ھەربىي چېكىندۈرۈش ئارقىلىق «ئىخچاملاشتۇرۇش»ئىستىراتىگيسىنى پىلانلىغان .ۋە بۇ پىلاننى ئىجىرا قىلىشقا 45مىليارد ئامىرىكا دوللىرى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«كەلگۈسى مۇداپىيە پىلانى »ئۈچۈن يەنەكەلگۈسى ئون يىلدا نۇرغۇنلىغان ئەسكەر چىكىندۈرۈش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما يەنە «ئافغانىستاندىكى ئۇرۇش ئوتىنى پەسەيتىش ئۈچۈن ،ئامىرىكا ئىقتىسادى كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىشى كېرەك » دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيەنە بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى مۇخپىرلارغا «ئاسىيا -تىنىچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ رايوندىكى خامچوتنى تىزگىنلەپ چىقىمنى كونتۇرول قىلشىمىز زۆرۈر.»،-دېدى.
جوڭگو تەرەپ :«ئامىرىكا ئەگەر ئاسىيا -تىنىچ ئوكيان رايونىدا تىنىچ مۇھىت يارتىشنى مەقسەت قىلسا ئۇ جوڭگو ئۈچۈنمۇ زور خۇشاللىق .
بىراق ئامىرىكا بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىمەن دەيدىكەن ئۇنداقتا ئاۋال چوقۇم ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش خاھىشىدىن ساقلىنىش لازىم .
ئەگەر ئامىرىكا يىنىكلىك بىلەن بۇ رايونغا ھەربى كۈچ قويۇشنى قارار قىلسا ئۇ چاغدا بۇ خۇددى بىر بۇقىنى بازىرىمىزغا قويۇپ بەرگەندەك ئىش بولىدۇ-دە رايون مۇقىملىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا تىنىچلىق بۇزىلىشى مۈمكىن. »دەپ ئالاھىدە تەكىتلىدى.
http://www.bbc.co.uk/news/world-us-canada-16438584