<<جۇنۇن>> غا تەڭ قايسى بىر ئاھاڭ
قاراخان
نىمە دىسەڭ دەۋەرگىن پەلەك ،
كۆتەرسەم تۇغ ،ماڭسام يولۇم بار .
سەپەرلەردە ئاداشسام مەيلى ،
ئاداشساممۇ لېكىن خۇدۇم بار.
سائەتلەرگە قارىما ئەركەم ،
مىلادىدىن بۇرۇنمۇ يىل بار .
زۇۋانسىزدىن كۈتمىگىن زۇۋان ،
يەردە ياتقان تاشتىمۇ تىل بار.
شىرىن خىيال سۈرگۈنۈم سۈرگەن ،
سايە تاشلاپ تۇرسىمۇ ئەجەل.
كۆڭۈل قاچان تويار كۆڭۈلگە ،
قىسمەتلەرگە قىسمەتكەن بەدەل.
سايەڭ ئىككى بولماس دىمىگىن ،
دېڭىز تەكتى مەن چۆككەن ساراي .
كۈتەر مېنى ساھىل ئۇپۇقتا ،
سۈبھى ئاتلىق گۈزەل خۇشچىراي .
ئەبجەش ئەمەس چالغان ساز لىرىم،
‹‹جۇنۇن›› غا تەڭ قايسى بىر ئاھاڭ؟
دىلكەش كۈيگە دوست تارتقىنىمدا،
‹‹مەجنۇن ›› دىگەن مېنى كىم ساراڭ؟
2011-يىلى 1-يانۋار
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-13 18:46قايتا تەھرىرلىدى ]