12ئاينى ئۇيغۇرچە ئاتاي!
(سىناق نۇسخا)
قاراخان
بىرىنچى ئاينى دەيدۇ قەھرىتان،
قار ،مۇز، جۇدۇن بولغاچ ھۆكۈمىران .
تىۋىت -چاپان، يىگىت- جۇۋاندىن ،
چىقمىغاچقا قاتتىقراق ‹‹ زۇۋان ››.
ئىككىنچى ئاينى دەيدۇ يامان ھوت،
كەتمىنىڭنىڭ سېپىنى چىڭ تۇت.
سەل چاغلىما سوغۇق ئەتىياز ،
جەۋزا تۇغسا بولار بىزگە قۇت.
ئۈچىنچى ئاينى ئاتاۋەر نورۇز ،
ئەگىز بولۇپ ئاقار كۆك قار ، مۇز .
پەسىل بىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ ،
ئويغاندى كۆر قۇش ، قۇرۇت، قوڭغۇز.
تۆتىنچى ئاينى دەيدىكەن ئۈمۈد،
ياشىماققا كىم قىلار تۈزۈت.
كۈن تۇرغاندا ماڭا نىمە دەپ ،
ئۈكەر ياندا قىلاركەن سۈكۈت .
بەشىنچى ئاينى دەيدىكەن باھار،
ئاڭا بار چە كۆڭۈل ئىنتىزار ،
قارلىغاچ بىلەن بېلىق سۆيۈنۈپ ،
بارچە جانلار بولار ئۇمۇدۋار.
ئالتىنچى ئاينى دەيدىكەن سەپەر ،
ئۇندا يوقكەن بىزگە كۆپ خەتەر .
بوش كەلمىسەڭ قىشنىڭ غېمىغا،
سەن ئۆزەڭنى قۇچتۇم دە زەپەر .
يەتتىنچى ئاينى دەيدىكەن چىللە،
ھورى بىلەن شورىكەن بىللە .
گۈلدۈر ئەمەس مۆلدۈرى يامان،
ئۇيقۇ ،ئەمگەك باسىاركەن شىللە.
سەككىزىنچى ئاينى دەيدىكەن تومۇز ،
كار قىلمايدۇ يىسەڭ چۇكا مۇز.
‹‹ئورما - يىگەن ناننى سورىما ››
نان يىمەك تەس ،يىسەڭچۇ تاۋۇز.
توققۇزىنچى ئاي مىزاندۇر - مىزان ،
تۈزۈت قىلماس مېھمان -ساھىپخان .
كۈز ئۆزەڭنى تۈز دىگەچ چوڭلار ،
كۈز ھەركىمگە بولار ئىمتىھان .
ئونىنچى ئاينى دەيدىكەن ئوغۇز ،
مال -چارۋاڭغا مول ئىكەن بوغۇز.
توي ئۈستىگە ئۇلىشىپ تويلار،
بېشى بىرمۇ يۈرمەسكەن يالغۇز .
ئون بىرىنچى ئاي ئاتىلار ئوغلاق ،
ئوغلاق ئۆزى ئەم ، داۋا، ئۇلاق .
ئوغلاق قويغان كەكە ساقالغا ،
كۈلگەنمىدىڭ بىر چاغ ئويلاپ باق؟
ئون ئىككىنچى ئاي ئاتالدى كۆنەك ،
يېڭى يىلدا يېڭىچە تىلەك .
كەپتەر كەبئى ئۇچسىمۇ يىللار،
بىز يىللاردىن ئۇچىمىز يۈكسەك!
2012-يىلى 12-دىكابىر
تورغا بىۋاستە ئۇرۇلدى ،تورداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ كۆرىشىگە ھاۋالە قىلىمەن .
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-13 10:15قايتا تەھرىرلىدى ]