سۆيۈلگىنىڭ قىممىتىڭ ئىززىىتىڭ ھەم ھۆرمىتىڭ،
سۆيمىسەڭ گەر خورلىما سەتلەشمىسۇن زىننىتىڭ،
سۆيۈپ قالساڭ بىراۋنى ئوتتا ئۈنسىز كۆيگۈنىڭ،
سۆيمىسە ئەپسۇس سېنى ھېجىران پىراقتا ئۆلگۈنۈڭ،
سۆيسەڭ سۆيدى بەخىت ئەمما شېرىن ئازاپ قىسمىتىڭ.
ھەممىمىز ئوخشاش ئىنسان بىراق بىزدە ھەر خىل ئارمان،
نە سەۋەپكىن گاھ ئارمان تاپالماسكەن تۇشلۇق دەرمان،
شۇندىمۇ ئۆلدۈم مەن دەپ ۋاز كەچمىگىن ئالمان -تالمان،
ئارقىنى ئۇزۇن ئالەم ئاياغلاشماي بىزگە قالغان،
چۈشكۈنلۈك يامان دۈشمەن قايتا يانغاي مۇھەببىتىڭ.
گاھى جۈپلەر ئايرىلىپ يۈك بولدى دەپ دادلىنىپ،
گۈزەل تاتلىق ئەسلىمە قالدى دەسسەپ چەيلىنىپ،
مۇھەببەتلىك كۈلكىلەر كەتتى كۈلگە ئايلىنىپ،
قالدى يەنە ئۆزلىرى سۆيۈلۈشكە زارلىنىپ ،
قېنى ئەمدى ئەركىنلىك دەپ شۇنچە شىلتىڭ ئاتقىنىڭ.
گاھىلار ئېسل شۇنچە باشلىشىپ ئۈزگەن غۇنچە،
ئۆز-ئارا ھالمۇڭ بولۇپ سىرداشقان ھەم كېچىچە،
ئازارلىشىپ قالسا گەرچە دەز كەتمىگەن ئاڭا قىلچە،
بەل باغلىغان تەڭ تارتىشقا جاپا بولسا ئاداققىچە،
يارىشىدۇ خوپ ئاڭا مۇھەببەت دەپ جار سالغىنىڭ.
سەنلا قالدىڭ شۇنچە يالغۇز شۇنچە تەنھا ئولتۇرۇپ،
زىممەڭگە ھەم تۈگمەس غەم ھجران پىراقنى تولدۇرۇپ،
ئاغزىڭدا تەن بەرمىدىڭ ئولتۇرمۇدۇڭ چاندۇرۇپ،
شۇنداقتىمۇ قەلبىڭدە يار تۇتۇشقا ھەم زار بولۇپ،
نىمە گەپ بۇ ياش تۇرۇپ مۇھەببەتسىز قالغىنىڭ.
2010-3-11(ئۈرۈمچىدىكى يانا شۇ ياتاق)