ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 208 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 602
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
تۆھپىسى: 89
پۇلى: 781 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 185
ياخشى باھا: 781
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-19
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-08 21:12

خۇدا ۋە يېڭى فىزىكا

«مەن پىكىر قىلىمەن، شۇڭلاشقا مەن مەۋجۇت»

                           رېنى دېكارت (فىرانسىيىلىك پەيلاسوپ، فىزىكا ئالىمى، ماتېماتىكا ئالىمى، فىزىئولوگىيە ئالىمى)

«مەن ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزى ياكى ئادەمنىڭ روھىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنىڭ ۋاقىت ۋە بوشلۇق قانۇنىيىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»

               كارل گۈلستاف جۇنگ ( شىۋىتسارىيىلىك پىسخولوگىيە ئالىمى)

گەرچە ھەرخىل دىنلارنىڭ ئىلاھنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار بار بولسىمۇ، ئەمما مەن ئەزەلدىن قايسىبىر خىل دىننىڭ ئىلاھنى بىرخىل روھ ئەمەس، دېمەيدىغانلىقىنى بىلمەيمەن.

لېكىن، روھ دېگەن نېمە؟

ئىلاھىيەتشۇناسلاې ۋە پەيلاسوپلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇ قىيىن مەسىلە ئۈستىدە ئىزچىل تۈردە بەس-مۇنازىرە قىلىپ كەلدى. ئەمما روھ توغرىسىدىكى تەتقىقاتمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم-پەننىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. پىسىولوگىيە، پىخىكىلىق تەھلىل، چوڭ مېڭە تەتقىقاتى، كومپىيۇتېر ھەمدە »سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار» تەتقىقاتىنىڭ ھەممىسىلا روھنى تەتقىق قىلماقتا. بىز مۇشۇ بابتا ۋە كېيىنكى بابتا ئاڭ، ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزى ھەمدە روھ مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىمىز. بىزنىڭ سورايدىغىنىمىز شۇكى: بەدەن ئۆلگەندىن كېيىن، روھ يەنە ھايات تۇرالامدۇ-يوق؟

(قىسقارتىلدى)

گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ھېچقانداق تالاش-تارتىش قالمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ماددىي دۇنيا بىلەن روھىي دۇنيا ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەندە، مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ. بىزنىڭ ئىدىيە ئالىمىمىز ئەتراپىمىزدىكى ماددىي ئالەمنىڭ سىرتىدا يالغۇز تۇرمايدۇ، بەلكى ماددىي ئالەم بىلەن كۈچلۈك باشلىنىشلىق بولىدۇ. بىزنىڭ روھىمىز سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ ياردىمىدە توختاۋسىز رەۋىشتە ئچۇر ئېقىمىنى قۇبۇل قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇچۇر ئېقىمى روھىي پائالىيەتنى پەيدا قىلىدۇ ياكى يېڭى ئىدىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى قوزغىتىدۇ، ياكى ھازىر بار ئىدىيىنى يېڭىۋاشتىن تەشكىللەيدۇ. ئەگەر سىز كىتاب ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز، سىرتتىكى گۈرۈلدىگەن ئاۋازنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، ئىختىيارسىز رەۋىشتە «ئۆگزىدىن بىر پارچە كاھىش چۈشۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ» ياكى «بىرەر ئاپتوموبىلغا ئوت كەتكەن ئوخشايدۇ» دەپ ئويلايسىز. شۇنىڭ بىلەن، ماددىي دۇنيا يېڭى ئىدىيىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، ئامالىيەتتە سىز روھىي دۇنيارىڭىزنى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرغان بولىسىز.

ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا، روھىي دۇنيامۇ ئىرادە ئارقىلىق ماددىي دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىز ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلىسىز. شۇنىڭ بىلەن، پۇتلىرىڭىز ھەرىكەتكە كېلىدۇ، كىتابنى تاشلاپ قويۇپ، ئىشىكنى ئاچىسىز. كاللىڭىزدىكى ئىدىيە بەدىنىڭىزدىن ئىبارەت بۇ ۋاستىچىنىڭ ياردىمىدە ماددىنىڭ ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ، ماددىنىڭ ھەرىكىتى يەنە سىزنىڭ مۇھىتىڭىزدىكى ماددىي نەرسىلەرنى يېڭىۋاشتىن ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھەقىقەتەن، بىز ئادەتتىكى چاغلاردا ئۆز مۇھىتىمىزدا كۆرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى روھىي پائالىيەتنىڭ ماددا ئارقىلىق باشقۇرۇشى بىلەن ئىشقا ئاشقان نەتىجىدىن ئىبارەت.

بۇلارنىڭ ھەممىسى قارىماققا ناھايىتى ئېنىق، لكېىن بۇنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بەزى مەسىلىلەر بار. ماددىنىڭ روھقا تەسىر كۆرسىتىشى مېخانىزىمى نېمە؟ ئادەمنىڭ بېشىنى تېخىمۇ ئاغرىتىدىغىنى، روھنىڭ ماددىغا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى نېمە؟

ئەمدى بىز سىرتقى تەسىرنىڭ قانداق قىلىپ ئىدىيىنى روھقا «كۆچۈرىدىغان»لىقىنى كۆرۈپ باقايلى. گۈرۈلدىگەن ئاۋازنى مىسال كەلتۈرەيلى. ئاۋاز دولقۇنى قۇلاق پەردىسىگە ئرۇلۇپ، قۇلاق پەردىسىنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ تەۋرىنىش ئۈچ تال سىپتا سۆڭەك ئارقىلىق قۇلاق قۇلۇلىسىگە يېتىپ بارىدۇ. قۇلاق قۇلۇلىسىدىكى بىرخىل پەردە تەۋرىنىشنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئاندىن بۇ تەۋرىنىشنى ئىچكى قۇلاقتىكى بىرخىل سۇيۇقلۇققا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق يەنە بەزىبىر سەزگۈر يىپچىلارنى تارتىدۇ، تارتىلغان يىپچىلاردا ئېلېكتر ئىمپۇلىسى وەيدا بولىدۇ. ئىمپۇلىس نېرۋا ئۆتۈشمە يولىنى بويلاپ چوڭ مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ. چوڭ مېڭىدە، ئېلېكتر ئىمپۇلىسىدىن تەشكىل تاپقان سېگنال بىر مۇرەككەپ ئېلېكتر خىمىيىلىك تورغا ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، بىز ئاۋازنى سېزىمىز (ئاڭلايمىز). لېكىن بۇ قانداق ئىش؟ ماددىلارنىڭ بۇ بىر قاتار مۇرەككەپ ئۆزئارا تەسىرى قانداقسىگە توساتتىن بىر روھىي ئىشقا ئايلىنىپ، ئاۋازنى ئىدراك قىلىش بولۇپ چىقىدۇ؟ سىزنى مەلۇم بىر خىل ئاۋازنى ھەقىقەتەن ئاڭلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان چوڭ مېڭىنىڭ ئېلېكتر خىمىيىلىك مودېلى زادى قانداق ئىش؟ قانداقسىگە ئاۋازنى ئاڭلاش بىلەن بىر قاتار ئىدىيىلەر پەيدا بولىدۇ؟

كىشىنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرىدىغىنى، ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىن ئىبارەت. سىز بېرىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلىسىز، پۇتلىرىڭىز ھەرىكەتكە كېلىدۇ. قانداقسىگە ھەرىكەتكە كېلىدۇ؟ چوڭ مېڭىڭىزدىكى ھۈجەيرىلەر غىدىقلىنىدۇ، ئۇچۇر نېرۋىنى بويلاپ تارقىلىدۇ، مۇسكۇللىرىڭىز تەرەڭلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سىز ھەرىكەتكە كېلىسىز.

(قىسقارتىلدى)

ئونىنچى بابتا بىز ئادەمنى قايمۇقتۇرىدىغان ئەركىن ئىرادە ۋە روھ بىلەن ماددىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش مېخانىزمى مەسىلىسىنى بىر قەدەر تولۇق مۇھاكىمە قىلىمىز. ئەمما بىزنىڭ مەسىلىمىز تېخى تۈگىگىنى يوق، بىز يەنىلا نېمىنىڭ ئاڭ ئىكەنلىكى، ئاڭنىڭ قانداق بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى بايقىمىدۇق. شىمپەنزىنىڭ ئېڭى بارمۇ؟ ئىتنىڭچۇ؟ چاشقاننىڭچۇ؟ ئكمۈچۈكنىڭچۇ؟ قۇرتنىڭچۇ؟ باكتىرېيە، كومپىيوتېرنىڭ ئېڭى بارمۇ-يوق؟ ئادەمنىڭ سەككىز ئايلىق تۆرەلمىسىنىڭ ئېڭى بارمۇ-يوق؟ بىر ئايلىق بولغاندا ئېڭى بولامدۇ-يوق؟ بىر سېكونتلۇق بولغاندىچۇ؟ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە «بار» دەپ جاۋاب بېرىدىغانلار كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئۇنداقتا، ئاڭ تەدرىجىي بارلىققا كېلەمدۇ؟ ئۇ مەلۇم بىرخىل ئۇسۇلدا مىقدارلاشتۇرغىلى بولىدىغان نەرسىمۇ؟ بىز ئادەمنىڭ ئېڭىنى 100 دەپ بەلگىلىسەك، شىمپەنزىنىڭ 90، ئىتنىڭ 50، چاشقاننىڭ بەش، بەش ئايلىق ھامىلىنىڭ 2، ئۆمۈچۈكنىڭ 0.1 بولىدۇ دەپ بېكىتسەك بولامدۇ؟ ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، ئاڭنىڭ بىر تەرەققىي قىلىش كرىتىك قىممىتى بار بولۇپ، بۇ كرىتىك قىممەتتىن ھالقىپ كەتسە، خۇددى مەلۇم بىرخىل يېقىلغۇ مەلۇم كرىتىك تېمپېراتۇرىغا يەتكەندە تۇيۇقسىزلا ئوت ئېلىپ كۆيۈشكە باشلىغانغا ئوخشاش، ئاڭمۇ توساتتىن جىددىي ھالدا ئېشىپ كېتەمدۇ؟

بىز يەنە ئاڭنى قانداق پەرقلەندۈرەلەيمىز؟ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئېڭىنى بىۋاستە بىلەلەيدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ ئېڭى شەيرىي ماددىدىن ئىبارەت ئىدىيە ۋە سەزگۈنىڭ يوشۇرۇن ئالىمىدە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر ئادەمنىڭ ئېڭىنى باشقا ئادەملەر كۆزىتىپ بىلەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئادەم باشقا بىر ئادەمنىڭ ئېڭىنى پەرەز قىلماقچى بولسا، ئۇ پەقەت ئۇ ئادەمنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋە ماددىي ئالەمنىڭ ياردىمىدە ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلىشى لازىم.

(قىسقارتىلدى)

نۆۋەتتىكى تېخنىكا چەكلىمىلىكىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ماشىنىنىڭ (ھېچبولمىغاندا پرىنسىپ جەھەتتە) روھقا ئىگە بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلە ھازىر يەنىلا چەتنەپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. چوڭ تىپتىكى كومپىيۇتېرنى ئىشلىتىپ باققانلار شۇنى بىلىدۇكى، مەلۇم چەكلىق مەنىدىن ئېيتقاندا، كومپىيوتېر ئادەمنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىرخىل بىرخىل شەكىلدە مەشغۇلاتچى بىلەن ئالاقە قىلالايدۇ. ھازىرقى زاماندىكى «ئۆزئارا تەسىر» تېخنىكىسى ئادەمنى ماشىنا بىلەن مۇرەككەپ سۇئال-جاۋاب شەكلىدە سۆزلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. گەرچە بۇ خىل سۆزلىشىشنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن چەكلىك بولسىمۇ.

مەن، ئۆزىمىزنىڭ روھىمىزنىڭ سىرتىدىكى باشقا روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پەقەت سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدىم. ئەگەر بەزىلەر: «مەن سەمەتنىڭ روھىي بارلىقىنى قانداق بىلەلەيمەن؟» دەپ سورىسا، بۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب: «مېنىڭ روھىم بار، سەمەتنىڭ گەپ-سۆز، يۈرۈش-تۇرۇشى مېنىڭكىگە ئوخشاش، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاشلا مېنىڭ روھىم بار دەيدۇ، شۇنىڭ ئۇچۇن، مېنىڭ خۇلاسەم: سەمەتنىڭمۇ روھى بار» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. سىزنىڭ باشقىلارنىڭ روھىغا ئىگە بولۇشىڭىز مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تۇيغۇسىنى بىۋاستە ھېس قىلالىشىڭىزمۇ مۇمكىن ئەمەس (ئەگەر سى شۇنداق قىلالىسىڭىز، ئۇ ئادەم باشقا ئادەم ئەمەس، بەلكى ئۆزىڭىزدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ). شۇ سەۋەبتىن، ئەگەر ئۆزىمىزنىڭكىدىن تاشقىرى يەنە باشقا روھ مەۋجۇت دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ خىل تەسەۋۋۇر مۇقەررەر يوسۇندا بىرخىل ئېتىقادتىن ئىبارەت بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، «ماشىنا پىكىر قىلالامدۇ» دېگەن مەسىلىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ جەزمەن مۇنداق جاۋابى بولىدۇ، يەنى كىشىلەر سىرتقى ئىپادىسى (مەسىلەن: ئەقلىنى ئىشقا سېلىش زۆرۈر بولغان بەزى ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداش ئەھۋالى)گە ئاساسلىنىپ ئادەم ماشىنىدىن ئەقىللىق دەپ ھۆكۈم قىلسا بولمايدۇ، چۈنكى سىرتقى ئىپادە پەقەت ئادەملەر ماشىنىنىڭ «ئىچكى» كەچۈرمىشلىرىگە باھا بېرىشتە قوللىنىدىغان سىرتقى ئۆلچەمدىن ئىبارەت. ئەگەر ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ياسىلىپ، بارلىق سىرتقى تەسىرلەرگە ئىنكاس قايتۇرالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا، كىشىلەرنىڭ ماشىنا پىكىر يۈرگۈزەلمايدۇ ياكى ماشىنىنىڭ سېزىمى يوق دەيدىغانغا كۆرگىلى بولىدىغان ئاساسى يوق بولىدۇ. بەلكى، ئەگەر بىز ئىتنىڭ پەكىر يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى ياكى ئۆمۈچۈك، چۆمۈلىنىڭ مەلۇم خىلدىكى ئاساسىي تۇيغۇغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىساق، ئۇنداقتا، ھازىرقى كومپيۇتېرلارنى بۇ خىل چەكلىك مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ تۇيغۇغا ئىگە دەپ قارىساق بولىدۇ.

1950-يىلى ماتېماتىكا ئالىمى ئالان تۇرىن (ئەنگىلىيىلىك ماتېماتىكا ئالىمى) «روھ» ناملىق ژۇرنالدا «كومپىيۇتېر ۋە ئەقىل –پاراسەت» دېگەن تېمىدىكى بىر پارچە ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ماشىنىنىڭ پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان-يۈرگۈزەلمەيدىغانلىقى مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئۇ بۇ مەسىلىنى ئاددىي بىر تەجرىبىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۇرىن بۇ تەجرىبىنى «تەقلىد قىلىش ئۇيۇنى» دەپ ئاتىدۇ. تەجرىبىخانىنىڭ پرىنسىپى مۇنداق: بىر ئەر ئايرىم بىر ئۆيگە كىرگۈزۈلىدۇ، بىر ئايال يەنە بىر باشقا ئۆيگە كىرگۈزۈلىدۇ. بىر نەپەر سۇئال سورىغۇچى بىرخىل فوتو تېلېگراف ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ ھېلىقى ئەر ۋە ئايال بىلەن ئالاقە قىلىدۇ ھەمدە سۇئال سوراش ئۇسۇلى بىلەن قايسى ئۆيدىكىسىنىڭ ئەر، قايسى ئۆيدىكىسىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەر ۋە ئايال ئامال قىلىپ سۇئال سورىغۇچىدىن ئۆزىنىڭ ئەر (ياكى ئايال) ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇ ئەر چوقۇم بى رئەقىللىق ھەم پىشقان يالغانچىدىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ ئەرنىڭ ئورنىغا ماشىنا ئىشلىتىلسە ھەمدە ماشىنا راستتىنلا سۇئال سورىغۇچىنى ئۆزىنىڭ ئايال ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرەلىسە، تۇرىن بۇ ماشىنا راستتىنلا پىكىر يۈرگۈزەلەيدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىل پىشىپ يېتىلگەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولۇش-بولماسلىقىغا قارىتا، نۇرغۇن پىكىرلەر ئىنكار قىلىش خاراكتېرىدە بولماقتا. بىر تەرەپتىكىلەر، كومپىيۇتېر پۇختا ئىراكىي لوگىكىلىق ئۇسۇل بويىچە خىزمەت قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ئۇ رەھىمسىز، ھېسابلاشقا ئۇستا، يۈرىگىمۇ، ئۆپكىسىمۇ، جېنىمۇ يوق ھەمھېسسىياتىمۇ يوق ئاپتوماتىك قۇرۇلمىدىن ئىبارەت. كومپىيۇتېرنىڭ ئىشلىشى نوقۇل ھالدا ئاپتوماتىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ پەقەت مەسغۇلاتچى پروگرامما بويىچە ئۇنىڭغا كىرگۈزگەن نەرسىلەرنىلا ئورۇندىيالايدۇ. ھېچقايسى كومپىيۇتېر مەشغۇلاتچىدىن ئايرىلىپ، ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولىدىغان، ئىجادچانلىققا ئىگە، ياخشى كۆرەلەيدىغان، كۈلەلەيدىغان، يىغلىيالايدىغان، ئەركىن ئىرادىگە ئىگە ماشىنىدىن ئىبارەت بولالمايدۇ. ئاپتوموبىلغا ئوخشاشلا، كومپىيۇتېرمۇ مەشغۇلاتچىنىڭ قولىدىن ئىبارەت.

بۇخىل خۇلاسە چىقىرىشتا مۇنداق بىر مەسىلە بار، يەنى ئۇمۇ بەزىبىر ئويلاپ يەتمىگەن ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. نېرۋا (چوڭ مېڭە ھۈجەيرىسى) قاتلىمىدا، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىمۇ كومپىيۇتېرغا ئوخشاش مېخانىكىلىق بولۇپ، ئوخشاشلا ئىدراكىي لوگىكىلىق پرىنسىپ تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ. لېكىن بۇ بىزنىڭ ئارىسالدى بولۇش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىمىزغا توسالغۇ بولمايدۇ. بىز ئوخشاشلا پايپېتەك بولۇپ، شادلىققا چۆمۈپ، زېرىكىپ، بېغەرەزلىك قىلىپ يۈرەلەيمىز.

دوستلىشىش
مېھرىگىياھ
ئۇ، سۆزىدىن يانمايدۇ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 19
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 4
ئومۇمىي يازما: 246
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە246دانە
تۆھپىسى: 53
پۇلى: 502 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 66
ياخشى باھا: 312
توردا: 83(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-18
ئاخىرقى: 2012-01-20
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 12:27

«سىلەرگە ئازغىنا ئىلىم بېرىلگەن» .
بوزقىر مەلىكىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 373
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 113 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 113
توردا: 51(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-01-19
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 13:52

    كىتابنى جىق ئوقۇۋاتىسىز - جۇمۇ!!!!
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 602
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە602دانە
تۆھپىسى: 89
پۇلى: 781 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 185
ياخشى باھا: 781
توردا: 87(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-01-19
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-09 18:36

يوللاپ بولۇپ ئاندىن ئۇقۇدۇم ، قارسام چۇۋالچاق پېكىرلەركەن !
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
تۆھپىسى: 7
پۇلى: 92 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 14
ياخشى باھا: 92
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-01-20
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-11 17:07

بىر كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇش- نۇرغۇنلغان ئەدىبلىرىمىز بىلەن سۆھبەتلەشكەندەكلا ئىش......