ۋاقىتنى قەدىرلە
(نەسىر)
سەنۋەر مۇھەممەت سايرامى
ۋاقىت -ئاتقان ئوق ، ئىنسان ھەر نەپەستە، ھەر دەقىقىدە ئۆز ئۆمرىنى بىباھا گۆھەردەك قەدىرلىشى كېرەك، ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يەتكەن كىشىگە ھەر قاچان بەخت قۇچاق ئاچماي قالمايدۇ. ئىنساننىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر مۈشكۈل كۈلپەتمۇ ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس.
بۈگۈننى چىڭ تۇتۇش، ھەر بىر دەقىقىنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق، بۈگۈننىڭ ئىشىنى ئەستىگە قويماسلىق دانالىق جۈملىسىدىندۇر؛ ئەتىگە قالغان ئىشنى قار باسىدۇ، قارا دوستۇم ! ئۆتكەن ئۆمۈرنى كىممۇ قايتۇرۇپ كېلەلىگەن ؟ شۇڭا ئۇ ئەڭ قىممەتلىكتۇر. ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچىلىك بۈلغان كامالەت - پەقەت ئىلىمدىن كېلىدۇ. ئىلىمدىن باشقا كامالەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشەنچىلىك ئەمەستۇر. كەل دوستۇم ، تەبىئەت كىشىلەرنى مەھلىيا قىلسا، بىز ئىلىم - ئېرپان گۈلىستانىنىڭ خۇش ھىدىنى ئەتراپىمىزغا چاچايلى، ھەر بىر دەقىقىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزىمىزنى تېخىمۇ تاكامموللاشتۇرايلى ، ئەۋلالىرىمىزنى ياراملىق قىلىپ تەربىيىلەپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشىلىك ھەسسىسمىزنى قوشايلى !ياخشى پەرزەنت تەربىيەلەش ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ ئېھتىياجى ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ كاپالىتىمۇ دەل ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشتا! ۋاقىتنى قەرز ئالغىلى ياكى ئامانەت قويغىلى بولمايدۇ، «ئىنسان شۇنداق ياشىشى كېرەككى ئۆتكەن كۈنلىرىگە پۇشايمان قىلماسلىقى كېرەك.»دانىشمەنلىرىمىزنىڭ ۋاقىت ھەققىدىكى ھېكىمەتلىك سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ۋاقىتنى قەدىرلەپ، بۈگۈنكى نەتىجىلىرىمىزنى ئارقىلىق گۈزەل ئەتىنى كۈتۈۋالايلى !
ئاڭلا دوستۇم، ۋاقىتنى قەدىرلە، چۈنكى ۋاقىت سېنى تەخىرسىز چىللاۋاتىدۇ...