ئانا بوپتىمەن
(نەسىر)
سەنۋەر مۇھەممەت سىدىق سايرامى
بۈگۈن ئاياللار بايرىمى ، ئالتۇن قۇياش ئاستا- ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئىللىق نۇرىنى ئەتراپقا تەكشى چېچىشقا باشلىدى ...پۈتكۈل كائىنات بۇ قۇتلۇق بايرامى تەبرىكلىمەكچى بولىۋاتقاندەك جانلىنىپ كەتتى .
-ئانا بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
قىزىمنىڭ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزى ماڭا تىكىلدى. بۇ كۆزلەردىن پەرزەنتنىڭ ئانىغا بولغان ۋاپادارلىقى، سەمىمىي ساداقەتلىكى، پاك ئېتىقادى بىلەن جەڭگىۋارلىق روھى جىلۋىنىپ تۇراتتى. پۈتۈن ۋۇجۇدۇم سۆيگۈ -مېھرى دەرياسىغا چۆمۈلۈپ قىزىمغا بولغان مۇھەببىتىم ئۆركەشلەپ تاشتى. شۇئان ئالدىنقى يىلى ئانامنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۇنى خۇشال قىلغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ - توۋا ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئانامغا بىلدۈرگەن مىننەتدارلىقىم ئۆزەمگە ياندى ، كونىلار: «بىر ياخشى ئىش ، بىر ياخشى سۆز مىڭ تىللارغا ئەرزىيدۇ» دەپ بىكار ئېيتماپتىكەن، بۈگۈن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى قىزىمنىڭ ئاغزىدىن، ئەمەلىي ئىشىدىن ئالدىم، -دىدىم -دە ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق«'بالا تۇغۇش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ ئىدىيە، ئۇلۇغ نىشاننى تۇغۇش بىلەن خاراكتېرىلىنىدىكەن ...» دىگەننى ئويلاپ ، مەسئۇلىيىتىمنىڭ تېخىمۇ ئاشقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
مەن ھەر يىلى ئانامنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ئۇنى خۇشال قىلىپ تۇراتتىم ، چۈنكى مېنىڭ ئانام تولىمۇ جاپاكەش ، مېھرىبان ئانا ئىدى، ئۇ بىزنى چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشقىچە تارتمىغان جاپا - مۇشەققەتلىرى قالمىغان ، ئۇ ئەۋلادلىرىنىڭ بەخت -سائادىتى ئۈچۈن ئىككىلەنمەي يول ئېچىپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جەڭگىۋار روھى ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان پاكلىقى، ھۆسنىگە مەڭگۈ ئۆزگەرمەس لاتاپەت قوشىدىغان پەزىلىتى، يىمىرىلمەس قۇرغاندەك ئېتىقادى بىلەن ئاۋام خەلق ئارىسىدا يۈكسەك نام - ئابروي تاپقان ئىدى. مەن مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئانىنىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىپ، ئانامدەك ياشاپ ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلاتتىم، بۈگۈن مېنىڭ قىزىم بۇ ئارزۇيۇمنى قاندۇردى. بايرىمىمنى تەبرىكلەپ مېنى قەۋەتلا خۇشال قىلىۋەتتى، مەنمۇ خۇشاللىقىمنى باسالماي :
- مەن ئانا بوپتىمەن ، راستىنلا ئانامدەك ئۇلۇغ ئانا بوپتىمەن ! دەپ ئۇنلۈك ۋاقىرىۋەتتىم !....
(ئاپتور 'بورتالا گېزىت ئىدارىسىدىن 8- مارت ئاياللار بايرىمىغا ئاتاپ يازغان)