مەن ‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى
(مەرسىيە)
قاراخان
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
ئاسمان تۇتۇلۇپ چىقمىدى قۇياش .
نوھ كېمىسى نىچۈنكى بۇ دەم ،
ئىلگىرىكىدەك ئەمەس ئالدىراش .
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
تۇيۇلدى تۆر گوياكى پەگا ھ .
ئەقىدىكەن ۋاپاغا نىشان،
ئۈنمەس ئىكەن ئۇنىڭسىز گىياھ .
مەن ‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
دەرگاھىم بوش ،قۇرۇق قالغان كۈن .
ئىشەنچىمنىڭ كۆۋرۇگىدىن سەل ،
ئېلىپ كەتكەن ئېغىر بىر تۈگۈن .
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
بېلىق باغرىدەك ئاقارغان يۇزۇم .
ئارچا قەددىم بولۇپ ھىلال ئاي،
ھېجراندىن يېرىلدى خىيالەن ئۆتۈم .
مەن ‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
سۈكۈتكە پاتتىغۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز.
يۈرەكلەر تارتىشىپ ۋايسىدى بېغىر ،
ئوكيان-ئوكياندىن ئايرىلىپ يالغۇز.
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
يەرگە سىڭدى يىگەن شۇ قىيام .
رىۋايەت ئاتالدى ‹‹تۈگىمەس ناخشام››،
كۆڭۈل مۈلكۇم بولدى بىئارام .
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
‹‹پۇت ئاتقانلار›› قىلدى مەرىكە .
تاپىنىم ئاستىدىن نەشتەرىن ئۇرۇپ ،
يىلان -چايان چالدى سەلىقە .
مەن ‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
كالىندارمۇ يىرتىلمىغان ھەم .
سائەت ئىستىرىلكىسى نۆلگە باش ئۇرۇپ ،
پەدە چاقتىغۇ دىل كۈيى ئەجەم.
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
ئېلى ،تارىم ،‹‹باش ئەگىم››دە ياش .
ئويۇمنى سەگىتكەن ‹‹بوغدا ئانام››مۇ،
شائىرىم قېنى دەپ كۆتەرمىدى باش .
مەن ‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
سادىر ياتقان قەۋرىدە غەليان .
كرورەننىڭ نالە-پەريادى ،
تەكلىماكاننى لەرزىگە سالغان.
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
روھتىن ئەسەر قالمىدى تەندە .
ئۈزۈلماس رىشتە ئۈزۈلۈپ بۇدەم ،
‹‹قەشقەر گۈزىلى ››ئۆرتەندى غەمدە.
مەن‹‹ئۆتكۈر››ئايرىلغان كۈنى
ئەلبۇمغا يادىكار ئاخىرقى سۈرەت .
باھارنىڭ سەلكىنى مۇشتاق قېنى دەپ ،
بوسۇغام تۈۋىگە كەلدى نەچچە رەت.
مەن ‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
سامان يولىمۇ كۆرۈندى غۇۋا .
‹‹مىسكىن››①گە ئىمان يار بولسىكەن دەپ ،
يىپەك يولىدا قىلىمەن دۇئا.
مەن‹‹ئۆتكۈر››دىن ئايرىلغان كۈنى ،
ئۆز-ئۆزۈمدىن ئايرىلغان كۈنۈم.
ئۆرلەتسەڭمۇ يەردىن پەلەككە ،
يىراقلارغا بارماسكەن ئۈنۈم.
مەن ئۆتكۈردىن ئايرىلغان كۈنى ....؟
‹‹مىسكىن›› مەرھۇم شائىرنىڭ يەنە بىر ئەدەبى تەخەللۇسى .
2000-يىلى2-فېۋرال
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-20 18:46قايتا تەھرىرلىدى ]