بىز باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسا پۇل ئېلىنمايتتى .
بىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن پۇل ئالمايدىغان بولدى .
بىز خىزمەتكە چىقمىغان چاغدا ، دۆلەتتىن بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىملەيتتى .
بىز خىزمەتكە چىققاندا بۇ ئىشمۇ يوق بولۇپ ، خىزمەت تېپىش مۈشكۈل ئىشقا ئايلىنىپ قالدى .
بىزنىڭ پۇلىمىز يوق چاغدا ، ئىدارە - ئورگانلاردىن ئۆي تەقسىملەپ بېرەتتى .
بىز ئەمدى ئازىراق پۇل تاپساق ، ئۆينىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ئۆي سېتىۋىلىش بىر غەم بولۇپ قالدى .
بىز پايچەك بازىرىنى ئۇقمايدىغان ۋاقىتتا ، ئەخمەقلەرمۇ تازا پۇل تاپتى .
بىز پايچەك بازىرىنى ئۇقۇپ ، پايچەك ئويناۋىتىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەخمەقلىقىمىزنى ھېس قىلدۇق .
بىز ئۆزىمىزگە لايىق تاپمىغان ۋاقىتلاردا ، قىزلار ئوغۇللارنىڭ ساداقىتىنى ، چىن مۇھاببىتىنى ياقتۇراتتى .
بىز لايىق تېپىشقا باشلىغاندا ، قىزلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇلنى ياقتۇرىدىغان بولۇپ كەتتى .
بىز خىزمەت تاپمىغان چاغدا ، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرمۇ باشلىق بولۇپ يۈردى .
بىز خىزمەت ئىزدەشنى باشلىغان چاغدا ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ يۈرۈيدۇ .