رەسىم:
سۈرىيە زۇڭتۇڭى ئەسسەد ئۇنىڭ ھاكىمىيتىگە قارشى توپىلاڭ بولۇۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە «سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسى مۇقىملىقىغا چەتئەل سۈيقەستچىللىرى بۇزغۇنچىلىق» قىلدى دېدى .
ئۇ يەنە «تاشقى كۈچلەرنىڭ سۈيقەستى ھەممە كىشىگە بەش قولدەك ئايان ،سايلام مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىردا چوقۇم ئۆتكۈزۈلدۇ،لېكن تېرورىزىم ھامان بىر تۆمۈر مۇش يەيدۇ »دەپ كۆرسەتتى.
دەل مۇشۇ پەيىتتە ئەرەپ ئىتىپاقى سۈرىيەنى تېزىراق بىرەر ھۆكۈمەت ئارقىلىق بۇ قېتىمقى تەكشۈرگۈچىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇمغا مەسئۇل بولۇشقا چاقىردى.
ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلكىدىن ئەرەبى سۆز قىلىپ «بۇ ۋەقە بىر قېتىملىق ئەرەپ ئىتىپاقى تەكشۈرگۈچىللىرىگە قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە زوراۋانىق ۋەقەسى »دېدى -ئۇ يەنە ئەرەپ ئىتىپاقىنىڭ بىر قانچە رەھبەر دەرجىلىك تەكشۈرگۈچىللىرىنىڭ ھۇجۇمدا يارلانغانلىقىنى ،ھۇجۇمچىلارنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۈمكىن دەپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۇۋەيىت ھۆكۈمەت تەرەپمۇ دۈشەنبە كۈندىكى لاتسىيە شەھىرىدە سالاھىتى ئېنىق بولمىغان كۈچلەر تەرىپىدىن قىلىنغان شۇ قېتىمقى ھۇجۇمدابىر قانچە تەكشۈرۈش ئەزالىرىنىڭ يىنىك دەرجىدە يارلانغانلىقىنى ھەمدە ھازىر ئۇلارنىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىپ خىزمەت ئورنىغا قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.