مۇھەببەت لۇغىتى
قاراخان
پاك غۇبارسىز سۆيگۈنىڭ گۈلىستانى مۇھەببەت ،
ۋىجدانسىز ئاڭ ،ۋۇجۇتنىڭ گۆرىستانى مۇھەببەت.
چىن ساداقەت ۋاپانىڭ دىلىستانى مۇھەببەت ،
رەشىك ھەسەت گۇماننىڭ زىمىستانى مۇھەببەت.
شەرمى -ھايا ئىماننىڭ نۇرىستانى مۇھەببەت.
ئىككى قەلب رىشتىدىن يارالغاندۇر بۇ ئالەم،
مۇھەببەتسىز يۈرەكتە ھۈكۈم سۈرەر مۇڭ ماتەم.
جاندىن كېچىپ جانانغا يەتكەن قەلبى گۈل ئادەم،
ۋاپا،بەدەل ،كۆيمەكلىك مۇھەببەتكە مىڭ ئايەم .
سۆيگەن -كۆيگەن ئاشىقنىڭ سىر داستانى مۇھەببەت.
مۇھەببەتكە ئەندازمىكىن تەبئەتنىڭ قىش-يازى،
گاھى خاپا،گاھى خوش قىلار ئۇنىڭ ئەلپازى .
ئوت ئاچىدۇ دىللارغا گويا گۈلخان پەرۋازى ،
بىدەرمانغا دەرماندۇر ،ھەتتا خۇلقى -خۇشنازى .
ساپ ھاۋايى -ھەۋەسنىڭ ھۇل بوستانى مۇھەببەت
سەنەمنى سەنەم قىلغان غېرىپ دەرۋىش غەزىلى ،
ئىشق ئوتى پۈۋلىگەنگە ئۆچمەس ئاخىر -ئەۋۋىلى.
ئاشىقلىقتا تۆلىنەر ‹‹كىم››گە ‹‹كىم››نىڭ بەدئىلى،
كۆيۈك داۋا كۆيۈككە كەتمەس چىراي ،ئەمەلى .
ئىككى قەلب بىر ئارزۇنىڭ نۇر ئاسمانى مۇھەببەت.
ئائىلىگە ،ۋەتەنگە ،پىر ئۇستازغا ،پەدەرگە ،
ئۆزىگە يا ئۆزگىگە مەنسۇپ بولغان زەپەرگە.
خالاپ بىردە خالىماي چىققان مۈشكۈل سەپەرگە ،
ھىجران ،خەۋپ-خەتەرگە ،كۈتكەن ، ۋىسال، سەھەرگە,
تۇتاشقان پاك سۆيگۈنىڭ تۇغ پايانى مۇھەببەت...
شۇڭا كېرەك مۇھەببەتكە چىن ئەقىدە پەرۋىشى ،
رەڭۋاز قەلب قوشالمايدۇ ئاڭا تەسۋىر نەقىشى .
‹‹ياسىمەن›› ،نەس ‹‹خىسراۋ››نىڭ كۈتكىنى دار گەردىشى ،
مۇھەببەتتىن سۇ ئىچەر شاھ ، گاداي يا دەرۋىشى ،
ئالا كۆڭۈل ،ئازغاننىڭ شۇم شەيتانى مۇھەببەت !؟
2010-يىلى 4-ماي
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-12 21:41قايتا تەھرىرلىدى ]