رەسىم:
تېھراننىڭ شىمالى قىسمىدا پارتىلتىىپ قەستلەش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ ئېراننىڭ بىر نەپەر يادىرو ئالىمى قەستكە ئۇچىردى.
ئامىرىكا بۇ ھۇجۇم ۋەقەسىىنى ئەيىپلىدى،ۋە ئامىرىكىنىڭ بۇ ۋەقە بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئامىرىكىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى تۇردىغانلىققىنى شۇنداقلامۇشۇنداق زوراۋانلىق تۈسىنى ئالغان ھۇجۇملارغا قاتىتىق نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ناتانىز ئوران قۇيۇلدۇرۇش مەركىزىدىكى (موستافا ئەخمەدىي روشەن )بىر نەپەر يادىرو ئالىمى شوپۇرى بىلەن قوشۇپ پارتىلتىش ھۇجۇمىدا قازا قىلغان .
ئېران ئامىرىكا ۋە ئىسرائىليە بىلەن زىدىيەتلىشىۋاتقان مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنىڭ بىلەن ئېراننىڭ ئۇران قۇيۇلدۇرۇشتىكى بىر نەچچە ئالىمى قەستكە ئۇچۇردى .
لېكىن ھەر ئىككى دۆلەت تەرەپ بۇ ھۇجۇملارغا مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندى.
ئېراننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ( Mohammad Reza Rahimi )مۇھەممەت رىزا راخمانى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ
بۇ قېتىملىق قەستلەشنىڭ ئېران دۆلەتلىك ئۇران قۇيۇلدۇرۇش لاھىيەسىنىڭ ئىلگىرلىشىگە تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى
بىلدۈردى.
ئېران تەرەپ بۇ قېتىلىق ھۇجۇمنىڭ ئالدىنقى ئىككى يىل جەريانىدا قەستلەنگەن ئۈچ نەپەر ئالىمنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچىراش ئەھۋالىغا ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيەنىڭ بىر پىشقەدەم ھۆكۈمەت خادىمى بۇ ھەقتەپىكىر بايان قىلىپ« بۇ بەئەينى بىر ئۆچ ئېلىش ۋەقەسى بوپتۇ بىراق بۇ ۋەقەگە كىمنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرگىننى بىلىش قىيىن » دېدى .