ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 318 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كۆپ مېدالىق- مەشقاۋۇل
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 18:16

كۆپ مېدالىق- مەشقاۋۇل

                  

                                                        
                                                  كۆپ مېدالىق- مەشقاۋۇل


                                                  ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى


      ھاياتتىكى ھەر خىل ئارزۇ-ئارمانلار ۋە تەسەۋۇرلار ياشلىقتىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن پەسىلدىكى جاپالىق مېھنەت،مۇستاھكەم ئىرادە،تەۋرەنمەس ئېتىقادنىڭ تۈرۈتكىسىدە ئەمەلگە ئاشىدۇۋە ئەتراپىغا ئىجابى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە،نۇرتاى مامۇت دەل ئەشۇنداق روھقا ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن چېلىشىش تۈرىدە رەقىبلىرىنى يېڭىپ،بورتالا خەلقى ئېتراپ قىلغان ھەقىقى « كۆپ مېدالىق- ئەزمەت»بولۇپ قالغان ئىدى.
       نۇرتاى مامۇت   1982-يىلى بورتالا شەھرىنىڭ شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك «سەلكە،تاراتى»تاغلىرىنىڭ پايانسىز جەنۇبى ئېتىكىگە جايلاشقان،سۈيى ئەلۋەك،ساپ ھاۋالىق،ئادەملىرى ئىشچان،خەلق سازەندىللىرى ۋە چېلىشچىلار كۆپ چىققىدىغانقەدىمى مەھەلە؛گۈلۈمتى مەھەلىسىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپ باسقۇچىنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغان،ئۇ بالىلىق مەزگىلىرىدە مەھەلە ئەتىراپىدىكىقاپتاللىق،دۆڭلۈك ۋە ئېدىرلىقلاردا قوي-كالا،موزاي-توپاق بېقىپ،توشقان قوغلاپ،بۇلاقباشلىرىدىكى ياپيېشىل چىملىقلاردا قۇرداشلىرى بىلەن قانغۇ- چە چېلىشىپ ھەقىقى بىردېھقان ئوغلىغا خاس ئۆسۈپ يېتىلگەن ئىدى.ئۇ بۇ جەرياندا كىچىكىدىنلا چېلىشىشقا خۇ-
شتار بولغانلىقتىن تەڭتۇشلىرى ئىچىدىن رەقىپ چىقماي،ئۆزىدىن خېلىلا چوڭ بالىلار بىلەن تەمتىرمەي بەل تۇتۇشا لايدىغان،بارا-بارا چوڭ بالىلارنىمۇ يەر چىشلىتىدىغان بولۇپيىتىلگەن ئىدى.نۇرتاى كىچىكىدە ئىنتايىن زېرەك، ھەركەتلىرى چاققان،دېمەتلىكلىرىگەسېلىشتۇرغاندا كۈچلۈكرەك بالا بولغاچقا مەھەلىسىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممە- ئۇنىڭغا« كىچىك يىلپىز»دېگەن لەقەمنى قويىشىۋالىدۇ،ئۇنىڭ بالىلىق ھاياتى ئەنە شۇنداق باشلانغانىدى.
        نۇرتاي مامۇت 1995-يىلغىچە تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەنگە قەدەر چېلىشىش تۈرىگە ئالاھىدە قىزىقىپ،مەھەلىۋى چېلىشچىلار ۋە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەك چىلىكىدە ياخشى ماھارەتلەرنى يېتىلدۈرگەن ئىدى.شۇڭا ئۇ،1992- ۋە 1993-يىللىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئۆتكۈزىلگەن«جوڭگۇچە چېلىشىش» تۈرىنىڭ 52 كىلوگىرام دەرجىلىكلەربويىچە ئۇدا ئىككى قېتىم 1-لىككە ئېرىشىپ ئۆز مەكتىۋىگە شەرەپ ئېلىپ كەلگەنىدى.
ئۇ يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكىنىڭ تۈرۈتكىسىدە 1995 –يىلى «شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپى» گە قوبۇل قىلىنىدۇ.ئۇ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن ھەر جەھەتتىن ياخشىتەربىيىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.ئۇ كۈنلۈكدەرىسلىرىنى تىرىشىپ ئۆگەنسە،چېلىشىشمەشىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.مەكتەپ تەشكىلىمۇ ئۇنىڭغا ئالاھىدە قاراشتا بولىدۇ
      بۇ ئۈمۈتلۈك ياش -«كىچىك يىلپىز»1998-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە قارماي شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن«خەلقئارا قەدىمى چېلىشىش»مۇسابىقىسىنىڭ شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن«خەلقئارا قەدىمى چېلىشىش»مۇسابىقىسىنىڭ كىلوگىرام شەھرىدە57 ئۆتكۈزۈلگەن«خەلقئارا قەدىمى چېلىشىش»مۇسابىقىسىنىڭ دەرجىلىكلەر بويىچە 2-لىككە ئېرىشىپ بىر كۈمۈش مېدالغا  ئېرىشىدۇ.
        نۇرتاى مامۇت 1999-يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ،شۇ يىلى 8-ئايدا،بورتالا شەھىرى ئۇتتۇبۇلاق بازارلىق 6-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيەئوقۇتقۇچىلىقىغا تەقسىم قىلىنىدۇ،ئۇ بۇ مەكتەپتە مەلۇم مەزگىل ئىشلەيدۇ،ئۇتتۇبۇلاقبازارلىق مائارىپ ۋە بازارلىق ھۆكۈمەتتىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئۇنىڭ تەنتەربىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ،شارايىتى بىرقەدەر ياخشى بولغان بازارلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ كېلىدۇ.بۇنىڭ بىلەن مەزكۇر مەكتەپنىڭبىر قەدەر قاتمال بولغان تەنتەربىيە ئوقۇتۇشى جانلىنىشقا باشلايدۇ. ئۇ ئۆزىمۇ ماھارىتىنىئۆستۈرۈشكە قولايلىق بولغان ئىمكانىيەتلەرگە ئېرىشىدۇ ۋە كەسىپىمەشىقلىرقىنىئىزچىلداۋاملاشتۇرۇشنى توختاتمايدۇ.ھاۋايى- ھەۋەش شامىلىدا ئۇچۇپ يۈرگەن قىسمەن  ياشلىرىمىزدەك ئويۇن-كۈلكە،بەزمە- مەشرەپلەردىن قەتئىي يىراق تۇرىدۇ.گۈلدەك ياشلىقىنى ئۆزى قىزىققان چېلىشىش كەسىپىگە بېغىشلايدۇ.
       نۇرتاى مامۇت 1999-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزىلگەن،ئاپتونۇم رايونىمىز بويىچە  ئېلىپ بېرىلغان 9- نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ «خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش» تۈرىدە 57 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە 2- لىككە ئېرىشىپ،بىر كۈمۈشمېدالغا ئېرىشىدۇ.ئۇ يۇقارقىدەك نەتىجىلىرى ئالدىدا قىلچىمۇ بوشۇشۇپ قالماي،چېلى-
شىشقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە،ئوقۇئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ئىشلەشتەك ئىككى بىسلىق مەشغۇلاتنى ھاردىم-تالدىم دېمەيئىشلەپ،مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرى- شىدۇ.ئۇ 2000-2001-2002-2003-يىللىرى بورتالا ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن»نادام يايلاق بايرىمى»نىڭ
«جوڭگۇچە،موڭغۇلچە چېلىشىش» تۈرىدە ئۇ،ئۆز گۇرۇپىسىدا ئۇدا 1-لىككنى قولدىن بەرمەي،شەرەپ بىلەن بەش ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نۇرتاى مامۇتيۇقارقىدەك ئاجايىپ ئەمەلى نەتىجىللىرى بىلەن ئاتا-ئانىسى،بىر تۇققان قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا بورتالادىكى ھەرمىللەت خەلققىگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ،«كۆپ مېداللىق-ئەزمەت»لىك ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، بورتالا ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبىرى خادىملارنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتى ۋە قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.ئارقىدىنلا مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ۋە كەسىپى خادىملارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ«كىچىك يىلپىز»2004 –يىلى9-ئايدا  بورتالا ئوبلاسلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە كومېتېتىنىڭ قارمىقىدىكى «تەنتەربىيە مەكتىپى» گە يۆتكەپ كېلىنىدۇ. رەھبەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن
نۇرتاي مامۇت يېڭى ئىش ئورىنىغا كەلگەندىن كېيىن پېشىقەدەم پالۋن ئالىم تۇرسۇننىڭ « ئوغۇللار خەلقئارا قەدىمى چېلىشىش»كاماندىسىغا يارىدەمچى تېرنىر بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ خۇددى ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاش ئۆزىگە غەمخورلۇق قىلىۋاتقان پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئاقلاش ئۈچۈن جان-دىلىبىلەن خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. 2006-يىلى 11-ئايدا نۇرتاي مامۇتنىڭ تەشكىلى ئۇنىڭ كەسىپ ۋە ئەخلاقى ساپاسىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىپ،ئوبلاستلىق«تەنتەربىيە مەكتىپى»نىڭ «قىزلار خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش»كاماندىسىغا باش تېرنىرلىققا بېكىتىلىدۇ. .ئۇ بۇنداق ئېغىر ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىڭ ئۇنداق ئاسانئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ،قايتا-قايتا ئويلۇنۇش ۋە پېشىقەدەم تېرنىرلار بىلەن كۆپ قېتىم مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق؛«ئۆزى ئۈلگە بولۇش،جاپالىق مەشىق قىلىش،كۆيۈنۈش بىلەنقاتتىق قول بولۇشنى چىڭ تۇتۇش»تەك مەشىق تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ،ھاردىم-تالدىم      دېمەي مەشىقنى باشلىۋېتىدۇ.بۇ «كىچىك يىلپىز» مەشىق داۋامىدا نۇرغۇنلىغان ئوڭۇشسىزلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتلەرگە يولۇققان بولسىمۇ لېۋىنى چىڭ چىشلەپ كاماندا
ئەزالىرىنى ياخشى يېتەكلەيدۇ.نۇرتاي مامۇت ئالدى بىلەن كاماندىدىكى بالىلارنىڭ ئىديىسىگە؛«شان-شەرەپ ھەممىدىن ئەلا» دېگەن قاراشنى سىڭدىرۋېتىدۇ. ئۇ يەنەمەشىقنى ئىچ-ئىچىڭلاردىن قايناپ قىلىڭلار!مەشىق جەريا- نىدا كىچىك ئىشلارغىمۇسەل قاراشقا بولمايدى!كىم ئۈچۈن،نېمە ئۈچۈن مەشىق قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ھەر مىنۇت
يادىڭلاردىن چىقارماڭلار! بىزگە غەلبە كېرەك!مەشىق دەۋامىدا بەدىنىمىزدىن شاقىراپ ئېقىۋاتقىنى تەر ئەمەس، بەلكى قېنىمىزدۇر،ئۇنداقتا بۇ قانلىرىمىز بىكارغا ئاقمىسۇن،ھەرگىز زايا كەتمىسۇن!-دەپ،كاماندا ئەزالىرىنىڭ مەشىق داۋامىدىكى قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە روھى جەھەتتىن يېتەكلەشنى چىڭ تۇتىدۇ.
       نۇرتاي مامۇت 2007-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستىدا ئۆتكۈزۈل گەن تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ چېلىشىش تۈرىگە،بورتالا ئوبلاستلىق «قىزلار خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش»كاماندىسىدىن 8 نەپەرتەنھەركەتچىنى قاتناشتۇردى.بورتالا كاماندىسىدىكى قىزلار ئۇستازى نۇرتاى مامۇتنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەتكەن ماھارەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ،52،65كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە بىر كۈمۈش مېدالغا،43،56،كىلوگىرام دەرجىلىكلەربويىچە ئىككى مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
يۇقارقىدەك غەلبىنىڭ ئىلھامى بىلەن كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كېلىدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ياش مەشقاۋۇل نۇرتاى مامۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلار كاماندىسى،ئۆزلىرىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ جاپالىق مەشىقنى باشلىۋېتىدۇ. ياش تېرىنىر مەشىقداۋامىدا ئۆزىنىڭ ئىلگىركى يېتەكلەش قارىشىنى قىلچە ئۆزگەرىتمەي ۋە بوشاشتۇرماي ،ۋاقىتنى مىسقاللاپ چىڭ تۇتۇپ مەشىقنى  باشلېۋتىدۇ.كاماندا ئەزالىرى تەقەززالىق بىلەنكۈتكەن ۋاقىتمۇ يېتىپ كېلىدۇ،2008-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچەقەشقەر شەھىرىدە ئۆتلۈزۈلگەن،تەنھەركەت مۇسابىقىسىگەبورتالائوبلاستلىق «قىزلار خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش»كاماندىسىدىن 10 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ.ئۇلار 56 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە بىر ئالتۇن مېدالغا،47،70 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە
تۆت مىس مېدالغا ئېرىشىدۇ.بۇنىڭ بىلەن قەدەمۇ-قەدەم غەلبە مېۋىسىگە ئېرىشىۋاتقان بورتالا قىزلار چېلىشىش كاماندىسى 2009-يىلى ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ فىيياڭ ناھيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن«مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزلار خەلقئارا ئەركەن چېلىشىش مۇسابى قىسى»گە بورتالا قىزلار كاماندىسىدى 5 نەپەر تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ.
بۇنىڭ بىلەن بورتالا كاماندىسىدىكى مەھىرلار،مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۈچلۈك رەقىبلىرى ئالدىدا قىلچىمۇ ھودۇقماي ۋە بەل قويىۋەتمەي،رەقىبلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىدۇ،بۇنىڭ بىلەن 60 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە 3-لىككە،70كـلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە 5-لىككە ئېرىشىپ كوللىكتىپ 8-بولۇشتەك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرىدۇ،يۇقارـ قىدەك غەلبە تەنتەنىسىنىڭ ئېلھامى ۋە مەكتەپ تەشكىلىنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن مەشقاۋۇل نۇرتاي مامۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلار كاماندىسى؛2010-يىللىق ئاپتونۇم رايون بويىچە ئۆتكۈزىلىدىغان  12-نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنى غەلبە بىلەن كۈتىۋېلىش ئۈچۈن جاپالىق مەشىقنى باشلىۋېتىدۇ.تېرنىر ۋەكاماندا ئەزالىرى ئىلگىركى تەجىربە-ساۋاقلارنى ئىلمى يەكۈنلىپ؛« قارىسىغا مەشىق
قىلىشتىن ساقلىنىش،بەدەن كۈچىنى زىيادە خورتىۋەتمەسلىك،ئويۇن-تاماششەدىن يىراق تۇرۇش،رەقىبىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاجىزلىقىنى بايقاشقا ماھىر بولۇش»تەك مەشىق تاكتىكىسىنى ئىشقا سېلىپ،ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي مەشىق قىلىدۇ ۋە «شىنجاڭنىڭ ئولىمپىكى»دەپ تەرىپلىنىۋاتقان 12-نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى-نىڭ يېتىپ كېلىشىنى تەقەزالىق بىلەن كۈتىشىدۇ، «كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس»دېگەندەك 2010-يىللىق مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە 8–ئاينىڭ 19–كۈنى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈلدى.بۇ مۇسابىقە ئاپتۇنۇم رايىنىمىزدا تۆت يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكىزىلىدىغان كۆلۈمى ئەڭ چوڭ،سەۈيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان،ھەرقايسى ۋىلايەت-ئوبلاستلارنىڭ تەنتەربىيە سەۋيىسىنى سىنايدىغان مۇسابىقە بولۇپ،بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە    بورتالا ئوبلاستىدىن توققۇز نەپەر قىز تەنھەركەتچى قاتنىشىدۇ.بۇ تەنھەركەتچىلەر مۇسابىقە جەريانىدا رەقىبلىرى بىلەن كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق ياشلار 70 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويچە ئالتۇن مېدانغا،65 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بورچە ئالتۇن مېدالا،49 كىلوگىرام دەرجىلىكلار بويچە كۈمۈش مېدالغا،70 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويچە كۈمۈش مېدالغا،65 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويچە كۈمۈش مېدالغا،52 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويچە مىس مىدالغا،ئۆسمۈرلەر 56 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويچە مىس مېدالغا،49 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە مىس مېدالغا ئېرىشىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە؛65 ۋە70 كىلوگىرام دەرجىلىكلەر بويىچە ئېلىنغان نەتىجە قوش نەتىجە بويىچە ھېسابلىنىپ،بورتالا ئوبلاستى«قىزلار خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش»كاماندىسى جەمئىي بەش ئالتۇن مېدالغا،بەش كۈمۈش مېدالغا،ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى بويىچە كوللىكتىپ 1-لىككە ئېرىشىپ،ئېرىشكەن ئالتۇن مېدال سانى جەھەتتە ئە كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن بورتالا ئوبلاستىغا شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى. بۇ نەتىجە بورتالا تارىخىدا«قىزلار خەلقئارا ئەركىن چېلىشىش»كاماندىسىنىڭ
تۇنجىي قېتىم كوللىكتىپ 1-لىككە ئېرىشىپ،بۇ تۈردە ئەڭ يۇقىرى سەۋيە يارىتىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.-بۇ كۆپ مېداللىق مەشقاۋۇلنىڭ يۇقارقىدەك ئەمەلى نەتىجىلىرىنى مۇئەيەنلەشتۈرگەن تەشكىل رەھبەرلىكى 2008-يىللىق كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشتا نۇرتاي مامۇتنى «مۇنەۋۋەر خىزمەتچە» قىلىپ باھالايدۇ ۋە بورتالا ئوبلاستلىق«تەنتەربىيەمەكتىۋى مەشىق ئەترىتى»نىڭ باش مەشقاۋۇللۇقىغا بېكىتىدۇ.
         بىز بۇ ئۈمۈتلۈك ياش مەشقاۋۇل بىلەن سۆھبەتلىشىش داۋامىدا،ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋە كاماندا ئەزالىرىنىڭ غەيرەت-شىجائىتىدىن ھەممىدىن بەك پەخرىلىنىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق.ئەلۋەتتە،ئۇنىڭ ئۆزىدىن ۋە تاربىيەلەۋاتقان كاماندا ئەزالىرىدىن پەخرىلىنىش ئىديىسى بىزنى ھەقىقەتەن قائىل قىلىدۇ. چۈنكى،بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەندىلا ئاندىن ئۆز ئىشلىرىدا مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ.ئەكسىچە،نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن ئادەم مەڭگۈ كىشلىك ھاياتنىڭ ئاچاللىرىدا دوقۇرۇپ يۈرۈپ،ئۆزىدىن-ئۆزى ماختىنىشنىڭ،مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن سۆيۈنۈشنىڭ تەمىنى بىلمەي ئۆتۈپ ئومۇمەن،ياش تېرنېر نۇرتاي مامۇتنىڭ يۇقارقىدەك شان-شەرەپلەرگە ئېرىشىشىدىكى تۈپ سەۋەپمۇ دەل ئۇنىڭ خىزمەت ۋە ھاياتقا تۇتقان پوزۇتسىيىسىنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.چۈنكى، رېئال تۇرمۇش بىر ئۇزاق مۇساپە،ئۇنىڭغا تۇتقان پوزۇتسىيىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىزدۇر،ئۇنىڭغا سىقىلىش،ئازادىلىك،نارازىلىق ۋە خوشاللىق سىڭشىپ كەتكەن بولىدۇ.قايسىسىغا ئىگە بولۇشىمىز-دەل بىزنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزۇتسىيىمىزگە باغلىق بولىدۇ،ئەلۋەتتە.«كىچىك يىلپىز» بۇ جەھەتتە ھەممىمىزگەئۈلگە بولالايدۇ.ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر مەيلى ئۆزى شەخسەن ئېرىشكەن ئالتۇن-كۈمۈش مېداللىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزى تەربىلىگەن كاماندا ئەزالىرى ئالغان ئالتۇن-كۈمۈش مېداللار بولسۇن سان جەھەتتىن جەمئى 48 گە يېتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلگىرى بورتالاخەلقى تەرىپلىگەندەك«كۆپ مېداللىق- ئەزمەت»لىكتىن تەبئىي ھالدا«كۆپ مېداللىق-مەشقاۋۇل»لۇق شەرىپىگە نائىل بولدى.
     زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا « كۆپ مېداللىق-مەشقاۋۇل»ئۆزنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ؛
«ياراملىق تەنھەركەتچىلەرنى تەربىلەپ چىقىپ بورتالا ئوبلاستىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش،شۇنداقلا ئاپتونۇم رايونىمىزغا غوللۇق تەنھەركەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ،مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۆزىمىزنى تونۇتۇش»دېدى ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن.ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى چوقۇم روياپقا چىققاي.باسقان ھەربىر قەدىمىدىن گۈل ئۈنگەي،خەلقىمىز مۇشۇنداق ئوغلانلىرىدىن پەخلىرىنىدۇ!!!.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 19:22

ساغلام بەدەن ،ئازاد ئەقىل ،ئادىل نىيەت ،
ئۈچى بىلەن بەختلىكتۇر ئۆمۈر ئەبەت...
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 19:55

راس سۆز،سىلىق سۆز،لەۋزى سۆز،
ئۈچى بىلەن ئىنسان ھۈرمەتلىك.
تىل تاتلىق،دىل ئەگرى بولسا ناۋادا،
بارچە ئەل ئالدىدا بولىمىز لەنەتلىك.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 22:40

ئالدانما تاتلىق سۆزگە ،
ئاچچىقلانما ئاچچىق سۆزگە .
تىلىڭ  قاتتىق بولسا ئۇنى ياغلىۋەت ،
تىلىڭ يۇمشاق بولسا ئەگەر  داغلىۋەت .
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1047
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 105
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە105دانە
تۆھپىسى: 12
پۇلى: 135 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 24
ياخشى باھا: 136
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-03-10
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-12 23:41

چۆپ تۈگەپ يۆگۈمەچ قالدى،
ئەر تۈگەپ غوجىئەمەت قالدى.........دېگەىندەك مۇنبەرگە يوللىغۇچەك تېما تېپىلمىغاندەك شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 7-بېتىنىڭ خەۋەرلىرى يوللانغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر بىرىگە ئۇلانما شېئىرسىياق بىر نېمىلەرمۇ ئىنكاس بولۇپ كۆلدىن چىققان پاقىلاردەك سەكرەپ سەكراپ چىققىلى تۇردى. بۇ مۇنبەرنىڭ سۈپتىگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىل.
دىققەت قىلمايدىغانلار يەنىلا دىققەت قىلمىسۇن....
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 09:33

چۆپ تۈگەپ يۆگىمەچ قالدى ،
ئەر تۈگەپ غوجىئەمەت قالدى .
ئەيسانىڭ ئەلىمىنى مۇسادىن ئالغان ،
يۆگىمەچتەك  روھىيەت   قالدى .
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 115
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە115دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 151 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 36
ياخشى باھا: 151
توردا: 33(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-03-10
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 11:37

ئانا يۇرت ئەپەندى ئاداۋەت ساقلاپتۇ ھە ؟! بۇ موسۇلماندارچىلىققا ياتماس !
باشقىلارنى ئىتىراپ قىلىشمۇ بىر پەزىلەت !  
ئىجتىھاد
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-15 12:51

<< بوز قىر >>نىڭ ئونۋېرساللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە؛<< ئەتراپىمىزدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان...مەيلى خىزمەتتە ۋە ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ئالاھىدە نەتىجە قازىنىپ خەلق ئالدىدا ئالقىشلىنىۋاتقان >> ئىلغار تىپلارنى تونوشتۇرۇشنى يولغا قويدۇق...بۇنى توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۈمۈد قىلىمىز؟!