ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 163 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟
بوزقىر ئوپىراتۇرى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 136
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
تۆھپىسى: 50
پۇلى: 153 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 81
ياخشى باھا: 143
توردا: 15(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-07
ئاخىرقى: 2012-03-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 16:49

سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟

5-سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟

چېقىپ تەننى چاياندەك، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟
بۇلۇپ يالغان ساراڭدەك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟
چىشلەپ ئىتتەك قاۋاندەك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟
ئېقىپ لاۋا –يىرىڭدەك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟
ئورا كولاپ سازاڭدەك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

يەپ بۇلۇپلا تائامنى ، چاقتىڭ تاۋاق كەينىدىن ،
پۇراپ بولۇپ گۈلنىمۇ ، پۇتاق تاپتىڭ بەرگىدىن ،
ئىز پۇرايسەن ماشكىدەك ،قىلىشمايسەن سالجىدىن ،
ئامال قىلىپ قۇسۇر قىپ ، قىل ئىلغايسەن ھالۋىدىن ،
قىلىپ باغنى ئېدىرلىق ،سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

ئۆزەڭ قۇدۇق قازمايسەن ، سەن قۇدۇقنى بۇلغايسەن ،
قىلچە ئەجىر قىلماستىن ،تاشتىن - مېغىز ئىلغايسەن ،
بىراۋ مىنسە دۇلدۇلغا ، ئۆزەڭ ساياق – پۇتلايسەن ،
كۈلپەت تارتسا بەزىدە ،خۇشال بۇلىسەن قۇتلايسەن ،
قىلىپ دىلنى چېقىرلىق ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

قىلىپ دىلنى بىئارام ، ھىلەڭ تولا ئالامەت ،
ياخشىلارنى پۇتلايسەن ،قىلتاق قۇرۇپ داۋامەت ،
بىراۋ چەكسە تالاپەت ، ئالقىشلىرىڭ كارامەت ،
قىلچە ئەمگەك قىلماستىن ،ئېلىپ تۇرسەن دارامەت ،
بۇلۇپ بوران قەھىرلىك ،سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

پىچاق سېلىپ بىراۋغا ، سەن كەينىدىن ھۇدۇقماي ،
سۈزۈك سۇنى لاي قىلىپ ،تۇپا چېچىپ ھۇلۇقماي ،
بوزەك ئېتىپ ياۋاشنى ،يۈرەلمەستىن ،چۇقۇشماي ،
شەرەپ قۇچسا بەزىلەر ،خوش ئەمەسسەن ئۇرۇشماي ،
بۇلۇپ يىلان زەھەرلىك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

ئۆزگىلەرنىڭ بەختىگە ، نەپرەت ئوقۇپ كۈلەلمەي ،
يۇلۇپ مايسا نوتىنى ، ئەجىر قىلىپ، تىكەلمەي ،
قۇياش كۈلسە نۇر چېچىپ ،بوران بۇلۇپ كۈرەلمەي ،
بىراۋ كۈلسە شات- خۇشال، تىنىچ ئۇيقۇ سۈرەلمەي ،
بۇلۇپ بومبا قەرەللىك ، سەن مەقسەتكە يەتتىڭمۇ ؟  

بولسا ياخشى ئىنساندا ،ئەدەپ ئەخلاق ،گۈزەللىك ،
دىلى كۆكسى كەڭ بۇلۇپ ، تەمكىن مىجەز ئەدەپلىك ،
خۇددى كۈندەك نۇر چېچىپ خىزمەت قىلىپ شەرەپلىك ،
تىمەن بۇلۇپ توغراقتەك ، مىننەت قىلماي غەرەزلىك ،
شۇندا ئىنسان شات قۇچار ، سەھرا بولسۇن، شەھەرلىك .  

مەنبە---- تاڭنۇر ‹ خەيرۇللا قۇربان › بۆرتالا
تېما تەستىقلىغۇچى : قەلب
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-13, 09:49
بوزقىر ئوپىراتۇرى
ئەسلىڭنى ئۇنۇتما
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 195
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 154
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە154دانە
تۆھپىسى: 18
پۇلى: 220 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 26
ياخشى باھا: 185
توردا: 45(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2012-03-12
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 19:22

بۇ تىمىڭىزنى كۆرۈپ«ئەمدى تىما يازغۇم يوق»دىگەن تېمىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كىلىۋاتدۇ،ئەمما ئىللەتلەرنى قامچىلاشتا سىزدىنمۇ سۆزى تۈز ھەم ئۆتكۈر شائىرنى(بەك كۆپ تۇنىمىغاچقا) بورتالا تەۋەسىدىن تاپقىلى بولارمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن...تىمىلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن،قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي.
بوزقىر مەلىكىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 373
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 106
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە106دانە
تۆھپىسى: 4
پۇلى: 114 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 8
ياخشى باھا: 114
توردا: 52(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-15
ئاخىرقى: 2012-02-11
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-13 22:05

     تاڭنۇر . نىمىشقا باشقا ژانىرلاردىمۇ يېزىپ باقمايسىز؟
      ھازىر ئىسمىڭىزنى كۆرۈپلا شېئىر دەپلا ئويلايدىغان بولدۇق...
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 190
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 472
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە472دانە
تۆھپىسى: 51
پۇلى: 173703 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 113
ياخشى باھا: 573
توردا: 131(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-08
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 01:32

ئۇنداقتا ياخشىغۇ
كۆزۇڭنى ئاچ
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
تۆھپىسى: 29
پۇلى: 385 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 58
ياخشى باھا: 385
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-11
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-20 19:26

بىرى ئەتراپىدىكىلەردىن ئۈگەنگەن ئادەم ، يەنە بىرى كۆپ ئىبرەت ئالغان ئادەم ئارقىدا قالماس ، دىگەندەك ھەر بىر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئىبرەت ئالغۇدەك ئىكەن، تېمىڭىز ياخشى يوللىنىپتۇ،