شۇنچە ساددا، گۈدەك ئىدۇق ئۇ چاغلار
ئابدۇراخمان
كوچىلاردا ناخشا ئېيتىپ يۈرەتتىم،
ئۇچرىشاتتۇق تۇيۇقسىزلار قىزىرىپ.
مۇھەببەتنىڭ نېملىكىنى بىلمەيتىم،
يىغلىمايتىم قوللىرىڭغا ئېسىلىپ.
يەنە «كىمنى سۆيىسەنمۇ» دېمەيتىم،
كەتمەس ئىدىم ئاھ بۇنچىلىك ئۆكىنىپ.
شۇنچە ساددا، گۈدەك ئىدۇق ئۇ چاغلار،
كۈلىشەتتۇق ئارقىمىزغا قايرىلىپ.
ئۆتكەن كۈنلەر كەلمەس ئەمدى قايتىلاپ،
سۇلغان گۈلمۇ ئېچىلمايدۇ ئوخشاشلا.
تاغدىن چۈشكەن سۇدەك سۈزۈك شاقىراپ،
سۆيۈملۈكۈم كۆرۈشكەنتۇق بايىلا.
سوراۋەرمە سەن قەلبىمنى كوچىلاپ،
ئۇنتالمايمەن، نۇرغۇن قىزلار ئۇنتۇلار...
ئايرىۋەتتى بىزنى سۆيگۈ ئالدىراپ،
شۇنچە ساددا، گۆدەك ئىدۇق ئۇ چاغلار.
قان تىپىڭىز ئارقىلىق ئالاھىدىلىكىڭىزنى بىلىشنى خالامسىز؟
ئا قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى:مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، ئىنچىكە، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بىرىشكە تەييار، جىمغۇر.
ئو قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى: ئۆزىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ، ھېسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىدۇ. جانلىق ،تېتىك، پۈتۈن ۋۇجودى ھاياتى كۈچكە تولغان بولۇپ، ئەمىليەتچىل، كەڭ قۇرساق، تۈز.
ب قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى:بىغەم، خۇشخۇي، تېتىك، ئۈمىدۋار، قاينام-تاشقىنلىقنى خالايدۇ.
ئا ب قان تىپىدىكىلەر
ئالاھىدىلىكى: بۇ قان تىپىدىكىلەرنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك، مۇلايىم، يېقىملىق، قىزغىن ، كىلىشتۈرۈشتۈرۈشكە ماھىر، ھېسداشلىققا، ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرۇشقا، باشقىلار ئۈچۈن قۇربان بىرىش روھىغا باي.
[ بۇ يازمىنىچەكسىز 2012-01-14 11:34قايتا تەھرىرلىدى ]