چىرىغىڭ ئۆچتى روھىڭ ئۆچمىدى ...
(لىرىك داستان)
مۇقەددىمە
ئانىلارغا كۆيىنەيلى ئادەملەر ،
ئانىلارسىز ماتەم ئىكەن ئايەملەر .
كىممۇ يايراپ ئۆتەلىسۇن ئانىسىز،
ئانىلار سىز مالەم ئىكەن ئالەملەر .
دۈنيا ئۆزۈڭ ئانىلارغا يول بەرگىن ،
ئاڭا ئەسلا ئازار ئەمەس گۈل بەرگىن .
پۈكۈلسەڭمۇ بېشىڭغا ئال ھامانە،
قان دىسە قان،جان دىسە جان قول بەرگىن.
( 1 )
ئاي يۇلتۇزدەك ئايرىلمىغان سېنىڭدىن ،
جەننەت ھىدى تاراپ تۇرغاچ تېنىڭدىن .
قورام تاشتەك ئىدىم قۇمدەك ئېزىلدىم ،
ئەجەل ئوقى ئايرىپ قويغاچ سېنىڭدىن.
توپان بولدى ئويچان كۆزدە ياشلىرىم ،
بىر كېچىدە قىروۋ بولدى چاچلىرىم .
كانىيىممۇ پۇتۇپ قاپتۇ ئانا! دەپ ،
چۈشۈپ كەتتى سەن سىلىغان باشلىرىم .
قالسىمۇ گەر قەدەملىرىڭ قاتاردىن ،
خالى قىلدى دەۋەتلىرىڭ خاتادىن .
رىسقىڭ ئۈچۈن رىسقىم ئىدى تەسەددۇق ،
ئايرىلدىممەن ئانا قۇشتىن ئەنقادىن.
كىممۇ بىلسۇن خۇي-پەيلىنى ئۆلۈمنىڭ ،
نادان ئۈچۈن ‹‹تىكىنى›› يوق سۆزۈمنىڭ .
قۇياش پاتسا يىڭنەڭگە يىپ ئۆتەرمۇ ؟
گۆھىرى ھەم ئاقسا كۆڭۈل -كۆزۈمنىڭ .
ساقلار بىلمەس دەرتمەنلەرنىڭ دەردىنى ،
تىڭشار كىممۇ كۈل يىتىمنىڭ ئەرزىنى.
ئازارىممۇ ، بىزارىممۇ يوق ئانام ،
بىلدىم سەندىن ئانىنىڭ چىن قەدرىنى .
ئالتۇن يۈتسە ئانا كۆزگە ئىلمايتىم ،
چارۋام ئۆلسە ھەتتا ‹‹غىڭشىپ ››قويمايتىم .
تۇرۇمتاينى شۇڭقار قىلغان ۋەسلىڭگە ،
يۈرۇگىمنى قوغۇن قىلىپ تىلمامتىم ...
( 2 )
سەبرە قىلسام ‹‹قانداق ››سەبرە قىلىمەن ؟
سەنسىز ئۆينى مازار -قەۋرە بىلىمەن .
بېھىش ئىكەن ئانا گويا بوسۇغاڭ ،
بوسۇغاڭنى پۇراپ سەجدە قىلىمەن .
قازانلىرىڭ قاينار ئىدى مەن ئۈچۈن ،
چىراقلىرىڭ چاقنار ئىدى مەن ئۈچۈن .
يېرىلسا گەر ئانا ئۆتۈم سېنى دەپ !
روھىڭ ماڭا مەدەت بېرەر سەن ئۈچۈن .
كور ئوغلۇڭغا ھاسا بولدۇڭ ياز -ئاياز ،
يىقىلسام باغ چىمەن بولدۇڭ خويمۇ ساز.
نىمە بەردىم نىمە قىلدىم مەن ساڭا ،
ئالغانلىرىڭ بەرگىنىڭدىن نىچۈن ئاز ؟
چەندان تىلىم چىققان دەسلەپ ئانا دەپ ،
ئاتام ئۆلسە ‹‹ئاتام›› بولدۇڭ ‹‹ئاتا››دەك.
غايىپ بولدۇڭ ئەتىراپىمدىن نۇر كەبئى ،
تېڭىرقىدىم ،بوزلاپ قالدىم بوتادەك .
پۈۋلەيدىغان ئادەم قېنى چوغۇمنى ،
ئوغۈز سۈتۈڭ لەپىلدەتكەن تۇغۇمنى .
قۇرۇق قالدى ھەميان بۈگۈن سېنىڭسىز ،
قۇرۇق قالدى چىنەم، قىستىم بويۇننى .
ياغ پۇرىتاي شېئىرىمدا مەن ساڭا ،
دۇئا قىلساڭ ئىدى ماڭا بەك راۋا.
ئىككى ئالەم كۆرسەتمىسەم يېشىمنى ،
چوقۇم سەندىن مىڭ رازىلىق بار ماڭا.
كېچە-كۈندۈز قولۇم ئىشقا بارماسكەن ،
تىلىم سېنى زىكىر قىلىپ تالماسكەن .
قارا يەرگە قايماق بولۇپ كەتسەڭمۇ ،
ئانا ساڭا تەشنالىقىم قانماسكەن.
بەردىڭ بىزگە جان كۆكۈڭنى سەن سېتىپ ،
بەردىڭ ھەتتا شاخ مىۋەڭنى جان قېقىپ .
غەملىرىڭنى ‹‹ غېمىم ››دىگەن چېغىمدا ،
ھېجرانىڭدىن قالدىم مانا داڭ قېتىپ.
چىداي قاندق ھوزۇرۇمدىن سەن كەتسەڭ ،
سەن بىلەن تەڭ كۈلەلمەستىن مەن ئۆتسەم.
چىداي قانداق ۋارىسىڭنىڭ ، بوغۇننىڭ ،
بەخت-ئامەت ،شاتلىقىنى ئەپ كەتسەڭ .
( 3)
سەن كەبئى خۇشپېئىل ،خۇشچىراي نەدە؟
سەن كەبئى مېھرىبان ،مېھرىئاي نەدە؟
ئانىسىز قالغان كۈن دوزاقنىڭ كۈنى ،
دوزاقتا سەن بىزگە قەدىردان نەدە.
بالا دەپ يۈرۈگۈڭ قۇرۇپ كەتتىمۇ ،
مۇھتاجلىق سېنى خەپ بوزەك ئەتتىمۇ.
يا رەببۈك دەپ قەۋرىدىن چىققاندا سادا،
ئېسىڭگە بالاڭنىڭ غېمى يەتتىمۇ؟
قەۋرەڭدە قەۋرە تاش يوق يا ئابىدە،
ئۆلگەندە ياد ئەتمەك ئەمەس قائىدە.
يۈرۈگۈم سەن ئۈچۈن مەڭگۈ قەۋرە تاش،
چۈنكى سەن مەن ئۈچۈن مەككە -مەدىنە .
ئاناڭغا ئوخشايسەن دەيدۇ كۆرگەنلەر ،
ئاتاڭغا ئوخشايسەن دەيدۇ كۆيگەنلەر.
ئوخشىسام ئوخشىدىم ئايغا ھەم بايغا ،
ئوخشىماس زاتىغا روھى ئۆلگەنلەر .
( 4)
ئانىغا جان بەرگىن جان قېرىنداشلىرىم ،
ئانىغا قان بەرگىن باغرى تاشلىرىم .
ئاناڭغا داستىخان ،پايانداز بولغىن ،
قېرىنداش ،ئىمىلداش ،نادان ياشلىرىم .
مەن بەلكى ئارتۇقچە خىيالغا ئەسىر ،
ئويلىغان ئويلىرىم ئۆزۈمگە قەسىر .
كۆمەچتۇر يۈرۈگۈم ئانا دەردىدە ،
بەختىمنىڭ سۈرئىتى ئۇنىڭسىز كەسىر .
قەۋرەڭدىن تېخىچە كېتەلمىدىممەن ،
رىشتىڭدىن رىشتىمنى ئۈزەلمىدىممەن.
چارەم يوق ئىچىمگە تىنماقتىن بۆلەك ،
پەدەمنى قايتىدىن تۈزەلمىدىممەن .
ئانىجان قەدرىڭنى ئۆلگەندە بىلدىم ،
پۇشايمان تىغىدا يۈرەكنى تىلدىم.
‹‹ياسىن ›› نى سوتكىلاپ ئوقۇپ تەڭرىدىن،
ساڭا نۇر ھەسسىلەپ رەھمەت تىلىدىم .
نىمىمۇ تەڭ كەلسۇن مۇشپىق ئانىغا ،
ئۇلاردەك يايلاق يوق بەلكى بالىغا .
روھىڭغا شىپاكەن تەبەسسۇم ، تۇرقى ،
ئاغرىغان ،ئاقسىغان ،پىششىق ،چالىغا.
خاتىمە،
ئانا تۇپراق ،قارا تۇپراق ،بوز تۇپراق ،
ھىجرانلارغا قىلدىڭ مېنى يانتاياق .
ئايرىپ مېنى قىيامەتلىك ۋەسلىمدىن،
ئىسكەنجىگە ئالدىڭ گويا بىسوراق ؟!
تامام .
2004-يىلى 1-ئىيون
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-12 13:07قايتا تەھرىرلىدى ]