ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 243 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: موللا مۇسا سايرامى بىلەن بىلال نازىمى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
تۆھپىسى: 46
پۇلى: 239 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 63
ياخشى باھا: 114
توردا: 12(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-03-11
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-14 21:48

موللا مۇسا سايرامى بىلەن بىلال نازىمى

موللا مۇسا سايرامى ۋە بىلال نازىمى
بىز«جۇڭگو تارىخى»دەرسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە19 -ئەسىردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى«تەيپىڭ تىيەنگو»ئىنقىلابىنىڭ بولغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدۇق.مانا مۇشۇ دەۋىردە دىيارمىزدا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىكى خوتەن،يەكەن،كۇچار،قەشقەر،ئاقسۇ،
ئۈچتۇرپان،تۇرپان،ئۆرۈمچى ۋە ئېلى ... قاتارلىق جايلاردىمۇ ئارقى-ئارقىدىن خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلۈپ،مانجۇلارنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمرانلىقى تەل-تۈكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلانغان....قوزغىلاڭ جەريانىدا سادىر پالۋانغا ئوخشاش مىڭلىغان باتۇر ئەزىمەتلەر ۋە نىياز ھېكىمبەگدەك قىسمەن مىللىي مۇناپىقلار بارلىققا كەلگەن.شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر ئەدىپلەر بارلىققا كەلگەن.

موللا مۇسا سايرامى بىلەن موللا بىلال نازىمى بىرى،تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا،يەنە بىرى،تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان زامانداش يىتىۈك ئەدىب،ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ كۆيچىلىرىدور.

تېما جەھەتتىن ھەر ئىككىلا ئەدىب خەلقنىڭ ئازادلىق،ھۆرلۈك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك قەھىرمانلىق تارىخىنى مەدھىيلەش،دۈشمەنلەرنىڭ ياۋۇزلىقى،رەزىللىكى،ساتقىن-مۇناپىقلارنىڭ نومۇسىزلىقىغا نەپرەتلىنىش،نارازى بولۇش،پاش قىلىش ۋە قامچىلاشنى ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسلىق ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبىيكتى قىلغان.

موللا مۇسا سايرامى ئاساسلىقى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدا خوتەن،يەكەن،كۇچار،قەشقەر،ئاقسۇ،
ئۈچتۇرپان،تۇرپان,ئۆرۈمچى…قاتارلىق جايلاردا پارتىلغان خەلق قوزغىلىڭنىڭ باشلىنىشى،،
جەريانى،ئاقىۋىتى،ياقۇپبەگنىڭ يەتتە شەھەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى،ھۆكۈمدارلىق يولى،يىمىرىلىشى…قاتارلىق ئەينەن تارخىي ۋەقەلەرنى‹‹تارىخىي ھەمىدى››ۋە‹‹تارىخي ئەمىنىيە››دېگەن نەسىرى داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ،بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن .

موللا بىلال نازىمى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدا-ئىلى رايۇنىدا يۈز بەرگەن خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشلىنىشى،جەريانى،ئاقىۋىتى،ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىمىرلىشى…قاتارلىق ئەينەن تارخىي ۋەقەلەرنى،ئوخششاش بولمىغان ئىككى دەۋىرنىڭ يىتۈك قەھىرمانلىرى بولغان نوزۇگۇم  ۋە سادىر پالۋاننىڭ كۈرەشچان ھاياتىنى،قەھىرمانلىق روھىنى ‹‹غازات دەرمۈلكى چىن››،‹‹چاڭ موزا يۈسۈپخان››،‹‹نوزۇگۇم››قاتارلىق شىئېرىي داستانلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن.

شۇنداق،بۇ ئىككى ئەدىب ئوخشاش بىر زاماندا،ئوخشاش بولمىغان ئىككى ماكاندا ياشىغان(ھەم ئۆزئارا تونۇشمىغان)بولسىمۇ ئوخشاش بىر تېمىنى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بەرگەن ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەرلىرمىز،شۇنداقلا،ئەركىنلىك،ئازادلىق ۋە ھۆرلۈكنىڭ كۆيچىلىرى!

ئۇلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ قەلىمى ئارلىق تىرىلگەن قەھىرمان ئەجدادلىرمىزنىڭ ئۇلۇغۋار سىماسى ۋە تىز پۈكمەس روھى بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات!




[ بۇ يازمىنىkichikoghul 2012-01-14 22:04قايتا تەھرىر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قەلب
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-15, 04:29
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-15 14:02

ئىسىل ئىنسان يۇشۇرمايدۇ تارىخنى،
سوۋغىسىدىن ئەل كۈلۈپ بىخلىتىدۇ ھاياتنى.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-15 16:15

تارىخىمنىڭ  سىنچى كۆزلۇك ۋەزىرى
قەلىمىڭدە سۈپىتىنى خاس  تېپىپتۇ .
ئۇلار پۈتكەن تارىخلارنىڭ تەسۋىرى،
شەجەرىمگە  گۆھەر تۇمار ئېسىپتۇ...
باللىرىم بارلىغىم سىلەر ئۈچۈن !
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 671
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە671دانە
تۆھپىسى: 95
پۇلى: 863 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 197
ياخشى باھا: 863
توردا: 98(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-03-11
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-16 00:46

ئەپسۇس بۇلارنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە ھەقىقىي تۈردە كىلەلمەي ياكى كەلمەي بىزنى تولىمۇ ئاي دالىدا قۇيۇپ قويدى .
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 327
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە327دانە
تۆھپىسى: 29
پۇلى: 385 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 58
ياخشى باھا: 385
توردا: 68(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-03-11
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 18:02

ئۆزىنى تونۇش- ئۆزلۈك ، تونۇتۇش-كىملىك.