ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 229 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: «خويمۇ ئۇز خوتەن» دىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1170
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
تۆھپىسى: 5
پۇلى: 22 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 10
ياخشى باھا: 22
توردا: 3(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2012-01-03
ئاخىرقى: 2012-02-04
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-16 00:05

«خويمۇ ئۇز خوتەن» دىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر

«خويمۇ ئۇز خوتەن» دىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر


ئىمىننىياز مەتنىياز(شەيدائىي)


-«خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق كىتاپنى ئوقۇغاندىن كېيىن



    يېقىندا شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى نەشىر قىلىپ تارقاتقان «خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق كىتاپنى زور ئىشتىياق بىلەن  ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇ كىتاب ئويغۇرچە «خوتەن گېزىتى» نىڭ 2007- يىلدىن باشلاپ يولغا قويغان «ئارام» بېتى سەھىپىسىدە ئېلان قىلىغان ئەسەرلەردىن تاللاپ تۈزۈلگەن بولۇپ، كىتابقا 115 ماقالە ۋە 148 پارچە بەدىئىي سۆرەت كىرگۈزۈلگەن. كىتابتا دىيارىمىزدا ياشاۋاتقان كەڭ ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ   مىللى ئۆرپ-ئادىتى، يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيتى، ياشاش مۇھىتنى ۋە تۇرمۇش ئۇسلۇبى، ئەنئەنىۋى ھۆنەر-سەنئەت كەسپى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا ياراتقان ئۆزىگە خاس ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقلىرى، يۇرت-ماكان، يەر جاي ناملىرى تەزكىرىسى، تۇرمۇش ۋاستىلىرى قاتارلىقلار ناھايىتى ئىخچام بايانلار ئارقىلىق شەرھىلەپ ھازىرقىلارغا سوۋغات، كېينىكىلەرگە مەڭگۈلۈك نەمۇنە سۈپىتىدە سونۇلغان. كىتاب جەمئىي 12 سەھىپىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر بەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماقالىلارنىڭ مەزمۇنىغا ماس كېلىدىغان رەڭدار بەدىئى سۈرەتلەر كىرىشتۈرۈلۈپ كىتابنىڭ رەڭدارلىقىغا ھۆسۈن قوشۇپ، جەلبكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. تۆۋەندە مەن كىتابتىكى  بىر قانچە ئالاھىدىلىكنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.

تەرىپلەردە چاقنىغان ئۆزلۈك جۇلاسى


    ھەر كىشىنىڭ ئۆز يۇرتى بولىدۇ، ئۇنى تەرىپلىگۈسى، ماختىغۇسى، كەڭ ئاۋامغا ھەتتا جاھانغا تونۇتقۇسى كېلىدۇ. كىتابنىڭ تۇنجى مۇقەددىمىسى «خوتەن تەرىپاتلىرى» دىن باشلىنىپ كىشنى ئىختىيارسىز ھالدا خوتەننىڭ  كەڭرى كەتكەن مۇنبەت تۇپرىقىدا جەننەت كەبىي چاقناپ تۇرغان باغۇ-بوستانلىق، ئالتۇن رەڭدە چاقناپ تۇرغان توغراقلىق، زۇمرەت سۇلىرى چاپچىپ ئېقىپ ياشناتقان ئېكىنزار باغلارغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇ سەھىپىگە بىر بىرىدىن ئېسىل توققۇز پارچە ماقالە ئورۇنلارشتۇرۇلغان بولۇپ، ماقالىلارنىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى كىشىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ. «خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق ماقالىدا خوتەن خەلقىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلش، ئېكىلوگىيلىك مۇھىتىنى قوغداشى جەھەتتىكى تۆھپىسى بىلەن ئەنئەنىۋى ھۆنەر سەنئەت كەسپىگە بولغان ئشتىياقى ۋە ئۇنى گۈللەندۈرۈشكە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە، قەيسەر ئىرادىسىگە، گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىگە مەدھىيە ئوقۇلسا؛ «ئالتۇن كۈزدىكى توغراق سەيلىسى» بىزنى رىئاللىقتىن ھالقىغان خيالى دۇنيا ئارا چەكسىز قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا خۇددى قاراۋۇللاردەك تىك قەد كۆتۈرۈپ ئۆسكەن توغراقزارلىققا باشلايدۇ. «خوتەن شەھىرىدىكى داڭلىق بازارلار» خوتەننىڭ يەنە بىر كوزىرى. بازار ھەممە يەردە بولىدۇ، ئەمما خوتەندەك ئۆزىگە خاس بازار مەدەنىيتىنى شەكىللەندۈرگەن يۇرت-ماكان كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ. ئەتلەس بازىرى، گىلەم بازىرى، قاشتېشى بازىرى، دورا-دەرەك بازىرى قاتارلىقلار خوتەننى باشقا يۇرتلاردىن ئالاھىدە پەرقىلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ماقالىغا كىرىشتۈرۈلگەن بازار كۈرۈنۈشىنى ئاساس قىلغان بەدىئىي سۈرەتلەرمۇ ماقالىنىڭ مەزمۇننى تېخىمۇ بېيىتىپ ئۇنى بىر پۈتۈن ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ سەھىپىگە بېرىلگەن «كېىرىيەگە مۇھەببەت»، «مەپتۇنكار چىرا»، «قاشتېشى يۇرتى-خوتەن»، «قاشتېشى بازىرى»، «خوتەن ئاق ئۈجمىسى» قاتارلىق ماقالىلاردا خوتەنگە قاراشلىق ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە ئەۋزەل تەرەپلىرى تەرىپلىنىپ خوتەننىڭ ئۆزلۈك جۇلا، قىممىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۈتۈرىدۇ.



تېلەكلەردە ياشنىغىن «خوتەن ئۇيغۇرلىرى»

      ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مېھماندوسىت، كەمتەر-چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈل مىللەت. بولۇپمۇ خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆزى ياشاۋاتقان ئۆزگىچە مۇھىت ئىچىدە ئۆزىگە خاس گۈزەللىك تويغۇسى يېتىلدۈرۈپ، خوشال-خورام كەيپىياتتا قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ باتۇرلارچە ياشاش ئىرادىسىنى شەكىللەندۈرگەن. غەم-قايغۇدا ھەمدەم بولۇش، خوشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇش، ئەل-يۇرتنىڭ يىغىسغا يىغلاپ ئەلنىڭ شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش خوتەن دىيارىدا ياشاۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ قېنىغا سڭىپ كەتكەن. خوتەن ئۇيغۇرلىرىدىكى بۇخىل تىپىك ئالاھىدىلىكلەر «خۇش كەيپىياتلىق ئۇيغۇرلار»، «خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىراي ئىپادىسى»، «خوتەن پارھادلىرىغا مەدھىيە» دېگەن ماقالىلاردا ناھايىتى روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ماقالىلارغا كىرىشتۈرمە قىلىغان ھەر بىر سۈرەت ئۆزىنىڭ رەڭدار، ئېستىتىك قىممىتى بىلەن ماقالە مەزمۇنىغا خۇددى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويغاندك خوپ يارىشىپ كىشى قەلبىنى چەكسىز ھاياجانغا سالىدۇ. بولۇپمۇ جۈرئەت مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى يازغان «خوتەن پەرھادلىرىغا مەدھىيە» ناملىق نەسىردە خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، غەيرەت-شىجائىتى، ناچار ئېكىلوگىيىلىك مۇھىت بىلەن كۈرەش قىلىپ گۈزەللىك يارىتىش يولىدىكى ئىنتىلىشى، ئولۇغۋار ئارزۇ-ئارمان، ئىستەكلرى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتلەر بىلەن تەرىپلىنىدۇ. بۇ ماقالىنى ئوقۇغان ھەر قانداق ئادەم تېلەكلەردە ياشنىغىن «خوتەن پەرھادلىرى» دېمەي تۇرالمايدۇ.


مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز-قىممەتلىك بايلىقىمىز


    ئۆرپ-ئادەت بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى مەنىۋى كۈچ. بىر مىللەتنىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادىتى ۋە مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقى ئۇنى باشقا مىللەتلەردىن پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان روشەن مىللىي پەرقكە ئىگە قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرى دۇنيادىكى باشقا ئەل مىللەتلىرىگە ئوخشاشلا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيا سەھنىسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلغان. «خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق كتابنىڭ «ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز»، «ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىمىز» سەھىپىسىگە «خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىل گۈزەللىكى»،«خوتەن قەغىزى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ۋارىسى»، «ئەتلەسنىڭ قەدىمىيلىكى ۋە سېھرى كۈچى»، «نادىر بەدىئىي ئەسەر خوتەن زىلچىىسى» قاتارلىق ماقالىلار تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ ماقالىلاردا ھازىرقى بىر ئەۋلاد ياشلىرىمىز تەرىپىدىن ئونتۇلۇشقا باشلىغان ياكى ئۆز قىممىتىنى تاپالماي بىر چەتتە بويۇن قىسىپ غېرىپسىنىپ قالغان ئەنئەنىۋى قول-ھۆنەرۋەنچىلكنىڭ يارقىن نامايەندىلىرى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى دۇچ كەلگەن قىسمەتلىرى، بۇنىڭدىن كېيىنكى يوشۇرۇن تەرەققىيات ئىستىقبالى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزىگە خاس ئادەت-ئەنئەنىسىنى گۈللەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا ئىجادىي يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىپ داۋاملاشتۇرۇشقا، ھۆنەر-سەنئەتنى قەدىرلەپ ئېسىل ئەنئەنىلەرنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.


ئۆمۈر چولپانلىرى-يۇرتىمىزنىڭ پەخىرى


    ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرۈش ھەممە ئادەم ئىنتىلىدىغان يۈكسەك مەقسەت، بىراق ئۇنىڭغا يېتىش ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ، كىتابنىڭ «ئۆمۈر چولپانلىرى يۇرتى» سەھىپىسىدىكى ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئادىتى، كىشلىك دۇنيا قارىشى، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە شەكىللەندۈرگەن ئالاھدىلىكلىرى، ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ كەچمىشىگە ئائىت قىزىقارلىق ھېكايىلەر ئوزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئىزدىگۈچىلەرنى ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاشقا، ئۆمۈر چولپانلىرىدەك ياخشى تۇرمۇش ئادىتى تۇرغۇزۇۈپ ئۆزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئارزۇسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.قارىقاشلىق ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى شاھمۇھەممەت ھاجىنىڭ بىر ئۆمۈر خەلق ئەلنەغمە سەنئىتىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ خەلقىنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ، شادلىقغا جۆر بولۇپ خەلق ئەل نەغمە سەنئىتىگە پەرۋانە كەبى ئۆزىنى بېغىشلىشى ئادەمنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ. گىگانىت ئادەم-ئانايەت كىرىمۇللانىڭ ساددا، تۈز، ئاقكۆڭۈل يۇمۇرىستىك مىجەز جاراكتىرى ئادەمنىڭ زوقىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭدىكى ساپ دىل، بالىلارچە ساددا ئوي خىياللار ھەر كىمنى ئۆزلۈك ۋە كىملىك، ئادىمىيلىك ئۈستىدە ئويلىنىشقا، دەۋىر تەرەققىياتلىرى بەخىش ئەتكەن تۈرلۈك ناتوغرا ئوي-پىكىر، خاتا ئىدىيەلەر ئۈسىتىدىن غالىب كىلىپ ئاددى-ساددا، ھەقىقىي چىن ئىنساندەك ياشاش ئىرادىسىنى تۇرغۇزۇشقا ئۈندەيدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىتابقا يۇرتىمىزنىڭ پەخىرى بولغان شاھانە دەرخلەر، ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك، كېيىم كېچەك مەدەنىيەتلىرىمىز، تۇرمۇش ۋاستىلىرى، يۇرتىمىز ھەققىدىكى بايانلار، ئەنئەنۋى تىرانسىفورت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خوتەننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنىنى چۈشۈنۈش ۋە بۈگۈندىن ھالقىغان پارلاق ئەتسىگە بولغان ئۈمىد ئىستەكلىرىمىزنى چېچەكلىتىشىمىزگە ھەمدەم بولالايدىغان مەزمۇنلار يۇرۇتۇپ بىرىدۇ.


خاتىمە ئورنىدا

    خوتەن تىلسىماتلارغا تولغان ئەلۋەك ماكان. زېمىنى كەڭ بىپايان، ئادەملىرى ھاتەمدەك سېخى، باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك، تولىمۇ ئىشچان. ھەر قانداق بىر ئەقىل ئىگىسىگە سىر ئەمەسكى خوتەن-باتۇر، ئەقىل-پاراسەتلىك ئىجتىھاتچان خوتەن خەلقى ئۆزىنىڭ جاپالىق قان-تەرى بەدىلىگە بەرپا قىلغان ئۇز دىيار، تارىخى ئۇزۇن دىيار. خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقى تارىخى دەۋىرلەردىن باشلاپ ئۆزىگە خاس ھۆنەر-كەسىپ مەدەنىيتىنى ياراتقان، ئۇنى تارىختىن بۇيان ئەۋلادمۇ-ئەۋلات ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ھالا بۈگۈنگە ئۇلاپ كەلگەن. خوتەن خەلقىنىڭ بۇ خىل مىننەتسىز ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق شان-شۆھرىتى تىللاردا داستان بولۇپ جۇڭخۇا ئېلىگىلا ئەمەس، پۈتكۈل جاھاننىڭ يەتتە ئىقلىمىغا كەڭ تارقالغان. ئۇلارنىڭ چىدامچانلىق روھى، ئەقىل پاراسىتى، ھۆنەر كەسىپ جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكى، ئۇلار ياشاۋاتقان ئېكىلوگىيلىك مۇھىت، ئۆرپ-ئادەت، يار جايلىرى ناملىرى تەزكىرىسى توغرىسىدا «خويمۇ ئۇز خوتەن» گە ئوخشاش يەنە نەچچە ئون يۈرۈش كىتاپ تۈزۈپ نەشىر قىلسىمۇ ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. كىتاپقا كىرگۈزۈلگەن نۇرغۇن تېمىلار بار. ئۇنى بىر ئىككى پارچە ماقالە يېزىپلا سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. مىسالغا ئالىدىغان بولساق «دۇنيادىكى بەش چوڭ ئۆمۈر چولپانلىرى يۇرتى»، دىيارىمىزدىكى ئۆمۈر چولپانلىرىنىڭ جەننىتى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان كېرىيە ناھىيسىدىكى لايسۇ كەنتى 1984- يىلى «دۇنيادىكى ئۆمۈر چولپانلىرى يۇرتلىرى» نى تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ بۇ جاينى «دۇنيادىكى بەش چوڭ ئۆمۈر چولپانلىرى يۇرتى» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىك توغرىسىدىكى دوكىلاتنى ئېلان قىلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان يىگىرمە نەچچە يىل مابەينىدە بۇ يۇرت توغۇرلۇق تۈزۈكرەك بىرە ئىلمى تەتقىقات ماقالىسى ياكى كۈچلۈك نەزىرىيەۋى ئاساسقا ئىگە ماقالىلەر يېزىلىپ باقمىدى، بۇنىڭدىن باشقا خوتەنننىڭ «ئۈچ گۆھىرى» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان خوتەن گېلىمى، خوتەن ئەتلىسى، خوتەن قاشتېشى توغرىىسدىمۇ مۇكەممەل بولغان ماقالە ئەسەرلەر توپلىمى روياپقا چىققىنى يوق. مۇشۇنداق بىر چاغدا «خويمۇ ئۇز خوتەن» ناملىق كىتابنىڭ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغىنى خوتەن خەلقى ئارىسىدا يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان نۇرغۇنلىغان ئەل ئىچى غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى، ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، بالىلار ئويۇنلىرى، تۇرمۇش، يېمەك-ئىچمەك، كېيىم-كېچەك جەھەتتىكى نۇرغۇن ياخشى ئادەتلىرىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشغا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى. تۆھپە ھامان ئونتۇلمايدۇ. شۇنداق كېسىپ ئېيتالايمەنكى بۇ ئەجىر مېھنەتلىك ئەمگەك  يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تارىخنىڭ بىر كارتىنىسىغا ئايلىنىپ مەڭگۈلۈك يادنامە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ قالغۇسى!
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-16, 06:36
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 558
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە558دانە
تۆھپىسى: 72
پۇلى: 737 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 134
ياخشى باھا: 702
توردا: 170(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-03-08
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-16 18:44

تارىخ-ئۆتكەنكى سىياسى ،سىياسى -دەل دەۋرنىڭ تارىخىدۇر ...
-فرىمان
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 643
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە643دانە
تۆھپىسى: 60
پۇلى: 813 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 121
ياخشى باھا: 763
توردا: 114(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-03-09
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-18 12:35

تارىخ _ ئىبرەتلەر دەرىسلىگىدۇر...


             _نېتىچى