سەۋزىدىن خەۋەر يوق گۈرۈچ دەم يىگەچ،
غۇدىراپ قايتىشتى كەلگەن مىھمانلار،
شامالكام بوران بوپ تېىخى كەلمىگەچ
ۋاقىتلىق بۇ جەڭگە كىردىم تۇققانلار.
******************************************
جەڭگاھ يوق زاماندا چىقتىغۇ بىر خان،
كىملەرگە خان بولۇپ يۈردى بىلمىدۇق،
بوز قىرنى دۆلەت دەپ قالغان بولسا گەر.
لىكىن بىز بۇ خاندىن خوۋلۇق كۆرمىدۇق.
تەمىنات ئاممىنى يوقلاش ئىشلىرى،
بۇ خاننىڭ چۈشىگە زادى كىرمىدى،
ھە دېسە مۇنبەردە بىزنى دۇمبالاپ ،
يا ئاچچىق زەردىسى تۈگەي دېمىدى.
ئامالسىز بۇ خانغا يۇرتۇغكام باشلىق،
قارشى كۈچ تەييارلاپ يولغا چىقىشتۇق،
توپىلاڭ قىلسا دەپ شامالدىن تىلەپ،
ئەپسۇس زە ئامالسىز يالغۇز ئېلىشتۇق.
مەيلى بىز بۇ يولدا يالغۇز قالساقمۇ،
ئىرادىمىز بوشىماس پەشۋا يېسەكمۇ،
خەلىقنىڭ دەردىگە دەرمان خان ئىزدەپ،
ھەقىقەت يولىدا دەشنام يېسەكمۇ.