پەرۋانە
قاراخان
شام چىراقنى ئارزۇ قىپ كۆڭلى تىنماس پەرۋانە ،
جىن ئىسرىقتىن قاچقاندەك قېچىپ يۈرمەس پەرۋانە .
روھى ئەجەپ باتۇرلۇق خىسلىتىگە ئەندىزە ،
ۋىجىككىنە جىسمىگە سۆيگۈ تاڭغان پەرۋانە.
پاشا كەبئى غىڭشىماي ،يا چىۋىندەك گىڭشىماي ،
يورۇقلۇقنى ۋەسلىم دەپ سېزىۋالغان پەرۋانە .
كۆز باغلانغان ۋاقىتتا شەپەرەڭدەك يايرىماي ،
يورۇقلۇققا باش ئۇرۇپ جۇنۇن بولغان پەرۋانە .
نۇر ئاشىقى ئېيتقىنا نىمە خىسلەت بار سەندە،
ئوتقا ئۇرغاچ ئۆزۈڭنى دەمدۇ ياكى پەرۋانە .
بولسا ئەگەر جىسمىڭمۇ روھىڭ ئوخشاش يىگانە ،
قۇياشقىمۇ ئاتامتىڭ ‹‹شۇ››جىسمىڭنى پەرۋانە .
جاندىن كېچىپ جانانغا يېتەلەمسەن پەمىڭچە ،
ئەل قەلبىدە ئاتىلىپ نامى ئۇلۇغ پەرۋانە .
ئويلاپ باقسام ھاياتنى ،ئۇمۇ گويا بىر -گۈلخان
ئېتىپ ئاڭا ئۆزۈمنى بولاي دەيمەن پەرۋانە .
ئەل غېمىدە ئەر بولۇپ ،ئۈلگە قىلىپ ھەم سېنى ،
يارالغۇم بار مېنىڭمۇ ئەل ئويىدەك ‹‹پەرۋانە ››.
1990-يىلى1-يانۋار.
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-17 10:20قايتا تەھرىرلىدى ]