ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي
(خەلق ماقاللىرىدىن ئىقتىباسلار)
ئەل ھىممىتى ئەزىم دەريا ھەر زامان،
ئەل كىرگەن كېچىكتىن يانما دەرگۇمان .
ئەل غۇنچە تۇتقاندا سەن تۇت گۈلدەستە ،
ئەل يۇرتقا مەرت سۆيگۈڭ بىباھا ھامان.
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك -بەجايىكى توي ،
ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
يىسە كىم ئەل غېمىن نېنىدۇر پۈتۈن،
غېمى بىرنىڭ جېنى بىر كۆزى تۈتۈن.
بارماق قولدىن ئايرىلماس ،باتۇر ئەلدىن،
دىمە يولۋاس ئىنىدا كۈچلۈك نىچۈن .
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
يىلتىزلىق دەرەخنى بوران ئالالماس،
ئەل يەكلىسە قەدەم داۋان ئاشالماس.
ئەل تاپسا قۇدرەت تەن تاپار قۇۋۋەت،
ئەل دەردىگە دەرمانە نادان ئاتالماس .
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي ،
ئەل ئويى -ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
ئەلنى سۆيگەن ھېچقاچاندا خار بولماس ،
يەرنى سۆيگەن ھېچكىمگە زار بولماس.
يىقىلساڭ يەرنى قۇچاقلا ،چەكمە ئەلەم،
ئەل ئىچى ئالتۇن بۆشۇككەن تار بولماس .
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
ئەل غېمىدە ئاقساڭ سەن گويا ئېقىن،
ئۆز غېمىدە يۈرسە كىم ئۆلۈمى يېقىن.
ئەل غېمىدە يۈرگەننىڭ ئۆمىرى ئۇزار،
ئەلدىن تانار ،ئەقىلسىز ،ئازغۇنلار لېكىن.
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك -بەجايىكى توي،
ئەل غېمى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
ئۆز ئېلىڭنىڭ سۈيى كەۋسەر لاي ئەمەس،
ئۆز ئېلىڭنىڭ يېرى گۆھەر ساي ئەمەس.
ئەل بەختىنى ئەر بەختى دەپ بىلەلمىسەڭ،
نومۇس ھەتتا ئەلسىز ئالغان ھەر نەپەس.
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى -ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
كۆيەر ئۆز يېغىدا چىن ئاشىق يۈرەك ،
ئەل ئىشقى ئەڭ لەزىز ۋىسالدىن دېرەك.
بۇلبۇلنىڭ چىمەن دەپ سايرىشى ئېنىق،
ئەل قوينى بۈك چىمەن ئاچقىنسەن پورەك.
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى ئەل ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
تۇغۇلغان يېرىڭگە تىكلە تۇغۇڭنى ،
ئەل ئوغلى ئۇنتۇمدۇ ئەۋلاد -بوغۇننى
ئۆزۈڭنى ئويلىما ،ئېلىڭنى ئويلا ،
ئۆچۈرمە ئەجدادىڭ ياققان چوغۇڭنى ،
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي.
مۇشتۇمدەك باشتىمۇ ئۇلۇغ ئوي كېزەر ،
ئەل ئۈچۇن ئۆلمەكنى ۋىجدان توي سېزەر،
ئەل گويا مۇقەددەس ئانىدۇر ئانا! ،
ئانا غېمى يۈرەكنى تاشتەك ئېزەر.
ئەل بىلەن ئۆلمەكلىك بەجايىكى توي،
ئەل ئويى ئەر ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئوي...
2010-يىلى 1-يانۋار.
داۋامى بار.
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-01-18 20:51قايتا تەھرىرلىدى ]