ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5169 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخس
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 189
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 48
پۇلى: 252 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 67
ياخشى باھا: 127
توردا: 14(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-13
ئاخىرقى: 2012-08-09
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-01-30 13:10

ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخس

ئۇيغۇر تارىخدىكى ئون مەشھۇر شەخس
ئامېركىلىك ئالىم مېخائىل خارت ئىنسانىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بۇيىچە رەتكە تىزىلغان‹‹100مەشھۇر شەخس››دېگەن كىتابىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئېتىقادىغا،پەن-مەدەنىيىتىگە،سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا بۈگۈنگە قەدەر تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان يۈز مەشھۇر شەخسنى تەرتىپكە تىزىپ چىققان.

تارىخىي تەرەققىياتنى قىسمەن ئادەملەرنىڭ پائالىيىتى بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس،ئەمما ئايرىم شەخسلەرنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكىمۇ بولمايدۇ.مەنمۇ مېخائىل خارتنىڭ رەتكە تىزىش پىرىنسىپى بۇيىچە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا،پەن-مەدەنىيىتىگە، سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ئۇزۇن بولغان ھەتتا بەزىلىرىنىڭ تەسىرى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تارىخمىزدىكى ئۇيغۇر ياكى ئۇيغۇرلاشقان دەپ قارالغان تارىختا ھەقىقىي ئۆتكەن 10مەشھۇر رىئال شەخسنى ئۆزەمنىڭ بىلىشىمچە رەتكە تىزىپ چىقتىم.
تورداشلارنىڭمۇ ئۆز كۆز قارىشى بۇيىچە ئۇيغۇر تارىخىدىكى 10مەشھۇر كىشىنىڭ رەت تەرتىپى بۇيىچە بىر  تىزىملىك(ئىسىملىك)تۈزۈپ چىقىشىنى تەكلىپ قىلىمەن.
1.سۇتۇق بۇغراخان
ھەزرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان(901-956) ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر،دىننىي ئالىم،سىياسىيۇن،تالانتلىق ھەربىي ئالىم ۋە ھەربىي سەركەردە.سۇتۇق بۇغراخان ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان بۈيۈك خاقان بولۇپ،ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى،جاسارىتى ۋە توغرا ئېتىقادى پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشىگە نېگىزلىك تۈرتكە بولغان.سۇتۇق بۇغراخان قاراخانىلار ئۇيغۇر خاندانلىقنىڭ خاقانى بۇلغاندىن باشلاپ،قاراخانلىيلار ئۇيغۇر خاندانلىقى تارىخىدا مەدەنىيەت گۇللەنگەن ۋە ئىسلاملىشىش دەۋرى باشلانغان.بۇ دەۋېردە قاراخانىيلار قۇدرەتلىك،مەدەنىيەتلىك باي بىر دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان .
ئۇنى 1-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب سۇتۇق بۇغراخاننىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى،مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى مىڭ يىلدىن بېرى داۋاملاشماقتا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
2.ئاپاق خوجا
ئاپاق خوجا(1626-1693) نىڭ ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خوجا بولۇپ،قۇمۇلدا نەمەنگاندىن يۇرتۇمىزغا كېلىپ يەرلىكلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان تاجىك دىنىي روھاننىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان جاھالەتنىڭ پىر-ئۇستازى.
ئۇنى2-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا،پەن- مەدەنىيىتىگە،سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرى بەش يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى داۋاملىشىپ كەلمەكتە.ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا،سەئىدىيە ئۇيغۇر  خانلىقىنىڭ تارىخى سەل باشقىچە بولغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتى چوقۇم دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلار بۈگۈن جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ قالمىغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا،ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى سىياسىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەھۋالىمۇ چوقۇم باشقىچە بولغان بولاتتى.ئۇ بولمىغان بولسا ........
3.خانىش ئامانىساخان
خانىش ئامانىساخان(1534-1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس،سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرشېتخاننىڭ خانىشى.ئۇ ئوردىدا 12مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلېرىغا باش بولغان.ئۇيۈۇر 12 مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە ساقلىنىپ قېلىشىنى  ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
ئۇنى3-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇ قېلىپلاشتۇرغان ۋە رەتلىگەن 12 مۇقام ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى(كۆڭۈل ئېچىش)پائالىيەتلىرىدە500يىلدىن بېرى ئۆزۈنىڭ رولىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە ھەم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
4.بىلگە كۆل قادىرخان
بىلگە كۆل قادىرخان تارىختا 300 يىلغا يېقىن ۋاقىت داۋاملىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن؛فارابى،مەھمۇت قەشقەرى،يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئۇلۇغ ئالىملارنى يىتىشتۈرگەن قۇدرەتلىك،مەدەنىيەتلىك باي دۇلەت سۇپىتىدە جاھانغا تۇنۇلغان قاراخانىيلار ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغۇچى.
ئۇ مىلادى880-يىلى بالاساغۇن شەھىرىدىكى قارلۇق خانلىقىنىڭ ئەمەلىي ھوقوقىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن،چوڭ ئوغلى(سۇتۇق بۇغراخاننىڭ دادىسى)بازىر تېكىنگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان‹‹ئارسلانخان››دېگەن نامنى بېرىپ،بالاساغۇن شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوقىنى تاپشۇرغان.كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق تېكىنگە پەقەت ياغما ئورۇقىنىڭلا ئومۇمىي شەرەپ نامى بولغان‹‹بۇغراخان››دېگەن نامنى بېرىپ،تالاس شەھرىنى باشقۇرۇش ھوقوىنى تاپشۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي ۋاپات بولغان.
ئۇنى 4-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى ئەڭ كەم بولغاندىمۇ 300يىلغا يېقىنلىشىدۇ.
5.سۇلتان سەئىدخان
سۇلتان سەئىدخان(1490-1533)شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى ئەھمەتخاننىڭ 3-ئوغلى بولۇپ تۇرپاندا تۇغۇلغان.1514-يىلى يېڭىسىار،قەشقەر ۋە يەكەننى ئېلىپ ئابابەكىرىنى يوقۇتۇپ،9 -ئاينىڭ 3-كۈنى دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن تارىختا 168يىل داۋاملاشقان يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرغان ۋە ئۈزلۈكسىز جەڭ قىلىپ زېمىننى كېڭەيتكەن. 
 ئۇنى5-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرۇپ،ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي،ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ۋە مەدەنىيىتىگە 160يىلغا  يېقىن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ جەريانىدىكى كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس ھازىرلىغان.
6. ئابدۇللا روزىباقىيېف
ئابدۇللا روزىباقىيېف(1897-1938)20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان ئۇيغۇر سىياسىون ۋە جامائەت ئەربابى،سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ داھىسى.
ئۇ 1921-يىلى6- ئاينىڭ 21 - كۈنى تاشكەنتتە ئۇيغۇر نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بۇ نامنى تارانچى،قەشقەرلىك، ئالتە شەھەرلىك،خوتەنلىك دېگەندەك ناملارنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئشلىگەن.
ئۇنى 6-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كۈچەپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن (گەرچە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چارروسىيە ۋە سوۋىت روسىيسىنىڭ  تۈركلەرنى پارچىلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىدارە قىلىش ئېھتىياجى بىلەن بولسىمۇ)بەش يۈز يىلغا يېقىن ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر نامىنىڭ ئاۋال يەتتە سۇ رايۇنىدا،كېيىن سوۋېتتا ئوقۇغان زىيالىيلار ئارقىلىق رايۇنمىزدا تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا كۆرسەتكەن سەلبىي ياكى ئىجابىي تەسىرى ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ۋە بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ ئەلۋەتتە.
7.بۇقا تېكىن
بۇقا تېكىن(بەزى ماتېرياللاردا بۆگۈ تېكىن دەپمۇ ئېلىنغان)بەش يۈز يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى.ئۇ 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن،غەرىپكە كۆچكەن ئۇيغۇر ۋە باسمىل قەبلىلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،مىلادى 866-يىلى تۇبۇتلارنىڭ ئىلكىدىكى بەشبالىق،رومچە،قۇچۇ شەھەرلىرىنى تارتىۋېلىپ،بۇ جايدا يېڭىبىر ئۇيغۇر خانلىقى-ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرىدى.
ئۇنى7-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇيغۇر نامىنى شۇنچە ئۇزۇن ساقلاپ كەلگەن ھەم تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن،قەدىمقى زامان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان بىر ئۇيغۇر دۆلىتىنى قۇرغانلىقى ئۈچۈندور. 
 8.كۆل بىلگەخان
كۆل بىلگەخان ئىچكى توققۇز ئۇيغۇر ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان،تارىختا يۈز يىلچە ھۆكۈم سۈرگەن ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بەرپاچىسى.
ئۇنى8-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ 7-8-ئەسەرلەردە ياشىغان قەدىمقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە شۇنچە كەڭرى زېمىنلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ يۈز يىلغا يېقىن داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈندور.
9.ئەخمەتجان قاسىمى
ئەخمەتجان قاسىمى(1914-1949)ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىككىنچە ئەۋلاد رەھبىرى.
ئۇنى9-رەتكە تىزىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ خەلق قان كېچىپ،ئۆزلىرىنىڭ ئەر-ئوغۇللىرىنى تۈركۈم-تۈركۈم قۇربان بېرىپ،ئىنتايىن باتۇرلۇق ۋە ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان،غەلبە مېۋىسىگە قول يىتەيلا دەپ قالغان،دۈشمەن جەڭدە تامامەن مەغلۇپ بولغاندىلا،پەقەت شۇ چاغدىلا قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن ئىكەنلىكى تەكرار ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى بىردىنلا سۆھبەت ئۈستىلىدىن ئىستىمەكچى بولۇپ،دۈشمەن بىلەن ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتكە ئولتۇرۇپ ھەم بېتىم تۈزۈپ بۇ ئىنقىلاپنى رېلىستىن چىقىپ،قىستۇرما كۆيگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقى،ئەينى ۋاقىتتىكى  ۋە بۈگۈنكى ئاۋام خەلقنىڭ تىلىكىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى ئۈچۈندور.
10.خوجىنىياز ھاجى
خوجىنىياز ھاجى(1889-1938)20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى بىر قېتىملىق كۆلىمى چوڭ،ۋاقتى ئۇزۇن ۋە غەلبىسى نىسبەتەن زور بولغان قومۇلدىن باشلانغان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى.
ئۇنى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشۈمدىكى سەۋەب،خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان دېھقانلار قوزغىلىڭنىڭ نىسبىي غەلبىسى ۋە ھاجىمنىڭ مۇئاۋېن رەئىس بولغان چاغدىكى تىرىشچانلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر(ۋاقىتلىق بولسىمۇ) مىللىي مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە باشقا ئاقارتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى دەۋردىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى نۇرغۇن سوۋىت ئىتتىپاقىدا ۋە رايۇنمىزدا ئوقۇپ يىتىشىپ چىققان زىيالىيلىرىمىز ئەمىليەتتە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئارزۇسىنىڭ مەھسۇلى.
مەن خوجىنىياز ھاجىم رەھبەرلىك قىلغان 30-يىللاردىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ،جۈملىدىن تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى رايۇنلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپ،مەدەنىيەت ۋە ئاقارتىش ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرى40-يىللاردىكى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىك قىلغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىڭ ئىجابىي تەسىرىدىن زور دەپ قارايمەن.
1996-يىل12-ئاي
[ بۇ يازمىنىkichikoghul 2012-01-30 13:28قايتا تەھرىر ]
تېما تەستىقلىغۇچى : كان-تۈرك
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-01-30, 08:34
باھالاش خاتىرىسى:
  • پۇلى:+50(ئۈمىديار) تەغدىرلەشكە ..
  • ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2426
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
    تۆھپىسى: 142
    پۇلى: 2823 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 285
    ياخشى باھا: 2742
    توردا: 440(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-11-16
    1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-01 13:05

    << مەن كەچكەن كېچىكلەر>> نى ئوقۇپ بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى سوپاخۇن سوپايوف ھەقىقەتەن ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسكەن-دەپ كۆپ ئويلاندىم...
    خوجىنىياز ھاجىم ؛گىنىرال بولىسىز دېسە ئالدىنىپ دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشتى...
    سوپاخۇن سوپايۇف؛دۈشمەننىڭ گىنىرالى تۇرۇپ <<ئەبلەخ>>دەپلا ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيسىگە قېتىلىپ كەتتى...
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2426
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
    تۆھپىسى: 142
    پۇلى: 2823 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 285
    ياخشى باھا: 2742
    توردا: 440(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-11-16
    2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-04 16:52

    _شاھماتقا ماھىرلار ئىستىراتېگىيەنى كۆزلەيدۇ،شاھماتقا ماھىر ئەمەسلەر ئۇرۇق يىيىشنى كۆزلەيدۇ.

                                                                          <<شاھمات دەستۇرى>>
    ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 2426
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
    تۆھپىسى: 142
    پۇلى: 2823 ياۋرۇ
    شۆھرىتى: 285
    ياخشى باھا: 2742
    توردا: 440(سائەت)
    ھازىر:
    تىزىملاش: 2011-05-19
    ئاخىرقى: 2012-11-16
    3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-05-08 12:38

      <<ئەنجان باي>> مۇ مەشھۇر ئادەم جۇمۇ...