ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1102 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئاللاقۇلى ھاجى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-09 15:12

ئاللاقۇلى ھاجى

ئاللاقۇلى ھاجى

(داستان)

‹‹داخېيەنزىنىڭ يېڭىچە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى- ئاللاقۇلى ھاجى (1884-1939)تۇغۇلغانلىغىنىڭ 128 يىللىقىغا ،ئانا مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 106يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

قاراخان

مۇقەددىمە

-باقىمەن كەينىمگە ئەجدادلار قېنى؟
باقىمەن ئالدىمغا  ئەۋلادلار  قېنى؟
        -چىن زىئاڭ

يازغىنىم ھۆر ‹‹ قەشقەر كېچىسى›› ئەمەس،
يا <<ئودۇن >>،<<كۈسەن>>لەر  قۇرغان   سەلتەنەت.
<<قۇچۇ  >>يا  <<بۇغراخان   قىسسى >>سى  ئەمەس،
ۋە  ياكى << كرورەن >>  تۇغقان    ھەقىقەت ؟

ئەمەس ھەم <<سادىر>>نىڭ غەليان ساداسى،
ھەم ئەمەس  <<نۇزۇك>>قا باغلىق ئاسارەت.
يا <<سىيىت  نوچى >>نىڭ<< قەستەن >>خاتاسى،
ھەم ئەمەس ‹‹ئوغۇز››غا  تالىق  جاسارەت.

،<<خەيرىيە>>* <<نازىم>>نىڭ  نۇسرەت نۇرىدىن ،
بوزقىردا پارلىغان ‹‹ تەلىمىيە›* ئەمەس.
<< تەقىيە>>يۇرتىنىڭ  قارا  تۈنىدىن،
كۈندۈزنى ئايرىغان  ئاللاقۇلى  بەس.

ئۇ  دېڭىز ئۈنچىسى، زۇمرەت تامچىدۇر،
جىسمىدا نۇر  قۇياش  ئەكسى پارلىغان.
ئاقىلغا  ئىشارە ، گولغا     قامچىدۇر،
<<بىر پەللە>>نى  كۆزلەپ داۋان ھالقىغان.

ئۇ ياققان ھەقىقەت چىرىغى  بۈگۈن،
مەزلۇملار  قولىدىن ، قوللارغا  ئۆتتى .
ئۇ يەشكەن ئەسىرلىك، ئەستىلىك تۈگۈن،
مەھكۇملار  ئەقلىنى، ئويىنى كەچتى.

‹‹ئاش-ناندىن قالسىلا-مەكتەپ ››دىگەن سۆز،
رەھناما ،دانادىن بىزگە تەربىيەت.
‹‹ئېلىپ›› نى تونۇماي ئۆتكەن قارا  كۆز،
قىسمىتى  <<جىنايەت>> تولغان تەبىئەت.

يۇرتۇمغا تاڭ چۈشەپ ،تاڭنى چىللىغان ،
باغۋەننىڭ كەچمىشى كەچتى ئېڭىمدىن .
ئۇ بىلەن كۆز تۇرماق كۆڭۈل  يورىغان ،
ئاڭا مەن  ‹‹شان››پۈتەي قىزىل قېنىمدىن .

                    1
-تارىخ-ئۆزىنى ئىزدەپ يۈرگەن ئىنساننىڭ پائالىيىتىدىن ئىبارەت.
                                                                    -ماركس
تەڭرى ئوڭ كۆزىدە باققان يۇرتمۇ بۇ،
يا خىزىر بىر قونۇپ ئۆتكەن دەڭ ئۆتەڭ.
نە سەۋەپ سەن بىزنى باسمىدى ئۇيقۇ،
باسسىمۇ كەڭ بولدى نىچۈن نېسىۋەڭ؟

چۆل-ئېدىر بوستانغا تۇتاش يوللاردا،
ئات، ئېشەك،تۆگىنىڭ ماياقلىرى بار.
تاغ ئالدى -ئارقىسى دىگەن يۇرتلاردا،
مەرتلەرنىڭ ئۇنتۇلماس ساۋاقلىرى بار.

يېڭىلىق ،ئۇچۇرغا تەشنا بىر ئوغۇل،
ئاتلاندى ئاتۇشتىن جاھان كەزمەككە.
دىدى ھەم ئۆزىگە قايتىدىن ‹‹تۇغۇل››،
يۇلتۇز بوپ ئۆرلىگىن ئاسمان پەلەككە.

كۆڭلىگە ئەڭ ئۇلۇغ غايىنى پۈكۈپ،
ئەزىمەت قامچىسى ئۇرۇلدى ئاتقا.
نۇرلۇق بىر دېڭىزنى قۇچماقتا يەلكەن،
‹‹ئۇمۇد تۇمشۇقى››نى ،ئىزدەپ ئەۋلادقا.

ئېركەشتام ،بۇخارا،ئەنجان ،روسىيە ،
شىرىن چۈش قوينىغا ئالدى ھەزرەتنى .
كۆرگىنى دەل ئۆزى كۈتكەن مۆجىزە ،
يەڭگەندەك بولدى ئۇ ئېغىر ھەسرەتنى .

ھاۋا سۇ ئوخشاشكەن ،تۇپراقمۇ ئوخشاش،
ۋە لېكىن ئوخشىماس ئەقىل ھۇش بىراق .
بىز رايىش،خامۇشمىز ،ئۆزگە نىچۈن شاش،
بوپقالدۇق نە ئۈچۈن پارامۇش پۇراق.

ئارغىماق ،تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىن تۇتۇپ،
ماڭغاندا كارۋاننىڭ ئىزىدىن ئازماي.
سالمىقى بەك ئېغىر خىيالنى  سۈرۈپ ،
كۆزى نەم دىدى ئۇ -ھالىمىزغا ۋاي.

يۇرتىنى قۇۋۇناق ھالەتتە كۆرۈپ،
ئىلىغا يول ئالدى ،دانىش دەسلەپتە.
بوزقىرنىڭ ،چۆچەكنىڭ يولىدا يۈرۈپ،
كۆيدى ئۇ تەقىيە* دىگەن تەرەپكە.

بۇ يۇرتنىڭ ئېتىكى ،قۇمۇشلۇق ئىكەن ،
تاغ ،دەريا ،جىلغىدىن ئۇزۇلمەس سادا.
پەرزەنتلەر تەقدىرى نومۇسلۇق ئىكەن،
دىلى كور غاپىللار بوپتۇ  بىر  پادا.

سۈكۈت يا تاقەتكە بولمايتى چىداپ،
بىر بوغۇن دۇنيادىن ساۋاتسىز كەتسە،
ئەلەمسىز ،قەلەمسىز ئۆتكەن ئەل خاراپ،
نە كېرەك بايلىقىڭ ھاتەمگە يەتسە؟

مەن  تاپقان ئاقچىنىڭ ،كۆرگەن ئۇلۇسنىڭ ،
كۈچىنى بۇ يەردە قىلاي ئىلتىپات،
بىز  قۇلى  ئەمەسقۇ  كېپەن، نومۇسنىڭ  ،
قارايغان قەلبدە يوقمۇ ئىستىدات.

كاتتا بىر ئىمارەت ھۇلى بېسىلدى،
تولىنىڭ كىندىكى يولنىڭ بويىغا.
پەنگىمۇ ،دىنغىمۇ <<لېنتا >>كېسىلدى،
كەلمىگەن ھېچكىمنىڭ بۇ ئىش ئويىغا.

دەل شۇ چاغ شەرقتە بۈيۈك سۇن جوڭ شەن ،
مىللەتكە ئىنسانى مەسلەك ئىزلىگەن .
دەل شۇ چاغ قەشقەر ۋە يىپەك يولىدا ،
‹‹تەۋپىق››مۇ خەلقىم دەپ كۆكرەك كېرىگەن.

‹‹فېتىر››نىڭ*  يۇرتىدىن فېتىرمۇ كېلىپ،
ياسالدى سۇ تۈگمەن مازار بېشىغا.
ئاللا قۇل ھاجىدىن نۇر، بەركەت يېغىپ،
تەم كىردى ئاۋامنىڭ يىگەن ئېشىغا.

ئىلىغا پۇر كەتتى مەكتەپنىڭ نامى،
سەركە بوپ بۇ يولغا ئابلىمىت تۇردى.*
بايراقدار رولچى بوپ مۇھەممەت شامى*،
ئاقارتىش جېڭىغا فرونىت قۇردى.

گويا ئوت كەتكەندەك قاقشال ئوتۇنغا ،
سەبىلەر قەلبىگە تۇتاشتى بىر ئوت.
خاتىمە بېرىلدى كونا يوسۇنغا،
ئوقۇلدى ‹‹ئېلىپبە››،‹‹ھېساپ››بىلەن ‹‹چوت››.

-تەربىيە بۈيۈك خىزمەت ،تەربىيە ئارقىلىقلا ئىنسان تەقدىرى ھەل قىلىنىدۇ.
                                         -ۋ.گ.بېلىنىسكى  ‹‹تەرمىلەر››دىن
                        2                          
،يورىدى كۈن بىلەن ئالەمنىڭ يۈزى،
يورۇدى پەن بىلەن ئادەملەر دىلى.
گوياكى ئېچىلدى ئەمانىڭ كۆزى،
باشلىنىپ ئەسىرلىك ئىلىم تەھسىلى.

چوڭ-كىچىك تالىپلار بولدى پەرۋانە ،
بۇلبۇل ياق قارلىغاچ ، قالدى زۇۋاندىن.
ئەسكى تام، ھەتتاكى روھى دىۋانە،
بىر يولى خوشلاشتى زاۋال ،تۇماندىن .

ئوقۇلۇپ ئېلىپبە كېچە -كۈندۈزى ،
ئاقساقنىڭ بار بولدى ھاسا  قانىتى.
گاچىنىڭ چىقتى ھەم ‹‹ئامانەت سۆزى››،
قالمىدى يۇرتۇمنىڭ ‹‹چالا ساۋىتى››.

ئالتاي ۋە چۆچەكتىن  چىللاپ كېلىندى ،
ماكانسىز قاقشىغان  يوقسۇز چارۋىچى،
  يەرلىكتىن جايلىققا تەستىق سېلىندى،
خوش بولدى يىتىمچى ،غېرىپ ، پادىچى.

‹‹ئەل غېمى ئەر غېمى›› دىسە ئۇلۇغلار،
‹‹ئەر››ساناپ ئۆزىنى يۈرگەن ئاز ئەمەس.
چىچەن ئەر، ئەل خاراپ بولسا   بوغۇلار،
ئەلگە ئاھ چەكمىگەن ‹‹بەندە›› ساز ئەمەس.

بار بىزدە تۇغۇلغان يېرىدىن قاقشاپ،
بىر قوشۇق ئاشقىمۇ يۈرگەن سارغىيىپ.
شۇنچە يەر -زېمىننى ئاق پېتى تاشلاپ،
مۇھتاج بوپ ئۆزگىگە تۇرغان سالپىيىپ.

ئاۋۇتنىڭ گاڭ ئوغلى ،ئاللانىڭ قۇلى،
ئەۋلادنىڭ ئەسىرلىك غېمىنى يىدى  .
ئۇ   بىلەن ئېچىلىپ ئىستىقبال گۈلى ،
ئۇ  بىلەن  كەلگۈسى بىردىن  چاقنىدى .

نەشتەر ۋە چاياندەك سوغۇق، بوراندا،
توڭسىمۇ  ياتمىدى باھارنى كۈتۈپ.
تونۇر ۋە  قازاندەك  تومۇز   ماكاندا،
كۆيسىمۇ  باقمىدى ئۆزىنى يەلپۈپ.

مال- دۇنيا ،يۇرتىدىن  ،ۋەسلىدىن كېچىپ،
بىر ئايلىق مۇساپە كەلگەن مەنزىلى.
ئىلمىنى ،رىسقىنى مۇھتاجغا   ئاتاپ،
چىچەكلەپ مىۋىگە  كىردى  ئارمىنى.

قارا تۈن بەردى ماڭا قاپ-قارا كۆزنى ،ئىزدەيمەن شۇ كۆز بىلەن نۇرلۇق كۈندۈزنى.
                     3                     -  گۇچىڭ ‹‹بىر ئەۋلات كىشىلىرى››دىن
                
گومىنداڭ باستۇرۇپ كەلگەن چاغدىمۇ ،
مەرىپەت چىرىغى ياندى  لاۋۇلداپ .
شىڭ شىسەي ئۆچۈرگەن ‹‹ جىن چىراغ››نىمۇ،
يورۇتتى  ھەر يەردە يانغان ئىنقىلاپ.

ياڭرىدى ھەر يەردە ئازاتلىق كۈيى ،
باشلاندى  شەرقچە نەغمە ناۋامۇ.
ئۆزگەردى مەزلۇمنىڭ رايىشلىق خۇيى،
ئوڭشالدى نەپەسنى قىسقان ھاۋامۇ.

‹‹قالسىمۇ بايلىقلار›› بۇلاڭ -تالاڭدا،
‹‹قۇتادغۇ بىلىگ››لەر قالدى ساقلىنىپ .
قالساقمۇ ‹‹تۆت پاسىق›› قوزغىغان چاڭدا،
يالغان ۋە خاتادىن چىقتۇق ئاقلىنىپ.

ئاللاقۇلھاجىنىڭ روھى كۆتىرىلىپ ،
يۇرتۇمدا يۈز ئاچتى بۈگۈن مائارىپ .
ئىسلاھات ،ھالقىشقا ،ئىدراك يۈزلىنىپ،
روھ ئۇرغۇپ ،قەدەملەر بېسىلدى غالىپ.

يۇرتۇمغا كەلگەندە داھى ئەخمەتجان،
ئاللاھنىڭ قۇلىغا ئوقۇدى تەھسىن .
تاڭلارنىڭ كۇيچىسى ھەتتا تېيىپجان ،
دىدى:‹‹ئەل ئوغلىنى چىقارما ئەستىن››.

‹‹ئىرپاننىڭ خورىزى ››-دىدى سەيپىدىن ،
كېلەچەك ئىشقىدا ئۆرتەنگەن  زاتنى.
پەن ،بىلىم ،ھېكمەتكە كىم قويسا زېھىن ،
ئاقىل- شۇ، تاپىدۇ  جەزمەن  مۇراتنى.

ئوغرىلار ئايدىڭدىن قورقىدۇ ئەجەپ،
‹‹ياڭ››،‹‹جىن››،‹‹شېڭ››ئوغرىلار پاكىتتۇر ئاڭا.
ئېتىقاد،  دىل ، دىننى  قىلىدۇ    بىزەپ،
ئۆزۈڭدىن چىققان شۇ  ئەبلەخ  بىۋاپا.

....جىمىپ قالدى ناخشىسى، بىراق يۈرىكىمدە  قالدى بىر سادا.
                       -ۋىليام ۋاردىز ۋارد ‹‹تەنھا ئومىچى››دىن.
                    4
خىيالى قار كەبئى سىڭدى تۇپراققا،
يامغۇردەك ياشلىرى يۇدى زاۋالنى .
ئىشقىدىن ئايلاندى بىلىم -ياراققا ،
ئاڭ بىلەن تاپتى ئەل ئەقلى كامالنى.

سايىدىن غايىنىڭ يىلتىزى ئۇزۇن،
تۇتاشتى ئەۋلاتنىڭ يۇلۇن ، باغرىغا.
ئۆتكەن شۇ كۆۋرۈكى يولۇڭدىن ئۇزۇن،
ئۇ باسقان يول ئىكەن ئالتۇن  بوسۇغا.

ياخشىغا كۈن يوقكەن ،يامانغا ئۆلۈم،
ئەللىك بەش ياز -ئاياز بولدى نېسىۋەڭ.
دانادىن  ئايرىلىش  قاباھەت  كۆرۈم،
سېنىڭسىز ھەر ئىشقا تۈرەلمىدۇق   يەڭ .

يەتتە  ياش ،يەتمىش ياش قارىلىق تۇتۇپ،
تىلەشتۇق تەڭرىدىن ساڭا نۇر ئىمان.
ۋاقىتسىز  يولۇققان  ئەلەمنى  يۇتۇپ،
سەن سىزغان يول بىلەن ئاشتۇق قىر داۋان.

بوستانغا ئايلاندى جاھالەت دەشتى،
سەن قىلغان خىتاپ ۋە چۇقان -سادادا.
سەن باسقان تۇنجى خىش كۆڭۈلدىن كەشتى،
لەپىلدەپ  چىققاندا   تۇغلار     ساماغا...

تۈندىمۇ يىراقنى كۆرگەن كۆزۈڭنىڭ ،
ئاداققى كۆزلەردە  قالدىغۇ ئەكسى.
روھىڭنىڭ ،جىسمىڭنىڭ ،ھەتتا ئۆزۈڭنىڭ،
ئويغانغان پەسلىكەن يۇرتىمىز پەسلى .

مۇبارەك تەنلىرىڭ سوۋۇشتىن ئاۋۋال،
مەنىلىك تۇيغۇدا قىلدىڭ نەسىھەت ،
ئىلىمدىن كۈنۇ-تۈن تېپىڭلار كامال ،
دىگىنىڭ بىزلەرگە مىراس، ۋەسىيەت.

ئۈمۈد دىگەن نەرسىنى بار دىسىمۇ بولىدۇ يوق دىسىمۇ بولىدۇ،ئۇ زېمىندىكى يولغا ئوخشايدۇ ،زېمىندە ئەسلى يول
يوق ئىدى كىشىلەر ماڭغانسېرى يول پەيدا بولغان.
                                                                                                                 -لۇشۈن
                     5

دەرۋەقە ئىلىمدىن ئاچقۇچ ياسالدى،
سىر،تىلسىم ، زاماننىڭ دەرۋازىسىغا   .
ساۋاتسىز ،نادانغا تۈڭلۈك ئېچىلدى،
زەن سالدۇق  زېرەكنىڭ پەرۋازىسىغا.

دوسكىلار بىر بولدى ،سوسكىلارمۇ ھەم،
تىلىمىز  ،دىلىمىز  بولدى قوشگىزەك.
ئائىلە،ۋەتەندىن بولدۇق خاتىرجەم،
ئىلىم پەن ئىشقىدا جىم تۇرماس يۈرەك.

مەجبۇرى مائارىپ  كۆزلەر  ساپانى،
مەيلى كىم  شەرقتە بولسۇن غەرپتە.
سەن كۈتكەن كەلگۈسى يۇتتى بالانى،
دۇنيانى  چۈشەندۇق ئوتتۇز ھەرپتە.

قوش تىللىق  <<تەرجىمان >>ھەتتا‹‹ تىلشۇناس››،
 يېتىلىپ تىل  توزاق بولدى  ئۇلارغا.
ئىناقلىق ئەلچىسى بولدى قەھىرمان ،
چېقىن روھ چېلىندى باشقا   ئۇداردا .

ئىستەكلەر  چېچەكلەپ چاڭلاشتى ۋىسال،
ئوكسېگىن سۈمۈردۇق دوقاللاردا تەڭ.
زىل  روھىڭ قورۈنماي تۇرسىلا  خوشال،
ئەۋجىگە چىقاتتى  جاھالەتتە   جەڭ؟

رەسساملىق سەن ئۈچۈن سىزىدى سۈرەت،
شائىرلىق سېنى دەپ پۈتتى بىر داستان .
ناخشا ۋە ئۇسۇلدا تالاشتۇق نۇسرەت،
روھىڭدىن تىرىلدى يەر بىلەن ئاسمان.

ئەسلىمە يازاركەن ئەجداتقا ئەۋلات،
ھەيكەلمۇ پۈتەركەن مېتال ،جىنىستا .
ياخشىدىن ئات  قالار  ،يامانلاردىن دات،
خەلقىمگە مەدەتكار   روھىڭ  چېلىشتا.

ئۇنتۇلۇپ كەتسىمۇ مەھەللە نامى،
ئالمىشىپ قالسىمۇ دوقمۇش دوقمۇشقا .
ئۇنتۇلۇپ كەتمىدى دەستۇر كىتابى،
ئېرىشتى  ئۇنى ئەل قايتا  ئوقۇشقا.

مەرىپەت كۆكسىگە ئىزناك تاقىدى،
جىڭ، بوزقىر، ئىلىنىڭ پەن ئىلھامچىسى.
گۇمراھلار توپىغا ئىدراك  ساقىدى،
ئۇچ ئىمام *ئۇلارنىڭ بولدى ئەلچىسى.

سەن يىپەك يولىدا تىكلىدىڭ نوپۇز،
يوللىرىڭ <<تەۋپىق >>ۋە <<ئايخان>>غا تۇتاش.
سەن ‹‹سامان يولى››دا چاقنىغان يۇلتۇز،
ھەقىقەت تېغىنى  قىلدىڭسەن  ھاپاش.

- قىيامەتنىڭ   پىلتىسى   مائارىپ   زاۋال   تاپقان   يەردە...
                                            -   يالقۇن روزى

خاتىمە

بۇ ئانا تۇپراقتا  غەمگۇزار تولا،
ساخاۋەت،ئېزگۈلۈك خىسلىتىگە باي.
ئۇلارنىڭ ئەمەسكەن ئىزلىرى غۇۋا،
گۇۋاھكەن ئۇنىڭغا قۇياش ،تولۇنئاي.

چېچەكسىز دەيدۇ كىم ئەجداد تىلىكى،
ئالدىماق نە ھاجەت ئۆزنى ،ئۆزگىنى.
ساپاسىز  ھاياتنىڭ  نىمە  كېرىكى،
كىم قالسا ئارقىدا شۇدۇر ئۆلگىنى.

مەرىپەت ئوچىقى تاۋلىغان يۈرەك ،
ياقتىغۇ  بىز ئۈچۈن  زۇلمەتكە  گۈلخان.
روھىيەت  غۇنچىسى ئاشتىغۇ  پورەك،
ئاڭا بىر  مۇساپىر  بەردىغۇ  نىشان .

ئاللانىڭ قۇلى-ئۇ، << قۇل››لارغا قاياش،
پاچاقلاپ تاشلىدى كونا  ساپاننى .
دۇرۇستۇر  ناداننى كالتەكلەش، ساۋاش،
نومۇستۇر  سالماسلىق جەندە چاپاننى .

مائارىپ - زەر  قۇياش  بىلگەنگە  ئەبەد،
زاۋال  يا  كامالدىن   چىققىن   ئايرىلىپ،
مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئەمەس   سەلتەنئەت،
ئاقىلغا،ئۆتمۈشكە باققىن  قايرىلىپ؟!

(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)

تامام

پايدىلانمىلار:
1. ئىمىنچوڭ ساۋۇت ئەپەندى يازغان ‹‹داخىيەنزىنىڭ يېڭىچە مىللى مائارىپىغا ئاساس سالغۇچى-ئاللاقۇلى ھاجى›› ناملىق ئەسىرى  ‹‹بورتالا گېزىتى››2011-يىلى18-فېۋرال سانى.
2. نۇرمۇھەممەت توختى مەرگەن يازغان ‹‹جىڭ ناھىيەسىنىڭ يېڭىچە ئۇيغۇر باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ تۇنجى
ئوقۇتقۇچىسى-مۇھەممەت شامى››ناملىق ئەسىرى ‹‹بورتالا گېزىتى››2011-يىلى 27-ئىيۇل سانى.
3. ئابدۇۋېلى ئەر تۇرانىڭ <<داخىيەنزىنىڭ  مەدەنىيەت تارىخىغا قىسقىچە نەزەر>>ناملىق ماقالىسى،<<بوراتالا گېزىتى>> 2011-يىلى25-ئاپرېل سانى .
4.جىڭ ناھىيە ئاقچى دېھقانچىلىق مەيداننىڭ پېنسىيونېرى ئەركىن توختاخۇننىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرى.
5.ئاللاقۇلى ھاجىنىڭ تۇققانلىرىدىن سەكىنەخان ئەمەتجاننىڭ ئەسلىمىلىرى...
6.ئاللاقۇلھاجىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن  تاشخان  مۇھەممەت نورۇز ، مۇھەممەت ھاجى (مەسىفۇ) يەنى مۇھەممەت ئاشپەز،مۆدۈنھاجى....قاتارلىقلارنىڭ بايانلىرى...
7.ئۈچ ئىمام*-ئاللاقۇلى ھاجىدىن كېيىن 1906- 1930يىلغىچە مەكتەپكە مۇدىر بولغان  موللا مۇسا ئىمام ،ئەمەت ئىمام ،ياقۇپ ئىمام قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ...
8.تەقىيە*-ئەرەپچە دوپپىنىڭ بىر خىلى دىگەن مەنىدە.،داخىيەنزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئويمان يەر شەكلى ئۇنىڭ شۇنداق ئاتىلىشىنڭ بىر مەنبەسى بولۇپ قالغان...فېتر* بولسا -چار روسىيە پادىشاھى، فېتر -روسىيەلىك تېخنىكنى كۆرسىتىدۇ.
9.خەيرىيە*- ئىلىدا  مەرىپەتپەرۋەر ھۈسەيىنبەگ 1890-يىللاردا  قۇرغان  پەننى مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ.    تەلىمىيە* -بورتالادا 1900-يىللاردا قۇرۇلغان مەكتەپنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقۇرقى ئاغزاكى ۋە يازما  ئۇچۇرنىڭ ئەھلى- ساھىبىلىرىگە مىننەتدارلىقىمنى  بىلدۈرىمەن.
   2012-يىلى 12-فېۋرال






                                                                                         
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-04-26 16:24قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
ھىدايەت
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 184
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
تۆھپىسى: 25
پۇلى: 320 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 50
ياخشى باھا: 320
توردا: 66(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-12
ئاخىرقى: 2012-11-16
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-09 17:24

داۋامىغا تەشنامىز ...
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 156 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 156
توردا: 39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-11-16
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-09 20:51

ياخشى يىزىپسىز  . داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز .



     «  تەقىيە  » نى  « تاقىيا » ياكى  « تار قىيا  » دەپ ئالسىڭىز  قانداقكىن ؟ مىنىڭچە بۇ نام داخيەنزىنىڭ ئەسلى نامى .
داخيەنزىنىڭ  ئەسلى ئىسمىنى  تار قىيا دەپ چۈشىنىمەن . چۈنكى سايرامدىن تا ئۈرىمچىگىچە بولغان ئارلىقتا تەڭرى تاغ تىزمىللىرىدىكى ئېرىگەن قار مۇزلاردىن شەكىللەنگەن چوڭ -كىچىك ئېقىنلار تاغ باغرىنى بويلاپ سايلارغا ئېقىپ ، چوڭ كىچىك دەريالارنى شەكىللەندۈرگەن ، مۇشۇ دەريالارغا قارايدىغان بولساق دەخياڭزى دەرياسىنىڭ قېنى ھەقىقەتەن تىك ھەم تار . بۇنىڭغا ئۇخشاش تار ھەم تىك قىيا باشقا دەريالاردا كۆرىلمەيدۇ .  شۇڭا ئەجداتلىرىمىز بۇ يەرگە « تار قىيا » دەپ ئىسىم قويغان بولىشى مۈمكىن . بۇ نام ھازىرمۇ قازاق قېرىنداشلاردا  تاقىيا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىپ كىلىۋاتىدۇ . ئادەتتىمۇ بىز «تار »  نى  « تا  » دەپ ،   تەلەپپۇز قىلىمىز .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-09 21:24

[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-10 20:12قايتا تەھرىرلىدى ]
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-09 23:22

ئاياز ئەپەندى:
‹‹تەقىيە››-دىگەن ئەرەپچە سۆز بولۇپ ،دوپپىنىڭ يەنى باش كىيىمنىڭ بىر خىلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇسۆزنىڭ مەنىسى  داخىيەنزىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئويمان يەر شەكلىگە ماس كېلىدىكەن . سىز دىگەن مەنبەدىنمۇ پايدىلىنىشقا بولىدىكەن ،ئابدۇۋېلى تۇرسۇن ئەرتۇرا ئەپەندى ھەم نۇرمۇھەممەت توختى مەرگەن،شۇنداقلا داخىيەنزى بازارلىق سابىق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىنچوڭ ساۋۇتنىڭ ‹‹ئاللاقۇلى ھاجى›› ھەققىدىكى بىرىنچى قول يازمىسىدا داخىيەنزىنىڭ نامى <<باياشات>.<<مولچىلىق >>دىگەن مەنبەلەر بويىچە ھەم  سىز دىگەندەك نۇقتىدىن  يورۇتىلغان  يەرلىرىمۇ بار ،بىز توغرىسى تېپىلغۇچە ئىزدىنىپ كۆرسەك بولغۇدەك؟ پىكرىڭىزدىن مىننەتدارمەن!
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-10 20:11قايتا تەھرىرلىدى ]
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 11:47

  تاڭ خورىزى چىللاپتۇ غەپلەت ئۇيقىدىن ئويغان دەپ،
  تۆرەم نەزىم تۈزۈپتۇ بۇ << خوراز >>نى بىلگىن دەپ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 12:51

ئىشچاننىڭ خورىزى بالدۇر چىللايدۇ،
‹‹شامال››كۆز ئاچمىسام مېنى تىللايدۇ؟
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 13:17

  _كەيبىيات ئوبدان بولسا سۇمۇ تاتلىق تېتىيدۇ.

                                      _ ئاتىلار سۆزى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1152
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 152
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە152دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 156 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 156
توردا: 39(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2012-11-16
8- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 17:55

قارخان ئەپەندى چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەخمەت . ئەلۋەتتە دىيارىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى خەلق ئىچىدە ئومۇملاشسا ھەممىمىز ئالامچە خۇش بولاتتۇق .


داستانىڭىزنىڭ ئاخىرىنى كۆرىشكە ئالدىراۋاتىمىز . تولا شامالغا ئۇسۇل ئويناۋەرمەي داستانىڭىزغا قايتىپ كېلىڭ  خا ..خا .. خا...
ئىپپەت -ئانىلىقنىڭ چېچەك پەسلى .
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1162
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1113
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1113دانە
تۆھپىسى: 108
پۇلى: 1384 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 216
ياخشى باھا: 1334
توردا: 225(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-11-16
9- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-10 19:38

مائارىپ بولمايدىكەن بىلىم ، ئىقتىدار كەسپچانلىق بولمايدۇ، بىرمىللەتنىڭ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلىمۇ بولمايدۇ.

-فرانسىيە
داۋامىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمىز....