ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 512 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۇلبۇل قوتاندا ،ئېشەك بوستاندا
دوستلىشىش
كان-تۈرك
دەرىجە: ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1069
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 173
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە173دانە
تۆھپىسى: 71
پۇلى: 328 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 132
ياخشى باھا: 323
توردا: 110(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-10-13
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 17:32

بۇلبۇل قوتاندا ،ئېشەك بوستاندا

بۇلبۇل قوتاندا ،ئېشەك بوستاندا

-«ئاقسۇدىكى غېرىپ خىياللار»نىڭ ئۈچىنچى قىسمى

بوزقىر


شۇنداق قىلىپ 1989-يىلى ياز ئايلىرى كىرىشى بېلەن تەڭلا « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى » ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى» دېگەن چىرايلىق قالپاقنى كىيىگەنگە تۇشلۇق خىزمەت تەقسىماتىغا  %100لىك ئۈمىد بېلەن قاراپ ،كەلگۈسى ئىستىقپالىمىز ھەققىدە گۈزەل غايىۋى خىياللار قوينىدا ئەللەيلىنۋاتتاتتۇق. چۈنكى، بىز دەرۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدىكى ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى ئىدۇق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاخبارات ساھەسى بىزگە ئوخشاش كەسپىي خادىملارغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق ئىدى.يەنە كېلىپ بىزنى ئىككى يىل مەخسۇس خەنزۇ تىلى ئوقۇغان، تۆت يىللىق كەسپىي دەرىسلەرنىڭ يېرىمىنى خەنزۇ تىلىدا ئاڭلاپ ، خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن  تۇنجى«قوش تىللىق ئاخباراتچى»لار دېسىمۇ بولاتتى. شۇ چاغدىكى كەسىپ ئېھتىياجى بويىچە ئېيىتقاندىمۇ ، سىنىپىزمىزدىكى 30نەپەر تۇنجى قارارلىق«قوش تىللىق ئاخباراتچى» لارنىڭ ھەممىسىنى ئۈرۈمچىدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلغان تەقدىردىمۇ تېخى ئېھتىياجىنى بىر پۈتۈن قامداپ كېتەلمەيىتتى.
ۋەھالەنكى، ئەھۋال بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. بىزدەك « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى» نى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق، باشلامچىلىق رولىمىزىنى جارىي قىلدۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق پۈتكۈل ئاپتونوم رايوىنىمىزنىڭ مىللىي ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرىتكە بولۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش تامامەن مۇمكىن ۋە زۆرۈر ئىش بولسىمۇ ئەمما ، بىز ئۇنداق پۇرسەتلەردىن  مەھرۇم قىلىندۇق. سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ «سۆھبەتلىشىش» تىكى مۇددائىسىنى تولۇق چۈشەنگەن ئاز بىر قىسىم ساۋاقداشلاردىن باشقىلىرى«سوتسىيالىستىك ئاخباراتچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش» ئۈچۈن تۆۋەنگە تەقسىم قىلىۋېتىلدى. ۋىلايەت- ئوبلاسىت،ناھىيە، شەھەرلىك سوتسىيالىستىك ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى »،« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى» غا  ئانچە قىزغىن قۇچاق ئېچىپ كەتمىدى. شۇ ئورۇنلارغا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن تالاي ساۋاقداشلىرىمىز ئاز بولمىغان بەدەللەرنى تۆلىدى.ئايلاپ ،  يىللاپ خىزمەت كۈتتى. ھەتتا سوتسىيالىستىك ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن  خىزمەت چىقماي يېزىلارغا بېرىپ كەنىت ئىشلەپچىقىرىش كادىرى بولۇشقا مەجبۇر بولغان ، 6يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا شۇنچە جاپادا توپلىغان نەزەرىيىۋى بىلىملىرىنى ئىشلىتىدىغان مۇۋاپىق ئورۇن تاپالماي ، بەربات بولغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئوتىدا كۈيۈپ ئاچچىق يۇتقاننىڭ ئۈستىگە يېزا كادىرلىرىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان مالايلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ھار ئېلىپ ، ئاچچىق يۇتۇپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ پارالىچ بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ؛ دەرىت -ئەلەم دەستىدىن چۈشكۈنلۈشۈپ  كېسەل بېلەن بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ھەتتا تەركىي ۋەتەن بولۇپ كەتكەن ساۋاقداشلارمۇ چىقتى.
مانا بۇنى 1983-يىلى دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدا ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئېلىپ، شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرىشىغا ئېرىشىكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىككى يىل تەييارلىق سىنىپىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ ، ھۆكۈمەت تۈسىنى ئالغان 1-قېتىملىق ئالدامچىلىقنىڭ كاساپىتدىن شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىغا بېرىپ ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغاندىن  كېيىن« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى»،« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى » دېگەندەك چىرايلىق قالپاقلارنى كىيگەنگە تۇشلۇق پىرىنسىپ بويىچە خىزمەت تەقسىماتىغا ئېرىشەلمەي 2-قېتىم ئالدىنىشى دېيىشكە بولاتتى.
جۈملىدىن سىنىپ مۇدىرىمنىڭ سۆزى بويىچە، « دەرىس نەتىجەم  ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن  ، سىنىپ ئۆگۈنۈش ھەيئىتىلىك ۋەزىپىنى ياخشى ئاتقۇرۇپ كەلگەن ، ياپونىيىلىك كوجىما ياسنۇرى مەكتىپىمىزدە تەسىس قىلغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن  ، پىراكتىكا نەتىجەممۇ ئالاھىدە ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن  ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسسىرتاتسىيەممۇ يۇقۇرى باھالارغا ئېرىشكەن ؛ بولۇپمۇ دەرىستىن سىرىتقى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتراپلىق ماتېرىيال كۆرۈپ، جاپالىق ئىزدىنىش ئاساسىدا مەتبۇئاتلاردا بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ، تەرجىمە ئەسەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلىپ كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ؛ شۇ نەتىجلىرىم بېلەن مەكتەپتە قېلىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشۇمغا تامامەن شەرتىم توشۇدىغان» مېنىڭمۇ خىزمەت تەقسىماتىمنى نەتىجىسىز بولدى ، دېيىشكە بولاتتى.
       چۈنكى ،يەرلىكتىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا ئىشقا چۈشۈپ بىر ناننىڭ ئىگىسى بولۇشۇم ئاسانغا چۈشمىدى. مۇناسىۋەت ئىزدەش، داستىرخان كۆتۈرۈش،نۇرغۇن ۋەدىلەرنى بېرىش بەدىلىگە ئاران شەھەر سىرتىدىكى ئىچىنى يانتاق ، قۇمۇش ۋە ھەرخىل ياۋا ئۆسۈملۈكلەر بېسىپ كەتكەن ئىپتىدائىي ھالەتتىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئاران كىرەلىدىم. « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى » ،«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى »نىڭ بىرى بولغان مېنىڭ بۇ ئىستانسىنىڭ دەرۋازىسىدىن مۇشۇنداق تەستە كىرەلىشىمگە قاراپ ،چوقۇم بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا چەتئەللەردىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان دوكتورلار،ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ماگىستىرلار خىزمەت قىلىدىغان چېغى، دەپ جەزىم قىلىپ خېلىلا ۋەسۋەسىگە چۈشۈپ قالغانىدىم. ئىشقا چۈشۈپ ئۇزىمايلا بۇ ئىستانسىدا ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرىسنى پۈتتۈرگەنلەردىن ئۆزۈم بېلەن قوشقاندا ئاران ئۈچلا ئادەم بارلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. بۇ ھەيرانلىقىم ئۇزىمايلا نۇرغۇن ئازاپلىق خىياللارغا پىلتە بولدى. ئوتتۇرا ئالىي تېخنىكوملارنى ئاندا-مۇندا ئوقۇغانلارمۇ چاغلىقلا ئىدى. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن، ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان ۋە باشقا كارخانا ئورۇنلىرىدىن ئالمىشىپ كەلگەنلەر خېلىلا كۆپ ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە پار قازان ئىشچىسى بولغانلارمۇ بار ئىدى.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدى –كەينى ۋە يانلىرىدىكى يوللار توپىلىق بولۇپ ، ھەتتا بەزى جايلاردىكى توپىلار ئادەمنىڭ ھوشۇقىدىن ئېشىپ تىزىغا كېلەتتى. ئەتراپتا ئاشخانا بولمىغاچقا ۋېلىسپىت بېلەن ئەشۇنداق توپا يوللارنى كېچىپ مېڭىپ شەھەرگە كىرىپ تاماق يەپ چىقىشقا توغرا كېلەتتى. بىر قېتىم بېرىپ-كەلگەن ئادەمنىڭ ئۈستى-باشلىرى  توپا-چاڭلارغا كۆمۈلۈپ كېتەتتى. بۇ خىل مۇھىت ۋە بىر توپ ساۋادسىزلار ئىچىدە ئۆزۈمنى خۇددى باشقا بىر پىلانىتقا بېرىپ قالغاندەك ياكى قانداقتۇر ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىغا بېرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ئازاپلىناتتىم.  چۈنكى، ئىدىيە-ئوي-پىكىر ئوخشىمىغاچقا ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان گەپلەرنىمۇ ئاسان چۈشەنگىلى بولمايىتتى.ئۇلار ئۆزلىرىچە مۇشۇنداق موھىم ئورۇندا خىزمەت قىلىشقانلىقلىرىدىن ئالەمچە پەخىرلىنىش ھېس قىلىشاتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئىشلەۋاتقان بۇ ئورۇننى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى خىزمەت ئورنى ،دەپ قارىشاتتى. دېمىسىمۇ شۇ چاغلاردا تېلېۋىزىيە يېڭىدىن پەيدا بولغان زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىسى بولۇپ ، كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان ساھەگە ئايلانغانىدى. بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ئۆزلىرىنى شۇنداق چوڭ تۇتىشىمۇ شۇ ۋەجىدىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە كىشىلەردە  شۇنچە قىزىقىش قوزغاشتا تېلېۋىزىيىنىڭ ئۇچۇر تارقىتىشتىكى رولىغا قارىغاندا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېچىشتىكى رولى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغانلىقىدىن ئىدى.
     « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلىرى »،« ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى»نىڭ بىرى بولغۇنۇمغا قارىماي بۇ يەردە ماڭا ئۆزۈم ئوقۇغان كەسىپتىن ئەمەس بەلكى تەرجىمانلىق كەسپىدىن خىزمەت چىققانىدى.تېخى بۇ خىزمەتكىمۇ نۇرغۇن ئەگرى –توقاي مۇناسىۋەت يوللىرىنى مېڭىشتىن باشقا ئىمتاھانغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ كىرگەنىدىم. ئۆزۈم ئوقۇغان كەسىپنى قىلىمەن ، دېسەم بۇ خىزمەت تۈگۈل يېزىغا چۈشۈپ ئىشلەپچىقىرىش كادىرى بولماقتىن باشقا چارە يوق ئىدى.ئەمما ، ئېغىزدا شۇنداق دېيىلگەن بېلەن شۇنچىلىك بىرەر خىزمەتنىڭ چىقىش-چىقماسلىقىغىمۇ بىر نېمە دەپ بولمايىتتى.
  بۇ ئىشلار ئەسلىدە شۇنداق بولماسلىققا تېگىشلىك بولسىمۇ ئەمما شۇنداق بولۇشى كېرەك ئىدى.ئاخباراتچىلىق ئۆزۈم ئوقۇغان كەسىپ، تەرجىمانلىق بولسا ماڭا يات كەسىپ ھېساپلىناتتى. شۇڭا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئۆگەنگەنلىرىمنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ ،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئۆگەنگەن ئىككى يىللىق خەنزۇ تىلى ئاساسىمغا تايىنىپ بۇ ساھەگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتمەكتىن باشقا چارە يوق ئىدى.تەرجىمانلىقنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ھەققىدە ئىلگىرى ئاز-تولا ئاساسىم بولغاچقا ماڭا ئانچە ناتونۇش ھېساپلانمايتتى. يەنە كېلىپ ئاخباراتچىلىق ئۆزۈم ئوقۇغان كەسپىم ئىدى. شۇڭا، ئاخبارات تەرجىمانلىقىدىن ئىبارەت بىر يېڭى كەسىپ ئەھلىگە ئايلىنىشقا بەل باغلىغانىدىم.
ئۇ چاغلاردا كومپىيۇتېر يوق بولغاچقا ئاتالمىش مۇخبىرلار خەۋەرلەرنى قولىدا يازاتتى. تېخى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇ تىلىدا يېزىلىپ تارقىتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتالاتتى. ئۇيغۇر تىلىدا خەۋەر يازىدىغان ۋە ئۇنى تەھرىرلەپ تارقىتىدىغان ئىشلاردىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايىتتى. چۈشتىن كېيىن  دېكتور خەۋەرلەرنى ئوقۇپ بولۇپ ئورگىنالنى ماڭا بېرەتتى.مەن ئۇنى كېچىچە تەرجىمە قىلىپ ئەتىسى تەھرىرگە تاپشۇراتتىم.مۇخبىر ئاتالغان ئەشۇ يېرىم ساۋادلىقلارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ ئەسلى مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز بولغاچقا يازغان خەۋەرلىرى ئاخبارات ئۆلچىمىدىن كۆپ يىراق ئىدى. بۇنى تەرجىمە جەريانىدا ئۆزۈم تامامەن ئوڭشاپ ، قېلىپقا سېلىپ كېتەلەيىتتىم. ئەمما، قائىدىگە چۈشمەيدىغان بىرى-بىرىدىن سەت ئىرماش-چىرماش خەنزۇچە خەتلەرنى ئوقۇش بىر گەپ ئىدى.پەقەت ئوقۇيالىساملا مەنىسىنى چۈشىنەلەيىتتىم. ئوقۇيالمىغان خەتلەرنى قوشنىلىرىمدىن سورايىتتىم. ئەمما، مەن ئوقۇيالمىغان ئەشۇ خەتلەرنى كۆپ ھاللاردا ئەشۇ خەنزۇ قوشنىلىرىممۇ  ئوقۇيالمايدىغان بولۇپ چىقاتتى. شۇنىڭ بېلەن پەقەت ئوقۇيالمىغان ئەشۇ خەتلەرنى ئېلىپ قويۇپ ئەتىسى شۇنى يازغان مۇخبىرنىڭ ئۆزىدىن سورايىتتىم.مۇبادا شۇ مۇخبىر ئۆزى بولماي مۇخبىرلىققا چىقىپ كەتكەن بولسا ۋېلىسپىتنى مىنىپ ،توپا كېچىپ شەھەرگە كىرىپ پىشقەدەم تەرجىمانلاردىن سورىغاچ تەلىم ئالاتتىم.مەن ئوقۇيالمىغان شۇ خەتلەرنى كۆپ ھاللاردا ئۇستازلارمۇ ئوقۇيالماي قالاتتى.ئاخىر بېرىپ ئۇ لۇغەتتىنمۇ چىقمايدىغان خاتا خەت بولۇپ چىقاتتى.بۇنداق چاغلاردا تەرجىمە ئورگىنالىنى ۋاقتىدا تاپشۇرالماي خەۋەر تارقىتىش ئىشلىرىغا تەسىر يېتىپ قالسا خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىم سۈرۈشتۈرۈلۈپ تەنقىت ئاڭلايدىغان ئىشلارمۇ ئاندا-ساندا رۇي بېرىپ تۇراتتى.بىرەر خەتنى ئوقۇيالماي قالغان كۈنلىرى ياكى تەنقىت ئاڭلىغان كۈنلىرى ئازاپلانغانلىغىمدىن تاڭ ئاتقۇچە كۆز يۇمماي چىقاتتىم.ھەتتا بەزىدە كۆزلىرىمدىن ئاچچىق ياشلارمۇ تۆكۈلەتتى. تۈگىمەس سوئاللار نېرۋىلىرىمنى توخراۋسىز غىدىقلايىتتى.
نېمە ئۈچۈن مەندەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە ئاخبارات كەسپىنىڭ مىللىي تىلدىكى تۇنجى قارارلىق ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ئوقۇغۇچىسى ئۆز كەسپىگە قويۇلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن « ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ  مىللىي تىلدىكى ئالىي مائارىپ ئاخبارات كەسپىنىڭ يول ئاچقۇچىلىرى» بولغان مەندەك بىر كەسىپ ئەھلىنىڭ خىزمەت تاپمىقى شۇنچە تەسكە توختايدۇيۇ، تۈزۈك ئوقۇمىغان چالا ساۋادلار بۇنداق ئورۇنلارغا بىمالال كىرىپ كېتەلەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئويناپ-ياشاپ تۈزۈك ئوقۇمىغان ئەشۇ ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەلىيى كېلىپ ئۈرۈمچىدە قېلىپ ئۆز كەسپىنى قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇيۇ مەندەك ئىزچىل ياخشى ئوقۇپ ئگىنىش ھەيئىتى بولغان ھەم ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن مەندەك بىر ئەلاچى ئوقۇغۇچى تۆۋەنگە ھەيدىۋېتىلگېنىنى ئاز دەپ يەنە كەسىپ ئۆزگەرتىپ ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا مەجبۇر بولىدۇ؟ مۇشۇنداق بولغاندا ياخشى بېلەن ناچار  پەرىق ئېتىلمىسە ، ئۇلار ئۆز كەسپىگە قويۇلمىسا ئىقتىساس ئىگىلىرى ئىسراپ بولۇپلا قالماي يەنە دۆلەتنىڭ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر كەسىپنى ئىگىلىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان شۇنچە كۆپ ئىقتىسادى زايە كەتكەن بولماسمۇ؟ بۇنىڭدىكى جاۋابكارلىق زادى كىملەردە؟
كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بېلەن خەنزۇ مۇخبىرلارنىڭ خەت پوچۇركىسىنىمۇ توغرا ئىگىلەپ ئۇلارنىڭ خېتىنىمۇ توختاۋسىز ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتتىم. ھەتتا نە ئاختۇرسا لۇغەتتىن چىقمايدىغان، نە باشقىلاردىن سورىسا ئوقۇيالمايدىغان خاتا خەتلىرىنىڭ توغرا يېزىلىشى ۋە ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلىرىنىمۇ ئىگىلىۋالدىم. شۇ چاغدا بار مۇخبىرلارنىڭ ئالدىراپ خىزمەت يۆتكىمەسلىگىنى ،يېڭىدىن مۇخبىر كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلاتتىم. چۈنكى، يېڭى مۇخبىرلارنىڭ پۇچۇركىسىنى ئىگىلەشكىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت كېتەتتى.قىزىق ئىش ،شۇ چاغدا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بىر ئۇيغۇر مۇخبىر بار ئىدى. خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇپ شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخباراتچىلىق كەسپىنى  پۈتتۈرگەن بۇ مۇخبىر خەۋەرنى خەنزۇچە يازغىنىغا يارىشا ئاخبارات قانۇنىيىتى بويىچە شۇنداق ئۆلەملىك يازاتتى. خېتىمۇ شۇنداق ئۆلچەملىك بولۇپ مەن ئوقۇيالمايدىغان خەتلەر چىقمايىتتى. ئانا يېزىقىنى بىلمەيدىغان بۇ ئۇيغۇرنىڭ خەۋىرىنى مەندەك يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ تەرجىمە قىلىشى گەرچە بىمەنىلىك بولسىمۇ ئەمما، نېمىشقىدۇر مەن ئۈچۈن ئۇنىڭ خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئەڭ ھوزۇرلۇق ئىش ئىدى.
شۇ چاغدىكى تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىقى ئاساسلىقى ئەمەلدارلار- رەھبەرلەرنىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىنى خەۋەر قىلىشنى ئاساس قىلاتتى. رەھبەرلەرمۇ مۇخبىر كەلمىگۈچە يىغىننى باشلىمايىتتى.مۇخبىرلارسىز تەكشۈرۈشكە ماڭمايىتتى.بىز ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا ئوقۇتقۇچىمىز « ئىت ئادەمنى چىشلىۋالسا خەۋەر بولمايىدۇ، ئادەم ئىتنى چىشلىۋالسا خەۋەر بولىدۇ» دەپ ئۆتكەنىدى.ئەمما مەن تۇرىۋاتقان شۇ رېئاللىقتا بىرەر ئىت ئەمەلدارنى چىشلىۋالسىمۇ ھەتتا قاتتىقراق بىرەرنى ئوسۇرۇپ تاشلىسىمۇ مۇخبىرلارنىڭ نەزىرىدە خەۋەر بولىۋېرەتتى. شۇڭا ، خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رەھبەرلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم ئىسمى بېلەن توشۇپ كېتەتتى.رەھبەرلەرمۇ ھەر كۈنى ھەرقانداق ئالدىراش ئىشلىرىنى تاشلاپ خەۋەر كۆۈدىغان چېغى ئۆز ئىسمىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسا ياكى ئىسمى چۈشۈپ قالسىلا شۇ ھامان تېلېفون قىلىپ مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈررەتتى. شۇڭا رەھبەرلەرنىڭ ئىسمىگە ئالاھىدە سەزگۈر مۇئامىلە قىلىناتتى.ھەتتا شۇ چاغدا مەلۇم بىر ناھىيىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىلا كۆرۈمسىز بولغان ئەپتى بېلەن ھېساپلاشماستىن تېلېۋىزور ئېكرانىدىكى سۆرىتىنى ئۆلچەمسىز بوپ قاپتۇ دەپ قاراپ ،تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇللىرىنى تەنقىتلىگەنلىكىدەك كۈلكىلىك ئىشلارمۇ يۈز بەرگەنىدى.
شۇ چاغدا مەن مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇققانىدىم.بەزى مۇخبىرلار ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئىسمىنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بىرلا خەنزۇچە خەتنى ئېلىپلا ئارقىسىغا ئەمەل نامىنى قوشۇپ يېزىپ خەۋەر يېزىشاتتى.ئەسلىدە بۇ ئاخبارات ئىلمىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ بولۇپ، ئادەملەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى تولۇق، توغرا يېزىلىشى كېرەك بولسىمۇ ئەمما، بۇنداق خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويۇلغانىدى. بىر كۈنى بىر مۇخبىر يازغان خەۋىرىگە «吐专员» دەپ يېزىپتۇ. بۇنى«تۇرسۇن ۋالىي »،« تۇردى ۋالىي»،« تۇرغۇن ۋالىي »،« تۇراپ ۋالىي »،« تۇراۋۇدۇن ۋالىي »،« تۇنياز ۋالىي » دېگەندەك كۆپ خىل ھالەت بويىچە تەرجىمە قىلسا قىلچە خاتا بولمايىتتى.شۇڭا مەنمۇ ئۇنى « تۇ ۋالىي » دەپلا  تەرجىمە قىلىپ يېزىپ قويدۇم. ئەسلىدە مەن ئۇنى ئادىتىم بويىچە سوراپ ئايدىڭلاشتۇرۇپ تولۇق ، توغرا تەرجىمە قىلسام بولاتتى. ئەمما ، مەن ئۇلارنىڭ پۇقىنى ئېيتىپ مېڭىۋەرگىنىم بېلەن ئۇلار بۇنى بىلىپ كەتمىگەننىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق خاتالىقلارغا ئىزچىل يول قويىۋەرگىنى ئۈچۈن بۇنىڭغا خاتىمە بەرمەي بولمايىتتى. ئاخىر بۇ ئىشمۇ شۇ دائىرىدە پىرىنسىپقا كۆتۈرۈلۈپ بۇ ھەقتە مەخسۇس يىغىن ئېچىلدى. يىغىندا مەن ئاخبارات ئىلمىنىڭ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ھالدايۈز بېرىۋاتقان ئەمەلىي مەسىلىلەر ھەققىدە پاكىتلىق مىساللارنى كەلتۈرۈپ سۆزلىدىم. مەسئۇللار پىكرىمنى ئورۇنلۇق ، دەپ ھېساپلاپ مۇخبىرلارغا بولغان تەلەپنى يۇقۇرلاتتى ھەمدە ئىملاسى خاتا، مەزمۇنى پۈچەك، ئاخبارات قىممىتى يوق خەۋەرلەرنى يازغان مۇخبىرلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن چارە كۆرۈش بەلگۈلىمىسى يولغا قويۇلدى.بۇ ھال مېنىڭ تەرجىمە خىزمىتىمگە خېلى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە خىزمىتىمنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا يۆتكەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.بۇ رەھبەرلەرنىڭ مېنىڭ جاپالىق ئۆگۈنۈش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنىڭ مەھسئۇلى بولسا كېرەك، دەپ خوش بولدۇم . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئىشنىڭ ئۇنداق ئەمەسلىكى ئايان بولدى.   مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومنى  پۈتتۈرگەن بالىسىنى  خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قارار قىلىنىپتۇ. ئاتا-بالا بىر ئىدارىدە ئىشلىسە بولمايدۇ ، دەپ قارالغاچقا مېنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى خىزمەت ئورنۇمنى بىكارلىتىپ ، مېنىڭ ئورنۇمغا شۇ باشلىقنىڭ ئاغزىدىن ئانا سۈتى تېخى كەتمىگەن بالىسىىنى تىقىپ ، مېنى ئىدارىگە يۆتكىمەكچى بولغانىكەن.شۇ چاغدا ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن «بالا كادىر»نىڭ خىزمەتكە ئورۇنلۇشۇشىنىڭ شۇنچە ئاسانلىقى مېنى ھەيران قالدۇرغانىدى. داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرى خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە ئاي-يىللارنى رەھبەرلەرنىڭ تەستىقىغا تەلمۈرۈپ ئۆتكۈزىۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە بۇنىڭدىن ھەيران قالمايدىغان كىم بار دەيسىز؟ تېخى شۇ چاغدا دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرگەن يەنە بىر قىزىنى تۆت ئورۇن تالىشىپ قاپتۇ، ھەتتا ئورۇن رەھبەرلىرى بىرى- بىرى بېلەن ئازارلىشىپ قاپتۇ،دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالغانىدىم.ئەسلىدە شۇ قىزنىڭ دادىسى كاتتا ئەمەلدار بولغانلىقى ئۈچۈنلا تالاشتا قالغانىكەن.كېيىنكى يىللاردا مەلۇم ناھىيىگە كوماندىروپكىغا بېرىپ قالدىم.شۇ ناھىيىدىكى بىر ئىدارىنىڭ باشلىقى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ نازىرىنىڭ بىر تۇغقىنىنى نۇرغۇن ئىدارىلەر بەس-بەستە تالىشىۋاتقان ئەھۋالدا ناھايتى ئۈنۈملۈك چارىلەرنى قوللۇنۇپ مىڭ تەستە ئىدارىغا يۆتكەپ ئەكىلىۋالغانلىقىنى، بۇنىڭ شۇ ناھىيىنىڭ كەسپىي ئىشلار  تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مالىيە كاپالىتى بېلەن تەمىن ئېتىشتە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى دوكلات قىلغاندا شۇ رەھبەرنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قابىلىيەتلىكلىكى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنىدى.ئەسىلىدە  بىر مالىيە نازىرىنىڭ ئۆز تۇغقىنى بار ئىدارىگە خالىغانچە پۇل تەستىقلاپ بېرىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەت بەلگۈلىمىرىگە تۈپتىن خىلاپ ئىدى. كېيىن سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەم نازىرنىڭ ئەشۇ تالاشتا قالغان تۇغقىنى تۈزۈك مەلۇماتى يوق كىشى ئىكەن. ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەن ئەھۋاللاردىن قارىغاندىمۇ ئۇ كىشىنىڭ كىيىنىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇش مەدەنىيىتىدىنمۇ ئانچە خەۋىرى يوقلۇقى ئىسپاتلانغانىدىى.شۇ چاغلاردا« تالاشتا قالغان نازىرنىڭ تۇغقىنى» ناملىق بىر ھېكايە يېزىشنىمۇ ئويلىشىپ قويغانىدىم.
مەن يەنە بىر مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئوغلىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان رايوندىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، شۇ ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ مۇدىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئوغلىنى ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئىدارىغا كادىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغىمۇ شاھىت بولغانىدىم.بۇنىڭدىن « ئۆزۈمنىڭ بالىسىنى ئۆز ئىدارەمگە ئورۇنلاشتۇرىۋالسام پىكىر چىقىشى مۇمكىن . شۇڭا سېنىڭ بالاڭنى مەن ئىدارەمگە ئورۇنلاشتۇراي ، مېنىڭ بالامنى سەن ئىدارەڭگە ئورۇنلاشتۇر » دېگەن مەنا چىقاتتى. دەرۋەقە ، بۇنداق ئادەم ئالماشتۇرۇش سودىسىنىڭ پىرىنسىپقا تاقىشىدىغان نەرى بار دەيسىز؟ بۇنىڭغا كىممۇ بىر نېمە دېيەلىسۇن؟ تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ئەشۇ ناھىيە دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن ئوغلىنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنىغا  كەلگەندىن كېيىنكى ئازادە خىزمەت مۇھىتى، ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايدىغان ئەركىن –ئازادە  روھى-ھالىتى ، ھەممە ئادەمنىڭ ۋاي دەپ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى ئىدى .بۇ  جەھەتتە مەن ئۇنىڭدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنەتتىم.ئاددىيسى ئۇ خىزمەتتىن چۈشۈپلا ھاراق ئىچىپ ئويۇن-تاماشىنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا  مەن كېچىلەپ دۈم يېتىپ لۇغەت ئاختۇرۇپ ئايىغى چىقماس  تەرجىمە خىزمىتى بېلەن مەشخۇل بولاتتىم.مەيلى نېمىلا دېمەيلى، ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن تولۇق ئوتتۇرا سەۋىيىسىدىكى بۇ بالىنى پارقازان ئىشچىلىقىدىن كادىرلىققا ئالمىشىۋالغان ھېلىقى باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەلۇماتىدىكى كىشىدىن كۆپ ئۈستۈن ،دېمەسلىككە چارە يوق ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا قىزىل ئارمىيەگە قاتناشقان بىر پىشقەدەم ئەمەلدارنىڭ ئوغلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى يېڭىدىن قۇرۇلغاندا ئېتىبار بېلەن شۇ يەرگە ئورۇنلۇشۇپتۇ.كېيىنچە ئۇ ھە دېسە باشقىلار بېلەن جىدەللىشىپ چاتاق تېرىپلا يۈرگەچكە ئىستانسا رەھبەرلىرى ئۇنى نېرۋىسىدىن چاتاق چىقىپ يېرىم ساراڭ بولۇپ قاپتۇ  دەپ قاراپ ، ئۇنىڭغا ئىشقا كەلسە ئىش ھەققى تۇتىدىغان ، ئىشقا كەلمىسە ئىش ھەققىنى توللۇق بېرىدىغان تۈزۈم بەلگۈلەپ بېرىپتۇ. ئىستانسا رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئۇ قانچە يىراققا كەتسە شۇنچە ياخشىكەن.بۇنى ئاڭلاپ ئىشقا كەلسە مائاش بېرىلمەيدىغان ئىشقا كەلمىسە ئىش ھەققىنى كەم قىلماي ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئەشۇ سۆيۈملۈك «يېرىم ساراڭ»غا شۇنداق مەسلىگىم كەلدى.كېيىنچە ئۇنىڭ بېلەن تونۇشۇپمۇ قالدىم . مېنى كۆرسىلا يىراقتىن ئىسمىمنى توۋلاپ قىزغىن كۆرۈشۈپ كېتىدىغان 30نەچچە  ياشلاردىكى ئۇ ئاكاشنىڭ ھەقىقەتەن ئادەمگە ياقىدىغان تەرەپلىرى بار ئىدى.بەكلا قىزغىن ھەم مۇڭداشقاق ئىدى. مەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن تولا گەپ قىلىدىغان ئادىتىدىن باشقا خىزمەت ئىشلىيەلمىگىدەك دەرىجىدىكى بىرەر بىنورماللىقنى سەزمىگەنىدىم.مۇشۇنداق چاغلاردا شۇنچە جاپادا نۇقتۇلۇق ئۇنۋېرسىتېتلارنى تەستە پۈتتۈرۈپ ئۆز كەسپىگە مۇۋاپىق كەلگۈدەك بىرەر خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە تەمتىرەپ يۈرگەن سىتودېنىتلارنى ئويلاپ بوغۇزۇمغا قاتتىق بىر نېمە تۈرۈپ قالغاندەك ھېس قىلىپ ئازاپلىنىپ كېتەتتىم .
شۇنداق قىلىپ  يېڭى ئىدارىغا ئىشقا چۈشتۈم.ئۇلار ماڭا خىزمەت بىناسىنىڭ بىر بۇلىڭىدىن بىر بوش ئىشخانىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ ھەم ئىشخانام ھەم ياتىقىم ئىدى. ئىدارە شەھەرنىڭ مەركىزىدە بولغاچقا تاماق ۋە باشقا جەھەتتىن كۆپ قولايلىقلارغا ئېرىشتىم. يەنە كېلىپ كىتابخانا ۋە قىرائەتخانىلارغىمۇ يېقىن ئىدى. تېخىمۇ موھىمى مەن بۇ يەرگە خىزمەت ئېھتىياجىدىن ئەمەس بەلكى باشلىقنىڭ «بالا كادىر»غا ئورۇن بوشىتىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىدىنلا چىققاچقا كۆپ ھاللاردا مەن بېلەن باشقىلارنىڭ ئانچە كارى بولمايىتتى. بۇ مەن ئۈچۈن يېزىش،تەرجىمە قىلىش، ۋە ئۆگۈنۈشۈمگە ئەڭ پايدىلىق ئىدى. بۇنداق ئەۋزەل شارائىتنى كۆرۈپ مېنى مۇشۇ پۇرسەتكە ئېرىشتۈرۈشكە سەۋەب بولغان باشلىقنىڭ قىزىغا ئىچىمدە مىڭلارچە رەھمەت ئېيىتتىم.
ئەمما بۇ خوشاللىقىممۇ ئانچە ئۇزۇنغا بارمىدى. مېنىڭ ئورنۇمغا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا چىققان باشلىقنىڭ «بالا كادىر»ى تەرجىمانلىق خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالمىغاچقا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاخبارات تارقىتىش خىزمىتى ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچراپتۇدەك. شۇڭا رەھبەرلىك قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق مېنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قايتىپ ھېلىقى قىزغا 6ئاي ياردەمدە بولۇشۇمنى بەلگۈلەپتۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە «ياردەمدە بولۇش» دېيىلسىمۇ ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، بەلكى كاتىپلىققا ، يەنىمۇ كونكىرىتنى قىلىپ ئېيىتقاندا ، مالايلىققا تۇتۇپ بەرگەنلىك ئىدى.شۇنىڭ بېلەن مەن ھېلىقى «بالا كادىر»نىڭ مالايلىقىنى قىلىش ئۈچۈن يەنە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قايتا چىقتىم.كىچىگىدىنلا خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان بۇ قىزغا تەرجىمانلىقتى ئۈگىتىمەن ،دېيىش ئەخمەقنىڭ خىيالىدىن بۆلەك نەرسە ئەمەسىدى. شۇڭا تەرجىمە ئورگىنالىنىڭ بەلگۈلەنگەن ۋاقىتتا پۈتۈپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە ئۆزۈم قول تۇتۇپ ئىشلەشكە توغرا كەلدى. شۇنداق قىلىپ 6يىل ئالىي مەكتەپتە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن ئۆزۈمنىڭ ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن بىر«بالا كادىر»نىڭ خۇسۇسىي تەرجىمانىغا ئايلىنىپ قالغىنىمغا ھەيران قالماقتىدىم.
شۇ چاغلاردا مەن بىر خەنزۇچە ژۇرنالدىن«بەش ياشلىق كادىر » غا ئالاقىدار بىر ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ « ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلغانىدىم. شۇ ماقالىدە ئىچكىرىدىكى مەلۇم ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ بەش ياشلىق قىزىنى رەسمىي تۈردە كادىرلىق شىتاتىغا كىرگۈزۈپ ، دۆلەت تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلغانلىقىغا ئائىت ،كىشىنى ئويغا سالىدىغان ئىشلار بايان قىلىنغانىدى. بۇنى شۇ چاغدىكى يېشى ئەڭ كىچىك دۆلەت كادىرى ،دېيىشكە بولاتتى. ھازىر ئەھۋالدا قانچىلىك ئۆزگىرىش بولغانلىقى ماڭا نامەلۇم. شۇنداقتىمۇ بۇنداق ئىشلار ئوڭشالماقتا تۈگۈل تېخىمۇ تەتۈرىسىگە قاراپ مېڭىۋاتامدىكىن دەيمەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەمەلدارلاردىكى ئاتا-بالىلارنىڭ بىر ئىدارىدا ئىشلىشىگە  چەك قويۇلغاچقا ئۇلار ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ كېتەلەيىتتى.بۇنداق ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئىدارىدا ئىشلىشىدىن ھېچقانداق پەرقى بولمايىتتتى. ئەمما ھازىر ئەر-خوتۇن،ئاتا-بالا، ئانا-بالىلارنىڭ بىر ئىدارىدا ئىشلىشى ھەتتا كۈيئوغۇل ۋە كېلىنلەرنىڭمۇ بىر ئىدارىدە ئىشلىشى ئادەتتىكى گەپكە ئايلىنىپ قالغىلى تۇرغاندەك قىلىدۇ.مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغانلا بولسا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە ئورۇنلۇرى قولىدا ھوقۇقى بارلارنىڭ جەمەتىدىكىلەر بېلەن توشۇپ كېتىپ ، خۇسۇسى ئىدارىغا ئايلىنىپ كېتەمدۇ-قانداق؟
شۇ يوسۇندا 6ئاي ۋاقىتمۇ ئۆتۈپ كەتتى. ھېلىقى «بالا كادىر»مۇ ھەرھالدا ئاددىي خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلالايدىغان سەۋىيىگە يەتتى.ئاڭغىچە نېمىشقىدۇر ئىدارەنىڭمۇ ماڭا ھاجىتى چۈشۈپ قاپتۇدەك.شۇڭا چوڭ-چوڭ پائالىيەتلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەر چىققاندا مەن بېرىپ ياردەملىشىدىغانغا ،ئادەتتىكى ئەھۋالدا  خەۋەرلەرنى ئالدىمغا ئەكەلسە قىلىپ بېرىدىغانغا پۈتۈشتۈرۈپ مېنى يەنە ئىدارىغا ياندۇرۇپ چىقتى. ئىدارىدا ئاساسەن ھۆججەت، يىغىن ماتېرىياللىرى ، باھالاشقا يوللىنىدىغان پروگراممىلارنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى، ۋە ئۇنۋان ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلاتتىم قالغان ۋاقىتلىرىدا ئۆز ئىجادىيىتىمنى داۋاملاشتۇراتتىم.
شۇ چاغدىن باشلاپلا جەمئىيەتتە خېلىلا ئومۇمىيلىشىپ قالغان ئىقتىدارسىزلارنى ئىقتىدارلىقلارنىڭ گەجگىسىگە چىقىرىپ قويۇش ، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىقتەك بىمەنە كەيپىياتنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىيلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىنىشقا ۋە بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرۈشكە باشلىدىم. كۆرگەن ماتېرىياللىرىم ئىچىدە « سۇ بويىدا » رومانىدىكى ئەمىر گاۋچىيۇنىڭ چاقماق تېزلىكىدە مەنسەپنىڭ چوققىسىغا چىقىشتىكى ماھارىتى مەندە ئۆز گىچە پىكىر ئىلھامى قوزغايىتتى.ھەممىگە مەلۇمكى، گاۋچىيۇ نە تۈزۈك ئائىلە تەربىيىسى ،نە مەكتەپ تەربىيىسى كۆرمىگەن كوچا داشقىلى. بۇ سولتەك بىر دورا دۇكىنىغا ياللىنىپ ئىشلەش جەريانىدا خوجايىننىڭ نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي ھە دېسە ئىش تاشلايدۇ، كوچىلاردىكى سالپا-ساياقلار بېلەن ئېغىز –بۇرۇن يالىشىپ ،جىدەل-ماجرانى كۆرسە بەش- توققۇز مەزە قولتۇقلاپ بارىدۇ. بىر قېتىم كوچا لۈكچەكلىرى بېلەن جىدەل چىقىرىپ قاتتىق دۇمبا يەيدۇ.شۇنچە نەسىھەت قىلىپمۇ ئاڭلىتالمىغان دورا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئاخىر ئۇنى ئىشتىن ھەيدەيدۇ. نە قورساق باققۇدەك پۇلى ،نە پۇت تىققۇدەك ئۆيىنىڭ تايىنى يوق بۇ يالاڭتۆش يىغلاپ يالۋۇرىدۇ. دورا دۇكىنىنىڭ خوجايىنىنىىڭ رەھىمى كېلىپ ، مەكتۇپ  پۈتۈپ ئۇنى بىر تونۇشىنىڭ ھوزۇرىغا تونۇشتۇرپ قويىدۇ.تەقدىر گاۋچىيۇنى مۇشۇ يوسۇندا قەدەممۇ-قەدەم خان ئوردىسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.بىر قېتىم ئۇ خوجايىنىنىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن خانغا مەۋلۇت سوۋغىسى ئاپارغىلى خان ئوردىسىغا كىرگەندە  پادىشاھنىڭ توپ تېپىۋاتقانلىقى ئۈستىگە كېلىپ قالىدۇ.ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتا قىلالايدىغان بىردىن بىر ھۆنىرى توپ تېپىش بولغاچقا ئالدىغا كەلگەن توپنى پۈتۈن ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئەپچىللىك بېلەن تېپىدۇ. گاۋچىيۇنىڭ توپ ماھارىتىگە قايىل بولغان پادىشاھ ئۇنى ئوردىدا ئېلىپ قالىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭغا مەنسەپ بېرىدۇ.
ۋەزىرلەر پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىپ ھېچقانداق ئۇمىچى يوق بىر كوچا لۈكچىكىگە مەنسەپ بېرىشنىڭ ئوردا ئەركانلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتقاندا پادىشاھ« ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ كېتىدۇ » دەپ جاۋاپ بېرىدۇ زەردە بېلەن. سوڭ خاقانى گاۋ خۇيزوڭ كەشىپ قىلغان «ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ كېتىدۇ»دېگەن ئەمەلدارلىق پىرىنسىپى بۈگۈنكى كۈندىمۇ تېخىچە كۈچتىن قالغىنى يوق. بۈگۈنكىدەك ھوقۇق سودىسى ئەۋىج ئالغان جەمئىيەتتە ئۇ ئىقتىدارسىزلارغا چاپان يېپىشنىڭ ئەڭ ئاساسىي دەسمايىسىگە ئايلانماقتا. گاۋچىيۇغۇ قۇرسىقىدا ئېلىپنىڭ سۇنىقىمۇ بولمىغىنى بېلەن ھەر ھالدا توپ تېپىشنىمۇ بولسا بىلىدىكەن.ۋەھالەنكى ، ھازىرقى قىسمەن ئەمەلدارلاردا قورسىقىدا ئۇمىچىنىڭ تايىنى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە نە بىرەر ئارتۇقچىلىقتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا قاراپ گاۋچىيۇنى پوق قورساقلىقتا بەك ئەيىپلەپ كەتكىلىمۇ بولمىغۇدەك، دەپ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە.تېخى « گاۋچىيۇ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيىتتى» ناملىق ماقالىنى يازغان خوۋ گوپىڭ ئەپەندى مۇنداق دەپ يېزىپتۇ : « فېليەتون يازىدىغان بىر دوستەك  يېقىندا گاۋ چىيۇ ھەققىدە بىر ماقالە يېزىپتۇ. ئۇ ماقالىسىدە نە قەلەمدە، نە ئەلەمدە ھېچقانداق ئىقتىدارى يوق شەرقىي ئاستانە كوچىلىرىدا تەمتىرەپ يۅرگەن  بىر سالپا-ساياق سولتەكنىڭ بىر توپ تېپىش بېلەنلا تەلىيى كېلىپ، ئەمىرلىك مەنسەپ كۇرسىغا ئولتۇرۇپ قالغانلىقىنى قەيىت قىپتۇ. شۇ ماقالىنى ئوقۇۋېتىپ ئويلىنىپ قالدىم. شۇ دوستەك  نېمە مەسىلىنى يورۇتماقچىكىنە ؟ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، 700نەچچە يىل بۇرۇنقى سوڭ سۇلالىسى فېۋدال خاندانلىق تۈزۈمىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت. شۇنداق ئىكەن ئەمەلدارلارنىڭ دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان بولىدىغان گەپ.شۇنداق تۇرۇپ كىممۇ خاندانلىقنىڭ گېپىنى يىرالىسۇن دەيسىز؟ بولۇپمۇ گاۋ خۇيزوڭ گاۋ چىيۇنى ياخشى كادىر ،دېسە كىممۇ ئۇنى قارا قورساق،دېيىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟ بۇ پەقەت خان ئالىيلىرى بېلەن ئىدىيە جەھەتتىكى يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىماسلىققا ھېچكىمنىڭ ھەددى ئەمەسلىكى ھەممىگە ئايان بولغىندەىكلا بىر ئىش ، خالاس. ئوخشىمىغان كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا توغرا كەلگەن تەقدىردىمۇ گەپ قىلماي يەنە 700نەچچە يىل ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان گەپ.
         ۋەھالەنكى، 700يىلدىن كېيىن ئۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمىلەرنىمۇ كەم-كۈتسىز بولدى دېگىلى بولامدۇ؟ بۇنىسى ناتايىن. ئاۋال شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش زۆرۈركى، گاۋ چىيۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيدۇ، بۇ ساھەدە ئۇنى ئەڭ ماھىر توپچى، خەلقئارلىق چولپان دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مۇبادا جۇڭگونىڭ پۇتپول كوماندىسىدا مۇشۇنداق ماھىر تەنھەركەتچىدىن بىرسى بولىدىغانلا بولسا ئالامەت ئىش بولغان بولارىدى. شۇنداق بولغىنىدا تالاي توپ مەستانىلىرى ئۇنى مەبۇد تىكلەپ ،  ئۇنىڭ ئايىقىغا باش قويغان بولاردىدى.» [1]
مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا كىشىلەردىن ئاڭلىغان مۇنداق بىر ئىش ئېسىمدىن كەچتى  : بىر ئورۇننىڭ ئەمەلدارى يېنىك ئاتلېتكا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ قىسقا ئارىلىققا تېز يۈگرەش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئېلىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن كوماندا ئۆمىكىدىكى بىر ماھىرنى  مۇكاپاتلاش يىغىنىدا خۇلاسە سۆزى قىلىپ ، نەتىجىلەرنى تېخىمۇ جارىي قىلدۇرۇپ ، ئەڭ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئەڭ قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈشنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىپتۇ. شۇ ئەمەلدارچە بولغاندا يۈگرەشكە كەتكەن ۋاقىت قانچە ئۇزۇن، قانچە كۆپ بولغانسېرى نەتىجە شۇنچە ئاشىدىكەن.كاللىسى ئىقتىسادنىڭ « ئېشىش» . « كۆپىيىش» ھەققىدىكى ئۇقۇملىرى بېلەن توشۇپ كەتكەن بۇ ئەمەلدار تەنتەربىيە ساھەلىرىدىكى ۋاقىتنىڭ ئېشىپ بېرىشىنىمۇ بىر خىل نەتىجە دەپ قارىغان. شۇنىسى ئېنىقكى بۇ ئەمەلدارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ساۋادىنىڭ دەرۋەقە گاۋچىيۇغا يەتمەيدىغانلىقى راسىت.
خوۋ گوپىڭ ئەپەندى گاۋچىيۇنىڭ توپ تېپىش ماھارىتىنى توللۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بېلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭ بەزى ئادىل تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق يېزىپتۇ : «گاۋچىيۇ ھەققىدە توختالساق ، ئۇنىڭ لىن چوڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ ، ئۇنىڭ خوتۇنىنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تۈزىگەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئەخلاق ساپاسىنىڭ نەقەدەر تۆۋەن، نىيىتىنىڭ نەقەدەر قارا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالايدىغانلىقى راسىت. ئەمما، ئۇنىڭدىكى ھوقۇقىغا تايىنىپ ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش خاھىشىنى ئۇنچە بەك كۈچلۈك دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئوردىدىكى ھۆكۈمەت ئاپاراتلىرىغا مەمۇر قوبۇل قىلىشتا يەرلىكتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارنى قوبۇل قىلىپ ، كوچا-كۇيلاردىكى بىكارچىلارنى ئازايىتقان.بۇنى ئوردىدىكى ۋەزىر ئەزەم سەي جىڭ غوجامنىڭ ئۆزىنىڭ 9ئوغلىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋالغانلىقىغا نىسبەتەن روشەن سېلىشتۇرما قىلىشقا بولىدۇ. گاۋچىيۇنىڭمۇ ئۆز يېقىن-يورۇقلىرىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋېلىشى ھېچقانچە تەس ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر ئېغىز گەپ بېلەنلا پۈتىدىغان ئىش ئىدى. ئەمما، گاۋ چىيۇ نېمىشقا بۇنداق قىلمىغان ؟ بۇنىڭدا پەقەت بىرلا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بولسىمۇ گاۋ چىيۇنىڭ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپىشنى بىلىدىغانلىقىدا بولسا كېرەك ، ئەتىمالىم.» [2] FZi@h
دۇرۇس، سوڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكى ۋەزىر ئەزەم سەي جىڭ غوجامنىڭ ئۆزىنىڭ 9ئوغلىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋالغانلىقىغا ئوخشاش ئىشلارنى ئارىدىن 700يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى ئازات ،ھۆر زاماندا يوق دەپ كىممۇ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ مەن ئىستانسىدا تەرجىمانلىق قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىنى پۈتتۈرگەن سىتودېنىتلىرى خىزمەت ئىزدەپ كېلىپ تۇردى. ھەتتا بەزىسى نەچچە ئاي سىناق تەرىقىسىدە بىكارغا ئىشلەپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئوقۇغان كەسپىگە  ماس كېلىدىغان شۇنداق ئورۇندا خىزمەت ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى.«شىتات يوق» دېگەن باھانە ئۇلارنى ئۈمىدسىز ھالدا قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇرلىدى.ئەمما،«شىتات يوق» ئەھۋالدىمۇ نېمىشقىدۇر تۈزۈك ئوقۇمىغان ، قورسىقىدىكى ئۇمىچىنىڭ تايىنى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە كەسىپكىمۇ توغرا كەلمەيدىغانلار ھەر خىل مۇناسىۋەت يوللىرى بېلەن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋەردى.
مەن ھازىرغىچە «شىتات» دېگەن نەرسىنىڭ زادى قانداق تۈس ئالغان سېھىرلىك نەرسە ئىكەنلىكىنىڭ تېگىگە  يېتەلمىدىم. بەلكىم «شىتات»دېگەن بۇ نەرسە سوڭ سۇلالىسىدەك مۇستەبىتلىك ھۆكۈم سۈرگەن فېۋدالىزىم دەۋرىدىمۇ مەۋجۇت بولسا كېرەك. بولمىسا ۋەزىر ئەزەم سەي جىڭ غوجام «شىتات»نى ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىن چىقىرىپلا 9ئوغلىنى ئوردىغا ھۆكۈمەت ئەمەلدارى قىلىپ ئورۇنلاشتۇرالارمىدى؟ تېخىمۇ قىزىق يېرى نېمىشقىدۇرھازىر ئورگانلارنى ئىخچاملاش مەزمۇنىدىكى ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى شوئارى قانچە كۈچەپ توۋلانغانسېرى ئىدارە-ئورگان ھەم خادىملار شۇنچە كۆپىيىپ كېتىۋاتقاندەك قىلىدۇ.يېڭىدىن خىزمەتكە چىققاندا مەن تۇرىۋاتقان يەرلىكتىكى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئۈچ قەۋەتلىك بىر ئاددىي بىناسى بار ئىدى.قاچان ھۆكۈمەت ئاپپارات ئىسلاھاتى شوئارى توۋلاندى شۇندىن باشلاپ ئورگان ھەم خادىملار ئۈچ قەۋەتلىك بىناغا سىغماي ئۇنىڭ ئالدىغا شۇنداق كۆركەم،ھەيۋەتلىك ھەم ئىگىز بىنادىن بىرسى قەد كۆتۈردى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىر شۇ بىنامۇ كىچىكلىك قىلىۋېتىپتۇدەك.
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىراۋ ماڭا مۇنداق بىر راسىت بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى.خېلى يىللار ئىلگىرى مەلۇم ناھيىدىن ئىككى ساۋاقداش شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ.بۇلاردىن بىرسى قۇرساققا ئامراق بولغاچقا مەكتەپ تامىقىغا كۆنمەي ئىككى يىل ئوقا-ئوقۇمايلا كۈردە-كۆرپىلىرىنى كۆتۈرۈپ يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ.ئۇ چاغلاردا ساۋادلىقلارغا بولغان ئېھتىياج كۈچلۈك بولغاچقا ناھىيە نېمىلا بولمىسۇن ئىككى يىل ئالىي مەكتەپ قارىسى كۆرگەن بۇ بالىنى ساقچىلىققا قوبۇل قىپتۇ.شۇندىن كېيىن بۇ بالا ساقچىلىقتىن ئىدارە باشلىقلىقىغا، ئىدارە باشلىقىلىقىدىن ھاكىملىققا ،ئاندىن ۋالىيلىققا، ئەڭ ئاخىردا ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلىققىچە دەرىجىمۇ-دەرىجە ئۆسۈپتۇ. مەكتەپتە قېلىپ ، جاپالىق شارائىتنى يېڭىپ ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ساۋاقدىشى بولسا بەش يىللىق ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بېلەن تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بوپتۇ ھەم بىر ئۆمۈر يېزا مەكتىپىدە ئىشلەپ پىنسىيىگە چىقىپتۇ. مانا بۇ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇيغۇرچىلىق! ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتكەن بىرسى ئۆلكە دەرىجىلىك تەمىناتتىن بەھرىمەن بولسا ، جاپاغا چىداپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغىنى ھېچقانداق دەرىجە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالماپتۇ. ئۆز بېشىمدىن كەچۈرگەن ئەمەلىيىتىمدىن قارىغاندىمۇ بۇنى يالغان دېيىشكە تىلىم بارمايىتتى.يەنە كېلىپ 22يىللىق خىزمەت ھاياتىمدا ئۆزۈمدىن كۆپ ئوقۇغان بىرمۇ ئەمەلدارنىڭ قولىدا ئىشلەپ باقمىدىم.بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىم بولسا كېرەك.بەلكىم ئالىي مەكتەپنى چالا پۈتتۈرۈپ كېلىپ مۇئاۋېن مىنىستىر دەرىجىلىك مەنسەپ تۇتقان ئەمەلدارنىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە كۆتۈرۈپ چىقىدىغان ئۆزىگە تۇشلۇق پاكىتى بولۇشى مۇمكىن.دېمىسىمۇ باشلانغۇچ سەۋىيىسىدىكى  ئەمەلدارلارنى بىر بىرلەپ ساناپ بېرىشى ھەتتا چېن يوڭگۇيدەك بىر كەنىت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسىنىڭ جوڭ نەنخەيگە كىرىپ مۇئاۋېن زوڭلى بولغانلىقىنى ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ئىسپاتى قىلىشى مۇمكىن.
ئەينى ۋاقىتتا ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانى ئەمەس تەييارلىق ئىمتاھانىدىنلا شاللىنىپ كەتكەن بىر مۇنچە ساۋاقداشلىرىم ھازىر قارىسام خېلى چوڭ ئەمەللەرنىڭ ئىگىسى بوپ قاپتۇ.شۇ تاپ ئۆزۈمنىڭ دەرىجە تەمىناتىنى ئۇلار بېلەن سېلىشتۇرۇشقا تولىمۇ ئاجىزمەن.ئەمما بىرلا تېلىكىم بار.ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ قولىدا ئىشلەپ قالماسلىق. مۇبادا شۇنداق بولۇپ قالغىنىدا ماڭا قارىغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.بۇ ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئاياپ تىلىگەن تىلەكلىرىمنىڭ بىرى ئىدى.بۇرۇنقى ئىش ئورنۇمدا كەسپىي شىتاتتىكى كادىرلارنى دۆلەت مەمۇرلۇقىغا ئۆتكۈزۈش بويىچە بىر تۇتاش تەشكىللەنگەن مەمۇرلۇق ئىمتاھانىدىن ئۆتەلمىگەن بىر خىزمەتدىشىم ئاخىر بېرىپ ماڭا باشلىق بوولۇپ قېلىپ ،مېنىڭ شۇ ئىدارىدىن چىقىپ كېتىشىمدىكى ئەڭ كىچىك سەۋەبنىڭ بىرى بولۇپ قالغانىدى.
  1983-يىللىق مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسىغا قاتنىشىپ تەبىئىي پەن تۈرىدە ۋىلايىەت بويىچە ئەڭ يۇقۇرى نومۇر ئالغان بىر ساۋاقدىشىم ئاۋال غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا ئىككى يىل خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇغاندىن كېيىن بېيجىڭ جۇڭگو تىبابەتچىلىك ئىنىستىتۇتنىڭ دورىگەرلىك كەسپىدە نېرى-بېرى بولۇپ5 يىل ئوقۇپ كېلىپ ،بىرەر  كەسپىي ياكى مەمۇرىي ئورۇنلاردا ئىشلەش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ پەقەت ئۆزىنىڭ كەسپىنى دەپلا 1990-يىلى بىر دورا شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشتى.خىزمەت جەريانىدىمۇ توختىماي ئىزدەندى. بەزى تەتقىقاتلارنىمۇ ئېلىپ باردى.ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ كەسىپ تۈرلىرىدىكى مۇسابىقىلەردە 1-بولۇپ ، ئاپتونوم رايوندىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتقان ھەم ئاپتونوم رايونلۇق ئورۇنلارغا يۆيكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز يۇرتىدا قېلىپ خىزمەت ۋە تەقىقاتنى داۋاملاشتۇردى.ئۇزىمايلا شۇ قابىلىيىتى بېلەن كەسپىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋېن دېرىكتورلۇققا ئۆستۈرۈلدى.
ئەمما، كارخانا تۈزۈلمىسىنى  ئىسلاھ قىلىش دولقۇنىدا ۋەيران بولماسلىققا تېگىشلىك بولغان مونوپول تۈزۈمىدىكى بۇ كارخانا ۋەيران قىلىۋېتىلىپ، ئەشۇ ئىقتىدار ئىگىسى ئىشسىزلاشتۇرۇلدى.كارخانا ۋەيران بولسىمۇ ئەمما ،كارخانىدىكى ئەشۇنداق كەم تېپىلىدىغان ئىقتىدار ئىگىلىرىنى ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا ئورۇنلارغا تەڭشەپ ئىشقا قويۇپ ئۇلارنىڭ كۈچىدىن تولۇق پايدىلىنىش زۆرۈر ئىدى.تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى ساۋاقدىشىم شۇ ساھەدىكى مۇنتىزىم تەربىيلىنىش ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئاساسىدا يېتىلدۈرگەن نەزەرىيىۋى ۋە ئەمەلىي بىلىملىرى بېلەن  ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ ۋىلايەتلىك شۆبە ئىدارىرىسىغا ئۆستىرىلىدىغان نامزاتلار قاتارىغا كىرگەن بولسىمۇ ئەمما، ئاخىردا بېيجىڭدا بەش يىل مەخسۇس دورىگەرلىكتە ،ئىككى يىل تەييارلىقتا بولۇپ جەمئىي 7يىل ئوقۇغان قوش تىللىق ساۋاقدىشىم ئەمەس بەلكى تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكمۇ ئەمەس بەلكى ۋىلايەتتىكى تىببىي تېخنىكومدائاندا-مۇندا ئوقۇغان بىرسى تاللىنىپ كەتكەن بولدى. بۇ يەردىكى سەۋەب تولىمۇ ئاددىي، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تىببىي تېخنىكومدا بىر-ئىككى يىل ئوقۇغان ، ھەتتا ساۋاقدىشىم ئوقۇغان ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ دەرۋازىسىنى سىيلاپ بېقىشقىمۇ سالاھىيىتى توشمايدىغان شۇ كادىرنىڭ يۇقۇردا يۆلەنچۈگى بار ئىدى. ئەمەلىيەتتە پايتەخىتتىكى ئەشۇنداق نۇقتىلىق ئىنىستىتۇتنىڭ ئالاھىدە كەسپىدە شۇنچە يىل مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن يەنە كېلىپ مۇشۇ ساھەدە ئاللىقاچان ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىگە قوش تىللىق ئىختىساس ئىگىسىدىن ۋىلايەت بويىچە سانىغاندىمۇ بەش بارماق تولۇق توشماسلىقى مۇمكىن ئىدى.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باراۋەر ئاساستىكى ئادىللىق ئاساسىغا قۇرۇلغان توغرا رىقابەت مېخانىزىمىغا زىت ئەھۋاللار ئىجتىمائىي ئادىللىققا، كەسىپلەر تەرەققىياتىغا،ياراملىقلارنىڭ ئۆز تالانتىنى جارىي قىلدۇرىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي يەنە مەنپەئەت مۇناسىۋەتشۇناسلىقى، ئۇرۇغ-تۇغقان، يېقىن-يورۇقلار مۇناسىۋەتشۇناسلىقىدەك چىرىكلىك تۈسىنى ئالغان بىنورمال ھادىسىلەرنىڭ يامراپ ،ياراملىقلارنىڭ ئۈزلىكسىز شاللىنىپ يارامسىزلارنىڭ باش كۆتۈرىشىگە زېمىن ھازىرلاپ،بىر پۈتۈن مىللەت ، ھەتتا بىر پۈتۈن دۆلەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ۋە سەرخىل ئىختىساسلىقلار قوشۇنى يېتىشتۈرىشىگە ئېغىر توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق ۋە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىقنى ئاساس قىلغان قويۇق جەمەت تۈسىنى ئالغان ئپتىدائىي ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق تۈزۈمىسىنىڭ ئاخىرلاشقىنىغا نەچچە ئون ئەسىر بولغان بۈگۈنكى دېمىگراتىك قانۇن -تۈزم دەۋرىدىمۇ بىر قىسىم ئەمەلدارلار خەلق بەرگەن ھوقۇقنى باراۋەر ، ئادىللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان توغرا يۆنىلىشلىك رىقابەت ئۈستىگە دەسسىتىپ، بالا-ۋاقىسى ۋە ئۇرۇغ جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىگە چاپان ياپماقتا.نەتىجىدە ئەمەلدار تۆرىلەرنىڭ تۈزۈك ئوقۇمىغان، ئوقۇغان بولسىمۇ ئەمەلىي ئىقتىدارى يوق  قۇرۇق سۆلەت بەگزادە-خېنىملىرى پاراۋانلىقى ياخشى،ئىش سىجىللىقى ئاز ئورۇنلارغا بىمالال كىرىپ ئورۇنلىشالايدىغان،ئەمما شۇنچە جاپالىق مەرىپەت مۇساپىسىنى مۇستەقىل تاماملاپ، نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرگەن نى-نى تالانىت ئىگىلىرى ئەمەلدار ئۇرۇغ-تۇغقىنى بولمىغانلىق ياكى«ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت» كە ماھىر بولمىغانلىقى سەۋەبىدىنلا تالادا قالىدىغان بىنورمال ھادىسىلەر ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە ئازلىغان بولسىمۇ ئەمما تەلتۆكۈس تۈگىگىنى يوق.
چوڭ بۇش ئامېرىكا پېرزېنىتلىقىغا سايلانغاندا ھۆكۈمەت ئىلكىدىكى جۇڭگو تاراتقۇلىرى چوڭ بۇشنىڭ جۇڭگودا تۇرغانلىقى ، ۋېلىسپىت بېلەن بېيجىڭ كوچىلىرىنى ئايلانغانلىقى، سەددىچىنگە چىققانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشقانىدى. ئوغلى كىچىك بۇش ئامېرىكا پېرزېنىتلىقىغا سايلانغاندىمۇ ئوخشاشلا بۇش جەمەتىنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى بېلەن تونۇشلۇقى بارلىقى دەب-دەبە بېلەن تەشۋىق قىلىندى.ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى لوكېۋېن تەخىتكە چىققاندا ئۇنىڭ خەنزۇچە بىلىدىغانلىقى، خەنزۇ مەدەنىيىتى بېلەن ئۇچرىشىپ باققانلىقى ئوخشاش ئۇسۇلدا تەرغىبات قىلىندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى  ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق ۋە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىقنى ئاساس قىلغان قويۇق جەمەت تۈسىنى ئالغان ئپتىدائىي ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق تۈزۈمىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ساقىندىلىرى بولغان ھەر قانداق بىر ئىشتا « تونۇش» ئىزدەشتەك مۇناسىۋەت چەمبىرىكى ھاسىل قىلىشنىڭ زامانىمىزدىكى قالدۇقلىرىنىڭ  شەكلى ئۆزگەرگەن ئىپادىلىرىدۇر.
  ئەمەلىيەتتە بولسا مەيلى چوڭ بۇش ياكى كىچىك بۇش پېرزېنىتلىق ۋەىپىسىنى ئۆتىگەن مەزگىللەردە بولسۇن ياكى لوكېۋېن ئاۋىستىرالىيە باش مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە بولسۇن جۇڭگو- ئامېرىكا ياكى جۇڭگو- ئاۋىستىرالىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىكىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىدىغان جۇڭگوغا پايدىلىق بىرەر ئۆزگىرىش كۆرىلىپ باقمىدى. ھەتتا گۇاڭدوڭدىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان لو فامىلىلىك خەنزۇ مۇھاجىرنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ، شۇ يەرنىڭ مائارىپىدا تەربىيلەنگەن پۇشتى لوجىياخۇي ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە جۇڭگولۇقلار ئۇنىڭ خەنزۇ ئىكەنلىكىدىن ئالاھىدە پەخىرلىنىش ھېس قىلىپ نۇرغۇن ئۈمىدلىك خىياللاردا بولغانىدى. ئەمما،  لوجىياخۇي ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى بولغان مەزگىللەردە جۇڭگو –ئامېرىكا سودا مۇناسىۋىتى ئىلگىرىكىدىن جىددىيلەشسە جىددىيلەشتىكى جۇڭگونىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە پايدىلىق زور ئۆزگىرىشلەر يەنىلا مەيدانغا چىقىپ باقمىدى. لوجىياخۇي ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ئىلگىرىكى ئەندىزىسىدىن چىقىپ كەتمەي بىر خىل قېلىپتا ئەسلى ھالىتى بويىچە  داۋاملاشماقتا.
يۇقۇرقىدەك ئاتىلىق-ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋەت تۈزۈلمىسىدىن مىراس قالغان تونۇش-بىلىش جەھەتتىكى ھېسىيات يېقىنچىلىقىدىن پايدىلىنىشنى كۆزلەش ئىستىكىنىڭ  جۇڭگو جەمئىيىتىدە ئاۋام پۇقرادىن تارتىپ ھەتتا دۆلەتنىڭ خەقئارا مۇناسىۋەت-دېپلوماتىيە ساھەسىگىچە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ تۇرىشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالماي قالمايدۇ. ئەمما بۇ ھەممە ئىشلار مۇناسىۋەت تورىدىن خالىي، ئادىل، باراۋەر ئاساستىكى رىقابەت ئۈستىگە قۇرۇلغان توغرا يۆنىلىشلىك قانۇن-تۈزۈم دۆلىتى ئۈچۈن بىنورماللىق ھېساپلىنىشى مۇمكىن. بەلكىم ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان پاسسىپ تەرەپلىرىنى خەلقئارا ئىقتىساد، قانۇن ۋە دېپلوماتىيەدىن خەۋىرى بارلىكى ئادەمنىڭ ئۆزلىكىدىن قىياس قىلالىشى تەبىئىي.
تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇقى بۇ خىل مۇناسىۋەت تورى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەرخىللارنىڭ شاللىنىپ يارامسىزلارنىڭ تاللىنىشىدەك چىرىك ئىدىيە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئۇنۋېرسىتېتلارغىچە يامراپ ، يۇقۇرى تەن ساپا، ئۆتكۈر كاللىغا ئىگە تالاي ئۈمىدلىك بوغۇنلىرىنى كاردىن چىقارماقتا. ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۆز كەسپىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ۋە چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ شۇ ساھەدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشنى نىشان قىلغان ھالدا باشقا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر بىلىملەرنى تولۇقلاپ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ كەلگۈسى رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشقا شەرىت ھازىرلاشنىڭ ئورنىغا « ياشىسۇن 60نومۇر» ئىدىيىسى بويىچە لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزۈش ، مودا قوغلىشىش، مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇش، ئىچىملىك-چېكىملىككە بېرىلىشتەك پاسسىپ روھى ھالەتلىرىنىڭ شۇنچە كۈچەپ توسۇش ۋە چەكلەشلەرنى ئوڭۇشلۇق يېڭىپ دەۋرىمىزگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى ھەرگىزمۇ تەسادىبىي ئىمەس. بۇنى  دەل جەمئىيەت خاراكتىرىنى ئالغان ياخشى ئوقۇغان بېلەن ياخشى ئوقۇمىغاننى پەرىق قىلمايدىغان ؛ ياراملىقلارنىڭ ، تالانىتلىقلارنىڭ ئۈزلىكسىز شاللىنىپ ، يارامسىزلارنىڭ،چاكىنىلارنىڭ ئەتىۋارلىنىشىدەك  تەتۈر ئېقىمنىڭ سىتودېنىتلارغا كۆرسەتكەن پاسسىپ تەسىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلبەتتە.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىكى قىزىل بىنا تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بېلەنلا ئەمەس يەنەجۇڭگودىكى داڭلىق ئىنقىلابىي يازغۇچى ماۋدۇنغا ئوخشاش مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ پائايىلەتلىرى ۋە بۇ قەدىمىي مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ تالاي ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن تارىخنىڭ شاھىدى بولغانلىقى بېلەنمۇ مەشھۇردۇر . ئەنە شۇ قىزىل بىنا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا جەمئىيەتكە قانۇن كەسپى بويىچە تالاي ئوقۇغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن.
شۇ يىللاردىكى قانۇن فاكولتېتىنىڭ مەلۇم بىر سىنىپ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى لاگىرغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. بىر لاگېردىكىلەر ئەستايىدىل دەرىس ئاڭلاپ ، خاتىرە قالدۇرۇپ ، كۈتۈپخانا-قىرائەتخانىلاردا كىتاب-ماتېرىيال كۆرۈپ ، ئەتە-ئاخشاملاردا جەمئىيەت،قانۇن، دېلو ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە تۈگىمەس مۇنازىرىلەرنى قانات يايدۇرغان.ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇنازىرىلىرىگە باشقا فاكولتېت ، كەسىپتىكىلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغاپ ئۇلارمۇ قىزغىن ئىشتىراك قىلغان.
يەنە بىر لاگېردىكىلەر دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە « ياشىسۇن 60نومۇر» ئىدىيىسى بويىچە لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزۈش ، مودا قوغلىشىش، مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولۇش، ئىچىملىك-چېكىملىك بېلەن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈشكە ئاتلانغان. ئۇلارنىڭ ياتىقىدا ئولتۇرۇش-بەزمىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن.بۇ لاگېردىكىلەر ھاراق-تاماكىدىن خالى ، قويۇق ئىلىم مۇھىتىغا ئىگە يەنە بىر لاگېردىكىلەرنى زاماننىڭ كەينىدە قالغان قالاقلىقتا مەسخىرە قىلىپ ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى سوپىلارغا ئوخشىتىپ ئۇلارنىڭ ياتىقىغا« سوپىلار ياتىقى » دەپ نام بەرگەن.
    خىزمەت تەقسىماتىدا « سوپىلار ياتىقى » دىكىلەر دەرس نەتىجىسى ۋە ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقۇرىلىقىغا قارىماي ئاساسەن ئۆز يۇرتىغا تەقسىم قىلىۋېتىلگەن. بۇلاردىن بىر قىسىملىرى ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى سېياسىي-قانۇن تارماقلىرىدىن خىزمەت تاپالماي چەت-يىراق يېزىلارغا بېرىپ ھەتتا ناھىيە ئاتلاپ خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزىدىكى يۇقۇرى ئەخلاق                                               
ساپاسى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلى ئۆز رېئاللىقىدىكى يالغانچى-ساختىلىق ، چاپانچى-كۆتۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىغا ماسلىشالماي بېسىلىش ۋە قىسىلىشقا ئۇچراش سەۋەبلىك كېسەل بېسىپ بالدۇر پىنسىيىگە چىقىشقا مەجبۇر بولغان؛ بەزىلىرى ئەسلىدىكى پۇختا بىلىم ئاساسىغا تايىنىپ رەھبەرلىك ئورنىغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىلىپ يات كەسىپلەرگە يۆتكىۋېتىلىش قىسمىتىدىن خالىي بولالمىغان. ھەتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدىلا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سائەت-سائەتلەپ ئۆزى ئېيتىپ بېرىپ ئوقۇغۇچىلارغا كونسىپىك يازدۇرىشىدەك ئىجادىي تەپەككۇرنى بوغۇپ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قالاق ، ئۆلۈك ئوقۇتۇش مىتوتىغا جەڭ ئېلان قىلىپ يەنە بىر لاگېردىكىلەرنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغان ، دەرىس ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلار پائالىيەتلىرىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ياراملىق ئوقۇغۇچى ئاخىر بېرىپ خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئىشسىز قالغان . ئومۇمەن « سوپىلار ياتىقى »دىكىلەر مەيلى تەقسىمات ياكى خىزمەت ئەمەلىيتى جەريانىدا بولمىسۇن  نېمىشقىدۇر ئېغىر دەرىجىدىكى شاللىنىش خەۋىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان.
يەنە بىر لاگېردىكىلەر ئاساسەن دېگۈدەك مەركىزىي شەھەردىكى قانۇن ئورۇنلىرىغا تەقسىم قىلىنغان. ھەتتا كېيىنكى مەزگىلدە خېلى كۆپى رەھبەرلىك ئورنىغا ئۆستۈرۈلگەن. كىشىنى تېخىمۇ ئويلىنىشقا سالىدىغىنى رەھبەرلىك ئورنىغا چىققان ئەشۇ بىر نەچچىسى ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە بىر كۈنى سىرىتتا چىلاشقۇدەك ئىچىشىپ چالا مەسىت ھالدا يېرىم كېچىدە مەكتەپكە قايتىۋاتقاندا ئۈچتاش ئەتراپىدا بىر قىزنى ئۇچرىتىپ قېلىپ، قىزنى مەجبۇرىي يوسۇندا قىزىل بىنادىكى دەرىسخانىغا ئېلىپ كېلىپ نۆۋەت بېلەن باسقۇنچىلىق قىلغان.كېيىن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچى قىز ئەرىز قىلغاندا ئالاقىدار مەسئۇللار مەكتەپنىڭ ، تېخىمۇ موھىمى  بۇ مەكتەپتىكى مۇقەددەس قانۇن كەسپىنىڭ ھۆرمەت-ئىناۋىتىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىدىدە بۇ سەتچىلىكنى يەڭ ئىچىدە باستۇرىۋەتكەن. قانۇن كەسپىدە ئوقۇپ تۇرۇپ ، «جىنايەت» دېگەن بۇ سەلبىي ئۇقۇمنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق  بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە شۇ ئۆزى ئۆگۈنىۋاتقان ۋە ئۆزىگە نان بېرىدىغان بۇ مۇقەددەس قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە ئاياق ئاستى قىلىغانلارنىڭ ئاخىر بېرىپ قانۇن ساھەسىدە رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇبادا «سوپىلار ياتىقى»دىكىلەر ئەينى ۋاقىتتا باسقۇنچىلىق جىنايىتى بېلەن مەكتەپتىن قوغلىنىشلا ئەمەس بەلكى تۈرمىگە تاشلىنىشقا مۇتلەق تېگىشلىك ئەشۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قانۇن فاكولتېتىدا ئوقۇۋېتىپمۇ يەنە قانۇننىڭ جازاسىنىڭ سىرتىدا بىخارامان يايراپ يۈرىشى ، ھەتتا مەركىزىي شەھەردىكى نۇقتىلىق قانۇن ئورۇنلىرىغا خىزمەتكە چۈشۈشى ئاز كەلگەندەك رەھبەرلىك قاتلىمىغىچە بۆسۈپ كىرەلىگەنلىكىنى كۆرسە-ئاڭلىسا قانداقراق ھېسىياتقا كېلىپ قالار؟ بۇ «سوپىلار ياتىقى»دىكىلەرگىلا ئەمەس ئۇلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكىلەرگە ، ئۇرۇق-تۇغقان، بالا-ۋاقىلىرىغىچە قانداقراق تەسىر  قالدۇرار؟
يۇقۇرقىدەك ئەخلاقلىقلارنىڭ ، ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئۈزلىكسىز شاللىنىپ ، ئەخلاقسىز چاكىنىلارنىڭ ، ئىقتىدارسىز جانباقتىلارنىڭ يىلتىز تارتىپ كۆكلەپ باراقسان بولۇپ كېتىشىگە مۇنبەت تۇپراق  يارىتىپ بېرىۋاتقان جەمئىيەت تۈزۈلمىسىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك ؟ھازىرقى كۈندە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرسى  پارىخورلۇق، پاھىشۋازلىق جىنايىتى بېلەن ئۈزۈلمەي موللاق ئېتىپ قاقۇن تورىغا چۈشىۋاتقان ،يۇقۇرىسى دۆلەت دەرىجىلىك ،تۆۋىنى يېزا دەرىجىلىكتىن تەركىپ تاپقان شۇنچە كۆپ چىرىك ئەمەلدارلارغا شۇنچە سېخىلىق بېلەن قۇچاق ئېچىپ،ئۇلارنىڭ شۇنچە ئەركىنئازادە چىرىكلىشىشىگە مۇھىت يارىتىپ بېرىۋاتقان  تۈزۈلمىسىگە قانداق قاراش كېرەك؟بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەت زادى كىملەردە؟
بىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا لۇشۈن ئەپەندىنىڭ « كوڭ يىجى »ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغانىدۇق. كونا زامان جۇڭگو زىيالىيلىرىنىڭ تىپى بولغان كوڭ يىجىنىڭ ئاخىر بېرىپ باشقىلاردىن پۇل تىلەپ ھاراق ئېلىپ ئىچىدىغان بىر چۈشكۈن زابويغا ئايلىنىپ كېتىشىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز زېيالىيلارغا چىقىش يولى تېپىپ بېرەلمىگەن كونا جەمئىيەتنىڭ سېياسىي تۈزۈلمىسىگە باغلاپ چۈشەندۈرگەنىدى. ئۇنداقتا بۈگۈنكى يېڭى زامان كوڭ يىجىلىرىنىڭ پاجىئەسىنىمۇ شۇنداق چۈشىنىش مۇمكىنمۇ؟
شۇنداق ئاچچىق خىياللارنى سۈرۈپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەلۇم ناھىيىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن بىر بالا بېلەن تونۇشۇپ قالدىم.ئۇ بالا ئىچكىرىدىكى مەلۇم نۇقتىلىق ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئاتوم فىزىكىسى كەسپىدە ئوقۇپتۇ.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز كەسپىگە تەقسىم قىلىنماي مەمۇرىي خىزمەت تېپىپ جان ساقلاشقا مەجبۇر بوپتۇ.يىللاردىن بۇيان ئۇ شۇنچە جاپادا ئۆگەنگەنلىرىنى يەپ بوپتۇ.جەمئىيىتىمىزدە خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ياغاچچىلىقنى ئۆگۈنۈپ كەلگەنلەرنى تۆمۈرچىلىككە ، موزدوزنى ناۋايلىققا سالىدىغان ئەۋللارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىش مۇمكىن.
ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتسام ئاخباراتچىلىق كەسپىنى ئالتە يىل ئۆگۈنۈپ تەرجىمان بولدۇم، تەرجىمانلىق كەسپىنى 10نەچچە يىل ئۆگۈنۈپ ئەمدى ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزەي دېگەندە ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە ھەيدىلىپ ئورمانچى بولدۇم.ئەمدى بۇ يېڭى كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشكە يەنە قانچىلىك ۋاقىت ۋە زېھنىم كېتەركىن؟ بۇنداق بىمەنىلىكلەرنىڭ سەۋەبىنى سورىسا كۆپ ھاللاردا خىزمەت ئېھتىياجى ياكى ۋەزىيەت ئېھتىياجى بولۇپ چىقىدۇ.ئەمەلىيەتتە بولسا خىزمەت ۋە ۋەزىيەت ئېھتىياجى نەدىمۇ بۇنداق قىلچە ئەقىلغە سىغمايدىغان بىنورماللىقنى تەلەپ قىلسۇن؟ بۇ قاراپ تۇرۇپ زىيانكەشلىكتىن ۋە تەتۈرلۈكتىن باشقا نەرسە بولماي نېمە؟! ھۆكۈمەت ھەم شەخىسلەرنىڭ ھەر ئىككلىسىگە تولدۇرۇپ ئالغۇسىز ئىقتىسادىي ۋە روھىي زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بۇنداق تەتۈر ئېقىمنىڭ ئىچكى ئۆلكە ۋە باشقا جايلاردا قانچىلىك دەرىجىدە ئومۇمىيلاشقانلىقىدىن ئانچە خەۋىرىم يوق. ئەمما ، رايونىمىزدا ئومۇمىيەت تۈسىنى ئېلىپ قالغان بۇنداق قىلمىشنىڭ يامرىشىدا مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈش ياكى مەلۇم مەقسەت - مۇددا يوق ئەمەس دېگىلى بولمايدۇ.چۈنكى، بۇنىڭغا ھېچ بولمىغاندا كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇپ، كاللىسىنى قايدۇرۇپ، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندۇرىۋېتىشتەك شۇملۇق يوشۇرۇنغان.يەنە بىر جەھەتتىن كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇپ ۋە ئۇنىڭغا پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، قالاق ھالەتتە قالدۇرۇشتەك قارانىيەتلىكنىڭ شولىسىمۇ يوق ئەمەس! ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ۋە تۈپتىن خاتا ئىدىيە ھەركىتىدۇر. ئەپسۇسكى بۇنداق خاتا ئىدىيە ھەركىتى نېمىدەپ مۇشۇ زېمىندا ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسىغا ۋە ئىجراسىنى كۆرسۈتۈش كۈچىگە ئىگە بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ؟
    2006-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇيۇقسىز خىزمىتىمنىڭ مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى تەرجىمە بۆلۈمىدىن ئورمانچىلىق ساھەسىگە تەڭشەلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.مەن بۇ تۇيۇقسىز خەۋەردىن ھەيران قېلىپ ئورمانچىلىقنىڭ ئۆزۈم ئۆگەنگەن كەسىپكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتسام تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن باش كاتىپ ئەپەندى سوڭ سۇلالىسىنىڭ خاقانى گاۋ خۇيزوڭ كەشىپ قىلغان« ئاستا-ئاستا ئۆگۈنۈپ كېتىش» دىن ئىبارەت كادىر ئىشلىتىش پىرىنسىپىنى شىپى كەلتۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭمۇ ھاكىملىق كەسپىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ ھاكىم بولۇپ باققانلىقىنى، پارتىيىنىڭ كادىرلىرى چوقۇم نەدە ئېھتىياج بولسا شۇ يەرگە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپلا ئىشنى تۈگەتتى. شۇ يوسۇندا 3-بىر خىل يېڭى كەسىپكە قەدەم قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم. ئورمانچىلىقتىن ئىبارەت ئۆز كەسپىم بېلەن قىلچە ئالاقىسى يوق بۇ يات كەسىپنى شۇنچە بېرىلىپ ئۆگەنگەن تەقدىردىمۇ شۇ كەسىپتىن نەتىجە ياراتقىچە بولغان ئارىلىقتا پىنسىيىگە چىقىپ كېتىدىغانلىقىم مۇقەرەر ئىدى.ئەمما، مېنى يات كەسىپكە پالىغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا بولسا كەسىپتىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش دېگەن ئۇقۇم ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسىدى.ئۇلارچە بولغاندا مەن شۇ ساھەدە لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزۈپ ھۆكۈمەتنىڭ  مائاشىنى ئېلىپ جان باقساملا بولدى ئىدى. يەنە كېلىپ بۇنى نۆۋەتتىكى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئاقىلانە تەدبىرى دېيىشكە بولاتتى. دېمىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ شىرە-ئورۇندۇقلىرىنى گالۋاڭ قىلىپ ، چالىجان ئادەمدەك بىھۇش ھالەتتە ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز ھالدا قۇرۇق غەيۋەت-شىكايەت  بېلەن كۈن ئۆتكۈزۈشنىڭ  نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئېقىمغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟ بېرىلىپ ئۆگۈنۈش، تەتقىقات، ئىجادىيەت بېلەن شۇغۇللىنپ، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ  مۇشۇ ئومۇمىي ئېقىمغا قارىمۇ-قارشى قىلىپ قويۇلغىنى تېخىمۇ قىزىق!
كېيىن ئۇقسام مەھكىمە ئەمەلدارلىرى مېنىڭ ئوردىدا ئىشلىشمنى مۇۋاپىق كۆرمەپتۇدەك.ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، مەن مەھكىمىدە ئىشلەشكە «ماس كەلمەيدۇ»مىشمەن.بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالدىم.مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ماڭا شۇنداق پەتىۋا پىچىپ بەرگەن جاناپ ئۆزىنىڭ بىر بالا باققۇچىسىنى مەھكىمە ئىشخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى.ئەشۇ دېدەك بېلەن ئئۆزۈمنى بىر-بىرلەپ سېلىشتۇرما قىلىپ ماس كەلمەيدىغان تەرەپلىرىم ھەققىدە  قايتا-قايتا ئويلىنىپ باقتىم (كەچۈرۈڭلار، سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى كۆرسىتىش، ئازغىنە نەتىجىلىرىمنى داۋراڭ قىلىش،دېدەكلىك سالاھىيىتى بېلەن بولسىمۇ بىر ناننىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان ئاجىز قېرىندىشىمنى چىشلەپ تارتىش مەقسىدىم يوق ئىدى.ئەمما ئاچچىق ھاقارەت مېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدى).
    بىرىنچىدىن ، سېياسىي جەھەتتىن . مەن بىر كومپارتىيە ئەزاسى، باشتىن ئاخىر ج ك پ مەركىزىي كومېتىتى بېلەن بىردەكلىكنى ساقلىدىم.سېياسىي جەھەتتىن بىرەر مەسىلە سادىر قىلغان يېرىم يوق.ئالىي مەكتەپتىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر سېياسىي نەزەرىيە بىلىملىرىنى سىستېمىلىق ئۆگەندىم،ھەتتا پارتىيە مەكتىپىدە ئۈچ ئاي مەخسۇس تەربىيلەندىم. مەركەزدە چاقىرىلغان كەسپىي تەربىيلەش كۇرىسلىرىغىمۇ قاتناشتىم. .ئەمما ، ھېلىقى دېدەك كومپارتىيە ئەزاسى ئەمەس، شۇنداقلا ئۇنىڭ سېياسىي نەزەرىيە ساپاسىدىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ئاددىيسى ئۇ مەركىزى كومېتىت سېياسىي بىيۇرىسىدىكى توققۇز دائىمىي ھەيئەتنىڭ ئىسمىنى ئەمەس ئۆزى ئىشلەۋاتقان مەھكىمە رەھبەرلىرىنىڭ ئىسمى ھەم رەت تەرتىپىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ.
ئىككىنچىدىن، مەدەنىيەت ساپاسى جەھەتتە . مەن ئالتە يىل ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرىسنى ئەلا نەتىجە بېلەن پۈتتۈرگەن.شۇنچە سۈرۈشتۈرسەممۇ مەھكىمىدە يەتتە يىل ئوقۇغان كادىردىن بىرسىمۇ يوقكەن.ئەكسىچە ، تولىىسى ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەر ئىكەن.ھېلىقى دېدەك بولسا بەك بولسا باشلانغۇچ ياكى ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە بولۇشى مۇمكىن.
ئۈچىنچىدىن، سالاھىيەت جەھەتتىن. مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى قارمىقىدىكى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئورۇندىن كەلگەن مەركەزنىڭ كادىرى.دېدەك بولسا ئەمەلدارنىڭ بالا-ۋاقىسىنىڭ پوق-سۈيدۈكلىرىنى تۆكۈپ ، زاكىسىنى يەڭگۈشلەپ،ئۆيىنى تازىلاپ، ئەخلەت ئېلىپ، يۇندا تۆكۈپ ، كىر يۇيۇپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىدىغان قارا خىزمەتچى.
تۆتىنچىدىن، ئىقتىدار جەھەتتىن . مەن قوش تىللىق كادىر.خېلى تونۇلغان تەرجىمان، تەتقىقاتچى، يازغۇچى. 300پارچىدىن ئارتۇق  تەرجىمە ماقالەم، 60پارچىغا يېقىن ئىلمىي تەتقىقات ماقالەم ۋە تالاي ئەدەبىي ئەسەرلىرىم دۆلەت، ئاپتونوم رايون ، ۋىلايەت دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . ئىككى پارچە ئەسىرىم دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.ئۆلكە ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسىرىم 10پارچىگە يېتىدۇ. ئىككى پارچە كىتابىم شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.بىر پارچە كىتابىم ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت ئىشخانىسى تەرىپىدىن ۋىلايەت بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك« ئەڭ ياخشى كىتاب مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.كېيىنكى كىتابىمدىن قىسقارتىپ ئېلىنغان بىر پارچە تېكىست ئوتتۇرا مەكتەپ « تىل-ئەدەبىيات » دەرىسلىكىگە كىرگۈزىلىپ شىنجاڭ بويىچە ئۆتۈلمەكتە. مەن يەنە « مائارىپ لۇغىتى»نى تەرجىمە قىلىشقا  تەكلىپ بېلەن قاتناشقان.بەش كوللىكتىپ توپلامغا ئەسەرلىرىم تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. مەن تەرجىمە تەھرىرلىكى ۋە فىلىم مۇدىرلىقىنى ئۆۈستۈمگە ئالغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى« شىياڭزى تۆگە» دۆلەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ ۋىلايىتىمىزگە زور شان-شەرەپ كەلتۈرگەن.مەن تەرجىمە قىلغان 8 قىسىم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن 200قىسىمدىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە فىلىمى شىنجاڭ سۈنئىي ھەمرا تېلېۋىزىيىسى ئارقىلىق تارقىتىلغان.يۇقۇرقىدەك نەتىجىلىرىم خەلق گېزىتى نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «جۇڭگو مۇتەىەسىسلەر قامۇسى»دا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. دېدەكنىڭ ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان ئىقتىدارى بالىنىڭ پوق- سۈيدۈكلىرىنى ۋاقتىدا ئادالاپ، ئۆينى پاكىزە تازىلاپ، يۇندىنى جايىغا تۆكۈشتىن باشقا  قۇلىقى يۇمشاق بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى،بىر دېدەكتە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئىقتىدارنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
بەشىنچىدىن، يۈرۈش-تۇرۇش، تەقى-تۇرق،كېيىنىش جەھەتتە. مېنىڭ بويۇم 180سانتىمېتىر، ئېغىرلىقىم 80كىلوگرام كېلىدۇ. ئورۇقمۇ ئەمەس، سېمىزمۇ ئەمەس ئەڭ نورمال.بوي-تۇرقۇم ئەڭ ئۆلچەملىك. بەش ئەزايىم جايىدا، ھېچقانداق ئۈيەن يوق. باشقىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، تېخى مەن خىېلى كېلىشكەنلەر قاتارىدا ئىكەنمەن. يۇقۇرقىدەك تەقى-تۇرقۇم ۋە پاكىز ،رەتلىك كىيىنىش ئادىتىم بولمىغان بولسا بەلكىم شىنجاڭ بويىچە كادىر تاللاشتا مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق ئاخبارات ئورنىغا تاللىنالمىغان بولار ئىدىم.مەن تۇنجى كۆرگەن دېدەكنىڭ مېڭەمدە قېتىپ قالغان ئوبرازى مۇنداق: پادىچى ئىشتىنىنىڭ ئېغىنىڭ سىرىتمىسى ئوچۇق، قولتۇقىدىن تۈك چىقىپ قالغان، بۇرنىدىن ماڭقا ماراپ تۇرىدۇ. ئەپتىدىن بىر ئۆمۈر مۇنچىغا چۈشۈپ باقمىغاندەك كۆرۈنىدۇ.
يۇقۇرقىلار مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسىدا ئىشلەشكە «ماس كەلمەيدۇ»غان زىيالىي بېلەن «ماس كېلىدۇ»غان دېدەكنىڭ سېلىشتۇرمىسى. بۇ خىل «ماس كېلىش»-«ماس كەلمەسلىك» ھۆكۈمىنى چىقارغان ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغان يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدار كۆزىگە ئىشتان كىيىۋالمىغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ ئەقلىنىڭ بۇلغىنىپ قوينىڭ بۆرىكى بېلەن ئېشەكنىڭ تېزىكىنى پەرىق ئېتەلمەيدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغانلىقى مانا مەن،دەپ بىلىنىپلا تۇرۇپتۇ. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ كەچمىشلىرىنى سوڭ خاقانى گاۋ خۇيزوڭ كەشىپ قىلغان« ئاستا-ئاستا ئۆگىنىپ كېتىدۇ»دېگەن ئەمەلدارلىق پىرىنسىپى بويىچە تاللىنىپ ئۆسكەن ، ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرمىگەن ،ئەسلى  ساپاسى تۆۋەن ، ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ماراپ دېپلوم ئېلىۋالغان ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇ زاتى مۇبارەكنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىىدىنلا ئەمەس ئۆز سالاھىيىتىگە خاس ھالدىكى سېياسىي ساپاسىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.بولمىسا مەركەزدە ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بىر ياراملىق زىيالىينى ھۆكۈمەتنىڭ موھىم تارمىقىدىن«ماس كەلمەيدۇ»دېگەن چويلىدا توختىمايدىغان يوقىلاڭ سەۋەب بېلەن چىقىرىۋېتىپ ، ئۆيىدىكى بىر قارا خىزمەتچىنى شۇنداق ئورۇنغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويالامتى؟ بۇ پەقەت شەخسىي مەنپەئەتتىن باشقىنى ئويلىمايدىغان بىر قارا قورساق قارام تومپاينىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىش خالاس. شۇنداق تۇرۇپ ئەشۇ ئەمەلدارنىڭ يىغىنلاردا ئومۇمىيلىق، مۇقۇملىق،ساپا، تەرەققىيات، ئادىللىق، پاكلىق ، خەلق مەنپەئەتى ھەققىدە توختىماي ۋەز ئېيتىشلىرىغا نېمە دېگۈلۈككىن؟ بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىن : جاپا تارتىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بىلىم ئالغاندىن بىرەر ئەمەلدارنىڭ پىشىگە ئېسىلىپ ئۇنىڭ قارا خىزمەتچىسى بولغان ئەۋزەل. ئىقتىدارلىقلار كىرەلمىگەن يەرگە قارا خىزمەتچىلەر كىرەلەيدۇ. قارا خىزمەتچى ئەمەل تۇتۇپ بىلىمدارلارنى باش ئەگدۈرەلەيدۇ.قارا قورساق قارا قورساقلارنىڭ قاياشى.قارا قورساق ئەمەلدار بولسا قارا قورساقلارغا چاپان يېپىپ ئۇلارنى تارتىپ ئۆستۈرىدۇ. ئومۇمىيلىق، مۇقىملىق،ساپا، تەرەققىيات، ئادىللىق، پاكلىق ، خەلق مەنپەئەتى دېگەنلەر پەقەت يىغىنلاردا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈنلا دېيىلىدىغان يالغان گەپلەردۇر، خالاس.
  يەنە  ھەممىنى نۆلدىن باشلاپ يېڭى كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلەشنىڭ  كويىدا يۈرگەن كۈنلەردە بىر ۋەيران بولغان ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئىدارە رەھبىرى مېنى ئۆز كەسپىمنى ئۆگەنگىلى قويماي ھە دېسە تەرجىمانلىققا تارتىپ تۇرىۋالدى.مەن ئۇ كىشىگە ھازىر مېنىڭ تەرجىمانلىق دېگەن سالاھىيىتىمنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ، تەرجىمانلىق چاپىنىنى مەمۇرىي مەھكىمە دەرۋازىسىغا ئىلىپ قويۇپ كەلگەنلىكىمنى ، ھازىر ئۆز دائىرەمدە قىلشىقا ، ئۆگۈنۈشكە تېگىشلىك خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ بارلىقىنى، تەرجىمانلىق قىلىمەن دەپ ئۆز خىزمەت ۋەزىپەم ئورۇنلانمىسا يىللىق باھالاشتا لاياقەتسىز بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى شۇنداق  چىرايلىق چۈشەندۈرسەممۇ مېنى ئاۋارە قىلىشتىن توختىمىدى.شۇنداق قىلىپ بىر چوڭ يىغىندا تەرجىمانلىق قىلىشنى كەسكىن تەلەپپۇزدا رەت قىلدىم.شۇندىن كېيىن ۋەيران بولغان ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن ئىدارە رەھبىرى ماڭا ئۆچ بولۇپ قالدى. ھەتتا پىنسىيىگە چىقىپ كەتكىنىگە قەدەر نەچچە يىل ئۇدا ئىلغار خىزمەتچىلىككە يوللانغان بولساممۇ شۇ رەھبەرنىڭ توسقۇنلۇقى تۈپەيلى ئىلغار بولۇش سالاھىيىتىم بىكار قىلىندى.
       مەن بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسىنى چىقاردىم : ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر ئادەم زىياپەت-ئويۇن تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ دۆلەت تىلىنى تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ ، قوش تىللىق بولۇپ يېتىشتى. ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن يەنە بىر ئادەم بوش ۋاقتىنى ئەمەلدارلىق كوچىسىدىكى مېھماندارچىلىق،يەپ-ئىچىش، چاپان كۆتۈرۈشكە سەرىپ قىلدى. ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىدىكى قوش تىللىق كادىر ئاخىر ئوتتۇرا تېخنىكوم سەۋىيىسىدىكى چاپانچى كادىرنىڭ قول ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. قوش تىللىق كادىر خەنزۇ تىلىنى بىلگەن گۇناھى ئۈچۈنلا ئىلغار بولۇش سالاھىيىتى بىكار قىلىندى . چاپانچى باشلىق دۆلەت تىلىنى بىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىماي تۇرۇپ، دۆلەت تىلىنى بىلىدىغان كادىرغا ئىمبارگو يۈرگۈزدى.ئۇ  ھەتتا ئۆزى ئوقۇغان ئوتتۇرا تېخنىكومنىڭ دەۋىرنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ ۋەيران بولغانلىقىدەك ئەقەللىي كىرزىس ئېڭىنىمۇ ھازىرلىمىغانىدى. مېھماندارچىلىق، كۆتۈرمىچىلىككە سەرىپ قىلغان ۋاقتىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى  دۆلەت تىلىنى ئۆگۈنۈشكە سەرىپ قىلغان بولسا، پارتىيىنىڭ رەھبىرى كادىرى بولغانغا تۇشلۇق سوڭ خاقانى گاۋ خۇيزوڭنىڭ « ئاستا-ئاستا ئۆگۈنۈپ كېتىدۇ» دېگەن ئەمەلدارلىق پىرىنسىپىنى نەپ ئېلىش يولىدىن باشقا مەركەز تەكىتلەۋاتقان سېياسىي نەزەرىيە، كەسىپ، تىل ئۆگۈنۈشكىمۇ تەدبىقلاپ، ئاددىيسى كۈندە بىر خەنزۇچە خەت ئۆگۈنۈپ قويغان بولسىمۇ دۆلەت تىلىدىن ئۆز ھۆددىسىن چىققۇدەك سەۋىيىگە ئىگە بولۇپ قالغان بولاتتى. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سېسىق نامى پۇر كېتىپ،تارىخنىڭ لەنەت گەردىشىگە مىقلانغان پارىخور ئەمەلدار خې شېنمۇ قانداقلا بولمىسۇن شۇ دەۋردە جاپاغا چىداپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، ئەقىل-پاراسەتلىك كىشى بولۇپ خەنزۇ تىلىدىن باشقا يەنە مانجۇ، مۇڭغۇل، تىبەت تىلىنى ناھايتتى پىششىق ئىگىلىگەن ئۆلىما ئادەم ئىدى. نىھايەت قانداقلا بولمىسۇن ۋەيران بولغان ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ چىرىك ئەمەلدار خې شېنچىلىك تىل قابىلىيىتىنى ھازىرلىيالمىغان كىشى باشلىق بولۇپ ئالىي مەكتەپتنى پۈتتۈرگەننى باشقۇردى، دۆلەت تىلىنى ئۆگەنمىگەن دۆلەت تىلىنى ئۆگەنگەننى ئەدەپلىدى، كاتىپ، تەرجىمان، شوپۇر، ئەمەلدارلىقتىن ئىبارەت تۆت ئادەمنىڭ ئىشىنى بىر ئۆزى قىلالايدىغان ئادەم پەگادا قالدى. كاتىپ، تەرجىمان، شوپۇردىن ئىبارەت ئوشۇقچە ئۈچ ئادەم ئىشلىتىپ ھۆكۈمەتكە بىھۇدە يۈك پەيدا قىلغان  ئادەم  تۆردىن ئورۇن ئالدى.ئەجىبا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان، دۆلەت تىلىنى ئۆگەنگەن ، زاماننىڭ ئېھتىياجىغا لايىق ئۇنۋېرسال ساپا ھازىرلىغان شۇنچە گۇناھمىدۇ؟ قىسقىسى بۇنىڭدىن «ئوقۇغاندىن ئوقۇمىغان، ئۆگەنگەندىن ئۆگەنمىگەن ،  زىيالىي بولغاندىن پوق قورساق بولسىمۇ ئەمەلدار بولغان ياخشى » دېگەن خۇلاسە چىقىدۇ.
كىشىنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى  ، مەن ئىشلەۋاتقان يېڭى ئىدارىدا بىر كۈنى توساتتىن پارتىيە ئەزالىرى قاتناشقان جىددىي يىغىن ئېچىلىپ ، يۇقۇردىن كەلگەن رەھبەرلەر ئىدارىمىزنىڭ 1-قول ئەمەلدارىنى ۋاقتىنچە خىزمىتىدىن توختۇتۇپ ، ئىقتىسادىي مەسىلىسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. نەچچە ئايلاردىن كېيىن يەنە چوڭ يىغىن ئېچىپ ئىدارىمىزنىڭ 1-قول ئەمەلدارىنىڭ نەچچە يۈزمىڭ يۇەن پۇلغا خىيانەت قىلغانلىقىنى ، خاتالىقىنى تونۇش پوزىتسىيىسىنىڭ ياخشى بولۇپ خىيانەت قىلغان پۇللارنى ۋاقتىدا تولىقى بېلەن تاپشۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىدارىمىزدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ، شۇ جايدىكى ئەڭ يۇقۇرى ھوقۇقلۇق ئورۇندا  ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ قارارنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.مېنى بۇنچە ھەيران قالدۇرغىنى ھەر قېتىملىق يىغىندا پاك-دىيانەتلىك قۇرۇلۇشى ھەققىدە گۆرەن تومۇرلىرىنى كۆپتۈرۈپ، شىرەگە مۇشىتلاپ تۇرۇپ سۆزلەيدىغان بۇ ئەمەلدارنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا كۆزلىرىدىن ياش تۆككۈنىچە شۈمشىيىپ ئولتۇرغان بىچارە قىياپىتى بولماستىن بەلكى شۇنچە پۇللارغا خىيانەت قىلغان بىر ئەمەلدارنىڭ خىزمىتىنىڭ مەندەك بىر پاك زىيالىيغا «ماس كەلمەيدۇ» دەپ سۈرگۈن قىلىنغان مەمۇرىي ئورۇننىمۇ باشقۇرىدىغان ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئالاھىدە موھىم ھوقۇقلۇق ئورۇن (ۋىلكوم)غا تەڭشەلگەنلىكى ئىدى. شۇندىن كېيىن كاللامدىكى بىر تۈگۈش يېشىلگەندەك بولدى. دېمىسىمۇ  ئەشۇنداق خىيانەتچى ئەمەلدارلارغا ماس كېلىدىغان ئورۇنغا مەندەك پاك ئەقىدىلىك زىيالىي قانداقمۇ ماس كەلسۇن؟ ئەجىبا خىيانەتچى بولمىغانلىقىم شۇنداق ئورۇندىن سۈرگۈن قىلىنغانلىقىمنىڭ سەۋەبىمىدۇ؟
مەن ئۆزۈم ئىشلىگەن بىر نەچچە ئىدارىدە ئەمەلدار دادىسى ياكى  ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ سايىسىدا ئورگانغا كىرىۋالغان يارامسىز كادىرلارنىڭ خېلى سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدىم. ئۇلار ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا بىرەر كونكىرىتنى ئىش بېجىرمەيدۇ، خالىسا كېلىپ خالىسا كېتىدۇ. قىزىق يېرى تېخى ئۇلار ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتسە  بار-يوقلىقىنى ئۇقۇپ كېلىشكە مەخسۇس ماشىنا ۋە خادىم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.بەزىلىرى كېسەل ياكى نېرۋىسىدا چاتاق بار ئادەم سىياقىغا كىرىۋېلىپ ئاي-ئايلاپ داۋالىنىش باھانىسىدا ئارام ئالىدۇ.قىزىق يېرى ، كاللىسىنىڭ دەردى بار ئادەم  ئاينىڭ نەچچىسىدە مائاش چىقىدىغانلىقىنى، ئۆزىگە قانچىلىك مائاش كېلىدىغانلىقىنى، كەم قالغان مائاشىنىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى بىلەمدۇ؟ يەنە تولا ھاراق ئىچىپ ئىش تاشلايدىغان ھاراقكەش بەگزادىلەرمۇ يوق ئەمەس.ئادەتتە ئۇلارغىمۇ ھېچقانداق كونكىرىتنى خىزمەت ۋەزىپىسى بېرىلمەيدۇ.ھەتتا مۇقىملىقنى ساقلاش، نامراتلارنى يۆلەش دېگەندەك يېزا-كەنىتلەرگە  چۈشۈپ قىلىدىغان جاپالىق خىزمەتلەر ئۇلارغا بىر ئۆمۈر نېسىپ بولمايدۇ. ھارىقىنى ئىچىپ بىخارامان يۈرىۋېرىدۇ.ھەتتا ۋەزىيەتتە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى كۆرۈلگەن جىددىي پەيىتلەردە ئادەم يېتىشمەيۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئۇلارنى دىژورنىلىققىمۇ ئورۇنلاشتۇرمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىختىيارىغا بېقىپ ھەپتىدە ئۈچكۈن ئىدارىدە ئاخشىمى باشقىلار بېلەن قونۇپ بەرسىلا بولىدىغان ئەڭ راھەت خىزمەتلەرگە  ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇ.قالغان ۋاقىت ئۆزىنىڭ بولۇپ نېمىش قىلسا ئىختىيارىغا قويۇلىدۇ.مائاش، مۇكاپاتلىرى تولۇق بېرىلىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەشۇ راھەتچىلىكتە ئۆتىدىغان خزمىتىگە ھەۋەس قىلىدىغان باشقىلار شۇنداق خىزمەتكە ئىلتىماس سۇنسىمۇ تەستىلانمايدۇ.
قىزىق ئىش ، مەن ئىدارىدارەمدە جىددىي كېسەل بېلەن  بىر ئاي بالنېتسىدا يېتىپ داۋالانسام  27كۈنلۈك ئىش ھەققىم تۇتۇلۇپ كېتىلدى. بۇنىڭدىن مۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم: ئىشلەپ ئاغرىپ قېلىپ بالنېتسىدا ياتساڭ مائاشىڭ تۇتىلىدىكەن. كۈن-كۈنلەپ ئىش تاشلىساڭ ئىش ھەققىڭ تۇتۇلمايدىكەن.خىزمەت قىلغاندىن خىزمەت قىلماي بىكار مائاشنى ئالغىنىڭ ياخشىكەن،ئىقتىدارلىق بولغاندىن ئىقتىدارسىز بولغان ياخشىكەن، ئىقتىدارسىز بولساڭ ساڭا ھېچكىم ۋەزىپە تەقسىم قىلمايدىكەن، ۋەزىپە تەقسىم قىلغاندىمۇ يوقاپ كەتسەڭمۇ چانمايدىغان يېنىك،راھەت خىزمەتنى تەقسىم قىلىدىكەن.ئىقتىدارلىق بولساڭ خىزمەتتىن باش كۆتۈرەلمەي ئاغرىپ قالىسەنكەن، ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتساڭ ئىش ھەققىڭ بىر تۇتىلىدىكەن،يېنىڭدىنمۇ داۋالىنىش پۇلى چىقىپ كېتىدىكەن. خىزمەت قىلمىساڭ چارچىمايسەنكەن، شۇڭا ئاسان ئاغرىپ قالمايسەنكەن،مائاشىڭمۇ كەم بولمايدىكەن.شۇڭا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ياراملىق كادىر بولغاندىن كۆرە ھېچنېمىنى بىلمەي  تۇرۇپلا ئەمەلدارنىڭ بالىسى بولۇپ ئەركە-نايناق كادىر بولغان مىڭ ئەۋزەلكەن.
مەن ئۇزۇن يىللىق خىزمەت تەجىربىلىرىمگە ئاساسەن ھۆكۈمەتكە مۇنداق بىر تەكلىپ سۇنايمىكىن دەيمەن : ھۆكۈمەت ھەر بىر شەھەرنىڭ مەركىزىگە بىردىن جەننەت كەبى ئېرەمباغلارنى ياساپ پۈتۈن ئىقلىمدىكى دەل-دەرەخ ،گۈل-گىياھلارنى ئۆستۈرۈپ ، كۈللى ئالەمدىكى جاۋاھىراتلارنى توپلاپ، ئەڭ ئېسىل ساراي ،راۋاق، ئېرىق،كۆللەرنى ياساپ ؛ پۈتكۈل ئەمەلدارلارنىڭ بالىلىرىنى ئەشۇ ئېرەنباغقا يىغىپ مۇشۇ دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرىدىن قانغۇچە ھوزۇر سۈرگۈزسە، ئىقلىمدىكى بەرنا سۈپەت نازىنىنلار بېلەن ئەڭ كېلىشكەن، يۇقۇرى مەلۇماتلىق يىگىتلەرنى تاللاپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە قويسا . شۇنداق بولغىنىدا «مېنىڭ دادام لى گاڭ» غا ئوخشاش ئەمەلدارلار شاھزادە-مەلىكىرىنىڭ يارامسىزلىقى، ئەخلاقسىزلىقىنىڭ سىرىتقا يامراپ جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى.
جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گاڭنىڭ بالىسى لى چىمىڭ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەپ خېبېي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ قوروسىدا ماشىنا بېلەن بىراۋنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ يەنە بىراۋنى يارىلاندۇرۇپ قويغاندىن كېيىن «مېنىڭ دادام لى گاڭ» دەپ دادىسىنىڭ مەنسەپ كۇلاسىنى شىپى كەلتۈرۈپ قانۇننىڭ سوئال-سورىقى ۋە تەكشۈرىشىنى قوبۇل قىلمىغاننى ئاز دەپ كۈندە شۇ مەكتەپكە سۆيگۈنىنى ئىزدەپ كېلىۋەرگەن.بۇ سەتچىلىك تور دۇنياسىدا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر قوزغىغان.«ئوكيان تورى»نىڭ 2011-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى سانىنىڭ «خەۋەر-ئوبزور سەھىپىسى»گە  لى جىمىڭ ئىسىملىك بىر ئاپتورنىڭ «لى چىمىڭنى تۈرمىگە كىم تاشلىدى؟» ناملىق ماقالىسى بېرىلدى. ماقالىدا مۇنداق ېيىلگەن :
2011 -يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېبېي ئۇنۋېرسىتىتى " 10.16 " مەكتەپ ئىچى قاتناش ۋەقەسى دېلوسىدا بىرىنچى سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى، خېبېي ئۆلكىسى ۋاڭدۇ ((望都)) ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لى چىمىڭ (李启铭) مەس ماشىنا ھەيدەپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش دېلوسى پەيدا قىلغانلىقتىن، لى چىمىڭغا مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى (خەلق تورى-« خەلق گېزىتى » 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى).
لى چىمىڭ « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى قىلىپ قويغانلىقتىن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېنتىرنېت تورى بەس مۇنازىرىسى دولقۇنىنى قوزغاپ قويدى، قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىنمۇ ئۆكتەملىك قىلغاچقا ئۆزىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى نابۇت قىلدى.—تورداشلارنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشى ۋە ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرىشى بىلەن، گەرچە لى چىمىڭنىڭ جىنايىتىنى تونۇش پوزىتسىيىسى نىسبەتەن ياخشى بولسىمۇ، ئائىلىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئاكىتىپلىق بىلەن تۆلەم بەرگەن بولسىمۇ، ئەھۋالغا قاراپ يېنىكلىتىپ جازا بەرگەن بولسىمۇ، يەنىلا 6 يىللىق تۈرمىگە چۈشتى. يۈزەكى قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىسى ۋاڭدۇ ناھىيىسى خەلق سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، خەلق رايىنى -كەلكۈنسۈيىدەك داۋالغۇپ كەتكەن خەلقنىڭ دارۋىڭىنى بېسىقتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرى توختاپ قالغىنى يوق: زادى كىم لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىدى؟
         تورداشلار لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا چوقۇم شۇنداق! ئويلاپ باقايلى، مۇبادا تورداشلارنىڭ توختىماي غۇلغۇلا قىلىشى ۋە قويۇپ بەرمەي ئىز قوغلىشى بولمىغان بولسا، ئېھتىمال « مېنىڭ دادام لى گاڭ، نوچى بولساڭ دادامنى ئىزدە » دېيىشى بىلەنلا بۇ ۋەقە ئەرز قىلىنمايلا ئاخىرلىشاتتى. باۋدىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمالىي تارمىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ موشۇنداق خورىكى ھەم موشۇنداق جاسارىتى بار ئىدى. بىرلا ۋاقىتتا ئۇ پەقەت دادام بولسىلا ھېچكىم مېنى بىر نېمە قىلالمايدۇ دەپ قارايتتى. خېبېي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بۇ نۇقتىنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما ھازىر دېگەن ئېنتىرنېت دەۋرى، مەزكۇر ۋەقەنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، جاھىل تورداشلار قېرىشقاندەك بۇ شەرمەندىلىككە ئىشەنمىدى، خۇددى ئەينى يىلى جوۋ جيۇگېڭنىڭ بىر بولاق تاماكىسىنى تۇتۇۋالغاندەك قويۇپ بەرمىدى، تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈردى. دەل « ئېنتىرنېت تورىنىڭ قۇدرىتى بەك قورقۇنۇچلۇق بولغانلىقتىن »، دەل تورداشلار ئاممىسى قاتتىق بەس مۇنازىرە قىلغاچقا، ئۆلكە باشلىقىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشىنى ۋە ئۆزى باش بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن ئاندىن ئاشكارا سوراق قىلىندى ۋە 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. لى چىمىڭنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى ئۇلۇغ تورداشلارنىڭ تۆھپىسى دېسەك ئاشۇرۇپ تاشلىغان بولمايمىز!
         لى چىمىڭ ئۆزىنى ئۆزى تۈرمىگە تاشلىدىمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىمۇ چوقۇم شۇنداق!   قائىدە بويىچە ئېيتقاندا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىش نورمال ۋەقە. ئۆلۈم كېلىپ چىققان تەغدىردىمۇ، ھەمىشە ھەق تەلەپ ئىشلىرى ياكى ئۆزى كېلىشىش ئارقىلىق بېسىقتۇرىلىدۇ. ئەمما لى چىمىڭ مۇنداق قارىمايدۇ، ئۇنىڭ تەپەككۇرىدا، ئالاھىدە ھوقوق بولسىلا بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا « مەندە ئالاھىدە ھوقوق بار، قانۇن نېمە قىلالايتتى » دېگەن خاتا تەپەككۇردا بولغاچقا، سوقۇپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويسىمۇ، ئۇ يەنە داۋاملىق ياتاق بىناسىغا قىز دوستى بىلەن كۆرۈشكىلى باردى؛ ماشىنىسىنى توسىۋالسىمۇ ئۇ يەنە ئۆكتەملىك قىلىپ:« مېنىڭ دادام لى گاڭ! » دەپ ھۆركىرىدى، ئېھتىمال دەل « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دەپ ھەددىدىن ئاشقانلىقتىن، ھەققانىي تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكىلەرنىڭ « لى گاڭ » غا دىققىنى ئاغدۇرىشىغا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭلىق بىلەن لى گاڭ ئاتىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن « مەخپىي يول مېڭىش » ۋە « ئاسترىتتىن كۈرەش قىلىش » يولىنى ئۈزۈپ قويدى. بەزىلەر لى چىمىڭ ھەقىقەتەن ئەخمەق بالا دەيدۇ، بۇ قاراشنىڭ بەلگىلىك ئاساسى بار. ئەگەر ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنى سەل بېسىۋالغان بولسا ، ئەگەر بۇ ۋەقە تورداشلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىمىغان بولسا نەتىجىسى يەنە موشۇنداق بولاتتىمۇ؟ شۇڭا لى چىمىڭ ئۆزىنى ئۆزى تۈرمىگە تاشلىدى دېسەك ئازراقمۇ خاتالاشقان بولمايمىز!
        لى گاڭ ئوغلى لى چىمىڭنى تۈرمىگە ئۆزى تاشلىدىمۇ؟ جاۋابى بولسا چوقۇم شۇنداق! كىشىلەر ھەمىشە ئائىلە مۇھىتى قانداق بولسا شۇنداق بالا يېتىشىپ چىقىدۇ دەيدۇ. ئەگەر « لى گاڭ » ئۆزىنىڭ ھوقوقىغا توغرا قاراپ، پات-پات ئوغلىنى يامان ئىشلاردىن بوغۇپ تۇرغان بولسا، ئادەم سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپمۇ يەنە پىسەنت قىلمايدىغان پاجىئە يۈز بېرەتتىمۇ؟ بەزىلەر ئۆز بېشىمچىلىق بېلەن  « مېنىڭ دادام لى گاڭ » دېگەن بۇ بىر جۈملە سۆزدىن « لى گاڭ » نىڭ ئادەتتىكى ئىش ھەركەتلىرى ۋە ئىستىلىنى ئاساسەن پەرەز قىلىپ چىققىلى بولىدۇ دېيىشتى؛ بەزىلەر « ئىككىنچى ئەۋلاد ئەمەلدارلار » نىڭ ئالاھىدە ھوقوقى ۋە ئالاھىدە ھوقوق ئىدىيىسى « بىرىنچى ئەۋلاد ئەمەلدارلار » نىڭ ئالاھىدە ھوقوق ۋە ئالاھىدە ھوقوق ئىدىيىسىنىڭ داۋاملىشىشى دېدى. مېنىڭچە بۇ قاراشلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. ئويلاپ باقايلى، ئەگەر ئەزەلدىن قانۇنسىزلىق قىلىپ باقمىغان ئاتىنىڭ ئوغلى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ نامىنى « قالقان » قىلىش ئارقىلىق قانۇننىڭ جازاسى ۋە ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىدىن قېچىپ قۇتۇلالامدۇ؟ --« ئوغۇل تەربىيە كۆرمىگەن بولسا ئاتىدىمۇ مەسئولىيەت بار ». بالا دادىسىنىڭ ئەمىلىدىن شەرەپ ھېس قىلىپ، ھەتتا « يولۋاسنىڭ ھەيۋىسىدىن تۈلكە كۆرەڭلەپتۇ » دېگەندەك ھەممە يەردە ھەددىدىن ئېشىپ يۈرىشى ھوقوق ئادەمنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن ئىدىيە بالىنىڭ قەلبىنى بالدۇرلا زەھەرلەپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. شۇڭا، لى گاڭ ئۆزى ئوغلىنى تۈرمىگە تاشلىدى دېسەك ھەرگىزمۇ ئاساسسىز گەپ بولمايدۇ!
       زادى كىمنىڭ لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقى ئامىللىرى مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مەسىلە. « پەسكەشلىك پەسكەشلەرنىڭ يول خېتى، ئالىيجانابلىق ئالىيجانابلارنىڭ قەبرە تەزكىرىسى »دېگەن گەپ بار. ئېھتىمال « لى گاڭ سەتچىلىكى » پەقەت ئومومىي ھوقوقنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىكى بىر قېتىملىق « كەتكۈزۈپ قويۇش » تۇر خالاس، ئەمما بىز شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمىزكى، پەقەت يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ھوقوقى نازارەت قىلىش چە چەكلەشكە ئۇچرىمايدىكەن، « مېنىڭ دادام XX » لار يەنىلا بىر قىسىم بەگزادىلەرنىڭ يول خېتى بولۇپ قالىدۇ، ئەسەبىيلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىپ تۈرمىگە چۈشۈش تراگىدىيىسى يەنە ئوينىلىدۇ!
        ئەڭ ئاخىرىدا، توردىكى بىر جۈملە سۆز ئارقىلىق « مېنىڭ دادام XX » ۋە « ئاتا پولات بولسىكەن » دەيدىغان ياشلارنى ئاگاھلاندۇراي: ئادەم دادسىنى تاللىيالمايدۇ، ھوقوقى بار داداڭ بولغاندا، سەن تىرىشچانلىقىڭغا تايىنىپ داداڭدىنمۇ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقساڭ تامامەن بولىدۇ، كۈن بويى يوغانلىق قىلىپ، داداڭنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىۋېلىپ، پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىلىدىغان ئىش يوق ياكى تۈزۈلمىگە سوقۇنۇپ كىرىپ ھەمدە ئەخمىقانىلەرچە ھارام يەپ ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرما! [3]
    يۇقۇرقىلاردىن شۇنى ھېس قىلىش مۇمكىنكى ، «مېنىڭ دادام لى گاڭ » سەتچىلىكىنىڭ جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى تەسىرى تولىمۇ ناچار   بولدى.چاتاق يېرى  كۈننى ئېتەك بېلەن يېپىش تەسكە چۈشىۋاتقان بۈگۈنكى ئىنتېرنېت دەۋرىدە ئۇنداق سەتچىلىكلەر ئۈزلىكسىز ئاشكارىلىنپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا دەۋىر بېلەن تەڭ ئىلگىرلەش ئىدىيىسى بويىچە ئەمەلدارلارنىڭ شاھزادە –مەلىكىلىرى ئۈچۈن خاس ئېرەمباغ قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلدار –تۆرىلەرنىڭ ئاۋام ئالدىدىكى ئوبرازىنى ساقلاش نۇقتىسىدىن ئويلىنىپ كۆرۈشكە تامامەن ئەرزىمدۇ قانداق؟
2010-يىلى ئەتىيازدا نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ھېچكىم بېرىشنى خالىمىغان چەت ،نامرات كەنىتكە بىر ئىدارە رەھبىرى مەسئۇل بولۇپ مەن بېلەن يەنە بىر خەنزۇ ئىشچىنى  باشلاپ ئاپىرىپ قويدى ھەم كەنىت ،يېزا رەھبەرلىرىنى يىغىپ تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، كەنىت قوروسى ئالدىدىكى يول بويىغا ئورمان تىكىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ قۇرۇلۇش تاماملانسا نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىغە كىرگۈزۈلىدىكەن. بۇ ئەتىياز مەزگىلى بولۇپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتمىغاندا ئورمان تىكىش پەسىلى ئۆتۈپ كېەتتى.دەرھال ئورمان تىكىدىغان يەرلەرنى پىلانغا ئالدۇق.ئەمما،باشلىق ئورۇنلاشتۇرغان يول بويىدا يۇقۇرى بېسىملىق ئېلېكتىر سىم يولى باركەن. يەنە كېلىپ يول بويىغا زەيلىك چېپىش ۋە يولنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇش پىلانىمۇ باركەن. بۇنداق يەرگە ئورمان تىكىشتە چوقۇم ئېلىكتىر شىركەتلىرى ،تاشيول-قاتناش ئورۇنلىرى ۋە سۇ ئىشلىرى تارماقلىرى بېلەن  بېلەن ماسلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ ،ئۇلارنىڭ پىكرىنى ،ماقۇللۇقىنى ئالماي بولمايىتتى. ئۇنىڭغىچە بىز تىكىدىغان 2مىڭ تۈپ تېرەك ئورمىنى يېتىپ كەلدى.
يەنە كېلىپ تىكىشكە توغرا كەلگەندىمۇ ئورمان تىكىدىغان جاينى تۈزلەپ ،ئۆرەك چىقىرىشقا يېزا، كەنىت مالىيىسى پۇل چىقىرالمايدىكەن.يۇقۇرقى ئەھۋاللارنى دەرھال نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە مەسئۇل ئىدارە رەھبىرىگە دوكلات قىلدىم.بۇ جانابى رەھبەرمۇ ئۆزەڭلار ئامالىنى قىلىپ ۋەزىپىنى ئورۇنلىمىساڭلار بولمايدۇ، دەپلا ئىشنى تۈگەتتى.ھەتتا ماسلاشتۇرۇش ئىشىنىمۇ قىلىپ بېرەلمىدى.ۋاقىت كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتسە ئەكىلىپ قويغان ئورمانلارنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ ئېغىر زىيان كۆرىلەتتى.شۇڭا ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ ئورمانلارنى باشقا يەرگە تىكىپ يول بويىدىن ئىككى كىلومېتىرلىق ئورمان بەلۋىغى ھاسىل قىلدۇق.
كېيىن نامراتلارنى يۆلەشكە مەسئۇل شۇ باشلىق تەكشۈرۈپ كېلىپ ئورماننى مەن دېگەن يەرگە تىكمەپسىلەر ، دەپ ئامما ئالدىدا مېنى قاتتىق تەنقىتلىدى.شۇنچە چۈشەندۈرۈشۈممۇ كار قىلمىدى.ئۇنىڭ مەقسىدىچە، ئورمانلارنى كەنىت قوروسىنىڭ ئالدىغا تىكىپ ئوبراز قۇرۇلۇشى قاتارىدا كۆز-كۆز قىلىپ يۇقۇرى دەرىجىلىكنىڭ ماقتىشىغا ئېرىشىپ يەنىمۇ بىر بالداق ئۆسمەكچى ئىدى.كېيىن دېگەندەكلا يول بويىغا زەيلىك چېپىلىپ يولنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. مۇبادا بىز ئورماننى باشلىق كۆرسەتكەن جايغا تىكسەك ھەممە ئورمانلارنىڭ قومۇرۇپ تاشلىنىپ نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.ئەشۇ پوق قورساق ئەمەلدارنىڭ يېزا ناھىيىلەردە شۇنچە يىل ېېزائىگىلىك خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپمۇ، ئورمانچىلىق تارماقلىرىنىڭ خىزمىتىگە شۇنچە يىل يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرۇپمۇ ئورماننى قانداق يەرگە تىكسە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى بىلمىگىنىگە قاتتىق ھەيران قالدىم. ئورمانلارنى ئۇ دېگەن يەرگە تىككەن تەقدىردە نۇرغۇن ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەندىن سىرىت يەنە ئېلىكتىر كۈچى شىركەتلىرى بېلەنمۇ دەۋا-دەستۇرغا چۈشۈش ئېھتىمالى كۆرۈلەتتى.مۇشۇنداق بولغاندا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئەكسىچە ئۇلارنى بىرمۇنچە قەرىزگە بوغۇپ قويىدىغان تەتۈر ئىش سادىر بولاتتى.مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جۇڭڭگودا كەسىپلەرنىڭ قانۇنىيىتىنى نەزەرگە ئىلمايدىغان ،  مەمۇرىي بۇيرۇقۋازلىقنىڭ كاساپىتىدىن كۆرۈلىۋاتقان تەكرار قۇلۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتقان ئىقتىسادىي زىيانلارمۇ ئاز ئەمەس.بۇ كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق، كەسىپ ئەھلىلىرىنى ئۆز كەسپىدىن ياتلاشتۇرۇپ، ئىلىمدارلارنى خورلاپ ئىلىمسىزلەرنى ئۇلارنىڭ گەجگىسىگە  چىقىرىپ قويغانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.
شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيلىنىپ، ئەلا نەتىجە بېلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ، ئۈرۈمچىدىكى ئەۋزەل خىزمەت شارائىتىدىن ۋاز كېچىپ ئۆز يۇرتىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىدە ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان بىر زىيالىي بار ئىدى.ئۆز كەسپىي ساھەسىدە توختىماي ئىزدىنىدىغان ،ھەتتا مەخسۇس كىتابلىرى ،ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان،مەركەزدە ئېچىلغان قانۇنشۇناسلىك كۇرىسلىرىدا تەربىيلەنگەن،يۇقۇرىنىڭ قانۇن-نىزاملارنى تۈزۈش ئىشلىرىغا سۇنغان تەكلىپ پىكىرلىرى يېتەرلىك دەرىجىدە ئېتىبارغا ئېلىنغان بۇ قانۇنشۇناس ئۆز كەسپىي ساھەسىدە تازا بېرىلىپ ئىشلەپ، مېۋە بېرىۋاتقان كۈنلەردە توساتتىنلا قانۇنشۇناسلىق بېلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىدارىسىغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يۆتكىۋېتىلدى.قانۇنشۇناسلىق نۇقتىسىدىن يەر تەۋرەشنى قانداقمۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغىلى بولسۇن؟ ئەجىبا يەر تەۋرەش بېلەن قانۇننىڭ نېمە مۇناسىۋىتى باردۇ ؟ بىر يېتىلگەن قانۇنشۇناسنى يەر تەۋرەشنى كۈزىتىش ئىدارىسىغا ئىشقا قويسا يەر قانۇننىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ تەۋرەشتىن توختاپ قالامدۇ يا ؟
          نەچچە يىللار ئالدىدا ۋۇ جىياخۇ ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش» ناملىق بىر ماقالىسىنى تەرجىمە قىلغانىدىم.ئاپتور شۇماقالىسىدە«شىنجاڭدا 1960-،1970-يىللاردا چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ توپا-تاش قۇرۇلۇش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە يەنىلا بىڭتۇەندىكى مەلۇم يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىدىغان يەر تاپالماي يۈرگەن. 2000-يىلى يۈننەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇھىت قوغداش كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت ئىزدىگەندە سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ، ئاخىر كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا شىنجاڭدىن ئايرىلىپ،خىزمەت ئىزدەپ كۇنمىڭغا كېتىپ قالغان. ئاز تولا ۋىجدانى بار ئادەملا ‹ شىنجاڭ شۇنچە كەڭرى تۇرسا نېمە ئۈچۈن چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈدەك يەر چىقمايدۇ؟ شىنجاڭ شۇنچە چوڭ تۇرسا نېمە ئۈچۈن شىنجاڭلىق بىر قىز ئوقۇغۇچىغا باش تىققۇدەك بىرەر ماكان چىقمايدۇ؟› دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ.» [4]دەپ يازغانىدى.
ئۇيغۇر رايونىمىزدىكى زىيالىيلارغا تۇتۇلغان بۇ خىل قەدىرسىز پوزىتسىيە زور تۈركۈمدىكى ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ سىرىتقا ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ50-،60-يىللىرىدا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ناھايتى كۆپ ئىقتىساس ئىگىلىرىنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلىپ قىلالىغان شىنجاڭ يېقىنقى 20يىل مابەينىدە زىيالىيلار قەدىرسىزلىكى تۈپەيلى ھەر قايسى ساھەلەردىكى 210مىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيدىن ئايرىلىپ قالغان. ئېقىپ كەتكەن ئىقتىساس ئىگىلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساپ بېلەن ئونمىڭدىن توغرا كەلگەن بولسىمۇ ئەمما زىرغا قەدەر ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى توللۇق تىزگەىنلەنمىگەن.شۇڭا ياقا يۇرىتلۇقلارنىڭ « شىنجاڭ شۇنداق ياخشى يەر بولسا شىنجاڭنىڭ ‹توزلىرى›نېمىشقا ‹شەرقىي جەنۇبقا ئۇچىدۇ؟›دېيىشلىرى ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك [5].
ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەش،ئۇلارغا ئەۋزەل تەتقىقات-ئىجادىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئېڭىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەردىن تارتىپ ئاۋام-پۇقراغىچە چوڭقۇر ئەن-ئەنىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن.
«ئۈچ  يۈرۈش نوملار توپلىمى» غا كىرگۈزۈلگەن « ئالىي راھىبلار تەزكىرىسى » نىڭ« كۇماراجىۋا نىڭ تەرجىمىھالى» دا قەيىت قىلىنىشىچە ،كۇماراجىۋا كاپكا(كەشمىر)،سۇلى(قەشقەر) دىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ،شۇ ئەل ۋە رايونللاردىن باشقا يەنە يول بويىدىكى نۇرغۇن بەگلىكلەرنىڭ يۇقۇرى تەمىنات،ئالىي مەرتىۋە بېرىش بەدىلىگە ئۆزىنى تۇتۇپ قېلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى چىرايلىق رەت قىلىپ مىلادى –يىلى  كۈسەنگە قايتىپ كەلگەندە كۈسەن خانى ئونسۇغىچە ئالدىغا بېرىپ كۈتىۋالغان.خانلىق ئىبادەتخانىسى بولغان چۆل ساڭرامىغا مەخسۇس شىر شەكىللىك ،ئالتۇن پۇتلۇق بىر تەخىت ياسىتىپ ، ئۇنى رۇم كىمخاپلىرى بېلەن بېزەپ ، ئۆزى ئەشۇ تەخىتنىڭ ئالدىدا دۈم يېتىپ، كۇماراجىۋانى ئۆزىنىڭ دۈمبىسىنى دەپسەپ تەخىتكە چىقىپ بۇددا دىنىنى مۇتائىلە قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. كۇماراجىۋانىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان يىراق-يېقىندىكى بەگ-تۆرىلەرمۇ ئۇنىڭ بېلەن دىدار مالاقەتتە بولۇش ھەم ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھوزۇرىغا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا تەخىت ئالدىدا دۈم يېتىپ،كۇماراجىۋانى ئۆزلىرىنىڭ دۈمبىسىنى دەپسەپ تەخىتكە چىقىپ ، مۇتائىلە قىلىشقا تەكلىپ قىلىشقان ھەم كۇماراجىۋانىڭ ئۆزلىرىنىڭ دۈمبىسىنى دەپس ىگىنىدىن ئالەمچە شەرەپ ھېس قىلىشقان.
بۇددىزىم دەۋىرىدىن ئۆتۈپ ئىسلامىزىم دەۋرىگە كەلگەندىمۇ بۇ ئېسىل ئەن-ئەنە ئىز چىل اۋاملاشقان.  «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹قۇتادغۇ بىلىگ›دىن ئىبارەت شاھانە كىتاپنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ قاراخانىلارنىڭ ھۈكۈمدارى ھەسەن بۇغرا خانغا تەقدىم قىلغاندا، ھەسەن بۇغرا خان مۇئەللىپكە ‹ھاجىپلىق› ئۈنۋانىنى بەرگەن. بۇ ئۈنۋاننىڭ مەنىسى ‹خاننىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى›، ‹دۆلەت تۈۋرۈكى› دېگەنلىك ئىدى »[6].
بۇ ھالەت تۇران بېلەن بولغان مەدەنىيەت بەيگىسىدە تەڭ ئات سېلىپ ئۈزگەن ئىران مەدەنىيەت تارىخىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.«ئەينى چاغدا پېرسىيە سەنئەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەن.شائىرلارنى ئەتىۋارلىغان.ئېيتىشلارغا قارىغاندا بىر شائىر غەزنەۋىلەر پادىشاھى مەھمۇتقا بىر كۇبلىت شېئىر يېزىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بېشى كۆككەيەتكەن پادىشاھ شائىرنىڭ ئاغزىنى مەرۋايىت-ياقۇتلار بېلەن ئۈچ قېتىم توشقۇزۇپ ، ئۇنى تارتۇقلاشقا ئەمىر قىلغانكەن»[7]
ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ زامانىمىزغا كەلگەندە بولسا ئەشۇ ئېسىل ئەن-ئەنە بارغانسېرى سۇسلاپ يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغاننىڭ ئەكسىچە ئىلىم ئەھلىلىرى خارلىق ئورنىغا چۈشۈپ قالىدىغان ۋەزىيەتكە ئورۇن بوشاتماقتا.ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا  «ئالىم ئەھمەد زىيائىى بىر گۇرۇپپا ئالىملارنىڭ قان_ تەر بەدىلىگە نەشىردىن چىققان ‹قۇتادغۇبىلىگ› نى X ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسىغا تەقدىم قىلغىنىدا، ۋالى ئۇ كىتاپقا قاراپمۇ قويماي دېرىزە تەكچىسىگە تاشلاپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئەھمەد زىيائىنىڭ كۆڭلى زەربە يەپ، ۋالىينىڭ ئىشخانىسىدىن يېنىپ چىققان. » [8] . ئېشىكىگە مېنىپ جاھانكەزدىلىك سەپىرىنى باشلاپ ، يۇرىت كېزىپ ئەل ئارىلىغان شاھ مەشرەپ ۋە ئۇنىڭ ئېشىكىنى ئاچ قويمىغان ئەل-ئاۋام باتۇر روزى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇنى يوقسۇزلۇق ئوتىدا پۇچىلاپ،سەرسانلىق كوچىسىغا تاشلاپ قىران يېشىدىلا ئۇ دۇنياغا ئۇزىتىپ قويدى.
       ئەمەلىيەتتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نىڭ23-ماددىسىدا «دۆلەت سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان ئىختىساسلىق كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ،زىيالىيلار قوشۇنىنى كېڭەيتىدۇ،ئۇلارغا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا رولىنى تولۇق جارى قىلىش ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ»دەپ ئېنىق بەلگۈلەنگەن.
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ زېيالىيلار سېياسىتىدە  كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ئۆز كەسپى ساھەسىدە كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىش، ئۇلارنىڭ رولىدىن توللۇق پايدىلىنىش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئىلھام بېرىش ، دەردىگە دەرمان بولۇشتەك نۇرغۇن ياخشى مەزمۇنلار بار تۇرۇپ رايونىمىزدا يەنە نېمىدەپ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىۋاتقان رايونىمىزغا نىسبەتەن ئىقتىساس ئىگىلىرىنى كەسىپسىزلەشتۈرۈشنىڭ، ئۆز كەسپىگە قويماسلىقنىڭ، ئۆز كەسپىي ساھەسىدە مۇئەييەن ئۇتۇق قازانغانلارنى بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىگە پۈتۈنلەي يات بولغان ھەتتا ئۆگەنگەن كەسپى بېلەن ئازراقمۇ مۇناسىۋىتى يوق كەسىپلەرگە مەجبۇرىي يۆتكىۋېتىشنىڭ زادى قانداق سېياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟ئۇنى مۇستەبىت ياڭ زېڭشىننىڭ «نادانلىقتا قالدۇرۇش» سېياسىتىنىڭ رايونىمىزدىكى قالدۇقى ياكى زامانىۋى شەكىلدىكى ئىپادىسى دېيىشكە بولامدۇ-قانداق؟
زېيالىي بىر مىللەت ، بىر دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇقىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. يولداش دېڭ شىياۋپىڭنىڭ « پەن-تېخنىكا 1-ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر» دېگەن دانا سېياسىتى ۋە يولداش جىياڭ زېمىننىڭ « يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەقەت يېڭىلىق يارىتىشلا مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئاساسىدۇر» دېگەن دانا سۆزىنىڭ روھى پەقەت زېيالىيلار قوشۇنى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. زېيالىيلاردىكى كەسپىي روھنى ،كەسىپچانلىقنى نەزەرگە ئالمىغاندا؛ ئۇلارنى قۇل، مالاي ئورنىدا كۆرۈپ تالاي ۋاقىت، زېھنى كۈچى بەدىلىگە مىڭ تەستە جۇغلىغان بىلىملىرىنى ئۆز كەسپىي ساھەسىدە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىنى چەكلەپ، ئۇلارنى پۇتپولدەك خالىغانچە تېپىپ ،شاخمات ئۇرۇقىدەك خالىغانچە يۆتكەپ ، يات كەسىپلەردە خىزمەت قىلىشقا زورلاپ،ئۇلارنىڭ كەسپىي ساھەدىكى رولىنى نابۇت قىلىپ ، ئۇلارغا روھى زەربە بەرگەندە زېيالىيلاردىن جەمئىيەتكە ئەكسىنچە جاۋاپ قايتىشى مۇمكىن.چۈنكى، زېيالىي دېگەن مۇستەقىل تەپەككۇرىغا، ئەقىدىسىگە ،پىكرىگە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدىغان قەۋىم.جان بېقىش ئۇلارنىڭ مەۋقەسىدە ئىككىنچى ئورۇندىكى ئىش سانىلىدۇ.شۇڭا زورلۇق ۋاستىنى قورال قىلغان بارلىق مۇددا-مەقسەتلەر زىيالىيلارغا نىسبەتەن پەقەت پاسسىپ رولنىلا ئوينىيايدۇ، خالاس.
ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ تۈزۈلمىسىدە سېياسىينىڭ-مەمۇرىيەتنىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىپ پروففېسورلاردىن تەشكىل تاپقان ئىلمىي كومېتېت مەكتەپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىسبىي مۇستەقىللىق  تۈزۈلمىسىدە تۈپكى ئۆزگىرىش ئەمەلگە ئاشمىغان شارائىتتا يۇقۇرى ، يېڭى تېخنىكا ساھەسىدە ئىجات قىلىش،يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى بىر پۈتۈن ھازىرلاپ بولالماي «بىر مۆرىسى يوق كاپىتان»غا ئوخشاپ قالغان تالاي سىتودېنتلار خىزمەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىنمۇ ئۆگەنگەن كەسپىي بىلىملىرى ئاساسىدا ئىچكىرلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ، ئۈزلىكسىز تۈردە ئۆزىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ ، «ئىككى مۆرىسى بار بېجىرىم كاپىتان»غا ئايلىنىپ،دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا ساھەسىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ ئەمما ئۆز كەسپىي ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش شارائىتىغا ئېرىشەلمەسلىك، ئۆز كەسپىگە يات بولغان 2-بىر خىل ھەتتا 3-ۋە 4- بىر خىل يات كەسىپ ساھەسىدە ئىشلەشكە مەجبۇرلىنىش سەۋەبلىك تالاي ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىپلا قالماي يەنە ئۇلارنىڭ نەزەرىيىۋى ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى خورۇتۇپ كاردىن چىقارماقتا ھەم ئۇلارنى بىر مۆرىسىدىنمۇ ئايرىپ ، كارغا يارىمايدىغان  «ئىككىلا مۆرىسى يوق كاپىتان» غا ئايلاندۇرماقتا.
بۇ ھال مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى جەھەتتىن دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدىغان جۇڭگودىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر چوڭ دۆلەتنى يۇقۇرى- يېڭى تېخنىكا جەھەتتە نوقۇل چەتئەللەرگىلا بېقىنىدىغان پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ ، يىلدا مىليارتلىغان خەلق پۇلىنىڭ ئەقلى مۈلۈك تاپاۋىتى تاپشۇرۇش باھانىسىدە چەتئەللىكلەرنىڭ چۆنتىكىگە ئېقىپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.ئىقتىسادشۇناس لاڭ شىيەنپىڭنىڭ بىر ماقالىسىدە يېزىلىشىچە،جۇڭگودا توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنىڭ ماتورىدىن بىرسى ياسالسا ئۇنىڭدىن ئاران 50يۇەنلا پايدا كىرىدىكەن.بىر «چىرۇي» ماركىلىق پىكاپ ياسالسا ئۇنىڭدىن ئاران 132يۇەن پايدا قىلىدىكەن. يۇقۇرى ئەمگەك سىجىللىقىنىڭ بېسىمىغا چىدىماي نەچچە ئون سىتودېنىتنىڭ بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋېلىشىغا سەۋەب بولۇش بېلەن داڭىق چىقارغان نامى مەشھۇر فۇشىكاڭ شىركىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ياسالغان ھەر بىر ئايفوندىن ئاران بىردوللار پايدا قالىدىكەن. يەنى ئالما شىركىتىنىڭ 1- ھالقا بىلەن 3- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 60 ھەسسە كۆپ؛ ئامېرىكا، ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەنلەرنىڭ 2- ھالقىنى كونترول قىلىپ ياراتقان قىممىتى بىزنىڭكىدىن 30 ھەسسە كۆپ ئىكەن.جۇڭگونىڭ يۇقۇرى ساپالىق كۆك ياقىلىق ئىشچىلىرى كېچە-كۈندۈز ئېشەكتەك ئىشلەپ تاپقان شۇنچە كۆپ پۇللار ئەقلىي مۈلۈك تاپاۋىتىنى تاپشۇرۇشقا ئارانلا يېتىدىكەن.
ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ غەرىبدىن كىرگۈزىۋاتقىنى يۇقۇرى،يېڭى تېخنىكىدىن ئىبارەت بىر خىل ئۇقۇم تۈسىنى ئالغان ئەقىلدۇر خالاس.جۇڭگولۇقلار مالايلىق سۈپىتىدە ئەشۇ ئەقىلنى كونكىرىتنى ماددىغا ئايلاندۇرۇش يولىدا تالاي ئەمەلىي ئەمگەك باسقۇچىنى تاماملىسىمۇ ئەمما غەرىب ئەللىرى ئاق ياقىلىقلار سۈپىتىدە پەقەت ئۇقۇم سېتىش يولى بېلەنلا ئەشۇ ئەمگەك مېۋىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مونوپول قىلىپ كەلمەكتە.جۇڭگو پەقەت دەرىجىدىن تاشقىرى كۆپ نوپۇسىنىڭ ئېھتىياج بازىرى جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپلا ئەشۇ ئازغىنە پايدا بېلەن ئۆرە تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ ھال جۇڭگونى «خام ئەشيا بازىرى»،«ئەرزان ئەمگەك كۈچى بازىرى» ۋە «دۇنيانىڭ زاۋۇتى»دېگەندەك ھاقارەتلىك ئاتاقلارغا قويماقتا. مۇنداقچە ئېيىتقاندا ،جۇڭگولۇقلار پەقەت ئاق ياقىلىق غەرىبلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ساتقان ئۇقۇمنى ئۆزىنىڭ خام ئەشياسى ۋە ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچىگە تايىنىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىپ ، دۇنيا ئېھتىياجىنى قامدايدىغان  دۇنيا زاۋۇتىدىكى كۆك ياقىلىق ئىشلەمچىلەرگە ئايلىنىپ قالماقتا، خالاس! دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان شۇنچە كۆپ ئەقىل ئاخىرغا بېرىپ جىسمانىي ئەمگەك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىدىغان دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان تەننىڭ قوماندانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.دېمىسىمۇ دۇنيادىكى 500كۈچلۈك كارخانا  قاتارىغا كىرەلىگەن جۇڭگوكارخانىلىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا كۆز ئالدىمىزغا ھامان يۇقۇرى-يېڭى تېخنىكىغا تايىنىپ ئۈنۈم ياراتقان كارخانىلار ئەمەس بەلكى دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان شۇنچە كۆپ نوپۇس ئېھتىياجى ئېلىپ كەلگەن سېتىشتىن كىرگەن كىرىمىنىڭ يۇقۇرىلىقى بېلەن ئۈنۈم يارىتىۋاتقان كارخانىلارلا كېلىدۇ.
2010-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشىردىن چىققان «يەر شارى »ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى جۇڭگونىڭ ياساش كەسپى كارخانىلىرى پۈتكۈل يەر شارى ياساش كارخانىلىنىڭ %15.6نى ئىگىلەپ ، ئامېرىكىدىن قالسىلا يەر شارىدىكى 2-چوڭ ياساش دۆلىتىگە ئايلانغان  ھەتتا بەزى كەسىپ ساھەلىرى ۋە مەھسۇلات مىقدارى جەھەتتىن دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما، %90ياساش كارخانىلىرىنىڭ ئالىدىغان پايدىسى ئاران %5ئىكەن. دېمەك جۇڭگولۇقلار ئەجنەبىيلەرنى نەچچە ھەسسلەپ پايدىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپ كەلمەكتە.
        لى شىنمىن ئەپەندىنىڭ «جۇڭخۇامۇنبرى» نىڭ «جۇڭخۇا مۇھاكىمە سالونى» دا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو پەن-تەتقىقات ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالماقتا» ناملىق ماقالىسىدە يېزىلىشىچە،جۇڭگودا 32مىليون پەن-تەتقىقات خادىمى بار بولۇپ ،بۇ سان كانادانىڭ نوپۇسىدىنمۇ كۆپرەككەن.ئەمما شۇنچە كۆپ پەن-تەتقىقات قوشۇنىغا ئىگە جۇڭگو ئەمەلىي پەن-تەتقىقات نەتىجىسى جەھەتتە دۇنيانىڭ ئوتتۇرا قاتلىمىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە ، تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ تېخىمۇ ئارقىسىدا تۇرىدىكەن.كانادانىڭ بولسا ئالدىنقى 6-7ئورۇندا تۇرىدىكەن. بىر دۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ تەتقىقات قوشۇنى بىزنىڭ بارلىق تەتقىقات قوشۇنىمىز بىلەن تەڭلىشىپ قالىدىكەن. كىچىككىنە كورىيە چېغىدا جۇڭگونى قالاق بىلىپ ، جۇڭگودا ئىشلەنگەن نەرسىلەرنى «ئەخلەت»ھېساپلايدىكەن. جۇڭگونىڭ ھازىرقى پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكىدىنمۇ كۆپ ئاجىزلاپ كەتكەن. ئېلىمىزنىڭ ئەشۇ ئازغىنە  ئىجادىي تېخنىكا نەتىجىلىرى 70- يىللارنىڭ ئالدىدىكى ئىشچى-دېھقان سىتودېنىتلار ئىختىرا قىلغان «كونا دەسمايە» دىن كەلگەنىكەن.   
            يەنە شۇ  لى شىنمىن ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدە يېزىلىشىچە، ئەشۇ ئاتالمىش ئۇستىلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ ھەيئەتلىرى، تۈر باشلامچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسىنى تۆۋەنمىكىن دېسەڭ ئۇلارنىڭ دېپلومى يوغان، قالپىقى چوڭكەن.سەۋىيلىكمىكىن دېسەڭ، ھېچنىمىنى ئۇقمايدىكەن ھەم بىرەر ئەمەلىي نەتىجىنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدىكەن.
》ياپۇنىيەنىڭ نۇپۇسىغا تەڭلەشكۈدەك ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە توپ ئىچىدىن، كانادا نۇپۇسىنى بېسىپ چۈشكىدەك جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدىن بىرەر ھەقىقىي ئالىمنى،ئىلمىي نەزەرىينى ياكى ئىلمىي ئېقىمنى ئۇچراتالمايۋاتىمىز؛ ئىلغار ئۈسكۈنە دېسە بىزدە بار، پەقەت تەتقىقاتنى باش چۆكۈرۈپ قىلىدىغان ئادەم چىقمىغان《. مانا بۇ پەن-تەتقىقات ساھەسىدىكى ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ پۇل تىقىپ تۈر مەبلىغى ھەل قىلىش؛تەستە  قولغا كەلگەن تۈر مەبلىغىنىڭ بىر قىسمىنى تەكشۈرۈپ-تەستىقلاش ئۆتكىلىدىكىلەرگە خەجلەپ بېرىش؛ساختا مەلۇمات،يالغان سان-سىفىرلار بېلەن ئالاقىدار تەرەپلەرنى ئالداش نەتىجىسىدە پەن-تەتقىقات ساھەسىنى چىرىكلىك قاپلاپ كۆپۈك تەتقىقات نەتىجىلىرى ئەۋىج ئېلىپ كەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
لى شىنمىن ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق ماقالىسىدە يېزىلىشىچە ،جۇڭگودا يىلىغا بىر دۆلەتنىڭ نوپۇسىغا باراۋەر كەلگۈدەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرسىمۇ ئەمما ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ئانچە پەرقى يوق ئىكەن.ئۇلار    بىر قانچە كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىدىيە،روھ، دۇنياقاراش، قىممەت قارىشى،تەن-ساپاسى، ئەمگەك، تېخنىكا، نەزەرىيە، ئىجادچانلىق، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مىللىي كىملىك، سەنئەت قاتارلىق تەرەپلەردىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولماقتا يوق پىسخىكا جەھەتتىن   تېخىمۇ مۇتىھەم، ھورۇن، مىشچانلارغا ئايلانغان .مەركىزى پارتىيە مەكتىپى جېنىدا بىر كۈنمۇ دەرىس ئاڭلاپ باقمىغانلارغا تۆت ئاي ئىچىدىلا مەخسۇس كۇرسنىڭ، بىر يىلدا تولۇق كۇرىسنىڭ دېپلومىنى بېرىۋېتەلەيدىكەن.بەزى مەكتەپلەر ماگېستېرلىق ھەم دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانلىرىنى بىر-ئىككى تۈمەنگە ساتىدىكەن.پارتىيە-ھۆكۈمەتلەرنىڭ باشقۇرغۇچىلىق سىستمىسىدا رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئاتقۇرىۋاتقانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى مەخسۇس ئەڭ ئالىي ئىمتىيازلىق  مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە مەخسۇس تەربىيلىنىدۇ.مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى يۇقۇرقىدەك دېپلوم پاخاللىقىغا باش بولۇپ بېرىۋاتقان يەردە  شۇ يەردە ئوقۇپ چىققانلارنىڭ ساپا- ئىقتىدارىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟
  ئىلىم ساھەسىدىكى ساختىلىق، چىرىكلىك ،ساپاسىزلىق يالغۇز ئىختىرا تىپىدىكى يۇقۇرى- يېڭى تېخنىكا ساھەسى بېلەنلا چەنكەنمەيدۇ. ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت.يېقىندا «يەر شارى تورى»(finance.huanqiu.com) دا ئېلان قىلىنغان «جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىمەن دەيدىكەن دورامچىلىق چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك» ناملىق بىر ماقالىدە يېزىلىشىچە،ئۆتكەن يىلى جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر ئىلمىي ژورنالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 20 ئاي ئىچىدە ئەۋەتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنىڭ كۆچۈرۈلگەن ساختا ئىلمىي ماقالىلەر ئىكەنلىكى  ئاشكارىلانغان.شۇ ماقالىدە يەنە « \S"i
sz ئىقتىسادىي تەرەققىيات شۇنچە تېز بولۇۋاتقان، ئەمما قانۇن سىستېمىسىنىڭ يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇۋاتقان مەملىكەتتە، قىزىلكۆز كىشىلەر دائىم ئۇتۇپ چىقىدۇ. سەمىمىي كىشىلەرنى قوغدايدىغان تۈزۈلمە ھەقىقەتەن مۇكەممەل ئەمەس. قىزىلكۆز كۆچۈرمىچىلەر تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، تېز ئېشىۋاتقان بازاردا ئەۋزەللىككە ئېرىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى جۇڭگودىكى دورامچىلىق شامىلىنى يامرىتىشقا شارائىت يارىتىدۇ.»دەپ يېزىلغان.گېرمانىيىلىك خەنزۇشۇناس كۇبىننىڭ «جۇڭگونىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت»دېگەن ھۆكۈمى  9)h"-H;5: ئەدەبىيات –سەنئەت ساھەسىىنىڭىمۇ بۇ خىل ساقتىلىقنى مەنبە قىلغان دورامچىلىقتىن  مۇستەسنا ئەمەسلىكىنى بىشارەتلىمەي قالمايدۇ.دېمىسىمۇ شۇنچە ئۇزۇن مەدەنىيەت تارىخى بار بىر قەدىمىي مىللەتتىن بۈگۈنگە قەدەر نە بىرەر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ، نە بىرەر ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ يېتىشىپ چىقالمىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ گېپى چىقسىلا بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ مۇستەقىل تەپەككۇر ئاساسىدىكى كۈچلۈك ئېتىقادى ۋە قەلەم قۇۋىتى بېلەن ھېساپلاشماي ھە دېسە نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى باھالاش كومېتىتىدىكىلەرنى « ئادىل ئەمەس،قوش ئۆلچەم قوللىنىدۇ،سوتسىيالىزىم تۈزۈلمىسىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى يول تۇتىدۇ» دېگەندەك يۇقىلاڭ باھانىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزلىرىگە تەسەللىي ئىزلىشىدۇيۇ ئۆزلىرىنىڭ قوشنىسى بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت سوتسىيالىزىمنىڭ بوۋىسى بولغان بىر مەملىكەتتىكى شولوخوف ئىسىملىك بىر يازغۇچىنىڭمۇ 1970-يىلى مۇشۇ شانشەرەپكە نائىل بولغانلىقىنى خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيدۇ.   
نۆۋەتتە پۈتكۈل مىللەت ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنىڭ ۋە پەن-تەتقىقاتتىكى نەتىجىسىزلىكنىڭ مەنبەسىنى مائارىپتىن ئىزدەش،بارلىق سەۋەبلەرنى مائارىپقا ئىتتىرىپ قويۇش بېلەن كۇپايىلەنمەكتە.دېمىسىمۇ ئالىي مائارىپ ساھەسى بۇنىڭدىكى سەۋەبنى تولۇق ئوتتۇرا مائارىپىغا دۆڭگەيدۇ،تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپىغا، تولۇقسىز ئوتتۇرا مائارىپى باشلانغۇچ مائارىپىغا ، باشلانغۇچ مائارىپى بولسا يەسلىي مائارىپىغا ، يەسلىي مائارىپى بولسا قورساقتىكى ھامىلە تەربىيىسىگە دۆڭگەۋاتىدۇ.بۇ يەردىكى گۇناھ قانداقتۇر بۇ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان قورساقتىكى ھامىلىدە ئەمەس.بەلكى توغرا رىقابەتكە، مۇستەقىل ئىجادىي تەپەككۈرگە،ھەقىقى ئىقتىدارلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە ئىلھام-مەدەت بېرىدىغان،ئۇلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى جان تىكىپ قوغدايدىغان،  ناچارلىرىنى شاللاپ سەرخىللىرىنى تاللايدىغان بىر خىل جانلىق تۈزۈلمىنىڭ ئورنىتىلمىغانلىقىدا. قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىدا ئالەمشۇمۇل شارائىت يارىتىلسىمۇ ئەمما بۇ خىل تۈزۈلمىنىڭ كەملىكى تۈپەيلى ئۇنىڭدىن قىلچە ئۈنۈم كۆرۈلمەيۋاتىدۇ.بۇنى ئېشەك ھارۋىسىغا 1-دەرىجىلىك يۇقۇرى سۆرەتلىك تاشيول ياساپ بەرگەنلىككە ئوخشىتىش مۇمكىن. 1-دەرىجىلىك يۇقۇرى سۆرەتلىك تاشيول ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتەلمەيلا قالماي يەنە باشقا ھەر قانداق زامانىۋى ئىلغار تېز سۈرئەتلىك قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ سۈرئىتىگىمۇ پۇتلىكاشاڭ بولۇپ،ئۇلارنىمۇ ئاخىر بېرىپ ئېشەك ھارۋىسىدىن پەرىقسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقى ئېنىق.         
ئومۇمەن ناچارلىرىنى شاللاپ سەرخىللىرىنى تاللايدىغان بىر خىل جانلىق تۈزۈلمىنىڭ ئورنىتىلمىغانلىقى پۈتكۈل جەمئىيەت خاراكتىرلىك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى، تەقدىرىنى بەلگۈلەيدىغان مائارىپ، پەن-تەتقىقات ساھەسىدىمۇ ھەقىقى كەشپىيات-ئىختىرالارنىڭ ئورنىغا چىرىكلىك، ساختىلىقنى دەسسىتىشتەك ناچار خاھىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېنترنېت تاراتقۇلىرىدا جۇڭگونىڭ مۇقىملىقنى قوغداش سېلىنمىسىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىنمۇ زور دەرىجىدە كۆپىيىپ دۆلەت مۇداپىئە چىقىمىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى ۋە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرنىڭ ئايىقى بېسىقمىدى.چىرىكلىكنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىغان تۈزۈلمە ئورنىتىلسا ئىجتىمائىي ئادىللىق، ئەدلىيە ئادىللىقى ھەقىقى ئىشقا ئېشىپ ، مۇقىملىقمۇ ئىزىغا چۈشىەتتى. بۇنىڭ بېلەن شۇنچە كۆپ مۇقىملىقنى قوغداش سېلىنمىسى پەن-تەتقىقات ساھەسىگە سېلىنسا بىزنىڭ بۇ ساھەيىمىزدىمۇ «ياساش»(制造) دىن «ئىجات قىلىش» (创造) قا سەكرەش ئىشقا ئېشىپ ، ئاخىر بېرىپ غەرىبنىڭ «كولا» سىدىن بازار تالىشىش مەقسىدىدە بازارغا سېلىنىۋاتقان «ۋاڭلاۋجى»(王老吉)  ماركىلىق ئادەتتىكى بىر ئىچىملىكنىمۇ غەرىبنىڭ تېخنىكىسىز ئىشلەپچىقىرالمايدىغان ھالەتكە خاتىمە بەرگىلى بولاتتى. ئەمەلىيەتتە «ۋاڭلاۋجى»چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا ئۇزۇن يىل چاي تەتقىقاتى بېلەن شۇغاللانغان ، مەخسۇس پادىشاھلارغا چاي تەييارلاپ بېرىدىغان بىر ئۇستام چىڭ سۇلالىسىنىڭ داۋگۇاڭ يىللىرىدا قالدۇرۇپ كەتكەن  مەخپىي رېتسىپ ئاساسىدا تەييارلانغان 100يىللىق تارىخقا ئىگە  تەييار مەھسۇلات ئىدىغۇ؟ ئەجىبا تەييار رېتسىپ ئاساسىدىكى ئەشۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىچىملىكنىمۇ مۇستەقىل ياساپ چىقالماسلىقنى  ئۆزىنىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بېلەن ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان بەشمىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيەت تارىخى بار بىر قەدىمىي مىللەتنىڭ تېراگىدىيىسى دېيىش كېرەكمۇ –قانداق؟ شۇڭا بۇنى لى شىنمىن ئەپەندى  شۇ ناملىق ماقالىسىدە « 30يىللىق مائارىپ ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ 30يىللىق كۆز يېشى،خەلقنىڭ 30يىللىق قەلىب يارىسى،30يىللىق مىللىي ھەسرەت!»دەپ خۇلاسىلىگەن.بۇ ھالەتتە ھازىرقىلارنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت قايغۇسىنى زىممىسىگە يۈكلىيەلەيدىغان لۇ شۈن كەبىي راسىت سۆزلۈك زېيالىيلارغا؛لىياڭ چىچاۋ،سەي يۇەنپېيدەك ھەقىقى دۆلەت مائارىپچىلىرىغا؛ ۋاڭ گوۋېي ، خۇ شېدەك مەسئۇلىيەتچان دۆلەت ئۇستازلىرىغا تېخىمۇ تەقەززا بولىۋاتقىنى بىكار بولمىسا كېرەك، ئەتىمالىم.
مەن توردىن لۇشۈننىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ ھازىرقى 20مىڭ يۇەندىن 40مىڭ يۇەنگىچە خەلق پۇلىغا باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا يىلىغا ھازىرقى 450 مىڭ يۇەن خەلق پۇلىغا باراۋەر كىرىم قىلالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. پۈتكۈل تۈزۈلمە ۋە خەلقنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پاسسىپ تەرەپلەرنى توختىماي تەنقىت قىلىپ تۇرىدىغان مەيدىسىنىڭ ئەركەك تۈكى بار بىر زېيالىينىڭ تەنقىدى پوزىتسىيىسىگە يول قويۇپلا  قالماي يەنە ئۇنى ئەشۇنداق يۇقۇرى كىرىم بېلەن باققان شۇ چاغنىڭ مىنگو ھۆكۈمىتىگە تېخىمۇ ھەيران قالدىم. جۇڭخۇا مىنگودىن تارتىپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ بۈگۈنگە قەدەر ئارىدىن 100يىل ئۆتكەن بولسىمۇ 5مىڭ يىللىق شانلىق مەدەنىيىتى بار بۇ قەدىمىي تۇپراقتىن لۇشۈندەك بىر گىگانىت ئەدىبنىڭ قايتا يېتىشىپ چىقالمىغانلىقى كىشىنى تەئەججۈپ خىياللىرىنى سۈرۈشكە قىستىماي قالمايدۇ.                  
جياڭ جىيېشىمۇ جۇڭگودىكى تۇنجى دوكتور خۇشېنىڭ ئىش ھەققىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىدىن بەش ھەسسە كۆپ بولۇشىغا يول قويۇپتىكەن. تېخى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ ئۇنى جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇللۇقىغا تەيىنلەپتىكەن . ئازاتلىق ھارپىسىدا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنىڭغا بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى بېرىش ھەققىدىكى ۋەدىسى ئالدىدا ئۇنىڭ پەقەت كۈلۈپ قويۇش بېلەنلا كۇپايىلىنىپ ، نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تەيۋەنگە كەتكەنلىكى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويغا سالىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى گەپ پۇل ، ھوقۇق-ئىمتىيازدا ئەمەس.بىر زېيالىيغا نىسبەتەن روھى ئازادىلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكى  پۇلدىنمۇ ،ھوقۇق-ئىمتىيادىنمۇ موھىم.چۈنكى، ئۇلار پىكىرگە ۋە مۇستەھكەم ئېتىقاتىغا تايىنىپ ئۆرە تۇرىدىغانلاردۇر.ئۇلار پەقەت ئۆزى قىزىققان، ئۈگەنگەن ،ماھىيىتىنى ئىگىلىگەن كەسىپلەردىلا ۋايىغا يېتەلىشى مۇمكىن.مانا بۇ زىيالىيلار مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئاران 500 نەچچە يىللىق مەدەنىيەت تارىخى بار ئامېرىكىنىڭ  ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكا رىقابىتىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتەلىشىدىكى ئەڭ موھىم سەۋەب دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلارنى ئۆزىگە ماگنىتتەك جەلىپ قىلالىغانلىقىدا ؛ تېخىمۇ موھىمى ئۇلارنى مۇستەقىل ئادەم قاتارىدا كۆرۈپ ئۇلارغا قورىقماي تۇرۇپ پىكىر ئەركىنلىكى،ئىجات قىلىش ئەركىنلىكى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئەركىنلىكىنى تولۇق بېرەلىگەنلىكىدە .
ئازاتلىقتىن ئىلگىرى  « باھار»، « كۈز» ، « ئائىلە » دەك ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يازغان باجىننىڭ؛« گۈلدۈر مامىلىق يامغۇر»دەك گىگانىت دىراممىنى يازغان ساۋ يۈنىڭ  ئازاتلىقتىن كېيىن شۇنچە ئەۋزەل شارائىت ۋە ئىمتىيازغا ئىگە  بولۇپ تۇرۇپمۇ يۇقۇرقىدەك سەرخىل ئەسەرلەرنى يارىتالماسلىقى زىيالىيلارغا ھوقۇق-ئىمتىيازدىن كۆرە روھى ئازادىلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ موھىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەسلىدە ھامان ئەگەشمە تەپەككۇرغا ئەمەس مۇستەقىل تەپەككۇرغا تايىنىپ ياشايدىغانلار ئىدى. ھوقۇق-ئىمتىياز ساھەسىگە كىرگەن ئادەم مۇستەقىل تەپەككۇردىن ۋاز كېچىپ ئەگەشمە تەپەككۇرغا كۆنمىسە پۇت دەپسەپ تۇرالمايدۇ.چۈنكى، بىز ياشاۋاتقان رېئاللىقتا ھوقۇق ساھەسى ئىختىراچىلارنى ئەمەس ئىجراچىلارنى تەقەززا قىلىدۇ.  
يىغىپ ئېيىتقاندا، بۇلبۇل پەقەت بوستانلىقلاردىلا ئېچىلىپ يېيىلىپ سايرىيالايدۇ، ئېشەك پەقەت قوتاندىلا قېنىپ-قېنىپ ھاڭرىيالايدۇ. دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ ئۆز يارىشىغى بولىدۇ.تالانىتلىقلارنى كاردىن چىقىرىش ۋە تەرەققىياتنى بۇغۇشنىلا مەقسەت قىلغان «بۇلبۇلنى قوتانغا سولاپ قويۇپ،ئېشەكنى  بوستانلىقلارغا ھەيدەپ قويۇش » دىن ئىبارەت زېيالىيلار مۇستەبىتلىكى تۈسىنى ئالغان تەتۈر ئېقىم بىر مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقىنىڭ ئىختىراچىلىرى بولغان زېيالىيلارغا تەدبىقلانسا شۇ مىللەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرىنى نابۇت قىلىشتىن باشقىنى مەقسەت قىلمىغان بولىدۇ. تېخىمۇ يامىنى بۇ خىل زىيالىيلار نابۇتلۇقى شۇ زىيالىيلاردىن ئۆتۈپ ئاخىر بېرىپ پۈتكۈل مىللەت، پۈتكۈل دۆلەت خاراكتىرلىك يوقىتىش بېلەن خاراكتىرلەنسە ئەجەپ ئەمەس!


ئىزاھلار :
    [1]،[2]خوۋ گوپىڭ: « گاۋچىيۇ قانداقلا بولمىسۇن توپ تېپەلەيىتتى»، « فېليەتون ئايلىق ژۇرنىلى» نىڭ 2011-يىل 6-سانىنىڭ 53-بېتىگە قارالسۇن.
         [3]  http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1298
    [4]، [5] ۋۇ جىياخۇ :«شىنجاڭلىقلار ھەققىدە قايتا ئويلىنىش»، «غەربىي رايون مۇنبىرى » ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچە نەشرى، 2001-يىل 8-سانى.
          [6]، [8]ئابدۇقادىر جالالىددىن :«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا»، 369-بەت.
          [7] شېنۋېي : «غەربىي يۇرىتنىڭ ھېكمىتى»،«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى ئۇيغۇرچە نەشرى ، 2006-يىل 4-سان، 88-بەت.


مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 19:08

مەندىمۇ مۇشۇنداق ئاچچىق  قىسمەت ۋە سەرگۈزەشتىلەر بولغان ،دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇننىڭ ،<<كادىرلارنى يۆتكەش -سەپلەش >> توغرىسىدىكى پىرىنسىپلىرىنى  دەپسەندە قىلىدىغان  دۆلەت قانۇنىنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت ئاخىرقى مەقسىدىنى تولۇق چۈشەنمەي ئۆزىنىڭ بىساپا ئىمتىيازىغا ،ۋە يۇقۇرىغا ياخىشىچاق بولۇشتەك پورداقچىلىق مىجەزىىدىن نام ئابروي قازىنىشقا  كۆنگەنلەر نۇرغۇن كادىرلىرىمىزنىڭ روھىنى سۇندۇرۇپ كەسپتىن ياتلاشتۇرۇپ ،ئۇلارنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى ،ياشلىق باھارىنى ،سىياسى ئىشلارغا پۇتلاپ ، ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا قايتا-قايتا  قىستاپ ،ئۇنۋان ،كەسپ ،تەمىناتتىن  تەدىرجى قىسىپ سىياسەتنى قانۇننىڭ ئۈستىگە مىندۇرۇپ ،بۇرنى بولمىسا پوق يەيدىغانلارنى قابىللارنىڭ،ئۇستىگە قويۇپ پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۇرۇش ئۇلۇغ پىلانىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ،دۆلەتكە  سىياسى،ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت  ۋە باشقا نۇقتىدىن ئاۋارىچىلىق تېپىپ جەمىئەت ئارىسىدا ئۆزىگە قارشى ئاغرىق -ئاداۋەت تېرىپ ھەم ئۇنى يەنە شۇ زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچىغا ئارتىپ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلار يولداش دېڭ شاۋ پىڭ ۋە جىئياڭ زېمىننىڭ بىرىنچى قول كۆرسەتمىلىرىنى ئاياغ -ئاستى قىلىشقا ئاۋاز قوشقانلار بولۇپ ئۇلار گەرچە ئومۇمىلىققا ۋەكىللىك قىلالمىسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى <<ئومۇملۇق>>نىڭ تەستە پەيدا قىلىدىغان ئۇنۇمىنى تەتۈر تەرتىپ بويىچە قاتلاپ تاشلىدى،بۇنداق  بىر قىسىم مۇناپىق كادىرلار قوشۇنى پارتىيە -ھۆكۈمەتنىڭ پاراۋانلىقىغا ئەمەس بەلكى  بىر قوشۇق تۇزىغىمۇ يۇز كېلەلمەيدۇ ، بوزقىر ئەپەندىدەك ناھەقچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ يەنە قانداق ئەبجەش ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ قۇربانلىقى بولغانلىقىنى  ۋە ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدىغانلىغىنى  سىياسى قانۇن ساھەلىرىنىڭ ۋە قۇرۇلتاي روھىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈش  زۆرۈرىيىتىنىڭ ئاۋام ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىغىنى ،<مەمۇرى ئىشلارنىڭ ئاشكارىلىق پىرىنسىپى>.مۇ ھەل قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ يېپىق قازان ھالىتىدە قالدۇرۇپ ،كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش ، بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىش ،مەسۇلىيەتنى مەزى بېزى يوغىناپ كەتكۈچە باشقىلارغا ئىتتىرىش ،ئاخىرىدا ھاجەتمەننى تالدۇرۇپ ،ئۇنى ئۆزلىگىدىن داۋادىن ۋاز كېچىشكە مەھكۇم قىلغان رئاللىقلارنى ھەرقاندق قىلغان بىلەن ياسالما چۈشەنچىلەر قورشاۋىدا ھەل قىلماق تۈلكىلىكمۇ ؟كۈلكىلىكمۇ؟!............
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 19:12

<<ئاقسۇدىكى غېرىپ خىياللار>>نىڭ 1-،2- قىسمىنىمۇ يوللاپ بەرسەڭلار بوپتىكەن؟
دوستلىشىش
ئىپتىخار
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1046
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 203
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە203دانە
تۆھپىسى: 30
پۇلى: 268 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 60
ياخشى باھا: 268
توردا: 57(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-11-22
ئاخىرقى: 2012-11-07
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-11 23:01

http://bbs.misranim.com/thread-63413-1-1.html
«ئاقسۇدىكى غېرىپ خىياللار»نىڭ  1-قىسمى پۈتكەن. ئەمما تېخىمۇ تولۇقلاپ يېزىۋاتىمەن دەپتۇ ئاپتور. بۇنىڭدىن كىيىن چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
ئىجتىھاد
ھېسياتنىڭ قۇلى،مەغلۇبنىڭ ئۇلى!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 546
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2426
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2426دانە
تۆھپىسى: 142
پۇلى: 2823 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 285
ياخشى باھا: 2742
توردا: 440(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-11-16
4- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 12:14

چىقىسەن سەن ئەبەد ئىگىز چوقۇغا،
خەنجەردەك يالتىراق تاشلارغا ئېسلىپ.
شۇ تاشلار گاھىدا ھەمرىيىڭ بولۇپ-
تاپىنىڭ تەكتىدە قالۇر قايرىلىپ.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
5- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-12 14:09

مەن تاش سانىسام قۇم سانار ئەللەر،
قۇمنى تاش قىلغۇچە پۈكۈلەر بەللەر.
ئۆمرۈمنىڭ   باھارى سولدى بىمەھەل...
مېنى گول قىلالماس سوسكا،غەزەللەر.
[ بۇ يازمىنىqarxan 2012-02-12 19:23قايتا تەھرىرلىدى ]
دوستلىشىش
پالۋانجان
سادىر پالۋان
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 312
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 127
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
تۆھپىسى: 54
پۇلى: 236 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 109
ياخشى باھا: 236
توردا: 25(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-04-05
ئاخىرقى: 2012-02-14
6- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-13 17:59

ئۇزەم ئاقسۇ دىيارىدا بولغاچ ئاپتۇرنىڭ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلۋېزىيە ئىستانىسىدە خىزمەت قىلىش ۋە باشقا تەپسىلاتلىرىنى ئوقۇپ <<بوز قىر>>نىڭ (مېنىڭچە خاتالاشمىسام مەزگۇر يازما ئىگىسىنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسى بوز قىر) ئىچكى دۇنياسىنى يەنە بىر قەدەم ئىچكىرلەپ چۇشۇنىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەنلىكىمگە تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. يامىلىرىڭىزنى تەخەللۇسىڭىز نامىدىكى مۇشۇ مۇنبەردىن ئايىماسلىقىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۇت قىلىمەن. ھارمىغايسىز.
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1103
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1489
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1489دانە
تۆھپىسى: 196
پۇلى: 2031 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 372
ياخشى باھا: 1911
توردا: 471(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-12-07
ئاخىرقى: 2012-11-15
7- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2012-02-14 23:56

ئۇ قىسمەتلەر <<بوزقىر>>نىڭ ئەمەس ،بوزقىرلىقلار قىسمىتىنىڭ  كارتىنىسى؟