ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1683 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار
دوستلىشىش
ئىمتىھان399
بوزقىر ئەركىسى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 16
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 191
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە191دانە
تۆھپىسى: 62
پۇلى: 360 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 94
ياخشى باھا: 300
توردا: 23(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-17
ئاخىرقى: 2012-04-28
0- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 18:31

سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار

ئەسكەرتىش: بۇ يازما bozqir تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-03-26)
سۈتچىلىك شىركىتى، ئېلان شىركىتى ۋە چولپانلار

ھەر قېتىم بەزى سۈتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تېلۋىزۇردىكى بوۋاق بالىلار سۈت پاراشوكى ھەققىدىكى ئېلانىنى كۆرسەم، بىر ئەپسۇسلىنىمەن. شۇنچىۋالا جىق مەبلەغنى سەرپ قىلىپ ئىشلىگەن،داڭلىق چولپان چىققان بۇ ئېلاننىڭ چوڭ خاتالىقى مىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، شۇ ئېلاننى ئىشلەش جەريانىدا ئېلان شىركىتىنىڭ ياكى چولپاننىڭ (ئايال بەلكىم ئانا بولغان چولپان ) ۋە ياكى شۇنچىۋالا مەبلەغنى چىقارغان شىركەتنىڭ شۇنچىۋالا چوڭ سەۋەنلىككە يول قويغانلىقىغا ئەقلىم يەتمەي ھەيران بولىمەن. ئۇلار زادى چۈشىنىپ ئىشلەمدۇ ياكى چۈشەنمەي ئىشلەمدىغاندۇ ئېلاننى دەپ ئويلاپ قالىمەن. بۇگۈن ئاخىرى بۇ تېمىنى يېزىشنى قارار قىلدىم، بەلكىم بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئېلاندىكى خاتالىقنى تۈزىتىۋالار.
بالىلار سۈت پاروشوكى ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ياكى ئانا قېشىدا بولالمىغان ئەھۋال ئاستىدا بالىلارغا بىرىلىدىغان بىر خىل ئالىي دەرىجىلىك ھەر خىل تەركىبلەر ئانا سۈتىگە يېقىنلاشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن سۈت پاراشوكى بۇلۇپ، بوۋاق بالىلارنىڭ مۇھىم ئۇزۇقلىقى، بالىلار سۈت پاراشوكىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى يامان بولىشى شۇ بوۋاق بالىنىڭ ھاياتىغا، سالامەتلىكىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭغا بالىلار سۈت پاروشىكىنى ئىشلەتكۈچى ئائىلىلەر چۇقۇم بوۋىقىغا ماس كېلىدىغان، ئىشەنچلىك، سۈپەتلىك سۈت پاراشوكىنى سېتىۋېلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك، ھازىر ئەرزانكەن دەپ سېتىۋالغان بىلەن يۈرەك باغرىنى يېرىپ چىققان پەرزەنتىنىڭ سالامەتلىكى ياكى ئىچكى ئەزالىرىدىن چاتاق چىقسا، ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر مەھسۇلات زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئىستىمالچىنىڭ قولىغا يەتكۈچە، نۇرغۇن سۈپەت تەكشۈرۈشتىن، نازارەتچىلىكتىن ئۆتىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، بىر قىسىم ماللاردا يەنىلا ساختىلىق، ناچارلىق كۈرۈلۈپ، سۈپەت تەكشۈرگۈچە ئەڭ ياخشىسىنى ئىشلىتىپ، نازارەتتىن، تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشىكىم كۆۋرۈكتىن ئۆتتى، تۇقۇمى نەزىر دەپ، ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان، سەنلۇ بوۋاقلار سۈت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقارغاندەك ئادەم قېلىپىدىن چىققان، سەمىمىلىكتىن ئەسەر يوق شىركەتلەر، زاۋۇتلار ھېلىھەم مەۋجۇت. سەنلۇ سۈت پاروشوكىنى ئىچكەن شۇ بوۋاقلار گەرچە ماددى جەھەتتىن مەلۇم تۆلەمگە ئېرىشەلىگەن بولسىمۇ، دوختۇرخانىلاردا ھەقسىز داۋالانغان بولسىمۇ، ئەمما، دەسلەپتىكىدەك ساغلام، بىجىرىم، نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك بالىلارنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ۋە زەھەرگە، ئەكس تەسىرگە بولغان قارشىلىق كۈچى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولىدۇ، شۇنىڭغا ئۇلارنىڭ بۆرەك، جىگەر، ئۈچەي قاتارلىق ئەزالىرى بۇلۇپمۇ بۆرەك ئۇچرىغان زىياننى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، گەرچە ھازىر تىببى مىدىتسىنا غايەت زور تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن، زەئىپلەشكەن بۆرەكنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان تېخنىكا تېخى ئىنسانلارنىڭ قولىدا ئەمەس، ئەگەر بۆرەك ئالماشتۇرىمەن دىسە، قانچىلىك زور مەبلەغ، ئىختىساد كېتىدۇ، بۇ ھەممىمىزگە ئايان بولغان بىر مەسىلە.
ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ گىپىگە كەلسەك، سۈت پاروشىكىدىكى تەركىبلەر بەزىلىرى بىۋاستە سۈتتىن ئېلىنسىمۇ، ئەمما يەنە بىر قىسىملىرى سۈنئى ئۇسۇلدا قېتىپ، بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ماسلاشتۇرۇلۇپ تەييار قىلىنىدۇ، ئادەتتە بوۋاقلار سۈت پاروشىكى ۋە ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن تەركىبلەر ئادەتتە تۆۋەن گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا ناھايىتى ياخشى ئېرىيدۇ. ئېرىش جەريانىدا چۆكمە ھاسىل بولىۋالماي ئېرىيدۇ.ھەرگىزمۇ يۇقۇرى گىرادۇسلۇق قايناقسۇدا ئەمەس. تۆۋەندە مەن قىسقىچە قىلىپ، مەلۇم بىر بوۋاقلار سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش جەريانى چۈشەندۈرىلىشىنى دەپ ئۆتىمەن.
سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش ئۇسۇلى:
بىرىنچى : ئاۋال قولنى پاكىز يۇيىمىز.
ئىككىنچى: سۈت بۇتۇلكىسى، ئىمزەك ۋە ئىمزەك تۇتىشىدىغان بارلىق ئەتكۈچ قاتارلىقلارنى پاك- پاكىز يۇيۇمىز.
ئۈچىنچى: سۈت بوتۇلكىسى، ئىمزەك قاتارلىقلارنى قايناق سۇدا بەش مىنۇت تۇرغۇزۇپ، دېزىنفىكسىيە قىلىمىز.
تۆتىنچى: قايناق سۇنى سوۋۇتۇپ تەييار قىلىۋالىمىز. مەسىلەن:
( بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارغا بىرىلىدىغان چۆچاۋ تېبىې نېڭئېن سۈت پاروشوكىغا ئادەتتە 45 گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىشلىتىلىدۇ.)
بەشىنچى: سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى مىقدار بويىچە بوۋاقلار سۈت بوتۇلكىسىغا قۇيىۋالىمىز، ئادەتتە بىر قۇشۇق سۈت پاراشوكىغا ( ئۆلچەملىك قۇشىقى بار ھەر بىر سۈت پاروشىكىنىڭ ) 30 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇلىدۇ، بالىنىڭ ئىچىپ بۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قانچىلىك لازىم بولسا شۇنچىلىك سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قويىمىز، مەسىلەن: 3 قۇشۇق سۈت پاراشوكى ئۈچۈن، 90 مىللىلىېتىر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ قۇيىمىز. دىققەت، ئاۋال سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ مىقدار بويىچە بوتۇلكىغا قۇيۇلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئاۋال سۈت پاراشوكىنى سوۋۇتۇلغان قايناقسۇدىن بۇرۇن بوتۇلكىغا تۈكىۋالمايمىز. بۇ ئەڭ مۇھىم نۇقتا، شۇنداقلا، شۇ تېلىۋىزۇرىمىزدىكى سۈتچىلىك شىركەتلىرى ئىشلەتكەن ئېلاندىكى ئەڭ چوڭ خاتالىق ۋە ئاساسلىق خاتالىق، بۇ سۈتچىلىك ئېلانلىرىدا قانداق كۈرۈنۈش بار دىسىڭىز، ئېلاندىكى ئانا ئاۋال سۈت پاراشوكىنى بۇتۇلكىغا قويىدۇ، ئاندىن چەينەكتىكى قايناقسۇنى بىۋاستە سۈت پاراشوكىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ....نىھايەت، بۇ چوڭ خاتالىق سۈت پاراشوكىغا قايناقسۇنى بىۋاستە قۇيغاندا، سۈت پاروشوكىدىكى نۇرغۇن تەركىبلەر يۇقۇرى گىرادۇستا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، سۈتمۇ ياخشى ئېرىمەي مۇنەك مۇنەك بۇلۇپ قالىدۇ، بىز بالىمىزغا كۈيىمىز دەيمىزيۇ، لېكىن، مەھسۇلاتنى توغرا يولدا ئىشلەتمىسەك، ئەكسىچە ئەھۋال كۈرىلىشى تەبىئى.
ئالتىنچى: سۈت پاراشوكىنى سوۋۇتۇلغان مەلۇم مىقداردىكى سۈت بوتۇلكىسىغا قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سۈت پاراشوكى ئېرىگۈچە بۇتۇلكىنى چالغىتىمىز.
ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، سۈت پاراشوكىنىڭ ئاغزىنى ھىم ئىتىپ، قۇرغان، سالقىن جايدا قويىمىز. بۇتۇلكىلارنى پاكىز يۇيۇپ، تەييار قىلىۋالىمىز.
.....
بۇ بىرلىككە كەلگەن سۈت پاراشوكىنى تەييارلاش، ئېرىتىش، بالىغا ئەمدۈرۈشتىن بۇرۇنقى ئىشلار بۇلۇپ، بۇنىڭ ھەر بىر ھالقىسى بالىنىڭ سالامەتلىكى ۋە سۈت پاراشوكىنىڭ تەركىۋىگە ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا ئېلان شىركەتلىرى، ئېلان ئىشلەتكۈچى ئۇرۇن ياكى ئېلانغا چىققان چولپانلارنىڭ ئىلمى، پەن تېخنىكىلىك ئۇسۇلدا، ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا ئاساسەن مەھسۇلاتنىڭ ئېلانىنى ئىشلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. سىلەرگە ئۇتۇق، مۇۋەپپەقىيەت، بايلىق يار بولسۇن.
بارلىق بوۋاقلارغا ۋە ئانىلارغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك يار بولسۇن.
مەنبە: ئۆزۈم
2011-3-25-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4 يېرىمدا يېزىپ پۈتتى.
دوستلىشىش
مۇزاتبەگ
كۆلۈپ ياشىسام دەيمەن.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 72
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 38
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە38دانە
تۆھپىسى: 0
پۇلى: 38 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 0
ياخشى باھا: 38
توردا: 5(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-04-13
1- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 19:11

مەنغۇ بالامغا قەتئى يېقىن يولاتمىغان، ئاللاھ بەرگەن ئۇزۇقى بار ئەمەسمۇ.
سەنلۇنى ئويلىساملا تېىنىم شۈركىنىدۇ.
تېما يوللىغۇچى بۇنى يوللاپ ياخشى قىلىپتۇ، ئىشلىتىش قائىدىسنى بىلىشمۇ مۇھىم.
مۇزىكا شاھى
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 52
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 89
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە89دانە
تۆھپىسى: 20
پۇلى: 129 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 30
ياخشى باھا: 124
توردا: 20(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2011-12-14
2- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-03-25 19:20

بالىلارنى ئەنئەنىۋى ئوزۇقلاندۇرۇش ئەڭ ياخشى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 605
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
تۆھپىسى: 3
پۇلى: 51 ياۋرۇ
شۆھرىتى: 6
ياخشى باھا: 51
توردا: 0(سائەت)
ھازىر:
تىزىملاش: 2011-05-26
ئاخىرقى: 2012-05-03
3- قەۋەت  يوللانغان ۋاقت: 2011-05-26 19:05

يالتىراققا قاچىلانغان پاكىز زەھەر