مىنىڭ قارىشىم بۇ قېتىمقى ۋەقە كۆچۈش ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزىنىڭ شەرقتىن غەربكە يۆتكىلىشى خالاس. چۈنكى ئورخۇن ۋادىسى بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇپ شىمالى،يەتتەسۇ ۋە ئىسسىق كۆل يايلاقلىرى ھون، تۈرك ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر خانلىقلىرى دەۋرىدە ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر گەۋدە بۇلۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇر نامى ئاددىلا بىر نەچچە قەبىلىنىڭ نامى بولماستىن بەلكى يۈزلىگەن،مىڭلىغان قەبىلىلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقىنىڭ نامى،يەنى بىر ئىتتىپاقنىڭ نامى.
شۇ مەزگىلدە تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى ئاھالە سانى 1 مىليۇن ئەتراپىدا،ئورخوندىن كۆچكەنلەرنىڭ ئىتىقاتى شامان بىلەن مانى دىنى ،چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلدىغان قالاق كۆچمەن يايلاق خەلقى، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى خەلق بولسا بۇددا دىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىكى ،شەھەرلەشكەن، دىھقانچىلىقنى ئاساس قىلغان ئىلغار مۇقىم ئولتۇراقلاشقان خەلق. كۆپ سانلىق خەلق قانداق بولۇپ نەچچە يىل ئىچىدىلا ھەممسى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ؟ ئەلۋەتتە ئازسانلىقنى ئاسمىلاتسىيە قىلدى ..... كۆپ سانلىقلار تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبى شىمالى ۋە قازاقىستان يايلاقلىرىغچە سوزۇلغان غەربى ئۇيغۇرلار ئىدى .
بۇ مەزگىل تاڭ خانلقى ئاجىزلاپ لىڭىشىپ قالغان ،ئەكىسچە تىبەتلەر ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىل بولوپ ، تاڭ خانىلىقىغا ۋە ئورخون ئۇيغۇر قاغانلىقىغا تەۋە بولغان يىپەك يولىدىكى موھىم شەھەرلەرگە تاجاۋۇز قىلغان مەزگىلى ئىدى.
ئىشەنچلىك بولۇشى ئۈچۈن ئالىم لىن گەننىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، تۆۋەندىكى بىر قانچە قەبىلە ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
1.ئوتتۇرا ئاسىيا چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
«توققۇز ئۇيغۇر قاغانى مەڭگۈ تېشى» نىڭ خەنزۇچىسىدە خاتىرىلىنىشچە، مىلادى 805- 821- يىللىرى ئارىلىقىدا ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇتلۇق بىلگە خاقان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان (بەزى تارىخ كىتابلىرىدە ئاي تەڭرىخان دەپمۇ ئاتىلىدۇ-ت) تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى زورىيىپ كۈسەن، قارا شەھەر رايۇنلىرىغىچە يەتكەن. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دەپ خاتىرىلەنگەن: «تىبەت قۇشۇنى كۈسەنگە قورشاپ ھۇجۇم قىلدى، ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقان ئەسكەر باشلاپ ياردەمگە باردى، تىبەتلار مەغلۇپ بولۇپ ، شۇ شەھىرىگە (بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ غەربىگە توغرا كېلىدۇ) قېچىپ كىرىۋالدى، تۆت تەرەپتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدۇق.» شۇنىڭدەك ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالىپ بىلگە خاقاننىڭ ئوغلى كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇتلۈق بىلگە خاقان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىلدە (مىلادى 821-824) ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچى تېخىمۇ زورىيىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ۋادىسىغىچە يەتتى. مەڭگۈ تاشتا مۇنداق دېيىلگەن: «قارلۇقلارغا، تىبەتلارغا ھۇجۇم قىلدۇق، قورغانلىرىنى ئىگەللىدۇق، شىمالغا قوغلىۋەتتۇق، غەربتە پەرغانە ، كۇ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ ئادەم ۋە مال- چارۋىسىنى ئولجا ئالدۇق.» ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى قارلۇقلار يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان. قارلۇقلار ئەسلىدىلا ئۇيغۇرلارنىڭ «تاشقى توققۇز قەبىلە»(توققۇز ئوغۇزلار) سىگە تەۋە بولۇپ، ئۇيغۇرلاردىكى ھۈكۈمران گوروھ بىلەن زىددىيىتى بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئازراق ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋېتى بار ئىدى. قارلۇقلار بۇ قېتىم قايتىدىن ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغاندا، بۇ بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلار چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۇمران بولىشى بىلەن ئۆز زىمىنىنى تاشلاپ چىقىپ كەتمىدى.
2.تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
ئۇيغۇرلار تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدا چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگىنىگە ئۇزۇن زامانلار بولغان ئىدى. جەنۇبى- شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدە ۋۇخېلار تېلىلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەڭرىتاغ ئەتىراپلىرىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 7- ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يولباشچىسى پورۇن تاڭ سۇلالىسىگە ياردەملىشىپ بەشبالىقنى قولىغا ئالغان. (بۈگۈنكى جىمىسارغا توغرا كېلىدۇ). ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى كۈچى بارغانسىرى زورايغان. كېيىن تىبەتلار بېيتىڭغا ھۇجۇم قىلغان، قۇتلۇق خاقان (785- 805-)تەخىتتىكى چاغدا بېيتىڭنى قايتىدىن قولىغا ئالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بەشبالىقنىڭ ئەتىراپىدىكى رايۇنلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىگە ئايلانغان. بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئۇرخۇن خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبلىك غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
3. خېشى كارىدورىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى
خېشى كارىدورىدا ئەڭ دەسلەپتە ئۇيغۇر تاشقى توققۇز قەبىلىسىدىن بولغان چىبنىلار ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يىۋۇنىڭ غەربىدە، قارا شەھەرنىڭ شىمالىدا، ئاق تاغنىڭ يېنىدا (تەڭرى تاغ) ياشىغان. تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، قەبىلە باشلىقى چېبنىخىل قەبىلىنى باشلاپ شەرققە كۆچكەن. تاڭ سۇلالىسى ئۇلارنى ھازىرقى گەنسۇنىڭ جاڭيې ۋە ۋۇۋىي ئەتىراپىغا ئورۇنلاشتۇرغان. ۋۇزىتىيەن دەۋرىدە(7- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا) شەرقىي تۈركلەر شەرقىي تاغدا قايتىدىن گۈللىنىپ، كېينكى تۈرك ھاكىمىيىتىنى قۇرغان. چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى يەنە بىر قېتىم تۈركلەرنىڭ قۇلدارلىق ھاكىمىيتى ئاستىدا بولغان. ئېچىنىشلىق ئېزىلىش بىر قىسىم ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنى گەنجۇ، لىياڭجۇ قاتارلىق جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇر قىلغان. «يېڭى تاڭنامە، ئۇيغۇرلار قىسىسى» دا خاتىرىلىنىشچە، «ۋۇزىتىيەننىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، تۈركلەرنىڭ مويۇنچۇر خاقانى كۈچۈيۈپ، تېلىلارنىڭ زىمىنىنى قولىغا ئالدى، ئۇيغۇر، چىبىنى، ئىزگىل قاتارلىق ئۈچ قەبىلە قۇملۇقنى كىسىپ ئۆتۈپ، گەنجۇ، لىياڭجۇ ئەتىراپىغا ماكانلاشتى.» بۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كېيىن تاڭ سۇلالىسگە ياردەملىشىپ «ئۆڭلۈك، سۆيگۈن» توپىلىڭىنى باستۇرغان. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل خېشى كارىدورىدا ياشىغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن غەربكە كۆچكەن ئەمەس.
دىمەك، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن چۆللۈكنىڭ شىمالدىكى ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەن( بىر قىسمى جەنۇبقا كۆچكەن) باشقا جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۆز زىمىنىدىن يۆتكەلمىگەن. شۇڭا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى تارىخىي دەۋىرنى «غەربكە كۆچۈش دەۋرى» دەپ ئاتىماستىن، «سەرگەردانلىق دەۋرى» دەپ ئاتاش كېرەك. بۇ دەۋىرنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى چوڭ بىرلىكتىن بۆلۈنۈش دەۋرىگە قاراپ ماڭغان ئۆتكۈنچى دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىkolbilge 2012-03-02 16:08قايتا تەھرىرلىد ]