ئاسماندىكى ئىللىق قۇياشتەك ،
چىھرىڭ نۇرلۇق ئەمگەكچان ئايال.
ئەجرىڭ بىلەن ئاشتى گۈل-چىچەك ،
ياشاپ كەلدىڭ تەر تۆكۈپ ھالال .
ئىشتا پىشقان چىۋەر قولۇڭدا ،
بىنا بولدى چۆلدە باغ-بوستان.
سەن سەھەرنىڭ شەبنەم تامچىسى ،
سېنى كۈيلەپ يازاي مىڭ داستان .
سەندە بولغاچ ۋىجدان-جاسارەت ،
كۈلدى زېمىن ئەتراپ گۈلىستان.
شەن بولغاچقا ياشنايدۇ ھايات ،
ۋۇجۇدۇڭدا يانار بىر گۈلخان .
جۇدۇنلاردا تاۋلانغاچ قەلبىڭ ،
باش ئەگدى نى جاپا-مۇشەققەت.
سېنىڭ بىلەن پارلاق كېلەچەك ،
ھەر قەلىبدە مېھىر-مۇھەببەت .