1. خىمىيەلىك ئوغۇت : _____ 19-ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرى ئىجاد قىلنىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلتىلشى بىلەن ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىگە تەسىر يەتكۇزگەن، تۇپۇراقنى چىرتىپ مىكرو ئورگانىزىملارنى ۋە ھاشارەتلەرنى يوقىتۋەتكەن. ئوغۇت يەر ئاستى سۈيى ئارقىلىق كىرىپ، بېلىق تۇردىكى باشقا جانلىقلارنىڭمۇ ئۆلۈشنى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
2. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل : ______ 1876-يىلى، گىرمانىيە ئالىمى دۇنيادىكى تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلنى كەشىپ قىلغان. 1885-يىلى تۇنجى ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل سەپلەنگەن ئاپتوموبىل كەشىپ قىلنغان. بىر ئاپتوموبىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلغا تۆت توننىدىن ئارتۇق ئوكسېگىن ئىشلتىپ،800 كىلوگىرام كۆمۈر ئوكسىد،40 مىڭ گىرام نىتروگىن ئوكسىد ۋە200 كىلوگىرام پارنىك گازى قويۇپ بېرىدۇ .
3. دېڭىز ئارقىلىق نېفىت يۆتكەش :_____ ھازىر دېڭىز ئۈستىدە 4000 دىن ئارتۇق ماي پاراخوتى بار بۇلۇپ، بۇ پاراخوتلار يىلغا 2 مىليارد توننىدىن ئارتۇق نېفىتنى يۆتكەيدىكەن . بۇ پارخوتلار كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتقان ئېكولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆپ كۆرۇلمەكتە .
4. ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش:______ بىر توننا ئاليومىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن 40 كىلوگىرام زەھەرى ئۆتكۈر بولغان فىتور، گۈڭگۈرت چالا ئوكسىد،نىتروگېىن ئوكسېد،كۆمۈر ئوكسېد ۋە ئېغىر مىتاللار پەيدا بولىدىكەن .
5. قۇرۇقلۇق بوسۇغۇسى ئارقىلىق نېفىت ۋە گاز ئېلىش:_____ ھازىرغىچە دېڭىز ئوكىيانلاردىن قۇرۇقلۇق بۇسۇغۇسى ئارقىلىق تەخمىنەن 1 مىليارت 100 مىليون توننا نېفىت ئېلىنغان بۇلۇپ ، دۇنيا نېفىت ئېلش ئۇمۇمى مىقدارىنڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن. بىراق بورىۋاي سۇپىسى ھادىسىسى كۆپلەپ يۇز بېرىۋاتىدۇ، مەسىلەن ئەنگىليە نېفىت شىركىتىنىڭ ئامېرىكنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر .
6. پولىئىتىلىن:_______ گېرمانىيە ئالىمىلرى 1898-يىللىرى پولىئىتىلىننى بايقىغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە دۇنيادا ھەريىلى 4 تىرىليون پولىئىتىلىننى بولۇپ، ئادەملەر ئىشلەپچىقارغان ئەخلەت ئۇمۇمىي ساننىڭ 9% ىنى ئىگلەيدۇ بىراق پولىئىتىلىن ئاسان پارچىلانمايدىغان بولغاچقا، كۆيگەندىمۇ زەھەرلىك ماددا چىقىرىدۇ .
7. فېرون :_____ 1928-يىلى ئامېرىكا خىمىيە ئالىمىلرى فېروننى ياساپ چىققان. ئۇ ئاجىرتىپ چىقارغان خىلور ئاتومى ئاتموسفىراسىنىڭ ئوزۈن قاتلىمىنى بۈزغۈنچىلققا ئۈچىرتىپ ، ئۇ پەيدا قىلغان پارنىك ئېففىكتى كاربون تۆت ئوكسىدى پەيدا قىلغان پارنىك ئېففېكتىنىڭ 8500 ھەسسىدىن 1300 ھەسسىگىچە توغرا كېلدىكەن .
8. گېن ئالماشتۇرۇش :______ 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ئالىملىرى گېن ئالماشتۇرۇش تېخنىكسنى بارلىققا كەلتۇردى. نۆۋەتتە دۇنيادىكى گېن ئالماشتۇرغان زىرائەتلەر تېرىلدىغان يەر كۆلىمى 100 مىليون گېكتار دىن ئارتۇق بۇلۇپ، گېن ئالماشتۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ئادەم تېنىدە ئۈشتۈمتۈت ئۆزگىرش، زىيادە سېزىمچانلىق ياكى قىسمەن توقۇلما ئەزالارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىشى مۈمكىنكەن .
9. ئانتىبىيوتىك دورىلار :______ 1929-يىلى ئەنگىليە ئالىملىرى تۇنجى ئانتىبىيوتىك دورا -پېنسىلىن (چىڭمېيسۈ) نى ئىجاد قىلغان. ئانتىبىيوتىك دورىلار كۆپ ئىشلىتلگەنلكتىن يېڭى تىپتىكى جاھىل كېسەللىك باكتېرىيەلىرى پەيدا بۇلۇپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئېغىر كېسەل بولۇشغا سەۋەب بولماقتا .
10. يادرو ئېنېرگىيەسى:______ نۆۋەتتە دۇنيادا 440 يادرو رىئاكسيە قازىنى بار بولۇپ، بارلىق ئېنېرگىيەسى 365 كىلوۋات سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىدا يۈز بەرگەن ھەرقانداق كىچىك مەسىللەرمۇ دۇنياۋى ئېكولوگىيەلىك ئاپەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.
داۋامى بار ...